ئەمدى پائالىيەت مەزمۇنىغا كەلسەك، بۇ پائالىيەت ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدۇ. چىقىرىلغان سوئال جەمئىي 10 سوئال بولىدۇ.
پائالىيىتىمىزگە ئىشتىراك قىلغان قېرىنداشلىرىمىز ئىچىدىن توغرا جاۋاب بەرگەن ماھىرلار ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىپ، دەرىجە بۇيىچە مۇكاپاتلىنىدۇ. (مۇكاپات سوممىسى يۇقۇردىن تۆۋەنگە قاراپ 5000، 3000، 1500 مۇنبەر پۇلى بىلەن بولىدۇ. ھەمدە بىرىنچى بولغان ماھىر «ئايدا بىردانا» مۇنبەر مېدالىغا ئېرىشىدۇ.
پۇرسەت ھەممىمىزگەبار! قېنى كىم ئەڭ تېز، ئەڭ توغرا، ئەڭ تولۇق جاۋاب بېرەلەيدۇ؟ قېنى مەرھەمەت...
«ئايدا بىر دانا»
1-سۇئال: مۇنبەرداشلارغا ئۆزىڭىز خالاپ قىزىقارلىق تېپىشماقتىن بىرنى تاشلاڭ ھەمدە جاۋابىنى قۇشۇپ قۇيۇڭ.
2-سۇئال:مەكتەپلەردە ئۆتىلىۋاتقان ئەدەبىيات،ماتېماتىكا،فىزىكا،خېمىيە،جۇغراپىيە قاتارلىق پەنلەرگە نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق نام قۇيۇلغان؟
3-سۇئال:دۆلىتىمىز جوڭگۇدا نىمە كۆپ؟نىمە ئاز؟(5خىل قارمۇ-قارشىلىقنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىڭ).
4-سۇئال:گۈزەل يۇرتىمىز قەشقەر ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسىز؟
5-سۇئال:سىز توپ تۈرلىرى (توپ ئويناش) ئىچىدىن قايسى خىلىنى ئويناشقا بەكرەك قىزىقىسىز؟سەۋەبىچۇ؟
6-سۇئال:دېڭىز ھايۋانلىرى ئىچىدە لەھەڭ بىلەن كىتنىڭ ئوخشايدىغان تەرەپلىرى قايسىلار؟ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىچۇ؟
7-سۇئال:سەبرى قىلىش دېگەن ئۇقۇمنى قانداق چۈشىنىسىز؟سىزنىڭچە مەسىلىگە يولۇققاندا قانداق مۇئامىلە قىلسا سەبرى قىلغانلىق بۇلىدۇ؟(ئەمەلىي مسال قوللىنىڭ)
8-سۇئال:ئىمام بۇخارى توغرۇلۇق بىلىدىغانلىرىڭىزنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىڭ(تەرجىمەھالىنى قىسقىچە بايان قىلىڭ).
9-سۇئال:سىزنىڭچە تائاملارنڭ ئىچىدە پولو،ھالۋا،ئۇماچ ۋە پېتىر مانتىلارنى ئېتىش(تەييارلاش،پىشۇرۇش)جەھەتتە قايسى خىل تاماقنى ئېتىش بىرقەدەر تەس؟ ئۇندىن قالسىچۇ؟( ئاسان-قىيىنلىق دەرىجىسى بۇيىچە نىمە ئۈچۈن شۇنداق قارايدىغانلىقىڭىزنى سۆزلەپ بېقىڭ)
10-سۇئال:«قۇرئان كەرىمدە» مۇسۇلمانلار ئۈچۈن (ئۇچۇق)ھالال-ھاراملىقى بايان قىلىنغان ھايۋنلار قايسىلار؟(بۇ توغرۇلۇق ئايەت،ھەدىسلەردىن نەقىل ئېلىپ،قۇشۇمچە بايان قىلىڭ)
يەنە مۇنبەر پۇلى ئىئانە قىلىشنى خالايدىغان تورداشلار بولسا تۈزۈت قىلىنمايدۇ .
«ئايدا بىر دانا» پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ئۇنۋېرسال بىلىمىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ.
ئىشىنىمەنكى ( ئاللاھ خالىسا) سىز بىرىنچى بولالايسىز.
جاۋابى بىر قەدەر توغرا بولغان تورداشلىرىمىزغىمۇ ئايرىم كۆڭۈل سوۋغىمىز بار!!!
قېنى، غەلىبە كۈتۈپ تۇرغۇچىلارغا ئەمەس، تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!!!
جاۋاب بېرىش ۋاقتى: 2013- يىلى9 -ئاينىڭ18-كۈنى باشلىنىپ، 10-ئاينىڭ8- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. بۇ سان پائالىيەتنىڭ نەتىجىسى 4-سان مۇسابىقىدە ئېلان قىلىنىدۇ ۋەمۇكاپات تارقىتىلىدۇ.
2013- يىلى 9- ئاينىڭ 18- كۈنى (خوتەن شەھىرى )
باشقۇرغۇچىلار ئېغىر ئالماي بۇ سان مۇسابىقىنىمۇ ئالدىنقى سانغا ئوخشاش ئىنكاسنى يۇشۇرۇن قىلىپ تەڭشەپ قويساڭلارھەمدە تەۋسىيەلەپ قويساڭلار،تېمام 2كۈندەئۆچۈرۈلمىسىكەن دېگەن ئۈمۈدتەمەن!
تۇنجى ساننى بۇ ئادرېستىن كۆرۈڭ:https://uyghur-archive.com/misranim/thread-108560-1-1.html