مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Qabiljan

بەھرام گور پادىشاھلىقى(داۋامى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 3040
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27027
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7921 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 08:32:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ap~qilam يوللىغان ۋاقتى  2013-7-23 02:44 AM
بېشىنى نەدىن تاپىدۇ ئاكا، قىسقىچە ئىزاھلاپ ئۆتسىڭىز ب ...

بېشى مىسرانىمنىڭ ھىكايە رومانلار ۋە تور ئەسەرلىرى سەھىپىسىدە بار.مەسىلەن:
/thread-90006-1-1.html

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 3040
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27027
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7921 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 06:32:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاكى ھەر بىر كىشى بىكار قېلىپ ئىشلىرى بەدلىك بولماسلىقى ئۈچۈن ئۇلار بىر چارە تېپىشتى.شائىرلار بۇ دانا تەدبىرنى مەدھىيەلپ قەسىدىلەر پۈتۈشتى.ئادالەت قايتىدىن تىك بولۇپ ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى.قايسى مۈلۈكدار خىراج بەرمىسە تەختۇ-تاج ئۇنىڭ بېشىدا بېسىم پەيدا قىلاتتى.پادىشاھ بەھرام نامەنى ئوقۇغىنىدا دىلىدا بۇ ئىشتىن  غەم پەيدا بولدى.تەدبىرگە بىنائەن ھەر بىر يۇرتقا بىردىن كۆڭلى پاك،ئىنساپلىق كىشىلەرنى ھاكىملىققا  قويۇشتى.شاھ ئۇلارغا پەرمان بېرىپ دېدى:
-كىمىكى بىھۇدە قان تۆكسە سىلەرمۇ ئۇنىڭ قېنىنى تۆكىڭلار! قانخورلار بۇ دۇنيادا ئامان قالمىسۇن.تەڭرى پەرمانىنى كەڭ يېيىپ پۇقراغا جاكا قىلىڭلار.بارچە ئادەم ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلسۇن.
شاھنىڭ ئەمرى جاكالىنىپ ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتكەندە شاھ يەنە بىر نامىنىمۇ يازدۇرۇپ جاكا قىلغۇزدى.بۇ خەۋەر خەۋەرچىنىڭ ئىلكىگە كەلدى.جاھانغا يەنە شۇنچە كۆپ سەراسەرلەر تولدى.
مەكتۇپتا مۇنداق سۇئال سورىدى:
-ھەرقانداق جايدا قانداق ئىش شاھقا پايدا ئەكىلىدۇ،يەنە قانداق ئىش زىيان كەلتۈرىدۇ؟
يەنە شۇ مەكتۇپ جاۋاپ ئارقىلىق بىلدۈردىكى:
-شاھنىڭ پەرمانىغا قىلچە پىسەنت قىلماي يامان ئىشلارغا بەند بولسا،ئۆزى ھەم ھەركىملەرگە ئازار بەرسە،بۇنداقلار ئاخىرى گۈلشەننى خارۇ-زار قىلۇر.كالا-قوي قاتارلىق تۈرلۈك چارۋا ماللارنى ۋەيران قىلىپ گۈلزار باغلارنىمۇ دەشت-چۆلگە ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ.
ئۇنىڭغا ئۇلاپلا بارچە پۇقراغا پەرمان بېرىلدى:
- ھەممە پۇقراغا دېھقانچىلىق دائىملىق كەسىپ بولسۇن.ئالەمنىڭ قۇياشى كۆككە چىققۇچە ھەممە يەر ھەيدەش ۋە تېرىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشسۇن. چۈشتىن كېيىن يەپ-ئىچىپ  دەم ئېلىپ،ئەيىش-ئىشرەتلەر قىلىپ  راھەت كۆرۈشسۇن.ئەگەردە كىمدە ئۇرۇقلۇق دان ياكى مال-چارۋا بولمىسا غەزىنچىلەر ئۇنى تىزىملاپ،مۇھتاج نەرسىلىرىنى  ھېساپلاپ كۆرۈپ شاھلىق غەزىنىدىن بار قىلىپ بەرسۇن.دېمەككى بىزنىڭ مال-دۇنيالىرىمىز بارلىق يوقسۇللارنى بەھرىمەن قىلسۇن.ھالى ناچارلار ھىچ رەنج تارتمىسۇن.ناۋادا ئاب-ھاۋا بىزنىڭ ساۋاپلىق ئىشلىرىمىزغا توسقۇنلۇق قىلسا، پادىشاھلىق بۇ ئىشقا داۋا تاپالماس.مىسالكى بىرەر يۇرتتا چىكەتكە ئاپىتى يۈز بەرسە ياكى مەلۇم جاينى سۇ بېسىپ كەتسە بۇنداق ئاپەتلەر دېھقاننىڭ رىزقىنى يوق قىلسا، ئۇلارنىڭ بارلىق ھەققى غەزىنىدىن تولۇقلاپ بېرىلسۇن!

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 3040
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27027
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7921 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 03:57:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپەتتىن كېيىن خەلققە ئاپەتنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى چۈشەندۈرۈلسۇن ۋە كېيىنكى ئاپەتلەرنىڭ ئالدى ئېلىنسۇن.ئەگەر بىرمۇنچە مەيدان تېرىلماي قالسا، ھەم ئۇنىڭدىن ئىھسان ئېلىنمىسا دېمەككى كىمدە كىم  بۇ ئىشقا قول سالماي زىيانغا سەۋەپكار بولسا ئۇنداق كىشىنىڭ يېرىدىن كېسەك قۇيۇلىدۇ.مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ تەمەگەر بولۇپ قېلىپ ‹‹ئىشلىمەي چىشلەيمەن››،‹‹تەييارغا ھەييار بولىمەن›› دەپ ئويلىماڭلار.ھاياتتىكى بارلىق مۈشكىلاتلارنى يېڭىپ ئىنساننى پاراۋان تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدىغان خاسىيەتلىك بىر ئەڭگۈشتەر بار.ئۇ بولسىمۇ-ئەمگەكتۇر.ماڭا تەۋە ھەرقانداق كىشى تەڭرىگە ساداقەتمەن بولۇپ ھەر بىر ئىشىدا دۇرۇس ياشىسا ئۇنداق كىشى ئۆلسىمۇ نامىنى تەۋەرۈك تۇتارمەن.يەنە تۇتقان مەقامىنىمۇ چوڭ قىلۇرمەن.
بۇ نامىگە شاھ مۆھرى بېسىلدى.خەتچىلەر ئۇنى ئېلىپ ئالدىراپ يولغا چىقىشتى.
ئاندىن ھەر بىر ۋەزىرگە نامە يازدۇردى.قايسى تاماندا دەرۋىش بولسا ئۇنىڭغا جامە كەيدۈردى.
شاھ بەھرام ۋەزىرلىرىگە شۇنداق سۇئال قويدى:
-دەردسىز كىشى بارمۇ؟! پۈتۈن يۇرت ئارا دەرۋىشلەردىنمۇ يوقسىز كىشى بارمۇ؟ قېنى ئېيتىڭلارچۇ،جاھاننىڭ ئىشى زادى نېمە؟!ئەلنىڭ شادلىقى ۋە يۇرتنىڭ تەشۋىشى نىمىدىن بولۇر؟!
بۇ سۇئالغا ھەر بىر ۋەزىرىدىن ۋە دانىشمەن زاتلاردىن  جاۋاپ كەلدى:
-زىمىن سەھنىسىنى ئاۋات قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.شۇندا پۈتكۈل ئاۋام ئۇلۇغ ناملىرىنى ياد قىلىدۇ.دەرۋىش:‹‹تەقدىردىن تەشۋىش تارتتۇق›› دەپ پەقەت شەھرىياردىنلا نالىگەي،دۆلەتمەنلەر مەي ئىچىپ، ئىشرەت قىلىپ ئولتۇرغانلىرىدا گۈللەر ياپرىقى تاج بولغاي.مەي بەزمىسى ئىچرە مۇغەننىلەرنىڭ نەغمىسىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغانلىرىدا بىزنى ئۇنتۇپ ئادەم قاتارىدا ساناشماس.كەمبەغەل ناۋاسىز،گۈلسىز ئولتۇرۇپ مەي ئىچەر.بايلار بولسا ھەرقاچان ئۆز راھىتىنىلا ئويلايدۇ.
شاھ بەھرام مۇنداق خەۋەرنى ئاڭلاپ كۈلدى.ئاندىن بىر چاپارنى تەيىنلەپ يولغا چىقىشقا ھازىرلىدى.ئۇنىڭغا پەرمان بېرىپ دېدىكى:
-سەن ھىندستانغا بېرىپ شەنگۇل بىلەن كۆرۈش.ئۆتۈنىشىمنى ئۇنىڭغا ئاڭلىتىپ تۇرۇپ رازىلىق ئال.ئالى ھىممەتلىك شاھ خۇش نازلىق ، خۇش سازلىق ۋە خۇش ئاۋازلىق ئون مىڭ لۇلىنى تەيىنلەپ سەرەپراز قىلىپ بىزگە ئەۋەتسۇن.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 3040
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27027
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7921 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 03:57:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرمان بېرىپ يەتكەندىن كېيىن تېزلا  بەجا كەلتۈرۈلدى. لۇلىلار دېگەن سان بويىچە ئىران شاھى ھوزۇرىغا كېلىپ تەق بولۇشتى. شاھ ئەمرىدە كاتتا يول ئېچىلىپ ئۇلارنىڭ  ھەر بىرىگە قېچىر ۋە سىيىرلار تارتۇق قىلىندى.يەنە دېھقانچىلىق قىلىشى ئۈچۈن ئېتىز ۋە يەر بەردى.ئوزۇق قىلىشى ئۈچۈن بۇغدايدىنمۇ مىڭ خامانلىق بەردى.يەنە ئۇلارغا نېمە كېرەك بولسا بەردى.يەرلەرنى ھەيدەش، تېرىش قاتارلىق تېرىلغۇ ئىشلىرىدا ئىشلەتسۇن دەپ ئېشەك،ئۆكۈزلەرنى بەردى.بۇغدايلارنى تېرىپ ھوسۇل ئالغان،بىكار قالغان چاغلىرىدا مۇغەننىيلىك قىلىپ دەرۋىشلەر بىلەن يوقسۇللارنىڭ كۆڭلىنى ئاچسۇن دەپ تاپىلىدى.لېكىن لۇلىلار ھورۇن ئېدى.دېھقانچىلىققا ئېپى يوق ئېىدى.ئۇلار ئۇرۇقلۇق بۇغداينى ئوزۇقلۇق بۇغداي بىلەن قوشۇپ يەپلا قالماي يەنە تېرىلغۇ ئۈچۈن بېرىلگەن چارۋىلارنىمۇ سويۇپ يەپ ياندۇرقى يىلى يەنە يوقسۇزلۇقتىن قاقشىشىپ شاھ ھوزۇرىغا كېلىشتى.
شاھ ئۇلارغا دېدى:
-يەر ھەيدەش،ئۇرۇق چېچىپ تېرىش ۋە ھوسۇل ئېلىش ئىشلىرى سىلەرگە ماس كەلمىدى.بېرىلگەن چارۋىلاردىن پەقەت خېچىرلا تىرىك قاپتۇ.سىلەرگە ئەمدى بېرىدىغان ئاشلىق يوق.سىلەر ئەشۇ خېچىرنى ئىگەرلەپ مىنىپ،ناخشا ئېيتىپ، ساز چېلىپ  يۇرتمۇ يۇرت يۈرۈپ ئاش تىلەپ يەڭلار.
شۇندىن بېرى لۇلىلار ئاۋارە بولۇپ ئالەم كېزىپ، سەرسان-سەرگەردن بولۇپ يۈردى.بۇنىڭغا نىمە چارە؟!
بۇنىڭغا مۇنۇ نەزمە دەلىل:
ئىت،بۆرى ھەم سەپەر ھەمراھى ئىرۇر،
كۈن تۈنلەپ ئوغرىدەك رىزقىنى تېرۇر.
شۇ ئەلپازدا ئارىدىن ئاتمىش ئۈچ يىل ۋاقىت ئۆتتى.زامان ئۇنىڭدىن خۇش بەخت كۆرمىدى.
يىل بېشى بولغان بىر كۈنىئىش بىلەر،ھەممىگە ماھىر،شاھنىڭ ئەقىل ئۇستازى بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر ۋەزىرى شاھ بەھرامنىڭ يېنىغا كىردى.ئۇ شاھقا غەزىنە ئەھۋالىنى دوكلاد قىلدى:

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 3040
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27027
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7921 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 03:58:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
-ئەي شاھىنشاھ،پۈتكۈل غەزىنە تامام بولدى.بۇندىن كېيىنكى خىراجىتىمىز ئۈچۈن نە پەرمان بېرۈرلىكىن،شۇ پەرماندىن ئاگاھ بولغان بولسام.
شاھ ئۇنىڭغا پەرمان بېرىپ مۇنداق دېدى:
-كىمىكى تەختنىڭ راۋاج تېپىشىنى ئىستىسە تېزدىن بىر يىللىق خىراج ئېلىپ كەلسۇن!
ۋەزىر ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاپ قىلدى:
ئەي شاھىنشاھىم،دۆلەتنى راۋاج تاپسۇن دېسىلە خىراجنى كۆپ تەلەپ قىلمىسىلا.بىز بۇ خىل تەلەپلەردىن كۆپ ساۋاق ئالدۇق.بۇ ئىشتىن ئەندىشە قىلماي بارلىق ئىشنى جاھان ئىگىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قويسىلا.ئۇ بارلىق چەرخى گەردۇننى پەيدا قىلغاندۇر.قانۇنىيەت شۇكى،زامانلار ئۆتىدۇ لېكىن تەڭرىلا قالىدۇ.بىر ئۇلا ھەر زامان ياخشىلارغا رەھنەما بولىدۇ.
شۇ كېچە ئۆتتى.تاڭ سەھەردە دەرگاھقا سانسىزلىغان لەشكەرلەر كەلدى.بۇ شاھنىڭ ئۆزىگە كېرەكلىك گورۇھنى جەم قىلغىنى ئېدى.ئوغلى يەزدىگىردمۇ شاھ ئالدىغا كەلدى.شاھ ئۇلۇغلار ئالدىدا ئۇنىڭغا تاج بەردى، شۇنداقلا بارلىق تەختىنىمۇ تاپشۇردى.بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشى ئۈچۈن دۇئا-پاتىھەلەر قىلدى.بۇندىن كېيىن ئارام ئالماق ئۈچۈن شاھلىق تاجىنى بېشىدىن ئالدى.
ئۇ دۇنيانىڭ ئىشلىىدىن نالەشلەر قىلدى.تۈن چۆككەن مەھەلدە كۆزىنى يۇمدى.سەھەردە قۇياش چىقىپ ئاپتاپ نىگارنىڭ يۈزىدەك پارلىغاندا ۋەزىرنىڭ دىلىنى بىردىنلا ئىزتىراپ باستى:
-شاھ نىمە ئۈچۈن شۇ كەمگىچە ئۇيقىسىدىن ئويغىنىپ ئورنىدىن تۇرمايدۇ؟ ئۇنىڭ يوقلۇقىدىن كۆڭۈللەر ئەندىشىگە چۆممەكتە!
يەزدىگىرد بۇ گەپنى ئاڭلاپ شاھ ئاتىسىنىڭ قېشىغا كىردى.لېكىن ئۇ تېخىچىلا ئۇيقۇسىدىن تۇرمىغان ئېدى.نەزەر سېلىپ كۆردىكى،شاھ ئاتىسىنىڭ رەڭگى ئۆچكەن،چىرايى خازاندەك سارغايغان. ئەزىز جان زەرباپ تۆشەك ئىچىدە تەندىن غايىپ بولغان ئېدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 3040
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27027
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7921 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 03:58:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەي ئىنسان،دىلىڭنى غەم-ھەسرەت بىلەن كۆيدۈرمە.بىز تەقدىر-قىسمەت بىلەن ئەزەلدىن ئاشىنامىز.ئۆلۈم شۇنچىلىك قورقۇنۇشلۇقكى، ئۇنىڭدىن ھەتتا تاش بىلەن تۆمۈرلەرمۇ قورقىدۇ.ۋە لېكىن ئاقىۋەتتە قازا ھەممىدىن غالىپ كېلىدۇ.كۆڭۈل خوشۇڭنى بىردەم ئىستىمىسەڭ ئورنىغا غەم لەشكىرى يوپۇرۇلۇپ كېلەر.بىئازار چىن ئادەم بولغىن.مانا شاھ بەھرامدەك سەرۋىقەد جەسۇر، مۇ جاھاندىن كەتتى.جاھاندا ئۇنىڭدەك ئۇلۇغ پادىشاھ،تەڭداشسىز قەددۇ-بەست بۇرۇن يوق ئېدى.بۇندىن كېيىنمۇ بولمىغاي.ئەي رەھىمدىل ئاللاھ،شاھ بەھرامنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگىن.جانىنى جەننەتكە راۋان ئەيلىگىن.ئۇ ئەھلى جەننەتلەرگە ھەمخانە بولسۇن.
ئوغلى تا قىرىق كۈنگىچە ئۇنىڭغا  ماتەم تۇتتى.قوشۇنلارمۇ ماتەم تۇتۇپ قارا ،كۆك كېيىندى.ئول باتۇر پادىشاھ قەبرىگە كىردى.كۆڭۈللەر ئېغىر ۋەھىمىگە چۆكۈشتى.شاھ ئەمدى بۇرۇنقىدەك قۇياش،ئاي، ۋە يۇلتۇزلارنى كۆرەلمەس ئېدى.شاھلىق كۇلاھىنى كىيىپ ،زەر تەختۇ-سارايلاردا ئولتۇرالماس ئېدى.ئاھ دەرىخ،ئۇ كېلىشكەن چېھرە بىلەن چىناردەك قەد،دەرىخ،ئۇ مۇنەۋۋەر بەختۇ سەلتەنەت ئەمدى مەڭگۈگە يوق بولدى.بۇ زىمىندا ئۇ رۇم بىلەن چىندىن باج-خىراج ئېلىپ تاج بىلەن گۈللىگەن ئېدى.
تۈگىدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش