Danggal
دۇنيادا مەن ئۈچۈن بىر ئانا بار ئىدى.ئۇ ھايات چېغىدا مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا سېڭىپ كەتكەن .مانا ئەندى ئۇ كىتىۋىدى، ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمغا سېڭىپ كەتتى.
ۋېجدان
بىز-مىللەت تۇيغۇسى سۇس، يۇرتۋاز خەلق.مانا بۇ- بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىز!
Qirakpay
<<ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت ...>>قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.
Nazigul8
ئاسماندىن ھۆرلۈك يامغۇرى ياغسا، قۇللۇققا كۆنگەنلەر كۈنلۈكنى ئاچىدۇ....... ئىسىت!!!
Gulbar5
ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن.
Boxuk
نىمە ئۈچۈن بۆشۈك بىلەن قەۋرىنىڭ شەكلى ئوخشاش،ھەرئىككىلىسى ئۇيقۇ ئۈچۈن ياسىلىدۇ، پەرقى شۇكى بىرى ۋاقىتلىق ئۇيقۇ ئۈچۈن ،بىرى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇ ئۈچۈندۇر...
شاتيار
ئى ئاللا، خاتالىق ئۆتكۈزسەم باشقىلاردىن كەچۈرۈم سورىغۇدەك، باشقىلار خاتالىق ئۆتكۈزسە ئۇلارنى كەچۈرگىدەك جۈرئەت ئاتا قىلغىن.
Asma0996
ياخشىلارغا ئاچىمەن قۇچاق،
يامانلارغا تەڭلەيمەن پىچاق.
يىقىلغاننى قويىمەن يۆلەپ،
مېنىڭ ياشاش لوگىكام شۇنداق .
Tutiya1023
سەن ئۇچۇشنىلا ئويلىماي ، ئاشۇ مەزمۇت قاناتلىرىڭ كۈچتىن قالغاندا ، يەرگە قانداق قونىدىغانلىقىڭنىمۇ ئويلاپ قوي.
Xohsanam886
ھىجاب ئەۋۋەل قەلىبكە ئورنىماي باشقا ئورنىغاندىكىن شۇنداق كىچىككىنە شامال چىقسا ئۇچۇپ كىتىدىغان گەپكەن .
arslan52
ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ!
Dahan
غەم قىلما بەندەم غەمخانەڭ مەن دەپتىكەن ئاللا ،تەۋەككۈل دەرياسىغا سالغىن كىمە ،گاھ لەيلە گاھ چۆكە غەم يىمە !
Xawki0998
دەۋر تەقەززاسى - سىزنىڭ تارىخ بۈلىشىڭىزنى ئەمەس ، بەلكى تارىخ يارىتىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ!
Dunya005
دۇشمىنىمگە ئۆزەم تېتىيمەن ، دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلىغىن ئاللاھ!
Abdurahman5
ئادەم ھاياتىنى شۇنداق ئۆتكۇزۇشى كىرەككى:ئۆتۇپ كەتكەن كۈنلىرىنى ئەسلىگىندە،‹‹ ئەجەپمۇبىر چاكىنا ئېشلارنى قىلىپ قويۇپتىمەن.›› دەپ يۈرىكى ئۆرتەنمەيدىغان بولسۇن.
Mirul
كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........
Karamat147
سەن مىنىڭ ھەققىمدە نىمىنى ئويلىساڭ ،
ئۇلۇغ ئاللا ساڭا ئۇنىڭ ئون ھەسسىسىنى ئاتا قىلسۇن.
Nurlan22
مەڭگۈ ئالغا تەلپۈنەر يۈرەك ،
رازى بولماس بۈگۈندىن ئىنسان .
ئۈتۈپ كېتەر ھەممە بىر پەستە،
ئۆتكەنلىرى بۇلۇپ قەدىردان .
ھۆكىما
ئالىمنىڭ بۇزۇلغىنى ئالەمنىڭ بۇزۇلغىنى!
ئۆزۈڭنىڭ بۈزۇلغىنى خەلقىڭنىڭ بۇزۇلغىنى!
مەن دېگەندەك ياخشى ئەر بولاممىساممۇ يامان ئەمەس!
يامان ھەركىمنى كۆرسە ياخشى دېمەس!
Owqi450
ياشاش بىر جەريان ئۆلۈم بولسا مۇقەرەر نەتجە ئۆلۈمدىن قىچقپ قۇتۇلغىلى بولمايدىكەن ،ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن قورقۇش نە ھاجەت!
Kokpare
قەدىرلەيمەن قەدرىمنې بىلگەن قەدىرلىكلەرنى.
ھسسيات جىنايەتكە، ئەقىل ھىدايەتكە،كۆز خىيانەتكە باشلايدۇ.
سەن ئۆتمۈشۇڭگە جاۋاپكار،بۈگۈنۈڭگە خوجىدار،كەلگۈسىڭگە سەۋاپكارسەن.
Buraqixi
بىر ئانا ئون بالىنى باقالايدۇ،ئون بالا بىر ئانىنى باقالمايدۇ. لىكىن نىيەتلا بۇلىدىكەن بىر بالىمۇ ئون ئانىنى باقالايدۇ .
ئەگەر ئۆزەڭ خوشال بولالمىساڭ،ھېچكىمنى خوشال قىلالمايسەن!!!
مەنبە : مۇنبەرداشلارنىڭ ئىمزالىرى
ئىلگىرى توپلانغان نادىر ئىمزالار تۆۋەندىكى ئادرېسلاردا....
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-70157-1-1.html
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-83597-1-1.html
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-96029-1-1.html
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-108535-1-1.ht
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-10 12:51 AM