ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ھەر ساھە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تورداش دوستلىرىمىز، قېرىنداشلىرىمىز، سىلەرگە ئېھتىرام بولسۇن!
ئۆتكەن ئايدا كۆپچىلىك بىلەن بىرگە
«ئايدابىر دانا»پائالىيىتىمىزنى ئوڭۇشلۇق باشلىۋالغان ئىدۇق. ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بۈگۈن بۇ مۇسابىقىمىزنىڭ 2-سانى دىققىتىڭلاردا بولغۇسى!ئالدى بىلەن ئۆتكەن ئايدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچەلەرنى ئېلان قىلىۋېتەي:
بىرىنجى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن توردىشىمىز:
ئاي كەبى ،
تىزىم نۇمۇرى-76670،
توغرا جاۋاب-(9)دانە.
ئىككىنجى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن توردىشىمىز:
فەتھۇللاھ،
تىزىم نۇمۇرى-95726،
توغرا جاۋاب-(8)دانە.
ئىككىنجى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن توردىشىمىز:
ئۇيول،
تىزىم نۇمۇرى-76363،
توغرا جاۋاب-(8)دانە.
ئۈچىنجى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن توردىشىمىز:
ئېلزات1119،
تىزىم نۇمۇرى-96181،
توغرا جاۋاب-(7)دانە.
رىغبەتلەندۈرىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن توردىشىمىز:
ئائىشە326،
تىزىم نۇمۇرى-79492،
توغرا جاۋاب-(6)دانە.
ئەمدى پائالىيەت مەزمۇنىغا كەلسەك، بۇ پائالىيەت ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدۇ. چىقىرىلغان سوئال جەمئىي 10 سوئال بولىدۇ.
پائالىيىتىمىزگە ئىشتىراك قىلغان قېرىنداشلىرىمىز ئىچىدىن توغرا جاۋاب بەرگەن ماھىرلار ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىپ، دەرىجە بۇيىچە مۇكاپاتلىنىدۇ. (مۇكاپات سوممىسى يۇقۇردىن تۆۋەنگە قاراپ 5000، 3000، 1500 مۇنبەر پۇلى بىلەن بولىدۇ. ھەمدە بىرىنچى بولغان ماھىر «ئايدا بىردانا» مۇنبەر مېدالىغا ئېرىشىدۇ.
پۇرسەت ھەممىمىزگەبار! قېنى كىم ئەڭ تېز، ئەڭ توغرا، ئەڭ تولۇق جاۋاب بېرەلەيدۇ؟ قېنى مەرھەمەت...
«ئايدا بىر دانا»
1-سۇئال: مۇنبەرداشلارغا ئۆزىڭىز خالاپ ھەزىل سۇئالدىن بىرنى تاشلاڭ ھەمدە جاۋابىنى قۇشۇپ قۇيۇڭ.
2-سۇئال:ئادەم بەدىنىنىڭ باش قىسمىدىكى ئەزالاردىن 7ئەزانىڭ نامىنى ئېيتىپ بېرىڭ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق رولىنى سۆزلەپ بېرىڭ.
3-سۇئال:رەڭنى بىلدۈرىدىغان سۈپەتتىن 15نى ئېيتىپ بېرىڭ.(مىسال:ئاق،قىزىل دېگەندەك.بىراق،سۇس،قىزغۇچ دېگەندەك سۆزلەرنى قۇشۇپ يېڭى رەڭ (سۈپەت)ياساشقا بولمايدۇ! قىزغۇچ،سۇس سېرىق دېگەندەك).
4-سۇئال:ئۇيغۇر تىلىمىزدا سۆز تۈركۈملىرى قانچىگە بۆلىنىدۇ؟ئۇلار قايسلار؟ھەر بىرىگە بىردىن سۆزنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىڭ.
5-سۇئال:پولونىڭ تۈرى كۆپ.ئۇنداقتا سىز قوناق پولوسىنى تەييارلاشتا كىتىدىغان ئاساسلىق خۇرۇچلارنى دەپ بېرىڭ ھەمدە قوناق پولوسىنىڭ شىپالىق رولىنى سۆزلەپ بېقىڭ.
6-سۇئال:تىلىمىزغا چەتتىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەردىن 5نى مىسال قىلىپ كۆرسىتىڭ ھەمدە ئۆزىڭىز خالاپ يېڭىدىن ئۇيغۇرچە نام بېرىپ بېقىڭ.(مىسال:كومپىيۇتېر دېگەن ئاتالغۇنى ئۇيغۇرچە كەمپۈتەر دېگەندەك)
7-سۇئال:ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىن 2پارچە ئېيتىپ بېرىڭ.
8-سۇئال:يامغۇر قانداق شەكىللىنىدۇ؟
9-سۇئال:ئۆمەر ئىبنى خەتتاب(رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)توغرۇلۇق بىلىدىغانلىرىڭىزنى قىسقىچە بايان قىلىپ بېقىڭ.
10-سۇئال:يالغانچىلىقنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىستىن 4نى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈڭ.
ئالدىنقى ساندا بارلىق ماھىرلار 8-سۇئالغا جاۋاب بېرەلمىگەن.تۆۋەندە بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى ئاشكارلىنىدۇ.
8-سۇئال: «ئىلىمنى پۇرسەت بولسىلا ئۆگۈنىۋېرىش كېرەك. چۈنكى ئىلىم زۆرۈر بولغان پەيتتە پۇرسەت تېپىلمايدۇ» بۇ ھېكمەتلىك سۆزنى كىم ئېيتقان؟(توغرا جاۋابى:ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)
يەنە مۇنبەر پۇلى ئىئانە قىلىشنى خالايدىغان تورداشلار بولسا تۈزۈت قىلىنمايدۇ
«ئايدا بىر دانا» پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ئۇنۋېرسال بىلىمىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ.
ئىشىنىمەنكى ( ئاللاھ خالىسا) سىز بىرىنچى بولالايسىز.
جاۋابى بىر قەدەر توغرا بولغان تورداشلىرىمىزغىمۇ ئايرىم كۆڭۈل سوۋغىمىز بار!!!
قېنى، غەلىبە كۈتۈپ تۇرغۇچىلارغا ئەمەس، تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!!!
يەنە مۇنبەر پۇلى ئىئانە قىلىشنى خالايدىغان تورداشلار بولسا تۈزۈت قىلىنمايدۇ
«ئايدا بىر دانا» پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ئۇنۋېرسال بىلىمىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ.
ئىشىنىمەنكى ( ئاللاھ خالىسا) سىز بىرىنچى بولالايسىز.
جاۋابى بىر قەدەر توغرا بولغان تورداشلىرىمىزغىمۇ ئايرىم كۆڭۈل سوۋغىمىز بار!!!
قېنى، غەلىبە كۈتۈپ تۇرغۇچىلارغا ئەمەس، تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!!!
جاۋاب بېرىش ۋاقتى: 2013- يىلى8- ئاينىڭ21- كۈنى باشلىنىپ، 9- ئاينىڭ 12- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. بۇ سان پائالىيەتنىڭ نەتىجىسى3-سان مۇسابىقىدە ئېلان قىلىنىدۇ ۋەمۇكاپات تارقىتىلىدۇ.
2013- يىلى 8- ئاينىڭ 21- كۈنى كەچ (خوتەن شەھىرى )
باشقۇرغۇچىلار ئېغىر ئالماي بۇ سان مۇسابىقىنىمۇ ئالدىنقى سانغا ئوخشاش ئىنكاسنى يۇشۇرۇن قىلىپ تەڭشەپ قويساڭلارھەمدە تەۋسىيەلەپ قويساڭلار،تېمام 2كۈندەئۆچۈرۈلمىسىكەن دېگەن ئۈمۈدتەمەن!
تۇنجى ساننى بۇ ئادرېستىن كۆرۈڭ:https://uyghur-archive.com/misranim/thread-108560-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-22 06:27 PM