ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر ، ‹مىنى ئۇيغۇرئىكىس› توغرۇلۇق يېزىلغان تىمىنى ۋە ئىنكاسلارنى ئوقۇغاندىن كىيىن ، تورداشلارنىڭ خېلى كۆڭۈل بۈلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم . شۇڭا مەنمۇ مىسرانىم بېتىدە بىلگىنىم بويىچە ئىز قالدۇرۇپ قويۇش نىيىتىگە كەلدىم .
ئالدى بىلەن قېىرىنداشلارغا دەۋالماقچى بولغان سۆزۈم شۇكى ، يەرلىك كومپىيۇتېر بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان مەشغۇلاتلاردا ( يەنى كومپىيۇتېرغا پىرۇگىرامما قاچىلاش تەلەپ قىلىنمايدىغان توردىكى مەشغۇلاتلاردا ) ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسى ۋىندوۋىسنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسى بولغان ۋىندوۋىس8 دىنمۇ ياخشى . ( بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىنى ئانا تىلىم دەپ قەدىرلىگۈچىلەر ئۈچۈن ).
پەقەت ۋىندوۋىسنىڭ توركۆرگۈچىسى بولغان IE پىرۇگىراممىسىنىڭ ئۇبۇنتۇ ئۈچۈن تەمىنلەنگەن نەشرى بولمىغانلىق سەۋىۋىدىن IE توركۆرگۈگە بېقىنىدىغان ئازغىنە مەشغۇلاتلارنى نۇرمال قىلغىلى بولمايۋاتىدۇ . (بۇ دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ھادىسە ).
ئۇندىن باشقا شەخسى كومپىيۇتېرلار ئۈچۈن يەنىلا ۋىندوۋىس 8 دىن ياخشى ھەم بىخەتەر .
نىمىشقا مۇشۇنداق قارىغانلىقىمنىڭ تەپسىلاتىنى تۈۋەندىكى چۈشەندۈرۈشلىرىمدىن بىلگەيسىز .
ئۇيغۇرئىكىىس ھەققىدە چۈشەنچە
1.ئۇيغۇرئىكىس دىگەن نىمە؟
جاۋاپ : ئۇيغۇرئىكىس -ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلىپ ئىشلىتىدىغان خەلىقلەرنىڭ ئىھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇپ ياساپ چىقىلغان كومپىيۇتېر مەشغۇلات سېستىمىسى .
ئىنىقراق ئېيىتقاندا خەلىقئارادا ئىناۋەتلىك ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سېستىمىسىغا ئۇيغۇرتىلىنى قۇشۇش ئىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندىن كىيىن ، ئۇيغۇرلار ئارىسىسدا تېخىىمۇ قۇلاي ئۆزلىشىشى ئۈچۈن ، زۈرۈر پىرۇگىراممىلارنى ۋە تەڭشەكلەرنى سېستىمىنى قاچىلاپلا ئىشلەتكىلى بولىدىغان قىلىپ ياساپ چىقىلغان .
ئۇبۇنتۇنىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇنتىزىم نەشرى بولغان 12.4 نى ئاساس قىلغان بولغاچقا ، ناھايىتى ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ ،ھازىر تۈنجى قېتىملىق سىناق نۇسخىسى ئۇيغۇرئىكىس 1.0 نامى بىلەن تارقىتىلدى ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىنكاس ۋە تەلەپ پىكىرلىرى ئاساسىسىدا مۇنتىزىم نۇسخىسى تېخىمۇ لاياقەتلىك ۋۇجۇتقا چىققۇسى .
2.ئۇيغۇرئىكىسنى كىملەر كىم ئۈچۈن قانداق بارلىققا كەلتۈردى؟
جاۋاپ: خەلىقئارادا كەڭ ئومۇملىشىپ ئىشلىتىلىپ كىلىۋاتقان لىنوكىس سېستىمىسغا تەۋە بولغان ئۇبۇنتۇ دەپ ئاتالغان بىر سېستىما بولۇپ ، ئۇيغۇر كومپىيۇتىرچىلىقىدا زور كۈچ قۇشۇۋاتقان ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمى جەمىيىتى ۋە بىلىك تورىنىڭ باشچىلىقىدا بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك ، خەلىقپەرۋەر كىشىلىرىمىز بىرلىكتە
تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەن ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇبۇنتۇ سېستىمىسىنى ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىدىغان خەلىقلەرنىڭ ئۆزلەشتۈرەلىشىگە قۇلايلىقلاشتۇرۇپ بىرىش ئۈچۈن ئۇيغۇرئىكىس نامىدىكى بۇ سېستىمىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ جەريان پىداكارلىق بىلەن تاماملانغان ھەم يەنە مۇستەھكەملەش خىزمەتلىرىنى خالىس ئىشلەۋاتىدۇ .
3.ئۇيغۇرئىكىسنىڭ قانداق ئالاھىدىلىگى بار ؟
جاۋاپ : ئۇيغۇرئىكىس مەشغۇلات سېستىمىسى ئۇيغۇر تىل -يېزىقىنى مۇكەممەل قوللايدۇ .
قۇشۇمچە باشقا دىتال قاچىلىماستىن بىمالال ئۇيغۇر تىلىدىكى يازما مەشغۇلاتلىرىنى قىلغىلى بولىدۇ ،
رەسىم ۋە سىن ئۈستىگە باشقا تىللارغا ئوخشاشلا ئۇيغۇرچىنى يېزىق شەكلىدە كىرىشتۈرگىلى بولىدۇ .
توردىكى ھەرقانداق يازما يازىدىغان رامكىلارغا ئۇيغۇرچىنى ئۆلچەملىك يازغىلى ۋە كۆرگىلى بولىدۇ .
ئىلخەت ۋە چ چ دىگەندەك ئالاقىلەردە ئۇيغۇرچىنى ئۆلچەملىك ئىشلەتكىلى بولىدۇ .
توردىكى مەشغۇلاتلاردا ۋىرۇس يۈكلەنگەن پىرۇگراممىلاردىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق .
سېستىمىدا كۈرۈلگەن خاتالىقلارنى ئۆزلىگىدىن تۈزەش ئىقتىدارى بار .
ھەرقانداق خەت نۇسخىلىرى بىرگە قاچىلانغان ، ناھايىتى ئۆلچەملىك كۈرىنىدۇ .
دىتاللارنى قاچىلاش ۋە ئۈچۈرۈش باسقۇچلىرى ناھايىتى ئاددى ھەم بىخەتەر ،
پۈتۈنلەي ئۈزىڭىزنىڭ ئىختىيارىدا بىرتەرەپ قىلالايسىز ،
سىنبەلگۈلەر ۋە ئۇسلۇپ شەكىللىرى بەك كۆپ ھەم چىرايلىق ،
دىتاللار ھەقسىز .
توردىن دىتال قاچىلاش زۈرىرىيىتى كۆپ ئەمەس .تورغا ئۇلانغان كومپىيۇتىردا تەۋسىيىلىك تۇلۇقلىمىلارنى ئاپتۇماتىك تېپىپ ئورنىتىش ئىقتىدارى بار .
سېستىما ھۆججەتلىرىنىڭ يۇقاپ كىتىش مەسىلىسى يۈز بەرمەيدۇ ،
باشقا سېستىمىلار بىلەن بىللە ئىشلىتىشكىمۇ مۇۋاپىق كىلىدۇ .
كۆپ سىغىم تەلەپ قىلمايدۇ .
