ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇبۇنتۇنىڭ12.04.2 نەشرىنى قاچىلىغاندىن كىيىن تەڭشەشلەرنى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك .ئۇيغۇرچە خەتلەرنى چىرايلىق كۆرسىتىش ۋە ئۇيغۇر تىلىنى تۇلۇق قاچىلاش ئۈچۈن يېڭىلانمىلارنى ئورنىتىش ئېلىپ بارىمىز .
سولدىكى كۆزنەكتىن تەكشۈرنى باسايلى ، ئاندىن يېڭىلانمىنى ئورناتنى باسايلى . ئىم سورايدۇ ، بۇ يەرگە ئۈزىمىز بەلگۈلىگەن ئىمنى كىرگۈزۈپ سالاھىيەت دەلىللەيمىز. يېڭىلامىلارنى ئورنىتىپ بولغۇچە باشقا يەرلەرنى كۆرگەچ تۇرايلى . ئىكراننىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى سىنبەلگۈلەر (كومپىيۇتىرىڭىزدا بەلكىم ئىكراننىڭ سول تەرىپىدە بولىشىمۇ مۇمكىن)بولسا سىز دائىم ئىشلىتىدىغان پىرۇگىراممىلارنىڭ تىزلەتمە شەكلى ۋە ھازىر ئىجرا بولىۋاتقان پىرۇگىراممىلاردۇر.بىزبۇ رايۇننى ‹ ئىجراچى › دەپ ئاتايدىكەنمىز.بۇيەردىكى سىنبەلگۈلەرنى چىقىرىۋەتكىلى ھەم باشقا پىرۇگىراممىلارنى بۇ يەرگە دائىم كۈرۈنۈپ تۇرىدىغان قىلغىلى بولىدۇ.چاشقىنەكنى سىنبەلگۈنىڭ ئۈستىگە ئەكىلىپ بىر چەكسىڭىزشۇ پىرۇگىرامما ئېچىلىدۇ .چاشقىنەكنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى سىنبەلگۈ ئۈستىدەچەكسىڭىز باشقا تەپسىلاتلار بار .(ئىجراچىغا سولىۋەت ، ئىجراچىدىن چىقار ، ئاخىرلاشتۇر…..دىگەندەك) [ھازىرخەتلەر چىرايلىق كۈرۈنمىدى ، يېڭىلاپ بولغاندىن كىيىن ئازراق تەڭشەپ قويساقلا بۇ مەسىلە ئوڭشىلىدۇ ] ئىجراچىنى ئاپتۇماتىك يۇشۇرۇنىدىغان قىلىش ۋە سىنبەلگۈلەرنىڭ چوڭ كىچىكلىگىنى تەڭشەش ئۈچۈن ئىكران ئۈستىدە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چىكىپ ، چىققان تىزىملىكتىن ئۈستەلئۈستى تەگلىكنى ئۆزگەرىت دىگەنگە كىرەيلى .چىققان كۆزنەكتىن ئۈستەلئۈستى تەگلىك رەسىمىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ . بۇيەردىن ھەركەت دىگەننى باسايلى . چىققان كۆزنەكتىن تاقاق دىگەننىئۇچۇق قا ئۆزگەرتىمىز .قارىساق ئىجراچى كۈرۈنمىدى .چاشقىنەكنى ئىكراننىڭ سول يانغا يېڭىنلاشتۇرساق ئىجراچى كۈرۈنىدۇ . چاشقىنەكنى يىراقلاشتۇرساق يۇشۇرۇنىدۇ .
مۇشۇ كۆزنەكتە تۇرۇپ ھەممە تەڭشەكلەر نى چىكەيلى .
كۈرۈنگىنى سىستېما تەڭشىگى رايۇنى . ھازىرتەڭشەپ قۇيۇشقا تىگىشلىك جايلارنى تەڭشىگەچ تۇرايلى . يۇرۇقلۇق ۋە قۇلۇپ نى ئاچايلى .
بۇيەردە چاشقىنەك ياكى كۇنۇپكا تاختا 10مىنۇت ھەركەت قىلمىسا ئىكران ئۆزلىكىدىن تاقىلىدىغانغا تەڭشەلگەن. بۇ ئىقتىدارىنى يوق قىلغىلى ياكى ۋاقىتنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ .ھەرگىزنى تاللاپ قويساقمۇ بولىدۇ .ياكى ئۈزىمىزنىڭ ئىھتىياجى بويىچە تەڭشىسەك بولىدۇ . يەنەباشقا تەڭشەكلەرنى قىلىش ئۈچۈن ھەممەتەڭشەكلەرنى باسىلى . ئۇيغۇرچەكىرگۈزگۈچنى تەڭشەپ باقايلى . (سىستېىمابىلەن بىللە كەلگەن ) ھەرىپ تاختا جايلاشتۇرۇشى دىگەننى ئاچىمىز بۇيەردىن + نى بېسىپ ، لازىم كىرگۈزگۈچلەرنى قۇشايلى.
قارىسىاق ئىكراننىڭ ئۈستى تەرەپتىكى چىشلىقچاق سىنبەلگۈسى (سىستېما سىن بەلگۈسى ) قىزىل رەڭدە تۇرىدۇ .بۇ - يېڭىلانمىلارنى ئورنىتىش تامام بولغانلىق ئۇچۇرى .ئىشلىتىۋاتقان تور سۈرئىتىگە قاراپ بۇ باسقۇچقا كىتىدىغان ۋاقىتمۇ ئوخشاش بولمايدۇ .قىزىل رەڭلىك شۇ سىنبەلگۈنى چىكىپ باقىلى . يېڭىلانمىلارنى تاماملاش ئۈچۈن كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىش كېرەك ...دىگەننى بېسىپ ، كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىمىز .
كومپىيۇتېرنى بىر قېتىم قايتا قوزغىتىپ بولدۇق .سىسىتېمىغا كىرىشتە ئۈزىمىزنىڭ تىزىملىكىمىزدە كىرىمىز .مىھمان سالاھىيتىدە كىرسەك تەڭشەكلىرىمىز رول ئوينىمايدۇ .
ئەمدى يەنىلا سىستېما تەڭشىگىنى ئاچايلى . يەنى ئىجراچىدىكى سىستېما تەڭشىگىنى باسىمىز (بىر چىكىمىز) ئېچىلغان كۆزنەكتىن تىل قوللىنىشىنى ئاچىلى .(دائىم بىر چىكىمىز )
تىل قوللىنىشى تۇلۇق قاچىلانمىدى دەپ چىقسا ، قاچىلانى باسىمىز.
ئىم سورىسا داۋاملىق ئۈزىمىزنىڭ مەخپى نومۇرىنى كىرگۈزسەك بولىدۇ .
تىل تۇلۇق قاچىلاندى .(ئۇيغۇرتىلىمۇ تۇلۇق قاچىلاندى ) بىز يەنە خەنسۇچىغا ئىھتىياجلىق بولىمىز . بۇيەردىن تىل قۇشۇش ۋە چىقىرىۋېتىشتىن خەنسۇچىنى قۇشۇپ قۇيايلى .
خەنسۇچىنى قۇشۇش تاماملانغاندىن كىيىن ، تىللارنى ئۈزىمىزنىڭ ئىھتىياجى بويىچە تىزىۋالىمىز، يەنى تىل قوللىنىشى رايۇنىدىكىتىزىملىك ۋە كۆزنەكلەرنىڭ تىلى دىگەن يەردىن ئۇيغۇرچىنى بىرنچىگە ، خەنسۇچىنى ئىككىنجىگە ، ئىنگىلىسچىنى ئۈچۈنجىگە تىزىپ قويساق ، بۇ چاغدا بىزگە ئىمكاننىڭ بارىچە ئۇيغۇرچە ، ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنمىغان بولسا خەنسۇچە ، خەنسۇچىمۇ قىلالمىسا ئىنگىلىسچە كۆرسىتىپ بىرىدۇ.ماس تىلنى چاشقىنەكتە بېسىپ تۇرۇپ ، تىگىشلىك ئورۇنغا تارتىپ ئەكەپ قۇيىمىز .تارتقىلى بولمىسا بۇ كۆزنەكنى تاقىۋېتىپ ، قايتا ئاچساق بولىدۇ .
ئاندىنكىرگۈزگۈچ دىگەن يەردىن ibus نى تاللاپ قۇيىمىز . ئۇنىڭدىن كىيىن يەرلىك پىچىملارنى ئاچىمىز .پۈتكۈل سىستېمىدا قوللاننى باسىمىز . تىللارنى تەڭشەش ھازىرچە تامام بولدى .
ئەمدى خەتنى سىلىقلاشتۇرايلى . بۇباسقۇچقا كەلگەندە ئەڭ ياخشى بىر ئۇسۇل توردىن ئۇبۇنتۇ تۋېئاك (ubuntu tweak )نى قاچىلاش. بۇنى مۇنداق ئاسانلا ھەل قىلىمىز . كۇنۇپكا تاختىدا Ctrl, Alt , T لارنى تەڭلا بېسىڭ . بىركۆزنەك ئېچىلىدۇ .بۇ تېرمىنال دەپ ئاتىلىدۇ . بۇقۇرالنىڭ رولى بەك كۆپ . تۈۋەندىكى ئۈچ قۇر بۇيرۇق جۈملىسىنى ئايرىم ئايرىم ئىجرا قىلساقلا بولىدۇ . كۈچۈرۈپ چاپلىساقلا بولىدۇ sudo add-apt-repository ppa:tualatrix/ppa
sudo apt-get update
sudo apt-get install ubuntu-tweak
كۈچۈرۈپ چاپلاپ ، Enterنى باسساق [sudo]password for بىلەن باشلانغان بىر قۇر چىقىدۇ .بۇ بىزدىن ئىم سورىغىنى . ئۈزىمىزنىڭ مەخپى نومۇرىنى يازىمىز . لېكىن بىز يازغان نەرسە كۈرۈنمەيدۇ . توغرا يېزىپ Enterنى باسساقلا بولىدۇ . بۇنداق ئىم سۇراش ئۇبۇنتۇنىڭ كۆڭۈلدىكى ئالاھىدىلىگى .مۇشۇ بۇيىچە بۇ ئۈچ قۇر جۈملىنى تاماملايلى . Press[ENTER] to continue or ctrl-c to cancel adding it بۇيەردە ENTERنى باسىمىز .
ئۈچىنچى قۇر جۈملىدە داۋاملاشتۇرامسىز[Y/n]؟دىگەن چىقىدۇ . Yنى كىرگۈزۈپ ENTERنى باسىلى .
Ubuntu-tweakقاچىلىنىپ بولدى .(ئىسىمىزدە بولسۇن ، يۇقاردىكى ۋە ئالدىمىزدىكى ھەممە باسقۇچلار تورغا ئۇلانغان مۇھىتتا تامام بولىدۇ )
بۇ دىتالنى نەدىن ئىجرا قىلىمىز . ئىجراچىنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى سىنبەلگە (باشتاختاماكانى )نى باسىلى . ئېچىلغان يەرگە tw نى يېزىپ باقىلى .
كومپىيۇتىرىمىزغا قاچىلانغان دىتاللار باش تاختا ماكانىدا كۈرۈندى .Ubuntu-tweak نى ئاچساق ئىنگىلىسچە كۈرۈندى .
بىرقېتىم تىزىمدىن چىقىپ ، قايتا كىرىپ ئاچساق خەنسۇچە كۈرۈندى ، دىمەك بۇ دىتال تېخى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىغان بولىشى مۇمكىن .
تىزىمدىن چىقىپ قايتا كىرىش ئۈچۈن ئىكران ئۈستى سول بۈرجەكتىكى (ياكى ئوڭ بۈرجەكتە )چىشلىقچاق سىنبەلگۈسىنى باسساق شۇ يەردە تىزىمدىن چىق دىگەن تاللانما بار .شۇنى باسساق بۇلىدۇ .
قايتا تىزىمغا كىرگەندىن كىيىن ئۇبۇنتۇ تۋېئاكنى ئېچىپ ، ئىزدەش رامكىسىغا foھەرپىنى كىرگۈزۈپ باقىلى .
خەت نۇسخىسىنى ئەمدى تەڭشەيمىز . خەت نۇسخسى字体 نى ئاچايلى .
Ukij cjk نى يېزىپ ئىزدىسەك بولىدۇ . چىققان يەردىن بىرىنجى قۇردىكىنى تاللاپ ، تاللانى باسساق بولىدۇ .
مۇشۇ بويىچە تەڭشەپ قويساق ئۇيغۇرچە دىگەن ئۆلچەملىك كۈرۈنىدۇ .
مانا ئۇيغۇرچە خەت دىگەن مۇنداق يېزىلمامدۇ. كومپىيۇتېرنىڭ ھەممە يەردىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر ئۆلچەملىك كۈرۈنىدىغان بولدى .
مۇھىم ئىشتىن بىرىنچى باسقۇچ تاماملاندى .
نۆۋەتتە توركۆرگۈ مەسىلىسى . ئۇبۇنتۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىدە ئوتتۈلكە (frefox)توركۆرگۈ قاچىلانغان . بۇتورگۈ ناھايىتى ئۇبدان ئىشلەيدۇ ، لېكىن ئۇيغۇرچىلاشماپتۇ ، شۇڭا بىز خىروم chromium توركۆرگۈنى قاچىلايلى . بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇبۇنتۇ تۋېئاكنى ئاچايلى ، ياكى ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دىتال مەرگىزىدىنمۇ قاچىلىغىلى بولىدۇ . ئۇبۇنتۇ تۋېئاك تا 应用 نى باسىلى . بىردەم ساقلىساق بۇ يەردىكى دىتاللارنىڭ تىزىمى چىقىدۇ .بەك ساقلىتىپ قالسا يۇمشاق دىتال مەرگىزىدىن قاچىلىساقمۇ بولىدۇ .پەرقى، بۇ يەردە ئەڭ يېڭى نۇسخسىنى قاچىلىغىلى بولىدۇ . Chromiumنى باسىلى .بۇيەردىكى كاتەكچىلەرنى تاللاش قىلىپ قۇيىمىز .ئىم سۇرايدۇ ، ئوخشاشلا ئىمنى كىرگۈزۈپ ، تاللاپ بولۇپ ، 更新 نى باسساق بولىدۇ . بىردەم ساقلايلى ، ئارلىقتا ئۇچۇر كۆزنىگى چىقسا تەگمەستىن داۋاملاشتۇرنى باسساق بولىۋىرىدۇ .ئىم سورايدۇ .ئىمنى كىرگۈزۈپ دەلىللەيمىز. قاچىلىنىلىپ بولغاندا يەنە بىر قېتىم تىزىمدىن چىقىپ كىرەيلى .
خىروم تور كۆرگىنى ئېچىپ باقايلى ، (باشتاختا ماكانىدىن ch دەپلا ئىزدىسەك چىقىدۇ .)
بۇرۇن گوگىل تور كۆرگۈنى تىزىملىتىپ ئىشلەتكەن بولساق ، بۇ يەردىمۇ شۇ تىزىم بۇيىچە ئىشلەتكىلى بولىدۇ .( يەنى ۋىندوۋىستىكى ياكى باشقا سىستېمىلاردىكىchromeتوركۆرگۈ بىلەن بىردەك ئىشلەيدۇ ) تىزىملىتىش ئۈچۈن signin نى باسىمىز . بۇرۇنقى تىزىمىمىز بولمىسا بۇنى سەل تۇرۇپ سىناپ باقىلى ، ھازىر تىزىملىماستىن كۈرۈپ باقىلى . google.com دەپ كىرگۈزۈپ ، ئۇيغۇرچە ئىزدەپ باقىلى .
ئۇيغۇرچەخەتلەر ئوقىغىلى بولغۇدەك كۈرۈندى . لېكىن بۇنداق كۈرۈنسە رازى بولمايمىز . بۇمەسىلىنى مۇنداق ئوڭشاش كېرەك . ( ئۇبۇنتۇدا ھەممە پىرۇگراممىلارنىڭ باشقۇرۇش تىزىملىكلىرى بىرلا ئورۇندا يەنى ئىكرانىمىزنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى بىر قۇردا چىقىدۇ )
خىروم تور كۆرگۈنىڭ مايىللىقىنى ئاچىمىز .
بۇ يەردىن بىر قىسىم تەڭشەكلەرنى تەڭشەپ قۇيايلى . دائىم تور كۆرگۈنى ئاچقاندا گوگىل ئىزدەش بېتى ئېچىلسۇن . قوزغالغاندا دىگەن يەردىن ئۈچىنجىنى تاللايمىز .ئېچىلغان يەرگە http://www.google.com.hk نى كىرگۈزۈپ جەزىم قىلساق بولىدۇ .
قىياپەتدىگەن يەردىن useclassic theme نى تاللايلى .ئۈچ تال كاتەكچىنىمۇ تاللاش قىلىپ قۇيايلى . بىرىنچى كاتەكچىنىڭ ئاستىدىكى changeنى بېسىپ ، ئۈزىمىزنىڭ ئامراق بېتىمىزنى باش بەت قىلىۋاساق بولىدۇ .
ئەمدى مۇشۇ بەتنىڭ ئاستىدىكى showadvanced settings نى چەكسەك ، يەنە ئىنچىكە تەڭشەيدىغان يەرلەر بار .
بۇ يەردىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن خەت نۇسخىلىرى دىگەننى باسىمىز .
خەت نۇسخىلىرىنى ukij cjk ۋە ئەڭ ئاستىدىكىنى ukij teng گە تەڭشەيمىز . كودلاش دىگەن يەردىن UTF-8نى تاللاپ تامام نى باسساق بولىدۇ .
چۈشۈرۈش دىگەن يەرنىمۇ ئۈزىمىز ئۆزگەرتىۋالغىلى بولىدۇ .ياكى چۈشۈرۈشتىن ئىلگىرى ھەر بىر ھۆججەتنىڭ ساقلاش ئورنىنى سورا نى تاللاش قىلىپ قويساقمۇ بولىدۇ .ياكى تەگمىسەكمۇ بولىدۇ .
ھەممىمىزگە مەلۇم ، گوگىل تور كۆرگۈلەرنىڭ تور بەتلەرنى ئاپتۇماتىك تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى بار. ئەمما ئۇيغۇر تىلى تېخى بۇ ئىقتىدارغا ئىرىشىپ بولالمىدى .بىزباشقا تىللارنى خەنسۇچىغا تەرجىمە قىلىشقا تەڭشەپ تۇرايلى .ئەلۋەتتە باشقا تىللارغىمۇ تەڭشىگىلى بولىدۇ . تىللار دىگەن يەردىن languageand input دىگەننى باسىمىز .قوش دىگەننى بېسىپ ، ئادەتتىكى خەنسۇچىنى تاللايمىز .ئۈزىمىز ئىشلىتىدىغان تىلنى تارتىپ بىرىنجى ئورۇنغا قۇيۇپ قويساق بولىدۇ . (خەنسۇچىنى باشقا چىقىرىپ قويساق ، خەنسۇچە بولمىغان بەتلەرنى خەنسۇچىغا تەرجىمە قىلىپ بىرىدۇ ) توركۆرگۈگە بولغان تەڭشەش تامام بولدى . ئەمدى گوگىل ئىزدەش بېتىدىن ئۇيغۇرچە خەتنى كۈرۈپ باقىلى . ئەمدى بولدى ، مۇشۇنداق بولىشى كېرەكتى .
ئۈزىمىزگە مەنسۇپ قىلىۋېلىش ئۈچۈن مۇنداق تەڭشەيمىز . يېڭى بەتكۈچتىن بىرنى ئاچىمىز . Signin دىگەننى باسىمىز .بۇرۇنقى تىزىمىمىز بولمىسا ، 创建Google帐户 نى باسىلى كاتەكلەرنى ئۈزىمىز ئۇنتۇپ قالمىغۇدەك قىلىپ تولدۇرىمىز .بۇرۇنقى بىر گوگىلخەت ئادرىسىمىز بولسا ،شۇ ئادرىسىمىزنى ئىشلەتسەك بولىدۇ .بۇنداق بولغاندا تېلفۇننى تىزىملىتىش زۈرۈر بولمايدۇ .
بۇ كۆزنەك چىقسا تىزىملاش مۇۋاپپىقىيەتلىك بولغان بولىدۇ .
ئەمدى بايا بەلگۈلىگەن تىزىمىمىزدىكى مەخپى نومۇرنى كىرگۈزۈپ ، تىزىمغا كىرىمىز . كىرىش دىگەننى باسقاندىن كىيىن ، دىققەت قىلىڭ، يەنە قىلىدىغان ئىش بار …
تىزىمغا كىر دىگەن يەردىن advancedsync settings نى باسىمىز .
بۇ يەردە ھەممىنى قەدەمداشلا دىگەن تاللاقلىقكەن .مۇشۇ بويىچە تۇرسا تور كۈرۈش جەريانىدىكى جىمى پائالىيىتىڭىز ۋە سانلىق مەلۇماتلىرىڭىز مۇشۇ تىزىمدا ساقلىنىدۇ . جەزىملەنى باسىلى .
ئەمدى بىز دائىملىق كۈرىدىغان بىكەتلەرنى خەتكۈش بالدىقىدا ساقلاپ قۇيالايمىز .ئەلۋەتتە تىزىملاتماي ئىشلەتسەكمۇ ساقلىغىلى بولىدۇ . ئوخشىمايدىغان يىرى ، تىزىملاتقان ۋاخىتمىزدا تەڭشىۋالغىنىمىز بوشلۇقتا ساقلىنىدۇ .ھەرقانداق كومپىيۇتېردا ئىشلىتەلەيمىز .يەرلىك كومپىيۇتېر بىلەن ئالاقىسى بولمايدۇ . مەسىلەن، بۇ بەتنى خەتكۈچ بالدىقىغا ئەكىرەيلى.
قىسقۇچ ئىچىگە يەنە قىسقۇچلارنى قۇرايلى .
ياكى نۇرغۇن قىسقۇچ ۋە ئۇلانمىلارنى بىراقلا تەھرىرلەيلى .
يەنە بىر ئىقتىدار بۇ تور كۆرگۈنى بىر نەچچە تىزىمدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ . جەريانى ئىشلەتكۈچىلەر دىگەن يەردىن addnew user نى بېسىڭ .خالىغانچەئىسىم قۇيۇڭ . قۇر نى باسقاندىن بىر يېڭى بەت ئېچىلىدۇ ، بۇيەردە يەنە بىر تىزىم بىلەن كىرىسىز ياكى يېڭى تىزىمدىن بىرنى ئاچالايسىز مانا بۇ مىنىڭ ئىشلىتىۋاتقان تىزىمىمدىكى كۈرۈنۈش .
خەت يازىدىغان يەرلەرگە ئۇيغۇرچە ياكى لاتىنچە ۋە ياكى خەنسۇچە يازماقچى بولغىنىمىزدا كىرگۈزگۈچلەرنى چاشقىنەك بىلەن تاللاپ زىرىككەن بولساق بۇنىڭمۇ ئامالى بار . قارىساق ئىكراننىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئىككى دانە كۇنۇپكا تاختا سىنبەلگۈسى باركەن . (مەن تەڭشىگەن يۇقارقى باسقۇچلار بۇيىچە بولغاندا شۇنداق كۈرۈنىدۇ ) ھازىر ئىشلەۋاتقىنى سىستېما بىلەن بىرگە كەلگەن كىرگۈزۈش ئۇسۇلى . بۇ ئۇسۇلدا ھەر بىر مەزمۇنغا كىرگۈزگۈچنى ئۈزىمىز تاللاپ بىرىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ .
بىز يەنە بىر كۇنۇكا تاختا سىنبەلگۈسىنىڭ مايىللىقىنى ئاچايلى .
ئېچىلغان كۆزنەكتىن كىرگۈزگۈچ نى باسىمىز . ۋە ئاكتىپ كىرگۈزگۈچنى ئۆزلەشتۈر نى تاللاش قىلىپ قۇيايلى . كىرگۈزگۈچ تاللاڭ دىگەننى باسساق خەنيۈ دىگەندىن باشقا ھىچنىمە يوقكەن .
بۇنى تۇلۇقلاش ئۈچۈن تېرمىنالدا ماۋۇ بۇيرۇق جۈملىسىنى ئىجرا قىلىلى sudo apt-get install ibus-m17n
ياكى ئۇبۇنتۇيۇمشاق دىتال مەرگىزىدىن ibus-m17n نى ئىزدەپ قاچىلىساقمۇ بولىدۇ . ئورنات نى باسىمىز . ئەمدى نۇرغۇن كىرگۈزگۈچلەرنى قۇشالايمىز . قوشماقچى بولغان كىرگۈزگۈچلەرنى تاللاپ ، قوش دىگەننى بېسىپ ، مايىللىقىمىز بويىچە تىزىپ قويساقلا بولىدۇ .
ئەمدىئادەتتىكى دىگەندىن كىيىنكى كىرگۈزگۈچ دىگەن يەرنى تەڭشەيلى .ھازىرقى ھالەتتە كۇنۇپكا تاختىدىن Alt بىلەن Shift نى تەڭ باسساق كىرگۈزگۈچلەرئالمىشىدۇ .(خەت يازغىلى بولىدىغان كۆزنەك ئۇچۇق بولغان ئەھۋالدا ) بۇنى تېخمۇ ئاسانلاشتۇرۇپ Control+Shift غائۆزگەرتىپ قويساق ياخشىراق تۇرىدىكەن .بۇنى تەڭشەش ئۈچۈن Alt+Shift_L نىڭ يېنىدىكى … (چىكىت)نى باسايلى .
چىققان كۆزنەكتىن رەسىمدىكىدەك تاللاپ قوللان نى بېسىپ جەزىم قىلىمىز .
باشقا ھەممە كاتەكنى تاللاپ قۇيۇپ باقايلى . خەت نۇسخىسىنى ukij cjk غا ئۆزگەرتىپ قۇيايلى .
ئەمدى خەنزۇچە خەت يېزىپ باقىلى Control+Shiftنى باسساق كىرگۈزگۈچلەر ئالمىشىدۇ . 我是人 بۇ يەردە بىر ئىشقا دىققەت قىلايلى . قونداقتىكى ئىككى كۇنۇپكا تاختا سىنبەلگۈسىنىڭ ھازىر تەڭشىگىنىمىز(ibus) سىستېما بىلەن بىللە كەلگەن كۇنۇپكا تاختىغا بېقىنىدۇ .شۇڭا ibus نى ئىشلىتىش ئۈچۈن سىستېما بىلەن بىللە كەلگەن كۇنۇپكا تاختىسىى سىنبەلگۈسىدىن 英语美国,国际,有死键 نى تاللاپ قۇيۇشقا توغرا كىلىدۇ . ئەڭ مۇھىم ئىشنى تۈگەتتۇق . ئەمدى تېرمىنالنى ئېچىپ sudoapt-get update sudoapt-get upgrade بۇ ئىككى بۇيرۇق جۈملىسىنى ئايرىم -ئايرىم ئىجرا قىلىپ ، يەنە يېڭىلاشلار بولسا تۇلۇقلىۋىتەيلى . بۇ ئىككى بۇيرۇقنى دائىم ئىشلىتىپ تۇرساق، سىستېمىمىز يېڭى ھالەتتە تۇرىدۇ .
ئەمدى كومپىيۇتىرىمىزدىكى نەرسىلەرنى كۈرۈپ باقايلى ، ماكان مۇندەرىجە – كومپىيۇتىردىكى ھەممە نەرسىنى مۇشۇ يەردىن كۆرگىلى بولىدۇ .
ھۆججەت سىستېمىسى – بۇ يەرنى بەك چۈشىنىپ كەتمىسەكمۇ ھازىرچە چوڭ ئىش يوق . (مەنمۇ بۇ يەرلەرنى چۈشىنىپ باقمىدىم ) كىيىن سەۋىيىمىز ئاشقاندا بىلىپ قالىمىز .
كۈنەلسىڭىز ھەممە سىنبەلگۈنى تاق چىكىش بىلەن ئاچىدىغان قىلىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ .
ھۆججەتنىڭ چوڭلىقى ۋە ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىچىدىكى تۈرلەرنىڭ سانى كۈرىنىدىغان قىلىۋالساقمۇ بولىدۇ .
كومپىيۇتېر دىگەن سىنبەلگە يوقكەنغۇ دەۋاتامسىز ؟ ئۇمۇ بار ، ئۈستەلئۈستىگە تىزلەتمە قىلىپ چىقىرىپ قويغىلىمۇ بولىدۇ .(ھەممە نەرسىنى ) كومپىيۇتىرىمىزدىكى دىسكىلار
ئۈستەلئۈستىگە سىنبەلگۈلەرنى مۇنداق قۇيىمىز ئۇبۇنتۇ تۋېئاكنى ئاچىلى -桌面图标نى باسىمىز
رەسىمدىكىدەك قىلىپ باقىلى
ئۇندىن باشقا بىز دائىم ئىشلىتىدىغان تور ئۇلانمىلىرىنىمۇ ئۈستەل ئۈستىگە قويغىلى بولىدۇ . ئاتىنى ئۇيغۇرچە قىلىۋالساقمۇ بولىدۇ .
ئەمدى باشتاختا ماكانىدا نىمىلەر بار ، بىزگە يەنە نىمە لازىم ،كۈرۈپ باقىلى ... ئىزدەش رامكىسىغا ئۇيغۇرچە ھەرپ كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئاساسى كۇنۇپكا تاختىسىنى ئىشلىتىدىغان ئوخشايمىز .
كومپىيۇتىرىمىزدىكى ھەممە نەرسىنى ئىزدىگىلى بولىدۇ .
كىتاپلارنى، رەسىملەرنى ، ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىنى ، يازمىلارنى ئېچىپ باقىلى.
قويىلىۋاتقان ئۈن ھۆججىتىىنى قونداقتىكى ئۈنباشقۇرغۇچىدىن كونتىرول قىلالايمىز . كىتاپلارنى كۈرىدىغان دىتال سىستېما بىلەن بىللە قاچىلىنىدىكەن.
رەسىم كۈرىدىغان دىتالمۇ باركەن.
سىن ھۆججىتىنى ئېچىپ باقىلى
كەڭەيتىلگەن نامى datبولغان سىن ھۆججىتىدىن بىرنى ئېچىپ كۈرەيلى
توردىن پىرۇگىرامما ئىزدەيدىغان ئوخشىمامدۇ؟ شۇنداق قىلىپ باقىلى ---
توردىن تاپالمىدى ، قويغىلى بولمامدۇ ؟ ياق، بۇنىڭمۇ ئامالى بار ، VLC قويغۇنى قاچىلاپ باقىلى .يەنىلا ئۇبۇنتۇ تۋېئاكتىن ياكى ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دىتال مەرگىزىدىن VLCدەپ ئىزدەپ قاچىلايمىز . ئەمدى قۇيۇپ باقىلى باشقا پىرۇگىراممىدا ئاچنى تاللاپ باشقا پىرۇگىراممىلارنى كۆرسەت نى باسىمىز . ھەرقانداق سىن ھۆججىتىنى VLC تا قويغىلى بولىدۇ .
ئەمدى ئۇبۇنتۇنىڭ سىستېما تەۋىسسىيە قىلغان بۇلۇت بوشلۇققا ئىرىشىپ باقايلى . ubuntu one نى ئاچىمىز . ئورنات نى باسىمىز
بۇرۇنقى ھىساباتىمىز بولسا شۇ بۇيىچە كىرسەك بولىدۇ ، بولمىسا تېخى ھىساباتىم يوق -خەتلىتەي نى باسىمىز . چىققان كۆزنەكتە تىزىملاتساقمۇ بولىدۇ ، ياكى بولمىسا ماۋۇ ئۇلىنشلاردىن بىۋاستە توريۈزىدە تىزىملاتساقمۇ بولىدۇ .تىزىملىتىپ بولغاندىن كىيىن تىزىملاتقان نام ۋە مەخپى نومۇرىمىزنى ئۇنتۇپ قالمىساقلا ئىشلىتەلەيمىز .
https://one.ubuntu.com/referrals/referee/2890454/
https://one.ubuntu.com/referrals/referee/3431162/
تىزىملاتقاندا چ چ ئىلخەتكىمۇ تىزىملاتقىلى بولىدۇ . مەخپى نومۇر بەلگۈلىگەندە ئارىسىدا چۇقۇم ئاز بولغاندا بىر دانە چوڭ ھەرىپ ، ئاز دىگەندە بىر دانە رەقەم بۇلىشى كېرەك . سەككىزخانىدىن كەم بولماسلىقى كېرەك .
ئىلخەتكە ئۇچۇر كىلىدۇ ، شۇ يەردىكى كودنى كۈچۈرۈپ ئەكىلىپ چاپلايمىز .
بۇ بوشلۇق دەسلەپتە 5GB بولىدۇ.كومپىيۇتىرىڭىزدىكى خالىغان قىسقۇچنى قەدەمداش قىلالايسىز.ھەم يەنە تور يۈزىدە بوشلۇقتىكى نەرسىلىرىڭىزنى ئىشلىتەلەيسىز . يەرلىك ئۈسكىنىلەرگە چۈشۈرەلەيسىز . دوسىتلىرىڭىزغا يوللاپ بىرەلەيسىز .
