مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1199|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇرئىكىس-ئۇبۇنتۇنى قاچىلاشتىن-ئىشلىتىشلەرگىچە (2-قىسىم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95586
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1114
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-26 10:20:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

           ئۇيغۇرئىكىس-ئۇبۇنتۇنى قاچىلاشتىن-ئىشلىتىشلەرگىچە (2-قىسىم)


ئالدىنقى قىسىمدا ئۇيغۇرئىكىس-ئۇبۇنتۇنى ۋىندوۋىسنىڭ ئىچىگە مەۋھۇم سىستېما قىلىپ قاچىلاشتىن چۈشەنچە بەردىم. ئەمدىكى مەزمۇن ئۇيغۇرئىكىس-ئۇبۇنتۇنى ھەقىقى قاچىلاش ھەققىدە بولسۇن ...
بىز ئۇيغۇرئىكىس1.0 (سىناق نۇسخا ) ياكى ئازادە ئۇيغۇرئىكىس 1.4 (ئۆزلەشتۈرۈلگەن نۇسخا) ۋە ياكى ئۇبۇنتۇنىڭ خەلىقئارلىق ئەسلى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ، كومپىيۇتېرغا قانداق قاچىلاشنى ئويلىشىمىز .
ئۇبۇنتۇ 12.04 نى چۈشۈرگەن بولساق ، ۋىندوۋىسنىڭ ئىچىدە تۇرۇپمۇ قاچىلىغىلى بولىدۇ . بۇ يەردە بىز ISO
ناملىق ھۆججەتنى ئاچقىلى بولىدىغان مەۋھۇم نۇردىسكا قوزغاتقۇچقا ھاجەت بولىمىز . بۇنىڭ ئۈچۈن UltraISO دىگەن پىرۇگىراممىنى  بۇ يەردىن http://yunpan.cn/QnLUJBIR4HNZz چۈشۈرۈپ قاچىلىساق بولىدۇ .
قاچىلاش جەريانىدا تاللاشقا بولىدىغان كاتەكلەرنىڭ ھەممىسىنى تاللاش قىلىپ قويساق ، كومپىيۇتېردا مەۋھۇم نۇردىسكا قوزغاتقۇچمۇ پەيدا بولىدۇ ubuntu12.04.2.iso دىگەن ھۆججەتنى مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن چىكىمىز .

20130728170353546.jpg

6598114302702944618.jpg

بۇ يەرنى تەڭشىگەندە سولدىكى بىرىنچى رامكا سىستېمىنى قاچىلايدىغان رايۇن ، قايسى رايۇننى تاللىساق بولىدۇ ، ئەسلى بار نەرسىلەرگە دەخلى قىلمايدۇ . مۇھىمى بىكار بوشلۇق بولىشى كېرەك . ئاستىدىكى رامكىنى 10GB دىن چوڭراق بەلگۈلەڭ .ئوڭ تەرەپتىكى بىرىنچى رامكىدىن ئۈزىڭىز تۇنۇيدىغان تىلنى تاللاڭ . ئاستىدىكى ئىشلەتكۈچى نامىڭىز ( ئىختىيارى )، ئاستىدىكى ئىككى كاتەككە مەخپى نومۇرنى ئوخشاش كىرگۈزۈپ ، 安装
نى باسىمىز . تامام بولغاندىن كىيىن كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىش ئۇچۇرى چىقىدۇ . كومپىيۇتىرىڭىز قوش سىستېما بولدى دىگەن گەپ . ( ئەسكەرتىش ، ئۇبۇنتۇنى wubi ئارقىلىق قاچىلاش تەۋىسىيە قىلىنمايدىكەن ،
شۇڭا مەنمۇ تەۋىسسىيە قىلمايمەن )

ئەمدى ئۇبۇنتۇنى بارماق دىسكىغا ئۇيۇش ، نۇر دىسكىغا ئۇيۇش ۋە بۇ دىسكىلاردىن ئۇبۇنتۇنى سىناق ئىشلىتىش ياكى قاچىلاشنى بايان قىلىمەن .