4.ئۇيغۇرئىكىسنى كومپىيۇتىرىمغا قاچىلىسام ، ماڭا نىمىگە پايدىسى بار ؟
جاۋاپ : ئەگەر سىز ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان ئادەم بولسىڭىز ، كۆرىۋاتقان كومپىيۇتىرىڭىزنىڭمۇ ئۇيغۇرچە بولغىنى توغرىراق . سىز خەڭسۇچە ۋە ئىنگىلىسچە ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن بولسىڭىز ، كەلگۈسىدىكى بالىلار بۇنداق قىلماي ئۇيغۇرچىنى ياقتۇرىدىغان چىقىپ قالسا ، سىزنىڭ بۇ ئۆمرىڭىز ئەجىرسىز ئۆتكەن بوپ قالمامدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر تىلى دىگەن تىلمۇ دۇنيادا خېلى ئىمتىيازلىق ، بالىلار چۇقۇم بىزدىن ئەقىللىق ، ئۇلارنىڭ قارغىشىغا قالماسلىق ئۈچۈن بولسىمۇ
ئانا تىلنى قەدىرلەش كېرەك .
5.كومپىيۇتىرىمغا ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلىسام ، خەڭسۇچە ،ئىنگىلىسچە ۋە باشقا تىللارنىمۇ ئىشلىتەلەمدىم ؟
جاۋاپ : دۇنيادىكى ئىشلىتىلىپ كىلىۋاتقان ، ئاساسلىق بۇلۇش ئىناۋىتىدىن قالمىغان ھەرقانداق تىلنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ . سېستىمىنى قايتا قاچىلىمىسىڭىزمۇ ، ناھايىتى ئوڭايلا تىللارنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيسىز .
6.مەن خەڭسۇچە ۋە ئىنگىلىسچىغا ئۇستا ، ئۇيغۇرچىغا ھاجىتىم چۈشمەيدۇ ؟
جاۋاپ :ھاجىتىڭىز چۈشمىسە ئىشلەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ئەمما ئۇيغۇر بۇلۇپ تۇرۇش ئۈچۈن يەنە بىر مەسلىھەت قىلىپ كۈرۈڭ.
7.ئۇيغۇرئىكىس ۋىندوۋىسنىڭ ئۇيغۇرچە قىلىنغىنىمۇ ؟
جاۋاپ : ئەمەس ، بۇ ۋىندوۋىسنىڭ خاتاسىنى تۈزەش ئۈچۈن ئۈلگە بۇلىۋاتقان ، لىنوكىس سېستىمىلىرىنىڭ تۇغۇندىسى بولغان ئۇبۇنتىنىڭ بالىسى ھەم ئۈزى.
ئىجتىمائىلشىشنىڭ ھەقىقى ئىپادىلىنىشى .
8.ۋىندوۋىسقا كۈنۈپ قاپتىمەن ، ئۇيغۇرئىكىسنى ئىشلىتىپ بۇلالماي قالارمەنمۇ ؟
جاۋاپ : ئۇيغۇرئىكىسنى ئىشلىتىش ۋىندوۋىس ئىشلىتىشتىن كۆپ قۇلاي ھەم ئىلمى ، ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن خالى .
9.لىنوكىس بىلەن ۋىندوۋىس قانداق پەرىقلىنىدۇ ؟ قايسىسى ياخشى ؟
جاۋاپ : لىنوكىسنى ھەركىم ئۈزىگە خاسلاشتۇرۇپ ئۆزلەشتۈرىۋالسا بولىدۇ ، كودلىرى ئاشكارە .
ئىجتىمائىلقنى پىرىنسىپ قىلىدۇ .ھەقسىز . يېڭىلىنىشى تىز ، كەلگۈسىدىكى يۈزلىنىشكە
ئەڭ ماس كىلىدۇ . كومپىيۇتىرنىڭ نىمىلىگىنى ئۇچۇق ئاشكارە چۈشەنگىلى بولىدۇ .
10.لىنوكىس ، ئۇبۇنتۇ ، ئۇيغۇرئىكىس دىگەنلەرنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار ؟
جاۋاپ : لىنوكىس › ئۇبۇنتۇ › ئۇيغۇرئىكىس
11.مەن كومپىيۇتىرىمنى قانداق ئىشلارغا ئىشلىتەلەيمەن ؟ قانداق ئىشلىتىشىم كېرەك ؟
جاۋاپ : سىز تورسىز ئىشلەتسىڭىز سىن ، رەسىم ، ئۈن ھۆججەتلىرىنى قۇيالايسىز ، تەھرىرلىيەلەيسىز . تېكىسلەرنى يازالايسىز ، كۈرەلەيسىز ، تەھرىرلىيەلەيسىز .
ھىساپلاشلارنى ، لاھىيىلەشلەرنى ئېلىپ بارالايسىز .ماتىرياللارنى ساقلاپ قۇيالايسىز .
توردا بولسىڭىز دۇنيانى بىلىپ تۇرالايسىز ، سودا ئالاقىلەرنى قىلالايسىز ، جاھاننىڭ ئۇ چېتىدىكى دوستىڭىز بىلەن بىر ئۆيدە كۈرۈشكەندەك كۈرۈشەلەيسىز . ئۈزىڭىزنىڭ بانكىسىنى كونتىرول قىلالايسىز .
قانداق ئىشلىتىش كېرەك دىگەندە ، ئاۋال نىمىگە ئىشلەتمەكچى بولغىنىڭىزنى جەزىم قىلىپ ، شۇ ئىشىڭىزغا ماس كىلىدىغان سېستىما ۋە دىتاللارنى تاللىشىڭىز كېرەك ، ئەگەر سىز توردىكى پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى قىلمىسىڭىز باشقا ھەرقانداق ئىشلارنى ئۇيغۇرئىكىس ئارقىلىق قىلالايسىز ، زۈرۈر بولغاندا پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنىمۇ قىلغىلى بولىدىغان قىلىپ تەڭشەش مۇمكىن . سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بۇلالايدۇ . قوش سېستىما قىلىپ ئىشلىتىپ ، قايسى سېستىمىنىڭ ياخشى ئىشلەيدىغانلىقىنى سېلىشتۇرۇپ ئايرىۋالسىڭىز بولىدۇ ، سىزگە قايسىنىڭ ئىشلەش ئىقتىدارى يارىغان بولسا ، شۇنى تاللىشىڭىز توغرا .
مۇھىمى سىز ۋە كىيىنكىلەر ئۈچۈن بىر قارارغا كىلىڭ .
12.بالىلارغا كومپىيۇتېر ئۈگەتمىسەممۇ بۇلامدۇ ؟
جاۋاپ : ئۇنداقتا مۇۋاپىق بولماس . كەلگۈسىدىكى ئىشلار كومپىيۇتىرغا تېخىمۇ باغلىنىپ قالىدۇ ، قىيىنچىلىق تارتىپ قېلىش مەسىلىسنى نەزەردىن ساقىت قىلساق بولماسمىكىن .
13.كومپىيۇتېر سېتىۋالغاندا قانداق تاللىشىم كېرەك ؟
جاۋاپ : كومپىيۇتېر سېتىۋالغاندا ئاۋال كومپىيۇتىرنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىگىنى بىلىدىغان ئىشەنچىلىك دوستىڭىزدىن ياردەم سۇراڭ . ھەقىقى مەنىدىكى كومپىيۇتىر - قاتتىق جىسىملا ئەمەس . شۇڭا ئەسكىسىگە ئۇچراپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ ، ھازىرقى ۋە كىيىنكى سەۋىيىەگە ماسلىشىش كېرەك دىگەننى شەرىت قىلىڭ .ئالدىنىپ قالماڭ . بەزى كىشىلەر سىزنىڭ پۇلىڭىزنى بولىۋالمىسىمۇ ، ئالداپ ئېلىۋالالايدۇ ، ئۈزىڭىزگە ئۈزىڭىز مەسئۇل بولمىسىڭىز بولمايدۇ .
14.ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلاپ ئىشلىتەي دىگەن ، قانداق قاچىلايمەن ؟
جاۋاپ : ئەمدى توغرا قىلىۋاتىسىز ، چۈنكى مەن سىزگە ئەسكى نەرسىنى ياخشى دىمىدىم ، پەقەت سىز ئۈچۈنلا تەۋىسسىيە قىلدىم خالاس ، ماڭا ئىقتىزادى جەھەتتىن زىيان بولسا بولىدىكى پايدىسى يوق ، لېكىن مەن مۇشۇنداق قىلىشتىن قىممىتىمنى تاپالايمەن .
سىز ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن سېستىما ھۆججىتىنى توردىن چۈشۈرىسىز ،
ئاندىن ياندىسكا ياكى نۇردىسكىغا ئۇيىسىز ، ئەگەر ۋىندوۋىسنىڭ ئىچىدە مەۋھۇم سېستىما قىلىپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ، شۇنى قىلغىلى بولىدىغان يۇمشاق دىتال ئارقىلىق قاچىلىغىلى بۇلىدۇ ، ئۇيۇشنىڭ ھاجىتى يوق .
كومپىيۇتىرغا ھەقىقى قاچىلاش ئۈچۈن نۇردىسكا ياكى ياندىسكىغا ئۇيۇش كېرەك .
كومپىيۇتىرنى شۇ نۇر ياكى يان دىسكىدىن قوزغىتىمىز ، كۆرسەتمىلەر بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىزلا بولىدۇ ،
ئەنسىرىمەڭ ، ئانچە تەس ئەمەس ، ئازراق ۋاختىڭىز كىتىدۇ . ئەسلىدىكى سېستىمىنىمۇ ساقلاپ قالالايسىز ،
نەرسىلىرىڭىزنىمۇ ئىھتىياتسىزلىق قىلمىسىڭىزلا يۇقىتىپ قۇيىدىغان ئىش بولمايدۇ . بەك خاتىرجەم بۇلالمىسىڭىز ، يۈتسە بولمايدىغان نەرسىلەرنى سىرىتتىكى قاتتىق دىسكىڭىزغا يۆتكىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ ،
500 گىگابايىت ۋە ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ قاتتىق دىسكىنى كومپىيۇتىرىڭىزغا يۈتكۈزۈپ قانداق قىلىسىز ، 100 گىگابايىت بولسىمۇ يىتىپ ئاشىدۇ ، ئىسكىلاتىڭىزنى كومپىيۇتىرىڭىزدىن ئايرىپ ساقلىسىڭىز تېخىمۇ ئىلمى ئىش بولىدۇ .
15.ئۇيغۇرئىكىس سېستىمىسى كومپىيۇتىرىمغا ماس كىلەمدۇ ، كومپىيۇتىرىمنىڭ سۈرئىتىنى ئېغىرلىتىپ قۇيىشى ، ياكى بۇزۇپ قۇيىشى مۇمكىنمۇ ؟
جاۋاپ : بۇنداق بولمايدۇ ، سۈرئىتى ۋىندوۋىسنىڭكىدىن تىز .
16.ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلىسام ، ئەسلىدىكى سېستىمام ۋە ساقلانمىلىرىم يۇقاپ كىتەمدۇ ؟
جاۋاپ: ئىھتىياتسىزلىقتىن خاتا مەشغۇلات قىلسىڭىز يۇقاپ كەتمەيمۇ قالمايدۇ ، كۆرسەتمىلەر ئۇيغۇرچە ، خەتەرلىك مەشغۇلات قىلسىڭىز قايتا – قايتا ئەسكەرتمە سۇئاللار چىقىدۇ ، دىققەت قىلسىڭىز ھىچ ئىش بولمايدۇ .
17.ئۇيغۇرئىكىسنى ۋىندوۋىس بىلەن بىرگە ئىشلىتىش ئۈچۈن قانداق قىلىمەن ؟ قانداق ئۇسۇللىرى بار ؟ قانداق پەرىقلىرى بار ؟
جاۋاپ : بۇنىڭ 3 خىل ئۇسۇلى بار ،
بىرىنچىسى ، ئۇيغۇرئىكىسنى ۋىندوۋىسنىڭ ئىچىدە مەۋھۇم قىلىپ ئىشلىتىش
ئىككىنچىسى ، ۋىندوۋىسنى ئۇيغۇرئىكىسنىڭ ئىچىدە مەۋھۇم قىلىپ ئىشلىتىش
ئۈچىنچىسى ، قوش سېستىما قىلىپ قاچىلاپ ئىشلىتىش ،
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەگەر كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ قاتتىق سەپلىمىلىرىنىڭ ئىقتىدارى ياخشى بولسا ئىككىنچى خىل ئۇسۇل ئەڭ مۇۋاپىق بولىشى مۇمكىن .
.
18.ئۇيغۇرئىكىستە ئۇيغۇرچە خەت يېزىش ئۈچۈن يەنە نىمىلەرنى تۇلۇقلايمەن ؟
جاۋاپ : ھىچنىمە قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ياكى ubuntu tweak tool دىگەن قۇرالدىن پايدىلىنىپ خەت نۇسخىسىنى تەڭشىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ .
18.ئۇيغۇرئىكىستە كىتاپ ئۇقۇماقچى بولسام ،قايسى قۇرالنى قاچىلايمەن ؟
جاۋاپ: ئەسلىدىلا بۇنداق قۇرال تەييار ، باشقىسىنى قاچىلىسىڭىزمۇ نۇرغۇن .
19.كىنو ۋە ناخشىلارنى قويغىلى بۇلامدۇ ؟
جاۋاپ : ئەلۋەتتە . سىز تورسىز ھالەتتە بولسىڭىز (يېڭىلاشلارنى ، قۇشۇمچىلارنى ئورناتمىغان بولسىڭىز ) VLC media player قويغۇچ ئارقىلىق مېدىئا ھۆججەتلەرنى قۇيالايسىز .
20. چ چ قۇرالى بارمۇ ؟ ئۇيغۇرچە خەت يازغىلى بۇلامدۇ ؟
جاۋاپ : بار ، ئۇيغۇرچە خەت يازغىلى ۋە كۆرگىلى بولىدۇ ، ئۆلچەملىك چىقىدۇ . ( ئەپسۇس ، چ چ غا مەسئۇل ئورۇننىڭ ناكەسلىكى سەۋەپلىك ئۇيغۇرچە خەتلەر يوللانمايۋاتىدۇ ، بۇنىڭمۇ ئامالى چىقىپمۇ قالار . لېكىن ئۇبۇنتۇدا چ چ دىنمۇ ياخشى قۇراللار كۆپ )
21.ئۇيغۇرئىكىسنى قانچە خىل تىلدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ ؟
جاۋاپ : ھەرقانداق تىلدا .
22.كومپىيۇتىرىمنى باشقىلار بىلەن بىرگە ئىشلەتمەكچىدىم ؟ قانداق ئىشلەتسەم ئەڭ مۇۋاپىق ؟
جاۋاپ : مەسىلەن ، سىز بىر ياپۇن ، بىر خەڭسۇ ، بىر گىرمان ، بىر تۈرىك ، بىر ئەرەپ ۋە باشقىلار بىلەن بىر كومپىيۇتىرنى تەڭ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئايرىم ئايرىم ئىشلەتكۈچى تىزىمىنى بىكىتىپ ، ئىشلەتمەكچى بولغان تىلىنى ماس تەڭشەپ قويسىڭىزلا بولىدۇ .
23.ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ، يەنە قانداق تەڭشەكلەرنى ئېلىپ بارسام بولىدۇ ؟
جاۋاپ : ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن تورغا ئۇلاشنى تەڭشەيمىز ، ئاندىن يېڭىلانمىلارنى كۈرۈشكە كىرىپ يېڭىلاشلارنى ئورنىتىمىز ، خالىسىڭىز گوگىلنىڭ نىڭ ئەزالىقىغا تىزىملىۋالسىڭىز يەنە نۇرغۇن قۇلايلىقلار بار .
خەت نۇسخىلىرىغا ، كىرگۈزگۈچلەرگە ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈسسىڭىز بولىدۇ ، لازىملىق باشقا قۇراللارنى قاچىلاپ خالىغانچە ئىشلىتەلەيسىز ، لازىم بولمايدىغانلارنى خالىغانچە ئۈچۈرەلەيسىز .
24.ئۇيغۇرئىكىستە ۋىرۇسنى قانداق تازىلايمەن ؟
جاۋاپ : ۋىرۇس دىگەن نەرسە يوق دىسەكمۇ بولىدۇ ، تازىلايدىغان قۇرالمۇ سېستىمىنىڭ يۇمشاق دىتال مەرگىزىدە بار .
25.ئۇيغۇرئىكىستە كومپىيۇتىرنى تورغا قانداق ئۇلايمەن ؟
جاۋاپ : تېلفۇنىڭىزنى كۆكچىش ئۈسكىنىسى ئارقىلىق ياكى سىم ئارقىلىق ، ۋىفى ئارقىلىق ئۇلىيالايسىز ، ھەم تېلفۇنىڭىزنىڭ تور مۇلازىمىتى ئرقىلىق كومپىيۇتىرنى تورغا ئۇلىغىلى بولىدۇ ، جەريانلار مۇرەككەپمۇ ئەمەس . ئەتراپتىكى سىمسىز تورلارنى ئۇلىغىلىمۇ بولىدۇ . سىزنىڭ كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ ۋىفى قاتتىق ئۈسكىنىسى بولسىلا .
كەڭ بەلۋاغ تورىغا ئۇلاش پەقەت ئىككى كاتەكچىنى توغرا توشقۇزسىڭىزلا تامام بولىدۇ ،
يەنى ، سىملىق تور دىگەندىن dsl نى تاللاپ ، قوش نى بېسىپ - ئابۇنىت نامى ۋە ئىم دىگەن ئىككى كاتەكنىلا توشقۇزۇپ ، ئاپتۇماتىك دىگەن يەرنى تاللاش قىلىپ قويسىڭىز ، كومپىيۇتىر ئېچىلىپلا تورغا ئۇلىنىدۇ .
26.بارماق كومپىيۇتىر دىگەن نىمە گەپ ؟
جاۋاپ : مەن ئۇيغۇرئىكىسنى بارماقدىسكامغا ئۇيۇۋالدىم ، بۇ دىسكىنى خالىغان كومپىيۇتىرغا سېلىپ ، شۇ دىسكامدىن قوزغاتسام ، قوزغالغىنى مىنىڭ تەڭشەكلىرىم بۇيىچە كۈرىنىغان ئۈستەل يۈزى بولىدۇ ، مەن بۇنى بارماق كومپىيۇتىر دەپ ئاتاپ تۇردۇم . بۇ دىسكامدا شەخسى نەرسىلىرىمنىمۇ بىللە ئېلىپ يۈرەلەيمەن . ئۇندىن باشقا ھەرقانداق قاتتىق دىسكىغا ئۇيغۇرئىكىس (ئۇبۇنتۇ )نى قاچىلاپ ، باشقا كومپىيۇتىرلارغا ئىچىدىن ياكى usb ئارقىلىق ئۇلاپ ، كومپىيۇتىرنى قوزغاتقىلى بولىدۇ ، قاتتىق دىتاللىرىنى تۇنۇماسلىق مەسىلىسىنى مەن تېخى ئۇچرىتىپ باقمىدىم، ( بەشتىن ئارتۇق كومپىيۇتىردا سىناپ باقتىم .)
27.مەۋھۇم كومپىيۇتېر دىگەن نىمە گەپ ؟
جاۋاپ : كومپىيۇتىرنىڭ ئەسلى سېستىمىسىنىڭ كونتىروللىقى ئاستىدا ئورنىتىلغان يەنە بىر مەشغۇلات سېستىمىسى ، بۇ مەۋھۇم كومپىيۇتىر يەرلىك كومپىيۇتىردا ياكى توردىكى باشقا كومپىيۇتىرلاردا بۇلىشى مۇمكىن .
29.ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلىسام ،كومپىيۇتىرىمنىڭ قاتتىق سەپلىمىرىنى تۇنىماي قېلىشى مۇمكىنمۇ ؟
جاۋاپ : ھەممىنى تۇنۇيدۇ ، پەۋقۇلئاددە بولمىسىلا .
30.ئۇيغۇرئىكىس سېستىمىسى قانچە پۇل ؟
جاۋاپ : ھەقسىز . خالىس .
31.ئۈزەم قاچىلىيالمىسام قانداق قىلىمەن ؟
جاۋاپ: بىلىدىغان دوستىڭىزنى ، ياكى مىنى ئىزلەڭ .
چ چ 2304855410
32.ئۇيغۇرئىكىس سېستىمىسىنى ياندىسكا ياكى نۇردىسكىغا ئۇيۇپ ساتسام بۇلامدۇ ؟
جاۋاپ : بۇلىدۇ ، پەقەت دىسكىنىڭ ۋە ئەجرىڭىزنىڭ قىممىتى بويىچىلا ساتسىڭىز قانۇنغا خىلاپ يىرى يوق ، ئەمما سېستىمىنى سېتىشقا بولمايدۇ . (چۈنكى ئۇ سىزگىلا مەنسۇپ نەرسە ئەمەس )
33.ئۇيغۇرئىكىستە قايسى پىرۇگراممىلار ياخشىكەن ؟
جاۋاپ : كۆڭۈلدىكى تور كۆرگۈ گوگۇلنىڭ خىروم تور كۆرگۈچىسى بولۇپ ، تىزىملىتىپ ئىشلەتسىڭىز ئۈزىڭىزنىڭ توركۆرگۈڭىزگە يەنى ئۇلىنىش بىگىتىڭىزگە ئايلىنىدۇ .
مىدورى دىگەن بىر توركۆرگۈ باركەن ، بۇنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز ، ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ ئۆلچەملىك چىقماي قېلىشى ناتايىن .
compiz config دەپ بىر قۇرال بار ، بۇ ئارقىلىق 3D ئۈنىمىگە ئىرىشەلەيسىز .
باشقا بەك جىق ،
مەن بۇ ئۇيغۇرئىكىس(ئۇبۇنتۇ) نى ياخشى نەرسە بولغانلىقى ئۈچۈنلا تەۋىسسىيە قىلىۋاتىمەن .باشقا شەخسى مۇددىئايىم ئاساس ئەمەس ....
سىزگىمۇ يېقىپ قالغان بولسا ، باشقىلارغا تەۋۋىسسىيە قىلغۇڭىز كىلىشى مۇمكىن ...
www،qutbeg.com غا كىرىپ ، پىكىرلىرىڭىزنى قۇيۇپ قويغايسىز ....
ئەڭ بولمىغاندا ئۇيغۇر دىگەن نامدىن خاتىرجەم بۇلالمىسىڭىز ، ئۇبۇنتۇ 12.4 نى قاچىلاپ ، تەڭشەپ بەرسىڭىزمۇ ، ئوخشاش ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيسىز ...
يۇقىردىكى مەزمۇن ئىلگىرى قۇتبەگ بىلوگىدا يوللىغان تىمام ئىدى . دوستلارغا ئېيتىپ قۇيۇشقا تىگىشلىك بىر ئىش - قۇتبەگ بىلوگىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە بولىشىدا ئاخىرغىچە خالىس ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقانلارنىڭ بىرسى . ھىچقانداق ئىقتىسادى كىرىمنى ئويلاشماستىن ، قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى ئۇيغۇرۇم دەپ ئاتاۋاتقانلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن .
ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بىكەتلەر خېلى كۆپ بولسىمۇ ، نىمىشقىدۇ ئىشلەتكۈچىلەر
كۆپەيمەيۋاتىدۇ . ئالما كومپىيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسى دەپ تەشۋىقات قىلىنسا بەلكىم قېرىنداشلىرىمىزنى ئۇبدانلا جەلىپ قىلىشى مۇمكىن . ئەمما بۇ يەردە بىر مەسىلىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى ، ئالما شىركىتى پۇل ئۈچۈنلا مۇلازىمەت قىلىشنى پىرىنسىپ قىلغان ئورگان . بۇ جەھەتتە مىكروسوفىتتىنمۇ ئېشىپ چۈشىشى مۇمكىن . ئالما مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ پىرۇگىراممىلىرى پۇلغا سېتىلىدۇ . ۋىندوۋىس8 نىڭمۇ ئوخشاش . خۇددى ئۈزىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزنىمۇ سىستېمىنىڭ ئەسلى نۇسخسىنى سېتىۋالماي تۇرۇپ لايىقىدا ئىشلىتەلمەيمىز . بۇ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغۇچى ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭمۇ مۇشۇ سەۋەپلىك دىلى بىئارام بولىشى مۇمكىن .
ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېىسىغا مەسئۇل ئورگاننىڭ تۇتقان يولى ھەقىقەتەن ئىلمى ، بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش يوقسۇللۇقتا قالغان قەۋىملەرنىڭمۇ ئۆز ئانا تىلىنى ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش - ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىگى .
ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسى بىلەن ئۇيغۇرئىكىس مەشغۇلات سىستېمىسىنى بىر گەپ دەپ چۈشەنسىڭىزمۇ بولىدۇ .
نىمىشقا ئۇيغۇرئىكىس دەپ ئاتالغانلىقىنىڭ مۇددىئاسى تۈۋەندىكىدەك :
ئۇبۇنتۇ بولسا خەلىقئارادىكى جىمى ئادەمزاتقا ماس ھالدا تارقىتىلىدۇ . شۇڭا ئۇبۇنتۇ تەرەپ تارقاتقان دىتاللارنىڭ ئىچىدە
ئۇيغۇر خەلقىگە لازىم بولمايدىغان نۇرغۇن دىتاللار بار . يەنە كىلىپ يېڭىدىن قاچىلىغۇچىلار سىستېمىنى ئەڭ مۇۋاپىق تەڭشىلىشكە ئەكىلىش ئۈچۈن ئاز بولمىغان مەشغۇلات باسقۇچلىرىنى تاماملىشى زۈرۈر بولىدۇ .
شۇ ۋەجىدىن ئۇبۇنتۇغا ئۇيغۇر تىلىنى تەييارلاپ بەرگۈچى باتۇرلىرىمىز بىر پىكىرگە كىلىپ ئۇيغۇرئىكىس نامىدا ئۆزلەشتۈرۈلگەن
نۇسخىسىنى تارقىتىشنى توغرا تاپقان .
نۆۋەتتە تارقىتىلغان ئۇيغۇرئىكىس 1.0 سىناق نۇسخسى بىر يىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى . ئەپسۇسلىنارلىقى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ
كۆپەيمەسلىگى سەۋەپلىك ھەقىقى نۇسخسىنى چىقىرىش كەينىگە كىتىۋاتىدۇ . ئالاقىدار خەۋەرلەردىن كۆرە ئۇيغۇرئىكىسنىڭ
ھەقىقى نۇسخسى ئۇبۇنتۇنىڭ ئەڭ يېڭى مۇنتىزىم نۇسخسى چىققاندىن كىيىن يەنى ئۇبۇنتۇ 13.10 مۇنتىزىملاشقاندىن كىيىن ،
شۇ يېڭى نۇسخا ئاساسىدا ئۆزلەشتۈرۈلۈپ تارقىتىلماقچى ئوخشايدۇ . ( كىلەر يىلنىڭ باشلىرىدا تارقىتىلىشى ئىھتىمالغا يېقىن )
مەن تۈۋەندە ئۇيغۇرئىكىس - ئۇبۇنتۇنى ئىشلىتىشنىڭ بىرقانچە ئۇسۇللىرىنى بايان قىلاي .
1. ۋىندوۋىس ئىچىدە مەۋھۇم سىستېما قىلىپ ئىشلىتىش . بۇ ئۇسۇل ئەڭ ئاددى .
جەريانى - توردىن virtualbox دىگەن قۇرالنى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز . ئاندىن ئۇيغۇرئىكىس ياكى ئۇبۇنتۇنىڭ 12.2 نۇسخىسىنى چۈشۈرىمىز . مەۋھۇم سىستېما ياساش قۇرالى بولغان virtualbox ئارقىلىق ۋىندوۋىس ئىچىدە ئوخشاشلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ . كەمچىلىگى سەپلىمىسى تۈۋەن كومپىيۇتېرلاردا بەك ئېغىر ئىشلەپ قېلىشى مۇمكىن .
2. چۈشۈرۈۋالغان ئۇبۇنتۇ سىستېمىسىنى مەۋھۇم دىسكا قوزغاتقۇچ ئارقىلىق قوش سىستېما قىلىپ قاچىلاش .
بۇنىڭ ئۈچۈن ultiraISO دىگەن قۇرالنى قاچىلايمىز . قاچىلاش جەريانىدا تاللايدىغان رامكىلارنىڭ ھەممىنى تاللاپ قاچىلىساق ،كومپىيۇتېردا مەۋھۇم نۇر دىسكا قوزغاتقۇچ بار بولىدۇ . ( ۋىندوۋىستا كومپىيۇتېرىم نىڭ ئىچىدە مەۋھۇم نۇردىسكا قوزغاتقۇچ پەيدا بولىدۇ ) . بىز چۈشۈرگەن ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى مەۋھۇم نۇردىسكا قوزغاتقۇچتا ئاچساق ، ئىچىدە wubi ئاتلىق بىر پىرۇگىرامما بار ، شۇنى ئىجرا قىلساق قاچىلىغىلى بولىدۇ . قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغاتساق ،قوزغىلىش جەريانىدا whndows ۋە ubuntu نى تاللايدىغان ئورۇن چىقىدۇ . بىر كومپىيۇتېردا ئىككى سىستېما بار بولدى دىگەن گەپ . ( wubi دىگەن قۇرال ئارقىلىق ئۇيغۇرئىكىس 1.0 نى قاچىلىغىلى بولمايدۇ )
3. ultiraISO دىگەن قۇرال ئارقىلىق چۈشۈرۈۋالغان ئۇيغۇرئىكىس ياكى ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى بارماق دىسكىغا ياكى نۇردىسكىغا ئويىۋالغىلى بولىدۇ . مۇشۇنداق تەييارلىۋالغان دىسكىدىن كومپىيۇتېرنى قوزغىتىپ ، ئۇبۇنتۇنى سىناق ئىشلەتكىلى ياكى قاچىلىغىلى بولىدۇ . قاچىلاش جەريانىدا ئەسلى كومپىيۇتېردا بار بولغان سېستىمىغا چېقىلماستىن قاچىلاپ قوش سىستېمىلىق كومپىيۇتېر قىلىۋالغىلى ياكى ھەممىنى يوق قىلىپ ئۇبۇنتۇ ياكى ئۇيغۇرئىكىسنى قاچىلىغىلى ، ۋەياكى ئۈزىڭىز رايۇن بەلگۈلەپ قاچىلىغىلى بولىدۇ .
4. ئۇيغۇرئىكىس ياكى ئۇبۇنتۇنى بارماق دىسكا ياكى كۆچمە دىسكىغا قاچىلاپ ئىشلىتىش . بۇ ئۇسۇلدا سىستېمىنى قاتتىق دىسكىغا قاچىلىغانغا ئوخشاش بارماق دىسكىغا قاچىلىۋالىمىز . مۇكەممەل ئىشلەيدۇ . كومپىيۇتېردىكى ھەممە نەرسىنى باشقۇرغىلى بولىدۇ . ئەسلى سىستېمىغا قىلچىلىك تەسىر كۆرسەتمەيدۇ .( ئۈزىمىز قەستەن ياكى بىلمەسلىكتىن خاتا مەشغۇلات قىلمىساقلا ) . بۇ دىسكا بىلەن USB دىن قوزغاتقىلى بولىدىغانلىكى كومپىيۇتېردا ئۇبۇنتۇ سىستېمىسىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ .بارماق دىسكىنى يەنە ئىككى رايۇنغا ئايرىۋېلىپ ، بىر رايۇنغا سىستېمىنى قاچىلاپ ، يەنە بىر رايۇننى خالىغان ئىشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ . ئىشلەتمەكچى بولغان دىسكىمىزنىڭ سىغىمى ئاز بولغاندا 8 گىگابايىت بولىشى كېرەك .
سىز مۇشۇنداق بارماق كومپىيۇتېردىن بىرنى تەييارلىۋېلىپ ، خالىغان كومپىيۇتېرنى شۇ دىسكىدا قوزغاتسىڭىز ، ھەممە يەردە
ئۈزىڭىزگە تەۋە بولغان كومپىيۇتېرنى ئىشلەتكەندەكلا بولىسىز . سىزنىڭ ئىزلىرىڭىز مۇشۇ بارماق دىسكىدا ساقلىنىدۇ .
ئىشلەتكەن كومپىيۇتېرنىڭ ئىچىدىكى قاتتىق دىسكىلارغا بىرنەرسە يۈكلىمىسىڭىزلا ، ئۇ كومپىيۇتېردا سىزگە مۇناسىۋەتلىك ھىچنىمە تېپىلمايدۇ .
ئەگەر سىزدە ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىش ئىرادىسى شەكىللەنگەنلا بولسا ، ئىككىلىنشنىڭ ھاجىتى يوق ، سىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىن ساۋادىڭىزلا بولىدىكەن ، خاتىرجەم ئىشلىتەلەيسىز . ئەلۋەتتە ئازراق ئۈگىنىش جەريانى لازىم . ۋىندوۋىسنى بىر يىل ئۈگەنگەننىڭ ئورنىغا ئۇبۇنتۇنى بىر ئايلا ئۈگەنسىڭىز مەقسىدىڭىزگە يىتەلەيسىز .
ئۇبۇنتۇ ئاساسىدا ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئەرەپلەرنىڭ سابىلىي دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر مەشغۇلات سىستېمىسى بار ، بۇنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ . بىلىشىمچە بۇ سىستېمىدا ئىسلامى مەدىنيەتكە ئىتىبار بىرىلگەن . مەنمۇ بۇ سىستېمىنى چۈشۈرۈپ قويدۇم . پات يېقىندا قاچىلاپ كۈرۈپ باقماقچى بولىۋاتىمەن .
ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسى گىرمانىيىدىكى ئالى مەكتەپكە كىرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىنىدكەن ، يەنى لىنوكىس سىستېمىسىنى ئىشلىتىشنى بىلمىگەنلەر ئالى مەكتەپكە كىرەلمەيدىكەن . ئالى مەكتەپلەردە قوللىنىش نىسبىتى 95 پىرسەنت
ئىكەن .
ئەگەر سىز قەتئى نىيەتكە كەلگەن بولسىڭىز ، مەن سىزگە تۈۋەندىكىدەك ئۇسۇللاردا ياردەم قىلالايمەن .
1. ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان بارماق دىسكا بىلەن تەمىنلەيمەن ياكى سىز ئەكەلگەن بارماق دىسكىغا قاچىلاپ بىرىمەن .
2. ئۇبۇنتۇ سىستېمىسىنى قاچىلىغىلى بولىدىغان نۇردىسكا ياكى بارماق دىسكا بىلەن تەمىنلەيمەن .
3. توردا ياكى ئۆيىمدە ۋەياكى سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە ئۇبۇنتۇ سىستېمىسىنى ئىشلىتىشنى ئۈگىتىپ قۇيىمەن.
مەن بىلەن مۇنداق ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ .
يانفۇن 18040792543 چ چ 2304855410 ئۈندىدار sebir8213313
yixin ( ئۈندىدارغا ئوخشايدىغان يەنە بىر مۇڭداشقۇ ) -iztapuyghur
YY دا uyghurix
سكايپتا sebirhayat
XCHat ( ئۇبۇنتۇدىكى تېخىمۇ قۇلاي ئالاقە قۇرالى ) دا uyghurix
ئىلخەت sebirhayat@gmail.com
sebir@qq.com
سىزگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش مىنىڭ شەرىپىم .
بەزىبىر مەلۇماتلارغا قارىغاندا كىلەر يىلى مىكروسوفىت تەرەپ windows xp غا بولغان بارلىق مۇلازىمەتلىرىنى توختاتماقچىكەن . ۋىندوۋىس 8 گە ئىرىشىش ئۈچۈن خېلى جىق پۇل كېرەك . شۇڭا ھەر ئىھتىمالغا يارىشا پۈتۈنلەي ھەقسىز ھەم ئانا تىلىمىزنى خەلىقئارالىق تىل سۈپىتىدە قوللاپ بەرگەن ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئۈگىنىپ قويسىڭىز زىيىنى تەگمەيدۇ .
ئاخىرىدا ئۈزۈم تەييارلىغان مۇنۇ كىتاپچىنى كۈرۈپ پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ . ( كىيىنچە تېخىمۇ تۇلۇق قىلىپ بىر كىتاپچە تەييارلىماقچىمەن ) http://pan.baidu.com/share/link?shareid=2549209029&uk=70607647
يەنە بۇرۇنقى ماۋۇ يازمىنىمۇ بۇ بەتكە چاپلاپ قويدۇم :
مەن نىمىشقا ئۇبۇنتۇنى تاللىدىم
- مەن بۇ تېمىنى چۈشىنىشلىك يېزىپ تاماملاش ئۈچۈن ، يەنىلا نۇرغۇن تەھلىللەرنى قىلشقا مەجبۈركەنمەن ، بىر نەچچە قېتىم يېزىشقا تەمشەلگەن بولساممۇ ، دىققىتمنى يىغالماي خاتا سۆزلەپ قۇيۇشتىن ئەندىشە قىلىپ ، يازمىغان ئىدىم ، بۈگۈن پۈتۈن سەمىمىلىك ۋە ئىلمىيلىك پىرىنسىپىنىڭ كونتىروللىقى ئاستىدا قەتئى يېزىپ چىقىش قارارىغا كەلدىم ...-!
ئالدى بىلەن گەپنى ئۈزەمگە سۇئال قۇيۇشتىن باشلاي .
مەن كومپىيۇتىرنى نىمىگە ئىشلىتىمەن ؟
جاۋاپ : كىتاپ ئوقۇشقا ، رەسىم كۈرۈشكە ، كىنو كۈرۈشكە ، ناخشا ئاڭلاشقا ، خاتىرە يېزىشقا ، ماتىريال ساقلاشقا ، ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەرنى ئىزدەشكە ، دوستلار بىلەن ئالاقە قىلىشقا ... قاتارلىقلارغا ئىشلىتىمەن .
ئۇبۇنتۇ بىلەن ئۇچرىشىتىن 10 نەچچە يىللار ئىلگىرىدىن باشلاپ ۋىندوۋىسنى ئىشلىتىپ كەلگەن ئىدىم ، ئۇبۇنتۇنى ئىشلىتىۋاتقىنىمغا يېرىم يىل بوپتۇ ، بۇ سېستىمىنى ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىمدە نۇرغۇن سەۋەپلەر بار ، بۇ يەردە كۆپچىلىككە سەمىمى ئىقرار قىلماقچىمەن .
1. ئۇبۇنتۇنى كومپىيۇتىرغا قاچىلاش ئىنتايىن ئاسان ، كومپىيۇتىردا ئەسلى بار بولغان سېستىمىنى يۇيۇۋەتمەستىن ، ئاپتۇماتىك تەڭشەپ قاچىلىلىغىلى بولىدۇ .
سېلىشتۇرما : ۋىندوۋىستا بۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ ، بولسىمۇ مۇرەككەپ جەريانلار كىتىشى مۇمكىن .
2. ئۇبۇنتۇدا ئوخشىمىىغان تىللارنى ئاسانلا ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ ،
سېلىشتۇرما : ۋىندوۋىستا ئۈزىمىزگە مەنسۇپ بولغان ئانا تىلىمىزنى باشقىلار بىزگە پۇلغا ساتىدۇ .
3. ئۇبۇنتۇ سېستىمىسىدا ئانا تىلىمىز ھەقىقى گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىدۇ .
سېلىشتۇرما : ۋىندوۋىستا ئانا تىلىمىز ئەرەپ تىلى ۋە باشقا تىللارغا بېقىنىدۇ .
4. ئۇبۇنتۇ سېستىمىسى تىللارنى چوڭ كىچىك دەپ ئايرىمايدۇ . ھەممىسىگە پۇرسەت بىرىدۇ .
سېلىشتۇرما : ۋىندوۋىستا بولسا نەچچە ئون يىلدا ئاران بىرەر قېتىم پۇرسەت بىرىدۇ .
5. ئۇبۇنتۇنى قاچىلىغاندىن كېيىن ، ئانا تىلىمىزنى كۆڭۈلدىكى تىل سۈپىتىدە تەڭشەش ۋە خەت نۇسىىلىرىنى بەلگۈلەش تۇلىمۇ ئاسان .
سېلىشتۇرما : ۋىندوۋىستا بولسا سەۋىيىسى تۈۋەن كىشىگە نىسبەتەن تۇلىمۇ قىيىن .
6. ئۇبۇنتۇنى قاچىلىغاندىن كېيىن ، قۇشۇمچە ئورنىتىدىغان دىتاللار كۆپ ئەمەس ، قاچىلاش ۋە قاچىلىماسلىقىزنى ئۈزىمىز بەلگۈلەيمىز ، بىرسىنى قاچىلىساق باشقىسىنى قاچىلامسىز دەپ سورىمايدۇ . ئۈچۈرۈشمۇ تىنىچ تامالىنىدۇ .
سېلىشتۇرما : ۋىندوۋىستا بولسا بىر دىتالنى قاچىلاش مەشغۇلاتى قىلغاندا ، باشقا دىتاللارنىمۇ قاچىلاشنى سۇرايدۇ ، سىزنىڭ ۋاختىڭىز بىلەن ھىساپلاشمايدۇ . سىزنى كىچىك بالىدەك ئەخمەق قىلىدۇ .سىز چەتئەل تىلىنى بىلمىسىڭىز خالىغانچە كىيىنكى قەدەمنى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ . كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كىتىدۇ . ئۈچۈرمەكچى بولسىڭىز سىزدىن نىمە سەۋەپتىن ئۈچۈرمەكچى دەپ سۇراپ تۇرىۋالىدۇ ، سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنىڭ قىلچە ئىتىۋارى بولمايدۇ . چەتئەل تىلىنى بىلمىگەن كىشىگە تېخىمۇ تەس .
8. ئۇبۇنتۇدا مەيلى يەرلىك ۋە مەيلى توردا بولسۇن ، ئانا تىلنى چىرايلىق يازغىلى ۋە كۆرگىلى بولىدۇ .ئارتۇق تەڭشەشلەرنى تەلەپ قىلمايدۇ .
سېلىشتۇرما : ۋىندوۋىستا بولسا بىز ئەڭ ياقتۇرۇپ ، ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان چ چ قۇرالىنىمۇ ئانا تىلىمىزدا ئىشلىتىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمەيۋاتىمىز .
9. ئۇبۇنتۇدا پىرۇگراممىلارنىڭ ئىگەللەيدىغان سىغىمى كىچىك ،
قاچىلىنىشى تىز تاماملىنىدۇ .پىرۇگىراممىلارنى توردىن ئىزدەش زۈرۈرىيىتى يوق دىيەرلىك . بولغاندىمۇ چۈشۈرۈش جەريانى ئاسان ۋە تىز .
سېلىشتۇرما : ۋىندوۋىستا بولسا ئىچىڭىزنى پۇشۇرىدىغان باسقۇچلار تۇلا . سىزنىڭ ۋاختىڭىزنى ئېلىپ ، تىرىكتۈرۈپ ، ھالىڭىزنى قويمايدۇ .
10. ئۇبۇنتۇدا ۋىرۇس دىگەن نەرسىگە يۇچۇق قالدۇرۇلمىغان ئوخشايدۇ . ۋىرۇسخور قاچىلاسنى تەلەپ قىلمايدۇ .
سېلىشتۇرما : ۋىندوۋىستا بولسا قاچانلا قارىسىڭىز ۋىرۇس تارقاتقۇچى ۋىرۇسخور پىرۇگراممىلىرىنىڭ ئىلانىدىن قۇتۇلالمايسىز .
11. ئۇبۇنتۇ سېستىمىسى قاچىلانغان قاتتىق دىسكىنى ھەرقانداق كومپىيۇتىردا ئوخشاشلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ . كومپىيۇتىرنىڭ قاتتىق ئۈسكىنىلىرىگە ئورتاق بولغان قوزغاتقۇچلار تەمىنلەنگەن .
سېلىشتۇرما : ۋىندوۋىستا بولسا دەل ئەكسىچە ،
12. ئۇبۇنتۇ سېستىمىسى پۈتۈن دۇنيادىكى مەۋجۇتلىقىنى يۇقاتمىغان ھەممە ئادەمگە ئوخشاش مۇلازىمەت قىلىدۇ .
سېلىشتۇرما : ۋىندوۋىس بولسا سانى ۋە پۇلى كۆپ مىللەت كىشىلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ .
13. ئۇبۇنتۇ سېستىمىسى ئەڭ ئالدى بىلەن سىزنىڭ ۋاختىڭىز ۋە خىزمەت ئۈنىمىڭىزنى ئويلىشىدۇ ،
سېلىشتۇرما : ۋىندوۋىس بولسا شەخسىيەتچى كىشىلەر ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ ، ۋاقىت ئىسراپچىلىقىغا ئازادە يول ئېچىپ بىرىدۇ .
14. ئۇبۇنتۇ سېستىمىسى كۈندە دىگۈدەك ماس قەدەمدە ھەقسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ .
سېلىشتۇرما : ۋىندوۋىس بولسا نەچچە يىلدا بىر قېتىم يېڭىلىنىپ ، بانكا كارتىڭىزنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر قىلىدۇ .
مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ ئاۋال ئويلايدىغىنى پۇل ، جۈملىدىن بايلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت .
15. ئۇبۇنتۇ مەۋجۇت تىل ۋە يېزىقىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى تەۋىسسىيە قىلىدۇ ،
سېلىشتۇرما : ۋىندوۋىس بولسا سانى ۋە پۇلى كۆپ قەۋىملەرنىڭ
مەدىنىيىتىنى ساقلاپ قېلىپ ، باشقىسىنى يۇقىتىشنىڭ باشلامچىسى .
مۇشۇنچىلىك بوپ تۇرسۇن ، ئاساسەن ھىس قىلغانلىرىمنى يېزىپ بولغان ئوخشايمەن ، ئەمدى ئۇبۇنتۇدىكى ئىشلىتىشمىزگە ئەرزىيدىغان
بىر نەچچە ئالاھىدىلىكنى تەھلىل قىلىمەن :
1. ئۇبۇنتۇدا گوگىلنىڭ ئانا تىلىمىزغا ئۆزلەشتۈرۈلگەن تور كۆرگۈچىنى گوگىل ئىلخەت نامىمىز ئارقىلىق تيزىملىتىپ ئىشلەتسەك ، ئۇ بىز ئۈچۈن بەكمۇ قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ . بىزگە مۇناسىۋەتلىك تارىخنى ساقلايدۇ ، مەيلى قايسى كومپىيۇتىردا تورغا ئۇلانمايلى ، دائىملىق مەزمۇنلارنى ئۆزلۈگىدىن كۆرسىتىپ ، مەشغۇلات ئۈنىمىنى يۇقىرى كۈتىرىشىمىزگە ياردەم بىرىدۇ .
بۇ يەردە سىناق قىلىپ كۈرۈشكە ئەرزىيدىغان بىر ئىش بار ، يەنى بىز بىر گىمائىل خەت نامىدا گوگىل تور كۆرگۈچىسىگە تىزىملىتىپ ، دائىملىق ئاممىۋى مەزمۇن ۋە ئۇلىنىشلارنى رەتلەپ ۋە تەڭشەپ ، شۇ تىزىملاتقان گىمائىل خەتنىڭ ئادرىس نامى ۋە مەخپى نۇمۇرىنى ھەمدە باشقا بىخەتەرلىك تولدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان مەزمۇنلارنى دوستلۇرىمىزغا ئەۋەتىپ بەرسەك ، كۆپلىگەن ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ، شۇ تىزىملىك بىلەن كىرىپ ، ئىنتايىن قۇلاي بولغان تور كۆرگۈگە ئىگە بۇلالىشى مۇمكىن .بىر قېتىم تىزىمغا كىرىپ بولغاندىن كىيىن ، قايتا تىزىملىتىشنىڭ زۈرىرىيىتى بولماسمىكىن دەيمەن ، مەن بۇنى بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ كومپىيۇتىردا ئىشلىتىپ باقتىم زادى بىرلا ۋاقىتتا نەچچە كومپىيۇتىردا ياكى نەچچە رايۇندا ئىشلەتكىلى بۇلۇش ئىمكانىيىتى بارلىقى ھازىرچە ماڭا قاراڭغۇ ، ئەگەر مۇشۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىشنى خالايدىغانلار بولسا مەن بىلەن كۆرۈشۈڭلار ، مەن سىلەرگە ئۈزەم تەييارلىۋالغان تىزىملىكنى ئەۋەتىپ بىرەي .
بۇ ئۇسۇلنى ئەلۋەتتە ۋىندوۋىس مۇھىتىدىمۇ ئىشلەكىلى بولىدۇ ، ( گەرچە خەتلەر ياخشى بولمىسىمۇ )
2. ئۇبۇنتۇ مۇھىتىدا تۇرۇپ ، مۇڭداشقۇ قۇرالىنى ئىشلەتكەندە ئانا تىل يېزىقىمىزنى بىمالال چىرايلىق ئىشلىتەلەيمىز .
ئۇبۇنتۇدا ئەڭ ئىقتىدارلىق ، بىزگە ئەڭ مۇۋاپىق كىلىدىغان بىر مۇڭداشقۇ قۇرالىنى ئورتاق ئىشلەتسەك ، دوستلار ئارا ئانا تىلىمزنىڭ قىممىتىنى ھىس قىلغان بۇلار ئىدۇق .
ۋىندوۋىستىن ئايرىلىشنىڭ زۈرىرىيىتى يوق ، پەقەت ئۇبۇنتۇ سېستىمىسىنى ۋىندوۋىس ئىچىگە مەۋھۇم قىلىۋالساقمۇ بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ ،
ئۇ چاغدا بۇ مۇڭداشقۇ بىزنىڭ ئەركىن - ئازادە پاراڭ قىلىدىغان سورۇنىمىز بوپ قالاتتى .
3. ئۇبۇنتۇ مۇھىتىدا ئوخشاشلا بىر گوگىل ئىلخەت نامىدا ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دىتال مەرگىزىگە تىزىملىتىۋالساق ، كومپىيۇتىرلارنى قەدەمداش قىلىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ، ئۈزىمىزنىڭ كومپىيۇتىرىغا قاچىلانغان يۇمشاق دىتاللار بىلەن باشقىلارنىڭ كومپىيۇتىرىدىكىنى سېلىشتۇرۇپ تۇرغىلى بولىدۇ . بۇ ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ ، ئەڭ ياخشى پىرۇگراممىلارنى ۋاختىدا خەۋەردار بولۇپ ئىشلىتەلەيمىز . مەن بۇنى ئۈيۈمدە ئۈچ كومپىيۇتىردا سىناپ باقتىم .
4. ئۇبۇنتۇنىڭ كۆڭۈلدىكى بىللە قاچىلانغان مۇڭداشقۇ قۇرالى ئارقىلىق ، پاراڭلاشقىلى بولغاندىن باشقا ، ھۆججەتلەرنى ئۆزئارا يوللىغىلىمۇ بولىدۇ . بۇ ماڭا كۆپ قۇلايلىق تۇغدۇرۇپ بەردى .
5. ئۇبۇنتۇ سېستىمىسىدا ماڭا ئەڭ ياققان بىر ئالاھىدىلىك قىلماقچى بولغان مەشغۇلاتنى ناھايىتى تىزلا ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولىدۇ ، توردىكى دائىملىق پىرۇگراممىلارنى ئىكران يۈزىگە تىزلەتمە قىلىپ ساقلىغىلى ۋە تۈرلەر بۇيىچە قىسقۇچلارغا ئايرىپ ، رەتلىك ساقلاپ قويغىلى ، تىنىچ ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ . مىسال ، ھەقسىز بوشلۇقلار ، تېلۋىزۇر ئۇلىنىشلىرى ، چ چ قۇرالى ، توردىكى ئۈندىدار ، لۇغەت ، ئىملا تەكشۈرگۈچ ، تور ئۇيۇنلىرى ... ۋەھاكازالارغا ئوخشاشلارنى تىزلەتمە قىلىش بەكمۇ قۇلاي .
6. ئۇبۇنتۇدا تىللارنى ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنى خالىغانچە تەڭشىگىلى بولغاچقا ، چەتئەل تىلىدا ئىشلىتىش زۈرۈرىيىتى تۇغۇلسىمۇ ، ئاسانلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ .
7. ئۇبۇنتۇنى بارماق دىسكىغا قاچىلىۋېلىپ ، ئەڭ نۇرمال تەڭشەشلەرنى ماس ھالدا ساقلاپ قويغاندا ، بىر كۈنلەردە سېستىمىنى ياكى كومپىيۇتىرنى ئالماشتۇرۇش توغرا كەلسە ، بىز تەييارلىغان بارماق كومپىيۇتىر بەك ئەسقاتىدۇ . دىسكا رايۇنلىرىنى تەڭشەش ، پىرۇگراممىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ، تەڭشەشلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق زۈرۈرىيەتلەردە بۇنىڭ رۇلىنى سەل قارىغىلى بولمايدۇ .
ئەزىز قېرىنداشلار ، مەن بۇ يازمامدا ھەقىقى ئىشنىلا سۆزلىدىم ، شەخسى مۇددىئا دىگەنگە ئورۇن قويمىدىم . لېكىن شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمەنكى ، ھازىر بولمىسىمۇ ئۇزاققا قالماي بىزگە ئوخشاش بېقىندىلىقتا ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۇبۇنتۇ بىلەن ۋىندوۋىسنىڭ پەرقىنى كۈرۈپ يىتىدۇ .
مەن ياخشى نەرسىنى تەۋىسسىيە قىلماسلىقنى شەخسىيەتچىلىكنىڭ جۈملىسىدىن دەپ قارىغاچقا بۇ يازمىنى تەييارلىدىم . يازمامدا قېيىپ كەتكەن مەزمۇنلار بوپ قالغان بولسا توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۇمىد قىلىمەن .
ھۆرمەت بىلەن :
سەبىر قادىر
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى : يازمامدا بىكىتىڭىزنىڭ پىرىنسىپلىرىغا مۇخالىپ كىلىدىغان نوقتىلار يوق بۇلىشى مۇمكىن . ئەگەر شۇنداق مەزمۇنلار بوپ قالسا قەستەن قىلمىغانلىقىمىنى چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .
قىممەتلىك ۋاختىڭىزنى چىقىرىپ تەھرىرلىۋەتسىڭىز تۇلىمۇ مەمنۇن بولغان بۇلار ئىدىم .
رەھمەت .
2013 -يىل 25 -ئاۋغۇست
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-25 01:21 PM