يەنە قايسى دىتاللارنى قاچىلىساق بۇلار ---
ئىكران ئۈستىنى سىنغا ئېلىش دىتالى recordmydesktop يەرشارىدىكى كىشىلەرنىڭ پاراڭ گۇرۇپپىسىغا كىرەلەيمىز . xchat-gnome كۈندىلىك خاتىرە يېزىش دىتالى almanah لۇغەت قۇرالى stardict Synaptic Package manager بوشلۇقتىكى تېلفۇن ئۇرۇش دىتالى akige نۇرغۇن تىزىملەردە ئىشلەتكىلى بولىدىغان مۇڭدىشىش قۇرالى kopete يىراقتىكى ئۈستەلئۈستىگە باغلىنىش قۇرالى vinagre - كومپىيۇتېرىمىزدىكى بىز قىلغان ئىشلارنى خاتىرلەيدۇ gnome-activity-journal
ئىنچىكە ئىزدەش قۇرالى catfish سىن ھۆججەتلىرىنى ھەرخىل ئۈسكىنىلەرگە ماس قىلىپ ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان قۇرال arista xchat-gnome بىلەن ئوخشاش يەنە بىر قۇرال xchat زىھىن سىناش ئۇيۇنى gbrainy قۇلايلىق يازغۇچ leafpad يىنىك تور كۆرگۈ midori يەرلىك كومپىيۇتېردىكى يازما ۋە كىتاپلارنى بىلوگقا ئوخشاش باشقۇرغىلى بولىدىغان قۇرال zim
يەنە بىر مۇڭدىشىش قۇرالى pidgin ئاۋال يۇمشاق دىتال مەرگىزىدىن pidgin دەپ ئىزدەپ ، چىققان pidgin ناملىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ باھا بىرىلگىنى بىز قاچىلايدىغىنى شۇ . ئورنات نى باسىمىز .
pidgin غا چ چ تىزىملاش ئىقتىدارىنى قۇشۇش تېرمىنالدا بۇ بۇيرۇق جۈملىلىرىنى ئايرىم ئايرىم ئىجرا قىلىمىز .
sudo add-apt-repository ppa:lainme/pidgin-lwqq sudo apt-get update sudo apt-get install libpurple0 pidgin-lwqq
پىدگىن مۇڭداشقۇسىنى تەڭشەش ۋە تىزىملىكلەرنى قۇشۇش .دىتالنى قاچىلاپ بولغاندىن تىزىمدىن چىقىپ قايتا كىرىمىز .ئاندىن باشتاختا ماكانىدىن pidgin نى قوزغىتىمىز. Add باسىمىز . كېلىشىم دىگەندىن webqqنى تاللايلى مەۋجۇت چ چ نومۇرىمىزنى ۋە چ چ مەخپى نومۇرىمىزنى تولدۇرۇپ قوش نى باسىمىز .
为了支持pidgin-lwqq的持续发展, 需要统计版本信息!只统计版本号!!,以下是相关信息: 注意:https://github.com/xiehuc/pidgin-lwqq/wiki/version-statistics 频率:每个版本的初次运行 Url:http://pidginlwqq.sinaapp.com/statics.php POST:v=0.2a Code:webqq.c:2862
بۇئۇچۇر چىقسا 确认نى باسساق بولىدۇ .
باشقا تىزىملىكلىرىمىزنى ، مىسال باشقا چ چ نومۇرلىرىمىزنىمۇ تىزىملىساق بولىدۇ ھەم بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەتكىلى بولىدۇ .بۇيەردە ياھو ، گوگىل تالىك ، خوتمائىل لىۋې ، جاببار دىگەندەك باشقا تىزىملىرىمىزنىمۇ ئىشلىتەلەيمىز .
سكايىپ skype پىرىسلاش دىتالى 7ZIP رەسىم كۈرۈش قۇرالى shutter مەۋھۇم سىستېما باشقۇرۇش قۇرالى Virtualbox ئىلخەت باشقۇرۇش قۇرالى Evolution بوشلۇققا ھۆججەت يوللاش دىتالى FileZilla
يۇقاردىكى دىتاللارنى ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دىتال مەرگىزىدىن ئىزدەپ قاچىلىغىلى بولىدۇ . ئۇ يەردە يوقلىرى ئۇبۇنتۇ تۋېئاكتا بار . ئىھتىياجىڭىز بولسا قاچىلاڭ ، لازىم بولمىغاننى ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دىتال مەرگىزىدە ئورنىتىلغانلىرى دىگەن يەردىن تېپىپ چىقىرىۋەت دىگەننى بېسىپ ئۈچۈرىۋېتىڭ .
ئەمدى ئۇبۇنتۇدا باشقا ئىشلەتكۈچىلەرنى تىزىملاشنى كۈرۈپ باقايلى .سىستېما تەڭشىگىنى ئاچىمىز .
ئىشلەتكۈچى ھىساباتىغا كىرىمىز
بۇ يەردىن قۇلۇپنى ئاچ نى باسىمىز ، ئىمنى كىرگۈزۈپ دەلىللەيمىز . ئۈزىمىزنىڭ ھازىرقى تىزىمىمىزنى ۋە تىلىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز .
يېڭىدىن باشقا ئىشلەتكۈچى قۇرۇپ ، دەرىجىسىنى بەلگۈلىيەلەيمىز ، تىلىنى بەلگۈلىيەلەيمىز . +نى باسىمىز . بۇ يەردىكى ئۆلچەملىك دىگىنى سىزدىن تۈۋەن دەرىجىلىك ئەزا . كومپىيۇتىرىڭىزنى ئىشلىتەلەيدۇ ، ئەمما سىزنىڭ نەرسىلىرىڭىزنى باشقۇرالمايدۇ . ( زىيارەت قىلالمايدىغان قىلغىلىمۇ بولىدۇ ، Home مۇندەرىجىدىكى ئۈزىڭىزنىڭ نەرسىلىرىنى باشقا ئىشلەتكۈچىلەر كۆرەلمەيدىغان قىلىپ ھوقۇقنى تەڭشەپ قويساقمۇ بولىدۇ )
يېڭى قۇرغان ئەزانىڭ تىلىنى خەنسۇچە قىلىپ بەلگۈلەپ باقىلى . ئاندىن ھىسابات چەكلەنگەن دىگەننى بېسىپ ئىم بەلگۈلەپ بىرىمىز
يەنە بىر ئىشلەتكۈچى قۇرۇپ تىلىنى ئىنگىلىسچە قىلىپ باقىلى .
تىل قوللىنىشىدا قۇشۇلغان تىللارنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ .
ئەمدى باشقا تىزىملاردا كىرىپ باقىلى .
يېڭى ئىشلەتكۈچى تىزىمىدا كىرگەندە سىستېما تىلى ماس ھالدا ئۆزگۈرىدۇ ، بىز تەڭشىگەن تەڭشەكلەر ئىشلىمەيدۇ ، يېڭى ئىشلەتكۈچى قىلغان ئىشلار سىزگە تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ . بىزنىڭ ھۆججەتلىرىمىزنى كۈرەلەيدۇ ، لېكىن تەھرىرلىيەلمەيدۇ ، ئەگەر ئۇنىڭ دەرىجىسى باشقۇرغۇچى بولسا ئاندىن بىز قىلغان ئىشلارنى قىلالايدۇ .
ئەزىز قېرىندىشىم ، بۈگۈن مۇشۇنچىلىك مەزمۇن يوللىيالىدىم . ئۇيغۇرئىكىس-ئۇبۇنتۇنى قاچىلاشتىن تەڭشەشلەرگىچە تىمىسىدا يوللىغان تىمام جەمى 3 قىسىم . ئالدىنقى مەزمۇنلارنى بۇ يەردىن كۆرگەيسىز . 1-قىسىم https://uyghur-archive.com/misranim/thread-110146-1-1.html
2-قىسىم https://uyghur-archive.com/misranim/thread-110180-1-1.html
ئۇيغۇرئىكىس-ئۇبۇنتۇ ھەققىدە بىلگەنلىرىم https://uyghur-archive.com/misranim/thread-110108-1-1.html
بۇ يازمىلىرىم ئۈزەمنىڭ بىلىش چەكلىمەم ئاساسىدا تەييارلانغان بولغاچقا ، نوقساندىن خالى بولىشى ناتايىن . قېرىنداشلارنىڭ خاتا كەتكەن يەرلىرىمنى كۆرسىتىپ قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن . مەن ئۇبۇنتۇ بىلەن رەسمى تۇنۇشقىلى تېخى بىر يىلمۇ بولمىدى ، ئۇبۇنتۇغا ئۇيغۇرچە تىل قۇشۇش ئىشى 2008 - يىللاردا باشلىنىپ ، 2012 -يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدا مۇكەممەل ھالەتكە كەلگەن . يېڭىدىن پىرۇگىراممىلار ۋۇجۇتقا كەپ تۇرىدۇ ، سىستېمىلارنىڭ ئىقتىدارلىرىدا يېڭىلىقلار توختاپ قالمايدۇ . ئۇبۇنتۇغا ئۇيغۇر تىلىنى قۇشۇش ئىشىمۇ توختاپ قالماي داۋام قىلغۇسى . بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقانلار خەلىقنىڭ ئىشىنى ئۆز ئىشىدىن ئەلا بىلگەن قەھرىمانلار . بىزنىڭ ۋە ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ غېمىنى قىلىپ ئىزدىنىۋاتقان ئەشۇ ئەزىز كىشىلىرىمىزنىڭ ئۈمىد - ئارمىنى قەدىرسىز قالمىغاي . ئۇبۇنتۇغا ئۇيغۇرچە قۇشۇش پائالىيەت جەريانلىرىنى https://launchpad.net/~ubuntu-l10n-ug دىن بىلىشىڭىز مۇمكىن . سىزنىڭمۇ ھەسسە قۇشۇپ قويغىڭىز بولسا ، مۇشۇ يەردە ئەمەلگە ئاشۇرالىشىڭىز مۇمكىن .
يەنە بىر ئىش ئۇبۇنتۇنى قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتقانلار بولسا ، xchat-gnome دىگەن پىرۇگىراممىنى قاچىلاپ ، قوزغاتقاندىن كىيىن ، ئاسانلا خەلىقئاردىكى ئۇبۇنتۇ ۋە باشقا پاراڭ گۇرۇپىسسىغا كىرگىلى بولىدۇ . ubuntu گۇرۇپپىسغا كىرىپ join #ubuntu-uyghurix/ دىگەننى يېزىش رامكىسىغا كىرگۈزۈپ يوللىسا ، شۇ يەردە ئۇبۇنتۇ ھەققىدە ئۇيغۇرچە ئالاقىلەرنى ئېلىپ بارساق بولىدۇ . ئەلۋەتتە بۇ يەردە ھەركىم خالىغانچە پاراڭ گۇرۇپپىسى تەشكىل قىلغىلى بولىدۇ . مەسىلەن join #ubuntu-uyghur/ دەپ يوللىسا uyghur دەپ ئاتالغان پاراڭ گۇرۇپپىسى قۇرۇلىدۇ . باشقىلارمۇ مۇشۇ خەتنى كىرگۈزۈپ ، گۇرۇپپىغا كىرەلەيدۇ .
ئۇبۇنتۇ ھەققىدە نۇرغۇن مەزمۇنلار بۇيەردە www.qutbeg.com www.uyghurix.org www.uyghurix.net www.uyghurix.biz auyghurix.com
كىيىنكى قېتىمدا ئۇيغۇرئىكىس-ئۇبۇنتۇ سىستېمىسى ھەققىدە تەپسىلى سىن ھۆججىتى تەييارلىماقچى بولىۋاتىمەن . ئاللا خالىسا بۇ سىن ماتىريالىنى كۆڭۈل قۇيۇپ تەييارلايمەن .
ھەممىڭىزلارگە تىنچ-ئامانلىق يار بولسۇن . 2013-يلى 29 -ئاۋغۇسىت .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sebirqadir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-29 03:28 AM
|