ئوخشاشلا چۈشۈرۈۋالغان ISO ناملىق ھۆججەتنى مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىدا چىكىمىز .
بارماق دىسكىغا ئويماقچى بولساق ---
20130728165916203.jpg

用 UltraISO打开 نى تاللايمىز.
20130728165943859.jpg

چىققان كۆزنەكتىن رەسىمدىكىنى باسىمىز .
20130728170011156.jpg

بۇ يەردىن 启动 نى باسىمىز .
20130728170042484.jpg

...写入硬盘 نى باسىمىز.
20130728170109593.jpg

ئىشلەتمەكچى بولغان بارماق دىسكىنى چاتىمىز ( چېتىقلىق ھالەتتە بولسا بۇيەردە كۈرۈنىدۇ 4 گىگابايتتىن چوڭ دىسكا بولىشى كېرەك ) رەسىمدىكىدەك تاللاپ 格式化 قىلىمىز . بارماق دىسكىدىكى ھەممە نەرسە يويۇلىدۇ  .  تامام بولغاندىن كىيىن 写入 نى باسىمىز . قوزغاتقۇچ بارماق دىسكا ياسىلىدۇ .
بۇ بارماق دىسكا بىلەن ئۇبۇنتۇنى سىناق ئىشلەتكىلى ياكى قاچىلىغىلى بولىدۇ .


نۇردىسكىغا ئويۇش ئۈچۈن---  ئوخشاشلا چۈشۈرۈۋالغان ISO ناملىق ھۆججەتنى مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىدا چىكىمىز .
20130728170353546.jpg

刻录光盘 نى تاللايمىز .
20130728170537265.jpg

بۇ يەردە ئۇبۇنتۇنىڭ ئەسلى نەشرىنى ئىشلەتكەن بولساق VCD دىسكىسى بولسىمۇ بولىدۇ .
سىغىمى يىتىشمىسە ئۇچۇر چىقىدۇ ، ئۇيغۇرئىكىس ئۈچۈن DVD دىسكىسى بولىشى كېرەك ، دىسكىنى سالغاندىن كىيىن ، 刻录 نى باسساق  ئۇبۇنتۇنى قاچىلاش نۇر دىسكىسى پۈتىدۇ .

بىزدە قاچىلاش دىسكىسى بار بولدى .
بۇ دىسكىنى ۋىندوۋىسنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئىشلەتمەيمىز . بىزنىڭ مەقسىدىمىز كومپىيۇتېرنى مۇشۇ بارماق دىسكا ياكى نۇر دىسكىدىن قوزغىتىش . شۇڭا كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىمىز . بارماق دىسكىنى ياكى نۇر دىسكىنى كومپىيۇتېرغا سالىمىز .
بەلكىم كومپىيۇتىرىمىز ئەسلىدىن نۇر دىسكا ياكى بارماق دىسكىلاردىن ئاۋال قوزغىلىدىغانغا تەڭشەكلىك بولىشى مۇمكىن . يەنىلا قاتتىق دىسكىدىن قوزغىلىۋېلىشىمۇ مۇمكىن .
ئۇبۇنتۇنى قاچىلاشتىكى ياكى بارماق دىسكىدىن قوزغىتىپ ئىشلىتىشتىكى ئەڭ مۇھىم نوقتا دەل مۇشۇ مەسىلە بولىۋاتىدۇ . ۋىندوۋىسنى قاچىلاشتىمۇ شۇنداق .
بۇنى قانداق تەڭشەش كېرەك ؟
يەنى كومپىيۇتىرىمىز سىستىمىغا كىرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بارماق دىسكىنى ياكى نۇر دىسكىنى تەكشۈرۈشى كېرەك .
شۇنداق بولغاندا بارماق دىسكا ياكى نۇر دىسكىدا كومپىيۇتېرنى قوزغىتالايدىغان سىستېما بار بولسا ، كومپىيۇتېر شۇنىڭدىن ماس ھالدىكى سىستېمىغا كىرىدۇ . بۇ ۋاقىتتا قاتتىق دىسكا مۇھىم رول ئوينىمايدۇ .

كۆپىنچە كومپىيۇتېرلاردا F12 كۇنۇپكىسىنى باسساق ، كومپىيۇتېرنى قايسى ئۈسكىنىدىن قوزغىتىشنى تاللايدىغان تاللانما چىقىدۇ . ( USB قوزغىتىش تاللانمىسى يوق بولىشىمۇ مۇمكىن )
پەۋقۇلئاددە كومپىيۇتېرلاردا USB قوزغىتىشقا تەڭشىگىلى بولمىغاندىن باشقا ، ئاساسەن ھەممىدە تەڭشىگىلى بولىدۇ .

كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغاتقاندىن كىيىن ، بىرىنجى ئىكراندىن چىقىپ كىتىشتىن بورۇن del , F1 , F2 , ESC
قاتارلىق كۇنۇپكىلارنى بېسىش ئارقىلىق سىستېما تەڭشەك رايۇنىغا كىرگىلى بولىدۇ . ( كومپىيۇتېرنىڭ ئاساسى تاختىسىغا قاراپ بۇ مەشغۇلاتلارمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن .)  بۇ ھەقتە تەپسىلى يازما يېزىشقا مەنمۇ ئامالسىز قالدىم ، دىمەكچى ، كومپىيۇتېردىن ياخشىراق خەۋىرى بولغان ئادەم شۇ يەردىكى ئىنگىلىسچە خەتلەرگە قاراپ
تەڭشەپ كىتەلەيدۇ . ئىنگىلىسچىنى بىلىدىغانلار ئۈچۈن بۇ ئاسان . مەنمۇ ئىنگىلىسچىنى بىلمەيمەن ، ئەمما كومپىيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مەزمۇنلارنى پەرىق قىلالايمەن .
بۇ يەرنى تەڭشەش ئۈچۈن يەنىلا دوستىڭىزدىن ياردەم سۇراڭ .ياكى كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ ئەھۋالى بويىچە تىما ئاستىدا ئىنكاس قىلىڭ .

بۇ يەر تەڭشىلىپ بولغاندىن كىيىن كومپىيۇتىرىمىز ئۇبۇنتۇنى قاچىلاش ياكى سىناپ كۈرۈش باسقۇچىغا كىرىدۇ .
كىيىنكى جەريانلار بىرىنچى قىسىم تىمىدىكى ئۇيغۇرئىكىسنى مەۋھۇم قىلىپ ئورنىتىش جەريانغا ئوخشايدۇ .

ئوخشىمايدىغان بىرلا يىرى بار . ئۇ بولسىمۇ ئۇبۇنتۇنى قايسى رايۇنغا قاچىلاش مەسىلىسى .
ئېكران كۆرۈنۈشىنىڭ ئورنى 2013-07-31 23_06_41.png

قاچىلاش قەدەم باسقۇچلىرى داۋاملىشىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك .
مەيلى قايسى تىلنى تاللىمايلى بۇ يەردە ئاز دىگەندە ئىككى تاللاش بولىدۇ . كومپىيۇتېردا ھىچقانداق سىستېما يوق ھالەتتە رەسىمدىكىدەك چىقىدۇ ، باشقا سىستېما بار بولسا 3 خىل تاللاش كۈرۈنىدۇ .
كۆڭۈلدىكى ھالەتتە بىرىنجى خىل تاللاش تاللاغلىق بولىدۇ .
باشقا سىستېما بار بولغان ھالەتتە
ئېكران كۆرۈنۈشىنىڭ ئورنى 2013-08-26 21:26:30.png


بۇ يەردىكىلەرنى مەنىسى (قانداق تىلنى تاللىغان بولىشىمىزدىن بىنەزەر) بىرىنچىسى: ئەسلىدىكى سېستىمىغا دەخلى قىلماستىن ئۇبۇنتۇنى قاچىلاش .

ئىكىنچىسى: كومپىيۇتېردىكى بار بولغان ھەممىنى ئۈچۈرۈپ ئۇبۇنتۇنى قاچىلاش .

ئۈچىنچىسى: تېىخنىكىلىق قاچىلاش .

(ئەسكەرتىش، مەن بۇنى چۈشىنىۋېلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق ئىپادىلەپ قويدۇم ، دەل كىلىدىغان تەرجىمىسى ئەمەس .)


بىز مۇشۇ ئۇسۇللاردىن بىرىنى جەزىملەشتۈرسەك بولىدۇ .كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۈزىڭىزنىڭ تېخنىكىسى بويىچە قارار قىلىڭ .جەزىم قىلالمىسىڭىز بىرىنچى ئۇسۇلنى تاللىسىڭىز بولىدۇ .

ئېكران كۆرۈنۈشىنىڭ ئورنى 2013-08-26 21:40:49.png


ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ قويسىڭىز بولىدۇ .( مەن ئادەتتە چېقىلمايمەن ) ياكى تەڭدىن بۈلۈپ قويسىڭىز بولىدۇ .

[ بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قويىدىغان بىر ئىش ، ئەگەر ۋىندوۋىس ئىچىدە تۇرۇپ مەلۇم بىر دىسكا رايۇنىنى پۈتۈنلەي بوش ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويسىڭىز ( فورماتلاپ ئەمەس ، دىسكا رايۇنىنى ئۈچۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ) ئۇبۇنتۇ ئاپتۇماتىك ھالدا شۇ بوش رايۇننى تاللايدىكەن ، بۇ ئۇسۇلنى سىناق قىلساڭلارمۇ بولىدۇ ]  

بۇ يەردىن داۋاملاشتۇرۇشنى باسساق ، كومپىيۇتىرىمىزدا ئۇبۇنتۇ ئۈچۈن رايۇن تەييارلايدۇ .

3- خىل ، بۇتەجرىبىلىك ئىشلەتكۈچىلەرگە مۇۋاپىق كىلىدۇ .بۇيەردە بىز ئۇبۇنتۇ ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولغان رايۇننى بەلگۈلەپ بىرەلەيمىز ،يەنى بىز ئىشلەتمەكچى بولغان بىر رايۇننى بوش ھالەتكە كەلتۈرىمىز ، ئاندىن رايۇن قۇرۇپ چىقىمىز ، سېستىما قاچىلايدىغان رايۇننى  ext4 فورماتىدا،  /ئاستىغا قىلىپ بەلگۈلەيمىز . رايۇن چوڭلىقى ئەھۋالغا قاراپ 10GB دىن 50GB غىچەبولسا بولىدۇ .يەنە بىر swap رايۇنى قۇرۇپ چىقىمىز .بۇ رايۇننى كومپىيۇتىرىمىزنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى بىلەن تەڭ قىلىپ تەڭشىسەك بولىدۇ.( ئەگەرقاتتىق دىسكىمىزنىڭ رايۇنلىرىنىڭ ھەممىسىدە ساقلاپ قالمىساق بولمايدىغان نەرسىلەر بوپ قالسا ، قاچىلاش مەشغۇلاتىدىن چىكىنىپ، ۋىندوۋىسقا قايتا كىرىپ ، ھۆججەتلەرنى يۆتكەپ ، مەلۇم رايۇننى ئاق ھالەتكە كەلتۈرىۋېلىپ ، قاچىلاشنى قايتىدىن باشلىساق بولىدۇ .)

داۋامى 1 -قىسىم بىلەن پەرىقلەنمەيدۇ . شۇڭا بۇ يەردە قايتا يازمىدىم .

قاچىلىغىنىڭىز ئۇيغۇرئىكىس بولسا كۆڭۈلدىكى مەخپى نومۇرى uyghurix

ئازادە ئۇيغۇرئىكىس 1.4 بولسا auyghurix

بۇ ئىملارنى سىستېمىغا كىرگەندىن كىيىن خالىغانچە ئۆزگەرتىۋالغىلى بولىدۇ .

ئۇبۇنتۇنىڭ ئەسلى نۇسخىسىدا بولسا ئۈزىڭىز بەلگۈلەيسىز .

ئاخىرىدا ئۇبۇنتۇنى بارماق دىسكىغا قاچىلاش ( ئويۇش ئەمەس ) ھەققىدە تەجرىبەمنى بايان قىلاي .

ئىنتايىن ئاددى ھەم بىخەتەر ئۇسۇل  كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ ئىچىدكى قاتتىڭ دىسكىنى توكتىن ئۈزۈپ قۇيۇڭ .

.ئاندىن سىستېمىنى قاچىلىماقچى بولغان بارماق دىسكا ياكى كۆچمە دىسكىنى چېتىڭ .

كومپىيۇتېرنى ئۇبۇنتۇ قاچىلاش دىسكىسىدىن قوزغىتىڭ ( ئۈستىدىكى بىلەن ئوخشاش ئۇسۇلدا )

قاچىلاش جەريانى قاتتىق دىسكىغا قاچىلىغان بىلەن ئوخشاش .

ئۇبۇنتۇ قاچىلانغان بارماق دىسكا رايۇنىنى ۋىندوۋىستا ئاچماڭ . يۇيۇلۇپ كىتىشى مۇمكىن .

چوڭراق دىسكا بولسا ئىككى رايۇنغا بۈلۈپ تەييارلاڭ . يەنى ۋىندوۋىستا تۇرۇپ ، بىر رايۇننى FAT32 قىلىپ فورماتلاڭ ،( بۇ رايۇننى ۋىندوۋىستا ۋە باشقا سېستىمىلاردا ئورتاق ئىشلەتكىلى بولىدۇ .  )

ئۇبۇنتۇ قاچىلىماقچى بولغان رايۇننى بوش قۇيۇڭ ( رايۇننى ئۈچۈرۈش ئارقىلىق )

ئاندىن ئۇبۇنتۇنى قاچىلاشنى باشلاپ ، بوش رايۇننى ئۇبۇنتۇ ئۈچۈن ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .

قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن بۇ دىسكىدىن كومپىيۇتېرنى قوزغىتىپ نۇرمال ھەم بىخەتەر ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .

كومپىيۇتېرنى ئۈچۈرگەندە ، ئۈچۈش باسقۇچى تامام بولماي تۇرۇپ ، بارماق دىسكىنى چىقىرىۋالماڭ . سىستېمىغا ياكى قاتتىق ئۈسكىنىگە زىيىنى بولىشى مۇمكىن .

بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن . بىر نەرسە يازماق خېلى تەس ئىشكەن  ، يازغۇچىلارنىڭ قەدرىگە يىتىۋاتىمەن .

كىيىنكى قىسىملاردا ئۇبۇنتۇ سىستېمىسىغا كىرگەندىن كىيىنكى تەڭشەش ۋە ئىشلىتىش ھەققىدە يازىمەن .

  چۈشىنەلمىگەن جايلار بولسا تىما ئاستىدا ئوتتىرىغا قويساڭلار بىلىدىغانلار جاۋاپ بىرەرمىز .

                        





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sebirqadir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-26 10:33 PM  


ئبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ياخشى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4169
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 11:41:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا چېكۋاتسىز رەھمەت جۇمۇ سىزگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83947
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4201
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 11:52:55 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سىزگە, بېشىم قېتىپ تۇراتتى ,مەنمۇ چۇقۇم قاچىلايمەن

ئەگەر  ئەتە قىيامەت بولسا.........................





تور ، كومپىيوتېر ، يانفۇنلار ئەسقاتارمۇ؟؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش