مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3315|ئىنكاس: 102

بەھرام گور ھەققىدە قىسسە(شاھنامە 11-بۆلۈم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-25 09:44:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بەھرام گور ھەققىدە قىسسە(شاھنامە 11-بۆلۈم)

يەزدىگىرد پادىشاھلىقى(يىگىرمە بىر يىل داۋام قىلغان)
پەلەكنىڭ ھۈنىرى ئالماشتۇرۇش.كۈن بىلەن تۈن ۋە ھەر بىر كۈن بىر -بىرى بىلەن دەۋر قىلىپ ئالمىشىپ تۇرغاندەك ،ئىران شاھلىرىمۇ بىرىنىڭ ئىزىنى بىرى بېسىپ ئۈزلۈكسىز ئالمىشىپ كەلدى. ئىران زىمىنى
  ئاخىرى يەزدىگىرد پادىشاھلىقى دەۋرىگە قەدەم قويدى.بۇ
دەۋرنىڭ تۇنجى پادىشاھى يەزدىگىرد بولغاچقا ئۇ ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ھۆكۈم سۈرگەن دەۋر ‹‹يەزدىگىرد پادىشاھلىقى دەۋرى ››دەپ ئاتالدى.
ئەڭ ئالدى بىلەن يەزدىگىرد يەتتە يىل پادىشاھ بولدى.شۇ مەزگىللەردە ئالىملارنىمۇ تاڭ قالدۇرغۇدەك ئىشلار يۈزبەردى. دانا شەھرىيار جاھاننى ئىلكىگە ئېلىپ بەختىيار بولغان بولسىمۇ لېكىن بىرمۇ  پەرزەنتى بولمىغاچقا كۆڭلى تولىمۇ پەرىشان ئېدى.سەككىزىنچى يىلىغا كەلگەندە  شاھنىڭ دۇئالىرى ئىجابەت بولۇپ جامالى نۇرى ئالەمنى قاپلىغىدەك ھورمۇزد چىھىرلىك بىر ئوغۇل  پەرزەند كۆردى.بۇ پەرزەنتنىڭ ئىقبال يۇلتۇزى تولىمۇ مۇنەۋۋەر بولۇپ ،بەختى گويا پارلاپ تۇرغان ماھ ئېدى.گۆدەكنىڭ ئىقبالىدىن ئىلھام ئالغان شاھ ئوغلىغا ‹‹بەھرام›› دەپ ئىسىم قويدى.بۇ ئەلدە ھەر بىر سۆزلىرىدىن دانالىق تۆكۈلۈپ تۇرۇدىغان  يېتىلگەن مۇنەججىملەر كۆپ ئېدى.بۇلارنىڭ بىرى  
ھىندىلارنىڭ سەرۋەرى بولغان سۇرۇش ئىسىملىك دانا ،يەنە بىرى ھۇشيار ئىسىملىك پارىس ھۆكۈما ئېدى. بۇلارنىڭ ئىلمى ئالدىدا پۈتكۈل كائىنات تەسلىم بولاتتى.
بىر كۈنى شاھ ئۇلارغا پەرمان چۈشۈردى:
-دانالار سارايغا كەلسۇن،بىپايان كەڭ ئاسمانغا بېقىپ ،پالچىلىق كارامەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، پەرزەنتىمنىڭ كەلگۈسى ئىقبالىنى ئېنىقلاپ بىلسۇن.
ئۇلار
  كەڭ ئاسماندىكى يۇلتۇزلار توپىغا بېقىپ رۇمچە زىج دەستۇرلىرىنىڭ مەنىسىنى يېشىپ، يۇلتۇزلارنىڭ جايلىشىش ھالىتىنى قېتىرقىنىپ مۇھاكىمە قىلىپ، ئاخىرى بەھرامنىڭ كەلگۈسى ئىقبالى ھەققىدە دانا  
يەكۈن چىقىرىپ دېيىشتىلەركى:
-بەھرام –ئۇ بىر مەشھۇر شاھى جاھان ئىكەن.ئۇ يەتتە ئىقلىمغا ھۆكۈمران بولۇر.بىلىمى دېڭىزدەك چوڭقۇر،قەلبى دەريادەك كەڭ شەھرىيار بولۇر.
ئۇلار يۇلتۇزلار ھالىنى ھېساپلاپ بىلگەندىن كېيىن خۇش خەۋەرنى تېزرەك
  يەتكۈزمەك بولۇپ  
ئالدىراپ يەزدىگىردنىڭ ئالدىغا ماڭدى.شاھ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۇنى سىردىن خەۋەردار قىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئەي ئۇلۇغ شاھىم،بىز بارلىق تەپەككۇرلىرىمىزنى سەپەرۋەر قىلىپ تەقدىرنىڭ ئېرادىسىنى ئايان قىلدۇق.پەرزەنتىڭ تولىمۇ سائادەتلىك ئىنسان بولغاچقا ئۇنىڭغا تەقدىرنىڭ مېھرى بىپايان ئىكەن. ئۇ چوڭ بولغاندا يەتتە دىيارغا پادىشاھ بولۇر.ئەقىللىق دانالارنى مەسلىھەتچى قىلىپ ئىش قىلغاچقا ،شاھلىقتىكى ئەڭ يۇقۇرى شان- شەرەپلەرگە،باشقىلار نائىل بولالمىغان شۆھرەتلەرگە مۇيەسسەر بولۇر.ئەگەر ئۇ
  ئاتا ئىزىنى باسىدىغان بولسا شاھلىق بارگاھىدا شۇنداق يۇقۇرى  سەلتەنەت سۈرگەيكى، ئەڭ ئادىل شاھىنشاھلارنىڭلا قولىدىن كېلىدىغان ئۇلۇغ ئىشلار قولىدىن كېلۈر.باتۇرلۇقى ئالدىدا باتۇرلار،ئەقىل- پاراسىتى ئالدىدا دانالار  
بەھس كېلەلمەي غەمگە پاتۇر.ئۇ ئۇلۇغ پەرزەنت بەئەينى ئەقىل- پاراسەتنىڭ سەمەرىسى بولغاچقا ھەرقانداق سەۋەن ۋە قۇسۇرلاردىن خالىيدۇر.ئۇنىڭ مۇبارەك قەدىمى شاھلىق مۇساپىلىرىدە تولىمۇ يارىشىپ پۈتكۈل جاھان باشتىن- ئاياغ پەرمانلىرىدا بولۇر.پەرزەنتلىرى شۇ قەدەر تەلەيلىك ئىكەنكى،بىر باقسا ئۇنىڭدىن ئەقىل-پاراسەت بەرق ئۇرۇپ تۇرىدۇ.ئەقلىدىن پۈتكۈل ئەل-ئاۋامغا ئاۋاتلىق كېلۈر. ئەي ئۇلۇغ شاھىم ،ھىچقانداق ئىش ئەجر- مېھنەتسىز، سەۋەپسىز قولغا كەلمەس.بۇ جاناپلىرىغىمۇ ئايان.شۇڭا شاھزادىمىزنىڭ يۇقارقىدەك سۈپەتلەرگە نائىل بولۇشى ئۈچۈن ناھايىتى ئىسىل سۈپەت تەربىيەچى ئايال تەيىن ئەتمەكلىرى زۆرۈر.شۇندىلا شاھزادىمىز ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ ھۈنەر دەرىخى كامال تاپىدۇ.پۈتكۈل ئەل ئەمرىدىن بەرىكەت تېپىپ گۈللەپ ياشنايدۇ.
يەزىدگىرد پەرزەنتىنىڭ ئىقبالى ھەققىدىكى تەپسىرلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئالدىغا يۇرت ئۇلۇغلىرىنى چاقىردى.يەنە رۇم،ھىندى،چىن،ئەرەپ
  قاتارلىق بىرقانچە مەملىكەتلەرگە مەكتۇپ بىلەن  ئەلچى ئەۋەتتى.ئەلچىلەرنىڭ قەلبىدە شۇ نەرسە ئايان ئېدىكى:‹‹تەرەپ -تەرەپلەردىن ئىزدەپ شاھزادىگە مۇناسىپ تەربىيىچى تاپماق كېرەك ئېدى.بۇ تەربىيىچى ئادەتتىكى تەربىيىچى بولماستىن ھەر بىر ئىلىمدە  
باشقىلاردىن ئارتۇق بولۇپ يېتىشكەن بولۇپلا قالماي ،ناتىقلىق،مۇنەججىملىكلەردىنمۇ خەۋىرى بار بولمىقى كېرەك ئېدى.››
ھەرقايسى ئەللەردىن جاھان ئىشلىرىنى بىلگەنلە دانالار،قەلبى چوڭقۇر مەنالارغا ئىگە بولغانلار بىر-بىرلەپ يېتىپ
  
كېلىشىپ شاھ ھوزۇرىغا كىرىشتى.شاھ ئالدىدا ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرىنى بايان ۋە ئىزھار ئېتىشتى. پادىشاھ ئۇلاردىن سۆز سوراپ ھۆرمەت ئېھتىرام بىلدۈردى.كېيىن ھەممىسىگە ئۆي- جاي تەيىن قىلدۇرۇپ بەردى.
كەچقۇرۇن ئەرەپ زىمىنىىن كۆپلىگەن نەيزىلىك ئەرەپ لەشكەرلىرىنىڭ قورۇقدىشى بىلەن نۇئىمان بىلەن مەنزەرمۇ يېتىپ كەلدى.دېمەك شاھنىڭ
  
ئەمرى بىلەن پارس زېمىنىدا پۈتكۈل جاھاننىڭ ئەقىلدار چوڭلىرى جەم بولدى.ئۇلار يەزدگىردكە دېيىشتىلەركى:
-ئايا شاھ،بىز ھەممىمىز ئۆزلىرىگە بەندە،بۇيرۇقلىرىنى ‹‹جان›› دەپ بىلىپ تەندە ئارزۇلاپ
  ساقلايمىز. ئوغۇللىرىغا ئۇستاز بولۇپ تەربىيەت قىلىش بىز ئۈچۈن چوڭ شان- شەرەپتۇر.بۇ بىزنىڭ دىلىمىزدىكى ئالىي نىيەت.بىز ھەرقايسى پەنلەردىن ياخشى تەلىم بېرىپ شاھزادە بەھرامنىڭ بىلىم-ئىستىداتىنى كامال تاپقۇزايلى.قەلبىنى ئىلىم نۇرلىرى بىلەن رۇشەن قىلايلى.بىز  
رۇم،ھىندى،پارس،ئەرەپ ئەل كىشىلىرى ئىلمى مۇنەججىم، ئىلمى مۇھەندىس،پەلسەپە قاتارلىق پەنلەر بابىدا ھېكمەت نۇرلىرىنى تۆكۈدىغان دانالاردىنمىز.تىل ھۈنەرلىرى بويىچە شۆھرىتىمىز زور.بىز ھەممىمىز مول ئوزۇقى بار تۇپراق بولۇپ ئوغۇللىرىنى تېمەن ساغلام ئۆسكەن مايسا كەبى پەرۋىش قىلىپ بىلىم بابىدا زاماننىڭ يېگانىسى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىمىز.ھەممىمىز ئالدىلىرىدا تۇرۇپتىمىز.قايسىمىزنى ياراتسىلا شۇنى تاللاپ بۇ شەرەپلىك ئىشقا تەيىن ئەتكەيلا.
دانالار ئىچىدىن نۇئىمان سۆز ئېلىپ مۇنداق دېدى:
ئەي كېرەملىك شاھىم،ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن ھەممىمىز تەييار تۇرۇپتىمىز.بىزنىڭ پاك نىيىتىمىزدىن ئۆزلىرى پۈتۈنلەي ئاگاھ.نام -نەسەپلىرىنى چىن يۈرىكىمىزدىن قوغدايمىز.بىز بىر توپ چارۋا بولساق شاھ گوياكى چوپاندۇر.بىز شاھىمىزنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرى يولىدا سەربازمىز،مەردلەرمىز،جەڭ مەيدانلىرىدا باتۇر قورىقماس شىرلارمىز.بىلىمدىمۇ ھەرقانداق ئالىمدىن ئۈستۈن تۇرۇدىغان كامىل بىلىمدانلارمىز.گەرچە ئارىمىزدا ئىلىمگە ئىخىلاس قىلغان يۇلتۇزشۇناسلار بولمىسىمۇ بىراق دىلىمىزدا شاھىمىزغا نىسبەتەن بىھەد مېھرى-مۇھەببىتىمىز بار.بىزئوغۇللىرىنى پۈتۈن ئىخلاسىمىز بىلەن ياخشى تەربىيىلەيمىز.نامىنى تىلىمىزدا زىكىر قىلىپ ئەبەدى مەدھىيەلەيمىز!
يەزىدگىرد ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى بىرمۇ -بىر ئاڭلىدى.كېيىن ئۆزىنى بىر پىكىر ئىچىگە بەند قىلىپ خېلى ئۇزاق ئويلاندى.ئىشلارنىڭ ئالدى- كەينىنى ئوبدان دەڭسەپ كۆردى.ئاندىن بىر قارارغا كېلىپ شادىمانلىق ئىچىدە ئوغلى
  
بەھرامنى مەنزەرگە تاپشۇردى.غەزىنىدارلارغا بۇيرۇدى:
-ئوغلۇمنىڭ ئۇستازى مەنزەرگە زەر لىباس كىيدۈرۈڭلار.دانالار ،ئۇلۇغلار ئىچىدە ھۆرمىتىنى زىيادە قىلىپ بېشىنى ئاسمانغا يەتكۈزۈڭلار!
پەرمانغا بىنائەن مەنزەرگە شاھانە
  زەر لىباس كىيدۈرۈلدى.پادىشاھلارغا خاس ئىسىل تۇلپارمۇ ھەدىيە قىلىنىپ ئوغلىغا بىرىنچى ئۇستازلىققا بەلگىلەندى.

مەنزەر شاھزادىنى يەمەنگە ئېلىپ كېتىپ تەربىيەلىمەكچى بولغان ئېدى.شاھ يەزدىگىرد شاھزادە بەھرامنى ئۇستازى بىلەن قوشۇپ  ئۇزۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن كاتتا بىر مۇراسىم ئۆتكۈزدى.قەسرلەر زىننەتلەنگەن،مەيدان ۋە رەستىلەرمۇ بايرام تۈسىگە كىرگەن ئېدى.بىرگە مېڭىشقا شۇنچە كۆپ ئادەم ۋە ئات- تۆگىلەر تەيىن قىلىنغان ئېدىكى، بىرگە مېڭىشقا تەيىنلەنگەن خىزمەتكار ۋە تەربىيەچىلەرنىڭ ھەددى -سانى يوق، كارۋان سېپىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ شاھ قەسىرىدىن شەھەر سىرتىدىكى دەشتكە قەدەر سوزۇلغان ئېدى.

مەنزەر بۇ زور كارۋان بىلەن يەمەن پايتەختىگە كىرگەندە يەمەن شەھىرىنىڭ بارلىق پۇقرالىرى كوچىلارغا چىقىپ يول بويلىرىدا رەتلىك سەپ تۈزۈپ تۇرۇشۇپ قىزغىن قارشى ئالدى.مەنزەرنىڭ يېنىدا كۆپلىگەن  قانلىق جەڭلەرنى كۆرگەن باتۇر سەرۋازلار،ئاتلىرىنى قۇيۇندەك چاپتۇرۇپ خۇددى يەردىكى چاغدىكىدەكلا بەخىرامان جەڭ قىلالايدىغان ماھىر چەۋەندازلار، ئىگىز ئاسماندا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان ياۋا غازنىڭ چەپ كۆزىنى قارىغا ئېلىپ ئوقىنى  خاتاسىز تەككۈزەلەيدىغان ماھىر كاماندازلار،ئەرەپلەردىن كەلگەن، نامى جاھانغا  پۇر بولغان مەشھۇر دانالار،ئىراننىڭ دۆلەتمەن- سۆلەتمەنلىرى،ئەقلى تازا ئەقىلدانلىرى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بىرگە كەلگەن ئېدى.بىرگە كەلگەنلەر ئىچىدىن نامى مەشھۇر،نەسەبى ئىسىل،ساھىپ كامال ئاياللاردىن تۆت نەپىرى تاللاندى.ئۇلاردىن ئىككىسى ھۇشيار پاك  ئەرەپلەردىن، قالغان ئىككىسى بولسا ئىرانلىق بولۇپ شاھ نەسەبىدىكىلەردىن ئېدى.

ئۇلار شاھزادە بەھرامنى تۆت يىل سۈت بېرىپ چوڭقۇر  مېھىر- مۇھەببەت بىلەن   پەرۋىش قىلىپ باقتى.ئۇ شاھنىڭ كۆز نۇرى بولغاچقا ئۇنى نەقەدەر چىن ئىخلاس بىلەن پەرۋىش قىلغانلىقىنى تەسۋىرلەپ ئولتۇرمىساقمۇ ئوقۇرمەنلىرىمىز پەرەز قىلىپمۇ بىلەلەيدۇ.شۇنچىۋالا كۆڭۈل بۆلۈپ پەرۋىشلەپ باققانغا يارىشا  شاھزادە بەھرام ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدى.بەدىنى يىلدىن -يىلغا زورايدى.يەتتە ياشقا كىرگەندە بەدىنى تېخىمۇ زورىيىپ تەڭتۈشلىرىدىن بىر ھەسسىدىن ئارتۇق بوي تارتىپ  ئارسلان بەدەنلىك، شىر كۆكرەكلىك مەرت ئەزىمەتكە ئايلاندى.ھەممە ئۇنىڭ بۇ ھالىدىن خۇشال ئېدى.ئۇ شۇنچە بوي تارتىپ كەتكەن بولسىمۇ تەربىيەچىلىرى ئۇنى يەنىلا ‹‹گۆدەك بالا›› چاغلايتتى.بىر كۈنى بەھرام مەنزەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

  -ئەي ئالىجاناپ ساخاۋەتلىك زات،مېنى داۋاملىق گۆدەك بالا چاغلاپ ئىلتىپات قىلىپ بېقىۋەرمە. ئەمدى مېنى ئىلىم- مەرىپەت ئۆگەتكۈچى ئۇستازلارغا تاپشۇر.

-ئەي پەرزەنت،ياخشى تەكلىپ بەردىڭ .لېكىن سېنى پەننى بىلىملەر بىلەن بەنت قىلىپ قويايلى دېسەك بويۇڭ ئۆسۈپ كەتكەن بىلەن  ئۆزۈڭ  تېخى كىچىكسەن.شۇڭا ھازىرچە ئوقۇشنىڭ غېمىنى قىلماي ئويۇنۇڭنى ئويناپ تۇرغىن.سەن ئوقۇش يېشىڭغا يەتكەن چاغدا ئاندىن  مۇۋاپىق ئۇستاز تەكلىپ قىلىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بارارمىز.ھەرقايسى پەنلەرنى ئۆگەتمەككە تۇتۇش قىلارمىز. ئالدىرىمىغىن.ئويۇن ئويناپ يۇرۇشمۇ  بالىلىقتىكى قىممەتلىك پۇرسەت.ئۇ قايتا كەلمەيدۇ.جاھان دېگەن ئۇزۇن.سەن مەيدانغا چىقىدىغان،تىرىشىپ ئوقۇيدىغان پۇرسەتمۇ پات يېقىندا كېلىدۇ.

  شاھزادە بەھرام مەنزەرنىڭ گېپىگە قارىتا ئىخلاس بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

  -ئەي جاناپ ،مەن كىچىك بولساممۇ ئەقلى- ھۇشۇم بار.گەۋدەم چاغراق بولسىمۇ تەندە كۈچ -قۇۋۋىتىم بار.مېنى ئويۇنغا مەشغۇل قىلىۋېرىپ بىكارچى قىلىپ قويمىغىن.سەن گەرچە مەندىن چوڭ بولساڭمۇ ئەقلىڭ تېخى كىچىك ئىكەن.مېنى بەزلەش ئۈچۈن ئالغان ئاجىز نەقىللىرىڭ ماڭا ماس كەلمەيدۇ.مەن ئوقۇماق ئۆگەنمەك ئۈچۈن نىيەت قىلدىممۇ دېمەك شۇ نىيىتىمگە يېتىشىم،كۆڭلۈمدە ئويلىغاننى ئەمەلدە  ھاسىل ئېتىشىم كېرەك. ھەركىم سەندەك پۇرسەت كۈتۈپ ئولتۇرسا بەلكىم جاپا ۋە تەشۋىشسىز ياشىشى مۈمكىن.لېكىن مەن ئۇنداق بولۇشىنى خالىمايمەن.ئادەمگە ئىش كەلگەندە ئادەمنىڭ يېشىغا باقمايدۇ.شۇڭا‹‹ ئەقىل ياشتا ئەمەس باشتا›› دېيىشىدۇ.بىر دۆلەتكە شاھ بولۇشتا قانداق بىلىم –ئىقتىدار لازىم بولىدىغان بولسا ماڭا شۇنى ئۆگەتكىن.چۈنكى بىلىم –ھەقىقەت،بىلىم-راستلىقنىڭ ماھى.بىلىملىك پەملىك كىشىگە ھەر ئىشنىڭ بېشىدىلا داۋامى مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ.شۇڭا مەن بۈگۈندىن باشلاپ ۋاقىتنى بوش ئۆتكۈزمەسلىككە،تۈرلۈك  بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە كىرىشىشنى قارار قىلدىم.

مەنزەر بۇ سۆزلەردىن تولىمۇ ھەيران قالدى.ئۇ بەھرامنى مۇنچىلىك سۆز قىلالالايدۇ دەپ ئويلىمىغان ئېدى.شۇڭا ھەيرانلىقىنى باسالماي تەڭرى نامىنى تىلغا ئالدى.شۇھان بىر ئەلچىنى تۆگە بېلىگە مىندۈرۈپ سۈرخان ئېلىگە ئەۋەتتى.ئەلچى ئۇ يۇرتتىن ھەر بىرى بىردىن  ھۈنەردە كامال تاپقان ئۈچ دانانى تاللاپ ئېلىپ كەلدى.ئۇلارنىڭ بىرى دەۋرلىك ئىشىدا ئۇستاز ئېدى.تەدبىر –ساۋاقلىرى دىلنى رۇشەن قىلاتتى.ئىككىنچىسى شىكار ماھىرى ئېدى.لاچىن-قارچۇغىلار  بىلەن ئوۋ ئوۋلاشنى ئۆگىتەتتى.قارچۇغا ئۇچۇرۇپ ئوۋ ئوۋلاشتا ھېچكىم ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيتتى.ئۈچىنچى بىرى چەۋگەن ئويناشنى سۇدەك بىلەتتى.ماھىر كامانداز ئېدى. ھەر –ھەر يامان باتۇرلارنى تىغ ئۇرۇپ يىقىتالايتتى.ئوڭ -سولغا ئات چاپتۇرۇپ چەۋەندازلىق قىلىشتا ھەممىنى بېسىپ چۈشەتتى.جاھاندىكى باتۇرلار ئارىسدا ھەممىدىن نامدار ئېدى.بىرىنچى ئۆلىما بەھرامغا شاھلىق رەسمىنى ئۆگىتەتتى.نۇتۇق سۆزلەش،مەنسەپنى قانداق تۇتۇش يوللىرىنى دىلغا تاشقا ئويۇلغان مۆھۈردەك مۆھۈردەك  چىڭ ئورنۇتاتتى.ئۇ تارىخ ئىلمىدىنمۇ تولۇق خەۋەردار بولۇپ بارلىق پادىشاھلارنىڭ تارىخىنى خۇددى يادلىۋالغاندەكلا تولۇق بىلەتتى. ئادىل ،ئاقىل شاھىنشاھلارنىڭ تەرىپلىرىنى بەھرامنىڭ دىلىغا سىڭدۈرەتتى.

بۇ ئۈچ مۇبەد مەنزەرنىڭ ھوزۇرىغا كېلىپ بىر مۇددەت ئۆزلىرىنىڭ بىلىم ئىقتىدارلىرىنى ئاشكارە قىلدى.مەنزەر ئۇلارنى ئىنتاھان قىلىپ قابىلىيىتىدىن  رازى بولغاندىن كېيىن بەھرامنى خاتىرجەم ھالدا تاپشۇرۇپ بەردى.

   شاھزادە بەھرام ھۈنەرگە تەشنا ئېدى.شۇڭا دەرسلەردە راسا تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.ئۇستازلىرى نىمىلا ئۆگەتسە تېزلىكتە ئۆگىنىۋېلىپ ئىستىداتىنى نامايەن قىلدى.نىمىنى ئاڭلىسا ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى دىلىغا گۈل نەقىشلىرىدەك مەھكەم ئورنۇتۇۋالاتتى.

بەھرام  ئون ئىككى ياشقا قەدەم قويغاندا چېھرى قۇياشتەك نۇرلاندى.جەسۈرلۇق ۋە بەردەملىكتە ھىچكىم ئۇنىڭ بىلەن تەڭلىشەلمەيتتى.ئۇ ئۇستازلىرىنىڭ بارلىق بىلىم قابىلىيەتلىرىنى تولۇق ئېگەللەپ بولغان بولۇپ داۋاملىق دەرس ئاڭلاشقا ئېھتىياجى قالمىغان ئېدى.بىلىم –ھىكمەت،چەۋگەن،قارچىغا،لاچىن،مەيداندا ئات چاپتۇرماق،دۈشمەننى يوقاتماق قاتارلىق تۈرلەردە ھىچبىر ماھارەت ئۇنىڭغا سىر ئەمەس ئېدى.شۇڭا ئۇ مەنزەرگە دېدى:

-ئەي پاك دىل جاناپ،بارلىق ئىلىملەرنى تولۇق ئۆگىنىپ بولدۇم.ئەمدى سەن ئۇستازلارغا جاۋاپ بەرگىن.

مەنزەر ئۇستازلارنى يۇرتىغا  ئۇزاتتى.ئۇلارنىڭ ھەر بىرىشاھزادىگە سىڭدۈرەەن  ئەجرى ئۈچۈن مەنزەردىن كۆپلىگەن ھەدىيەلەرنى ئالغان ئېدى.شاھ يەزدىگىرد ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن مەنزەرگە پەرمان قىلدى:

-دەرھال بارلىق نەيزىدارلارنى مەن تەرەپكە يولغا سال.بارچە تۇلپارلارنى توپلىغىن.نەزيزىكەشلىك جېڭى ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلغىن.شۇ قاتاردا ماڭا لايىق كەلگۈدەك ئىسىل تۇلپاردىن بىرنى تەييارلا.ئىگىسى قانچە دىرھەم باھا قويۇشىدىن قەتئى نەزەر پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي دېگىنىنى بېرىپ بىمالال سېتىۋالغىن.

مەنزەر جاۋاپ بېرىپ دېدىكى:

-ئايا، ئۇلۇغ شاھ ھەزرەتلىرى،ئۆزلىرى جىمىكى ئىلىملەردىن ئاگاھ.ھازىر ئۇدۇللىرىدا يىلقىچىلار بەكمۇ كۆپقۇ؟ ئۇلار ھەممىسى سىلىنىڭ قۇللىرى، ئەمىرلىرىنى جان دەپ بىلىپ بىر-بىرلەپ بېجىرىدۇ.ئەگەر ئەرەپتىن ئات سېتىۋالماق بولسىلىرى ئۆزلىرىگە تولىمۇ ئاساندۇر.ماڭا بولسا تولىمۇ مۇشكۈل ۋە قولايسىزدۇر.

شاھزادە بەھرام شۇئان مەنزەرنىڭ سۆزىگە سۆز قوشتى:

-ئەي مۇبەد،غەم يېمىگىن.مۇراد مەقسەدكە يېتىشنىڭ يولى تولىمۇ ئاساندۇر.ماڭا شامالدەك تېز چاپىدىغان،تاغ-داۋانلاردىنمۇ قۇشتەك يەڭگىل چېپىپ ئۆتەلەيدىغان بىر ئات كېرەك.مەن ئۇنى مىنىپ ئوقتەك تېز چاپپىدىغان ،باھار شامىلىدىنمۇ تېزرەك ئۇچىدىدىغان قىلىپ كۆندۈرەي.ئەگەر ئۇ ھەر خىل سىناقلارغا كۆنمىسە شىكاردىمۇ، جەڭگاھتىمۇ كارغا يارىمايدۇ.

مەنزەر نۇئىمانغا بۇيرۇق بەردى:

-بارلىق ئاتلارنى تېزلىكتە بۇ تەرەپكە ھەيدەپ كەلگىن.نەيزىدار مەرتلەرنىمۇ تېزرەك كەلتۈر.ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن تەڭداشىسز ئارغىماقنى تاللىۋالايلى!

نۇئىمان پەرماننى ئېلىپ تېزلىكتە يولغا چىقتى.ئات توپلىرىنى ئارىلاپ يۈرۈپ ئارىسىدىن ئەڭ چاپقۇرلىرىدىن يۈز ئاتنى تاللاپ ئېلىپ كەلدى.بۇلار  يۈز ئات ئەمەس بەلكى چاپقۇرلۇقتا تەڭداشسىز  يۈز ئۇچار قانات ئېدى.بەھرام بۇ ئاتلارنى بىر -بىرلەپ مىنىپ تاغ-ئېدىر ،سەھرا -قىرلاردا چاپتۇرۇپ سىناپ  كۆردى.ئۇلار ھەقىقىتەن بىر- بىرىدىن ئېسىل ئاتلار ئېدى،بوراندەك چاپاتتى.لېكىن سىنايدىغان ئاتلار كۆپ بولغاچقا  شاھزادە بەھرام بارا –بارا ھالىدىن كەتتى.شۇنداقتىمۇ كەسكىن سىناقنى قىيامىغا يەتكۈزۈپ كەڭ يەلكىلىك، شىردەك جۈرئەتلىك،ئوق كەبى تېز سۈرئەتلىك تۇلپار ئاتنى ئاخىرى تاللاپ چىقتى.شۇنىڭغا يانداپ جىگەر رەڭلىك يەنە بىر تۇلپارنىمۇ خىللىۋالدى.بۇمۇ دەريادىن تۇتقان لەھەڭدەك زور ئات بولۇپ چاپقاندا تاقىسىدىن ئۇچقۇنلار چاچرايتتى. يايلى قاندىن رەڭ ئالغاندەك  قىپقىزىل ئېدى.يىلقىچى كۇفا توقىيىدىن ئېدى.مەنزەر ئۇنىڭ بىلەن سودىلىشىپ بىر جۈپ تۇلپارغا دېگىنى بويىچە ھەق تاپشۇردى.قوش تۇلپار بەھرامنىڭ ئىلكىگە ئۆتتى.

بىر كۈنى بەھرام قوشۇن تارتىپ ئوۋغا چىقتى. بۈركۈت،لاچىن،قارچۇغىلارنىمۇ يېتەرلىك ئېلىۋېلىشتى.ئۇلار بىر تاغ باغرىدا كېتىۋېتىپ بىر شىرنى يولۇقتۇردى. ئۇ شىر ئوۋچىلاردىن بۇرۇن بىر قۇلاننى ئوۋلىغان بولۇپ شۇ تاپتا قۇلاننى پارچىلاپ يەۋاتقان ئېدى.بۇنى كۆرۈپ بەھرامنىڭ يەنە بىر ماھارەت كۆرسەتكۈسى كەلدى.ئۇ ياغا ئوقنى سېلىپ شىر بىلەن قۇلاننى نىشانلاپ بىرتال ئوق ئاتتى.زەھەرلىك ئوق ۋىژىلداپ ئۇچقان بويىچە بېرىپ شىر بىلەن قۇلانغا سانچىلدى.ئوقنىڭ يېرىمى شىرنىڭ تۇمشۇقىغا ،يېرىمى قۇلاننىڭ تېنىگە سانچىلغان ئېدى.بۇ ھەپتە يېقىنلىرىدىن مەنزەر بىلەن نۇئىمان بىللە چىققان ئېدى. ھەمراھلىرى بۇ خىلقالتىس مەرگەنلىكنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتا بارىكاللا ئېيتىشتى.

شاھزادە كېيىنكى ھەپتىمۇ يەنە ئوۋغا چىقتى.بۇ نۆۋەت ئۇنىڭ بىلەن ئەرەپ سەربازلىرى بىرگە چىققان بولۇپ  يانمۇ-يان مېڭىپ بىرگە كەلمەكتە ئېدى.ئۇلاردىن بەھرامغا  پايدىمۇ، زىيانمۇ كېلەتتى.بەھرام بۇ ئوۋدىمۇ ئات بىلەن ئوقيادا ماھارەت كۆرسۈتۈپ ئۇلارغا ئۆزىنى تونۇتۇپ قويماقچى بولدى.پايدىلىق پۇرسەت ئىزدەپ  ئەتراپقا نەزەر سالدى.ئالدى تەرەپتە بىر چوڭ ئوتلاق كۆرۈندى.بۇ ئوتلاقتا تۆگىقۇشلار بەكمۇ كۆپ ئېدى.ئۇلار توپ-توپ بولۇشۇپ پادا ھالەتتە ئوتلىشىپ يۈرەتتى.بۇ ئادەملەر تۆگىقۇشلارنى كۆرگەن ھامان ئارىسىدا قۇيۇنسىمان غۇلغۇلا باشلاندى.بەھرام ئوقياغا ئەپچىللىك بىلەن تۆت تىزىق ئوقنى سالدى. كىرىچنى راسا  تارتىپ تۆگىقۇشنىڭ كۆكسىنى نىشانلاپ تۇرۇپ  ئوقلارنى قويۇۋەتتى.ئوقلار يادىن ئىزمۇ-ئىز ئۇچۇپ چىقىپ تېزلىكتە تۆگىقۇشنىڭ باغرىغا سانچىلدى.خۇددى تۆت تال تىغ ئارقمۇ- ئارقا ئۇچۇپ كېلىپ بىر نوقتىغا سانچىلغاندەك، بۇ تۆت تال ئوقمۇ بىرلا يەرنى تىشىپ ئۆتۈپ يەنە بىرلا  يەرگە سانچىلغان ئېدى.تۆت تال ئوقنىڭ سانچىلغان ئارىلىقلىرى شۇ قەدەر زىچ ئېدىكى،ئارىلىقىدا يىڭنە سانچىلغۇدەك ئارىلىقمۇ ئېشىپ قالمىغان ئېدى.مۇنچىۋالا مەرگەنلىك ئەلۋەتتە بىر ئەرگە نىسبەتەن زور شان- شەرەپ ئېلىپ كېلەلەيتتى. نامدارلار كارامەتنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن تۆگىقۇش تامان چېپىپ كېتىشتى.مەرگەنلىكتىكى مىسلىسىز دەرىجىدىكى بۇ مۆلچەرگە ۋە يۇقۇرى ماھارەتكە بىردەك ھەيران قېلىشتى.بىرگە چىققان باتۇر سەركەردىلەردىن تارتىپ نەيزىدار لەشكەرگە قەدەر بەھرامغا قايىل بولمىغان بىرمۇ كىشى قالمىدى.مەنزەر شاھزادە بەھرامغا چەكسىز ئاپىرىنلار ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

-ئەي شاھزادە،مەندەك بىر  ناتىۋاننىڭ قولىدىن سىلىدەك بىر ئۇلۇغ ئەزىمەت يېتىشىپ چىقىپتۇ.شۇ سەۋەپتىن مەن ئۆزۈمنى مىسلى بەختلىك باغۋەن ھېساپلايمەن. شۇ تاپتا شاتلىقتا قىلىشقا قىلىق تاپالماي قېلىۋاتىمەن. چۈنكى سىز مېنىڭ بېغىمنىڭ ئەڭ شېرىن،ئەڭ مەشھۇر، ئەڭ ئەتىۋارلىق مېۋىسى ھېساپلىنىسىز. ئەي شاھزادەم، نۇرلۇق جامالىڭىز ھەمىشە تولۇن ئاي كەبى نۇر چاچسۇن.ئەزىمەتلەرگە خاس ھۈنەرلىرىڭىز كامالىغا يېتىپ باتۇرلارنىڭ مەڭگۈلۈك  ئۈلگۈسىگە ئايلانسۇن.

دېگەندەك ھەممە شادىمان بولدى.مەنزەرمۇ شاد-خوراملىق ئىچىدە شەھەرگە قايتىپ كەلدى.ئۇ سۆھبەت ۋە تۈرلۈك ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ شاھزادە بەھرامنىڭ مەرگەنلىكتىكى ئاجايىپ ماھارەتلىرى ھەققىدىكى بايانلارنى سۆزلەپ ئۇنىڭ نام- شۆھرىتىنى جاھانغا يايدى.بەھرامنىڭ جەڭگاھتىكى ھالىتىنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن يەمەندىن بىرنەچچە مەشھۇر رەساممنى چاقىرتىپ كەلدى.ئۇلارغا  بەھرامنىڭ شىكاردا كۆرسەتكەن ماھارەتلىرىنى رەسىم قىلىپ شايىغا سىزىپ چىقىشنى بۇيرىدى.رەسىم پۈتتى.رەسىمدە تەسۋىرلىنىشىچە بەھرام ھەيۋەتلىك بىر نارتۆگىنى مىنگەن ھالەتتە كەڭ ئورماندا ئوقيا تۇتۇپ كېتىپ بارماقتا ئېدى.ئۇ چەبدەسلىك بىلەن ئوۋ قىلاتتى.ئوۋىدا قۇلان،ئاھۇ ۋە شىرلارنى ئوۋلايتتى.بۇ رەسىملەرنىڭ بىرىدە ھېلىقى تۆگىقۇش بىلەن بولغان جەڭمۇ تەسۋىرلەنگەن ئېدى. شۇ چاغدىكى ئىشلار  ئاق شايى چايشاپقا قارا رەڭ بىلەن ئاجايىپ يۇقۇرى ماھارەتتە ئەينەن ئوخشۇتۇلۇپ سىزىلغان ئېدى.بۇ رەسىم سىزىلىپ پۈتكەن كۈنى مەنزەر ئۇنى شاھقا ئەۋەتىپ بەردى.

بۇ نامە يەزدگىرنىڭ قەسىرىگە يەتتى.رەسىمدىكى مەنزىرە  بارلىق نامدارلار بىلەن لەشكەرلەرنىڭ ئەقلىنى لال قىلدى.ئىراننڭ قالتىس باتۇر، مەرگەن سانىلىدىغان نامدارلىرىمۇ ھەيرانلىقتا ياقا تۇتۇشتى.ئۇلار بۇ رەسىمنى كۆرگەندىن كېيىن شاھنىڭ ئالدىدا خوشامەت يۈزىسىدىن ئەمەس،بەلكى چىن كۆڭۈللىرىدىن قايىل بولۇشقان ھالدا بەھرامنى مەدھىيەلەپ تەرىپكە ئېغىز ئېچىشتى.

بەھرام شاھ ئاتىسى يەزدگىر بىلەن كۆرۈشمەكنى ئىستىدى.بۇ چاغدا ‹‹بەھرام›› دېگەن نام جاندەك ئەزىزلىنىدىغان،ئاپتاپ كەبى نۇر چاچىدىغان ئۇلۇغ نامغا ئايلانغان ئېدى.شۇ سەۋەپتىن  بىر كۈنى بەھرام مەنزەرگە بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچتى:

-ئەي دانا غەمخانىم،قەدىردان ئۇستازىم.دەرگاھىڭىزدا ئۇزاق تۇرۇپ قالدىم.ئەمدىلىكتە يۇرتۇمغا قايتماقنى،ئاتام بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ  يېنىدا تۇرماقنى،خىزمىتىنى قىلماقنى ئارمان قىلىۋاتىمەن.سىزدىنمۇ ئايرىلغۇم يوق بولسىمۇ، ئەمما ئاتا-بالىلىق رىشتىمىز تۈپەيلى سېغىنىش پىراقى دىلىمنى ئازاپلىماقتا. ماڭا ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىشقا ئىجازەت بەرگەن بولسىڭىز.

مەنزەر شاھزادىنىڭ تەلىپىنى ئورۇنداشقا تۇتۇندى.ئەلۋەتتە ئۇنى ‹‹ئەمىسە كەتكىن››دەپ مۇنداقلا يولغا سېلىپ قويغىلى بولمايتتى.شۇڭا بەھرام بىلەن بىرگە ئەۋەتىپ شەھرىيارغا سوۋغا قىلماققا يەمەندىن لايىقىدا سوۋغا-سالام ئىزدىمەككە كىرىشىپ كەتتى.ئۇ پىلانىغا ئاساسەن نۇرغۇن سوۋغا-سالام تەييارلىدى.بۇلارنىڭ ئىچىدە شامالدەك تېز چاپىدىغان ئەرەپ ئاتلىرى بولۇپلا قالماي، ئاتلارغا توقۇلىدىغان زەر جابدۇق،يەمەن ساۋۇتى،يەمەن تىغى،گۆھەر،ئىنجۇ...قاتارلىق تۈركۈم-تۈركۈم  قىممەتلىك مالللارمۇ تەييارلانغان ئېدى.بارلىق تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن مەنزەر شاھزادىگە ھەمراھ بولۇپ بىرگە ماڭماققا نۇئىماننى تەيىنلىدى.ئۇلار خەيىرلىك بىر كۈننى تاللاپ شاھىنشاھ بىلەن كۆرۈشمەككە سەپەرگە ئاتلاندى.

بەھرام بىلەن نۇئىمان سىتەھر تامان مېڭىپ كېتىشتى.ئۇلار ئۇزاق يوللارنى يېقىن قىلىش ئۈچۈن ئۆتمۈش ھەققىدە ۋە ئۇلۇغلار ھەققىدە قىزىقارلىق قىسسە-داستانلارنى سۆزلىشىپ مېڭىشتى.ئۇلار ئۇزاق يوللارنى ئەنە شۇنداق تاماملاپ ئاخىر سىتەھرگە يېتىپ كېلىشتى.

يەزدگىر ئوغلىنىڭ كەلگەنلىكىنى، ئەرەپ پۇشتىدىن بولغان نۇئىماننىڭ ھەمراھ بولۇپ بىللە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ بارلىق دانا-ھۇشيارلارنى يىغدى. ئاندىن بارلىق نامدارلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا قارشى ئېلىشقا چىقتى. ئۇلار يېقىنلاپ كەلگەندە شاھ بەھرامغا نەزەر تاشلىدى.كۆردىكى بەھرامنىڭ چىراي ۋە بەستىدىن كۇچ- قۇدرەت ۋە ئەقىل -پاراسەت ئالامەتلىرى مانا مەن دەپ بالقىپ تۇراتتى.شاھ ئۇنىڭ زەبەردەست بوي-بەستى ۋە يۈكسەك ئەقىل-پاراسىتىدىن ھەيران قالدى.شاھ ئىنتايىن خۇشال بولغان ئېدى.شۇڭا ئۇنى دەرھال يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ مەدھىيەگە ئېغىز ئاچتى.كۆپلىگەن سۇئال –جاۋاپلارنى قىلىشىپ مۇڭدىشىپ دىدارلىششىتى.شاھ شۇ خۇشاللىقىدا نۇئىمانغا شەھەردىن بىر ئىسىل جاينى سوۋغا قىلدى.بەھرامغىمۇ ئۆزىگە مۇناسىپ ساراي بەلگۈلەپ بەردى.

  بەھرامنىڭ سارىيىدا ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان قۇل- چاكارلار بەكمۇ كۆپ ئېدى.ئۇلار بەھرامنىڭ ھەرقانداق خىزمىتى ئۈچۈن ھەرقاچان تەخ بولۇپ تۇرۇشاتتى.بەھرام كەلگەندىن بېرى ئاتىسىنىڭ يېنىدا بولۇپ ئۇ بۇيرۇغان خىزمەتلەرنى قىلدى.كېچەيۇ-كۈندۈز ئاكتىپلىق بىلەن ئىشلەپ ئارام ئېلىشنىمۇ ئۇنتۇدى.

ئەمدى نۇئىمانغا كەلسەك ئۇ سىتەھرگە كېلىپ بىرەر ئايچە تۇرغاندىن كېيىن شاھ يېنىغا كىرىپ يەمەنگە قايتىپ كېتىش رايىنى بىلدۈردى.شاھ ئۇنى ئايۋىنىغا چاقىرتىپ يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ بىر ئاخشام سۆھبەتلەشتى.ئۇنىڭغا دېدىكى:

مەنزەر ئوغلۇمنى تەربىيەلەيمەن،كامالىغا يەتكۈزىمەن دەپ كۆپ زەخمەت چېكىپتۇ.مەن سىزلەرنىڭ بۇ خىزمەتلىرىڭىزلەرنى يۈكسەك خىزمەت دەپ ھېساپلايمەن.سىزلەرنى ئۇلۇغ ئادەملەر ئورنىغا قويۇپ ئىززىتىڭىزلەرنى قىلىمەن.بۇنداق دانالىق،شاھ پەرزەنتىگە بولغان رەھنەما (يول كۆرسەتكۈچى،باشچىلىق قىلغۇچى،يېتەكچى) لىق  ئەلۋەتتە تەھسىنگە لايىقتۇر.سىز بىزنىڭ پايتەختكە كەلگەندىن بېرى خېلى ئۇزاق تۇرۇپ قالدىڭىز.ئاتىڭىز سىزنى سېغىنىپ،يولۇڭىزغا بىتاقەت بولۇپ،قايتىپ كېلىشىڭىزنى كۈتۈۋاتقان بولۇشى مۈمكىن. بولىدۇ،مەن تەلىپىڭىزگە قوشۇلۇپ قايتىپ كېتىشىڭىزگە رۇخسەت بېرەي.

ئەتىسى شاھ  نۇئىمانغا يوللۇق تۇتۇش ئۈچۈن غەزىنىدىن ئەللىك مىڭ دىنار ئاجراتتى.ئۇنىڭغا نۇئىمانغا يېزىلغان بىر پارچە مەكتۇپنى قوشتى.ئۇندىن باشقا ئىسىل تۇلپاردىن ئوننى سوۋغا قىلدى.بۇ تۇلپارلارنىڭ جابدۇقلىرى ئالتۇن-كۈمۈشلەردىن قىلىنغان بولۇپ نەقىشلىرى يالتىراپ تۇراتتى.يۇقارقىلاردىن سىرت يەنە كۆپلىگەن كېنىزەكلەرنى،پالاس گىلەملەرنى،رەڭمۇرەڭ ،تازا مۈشىك -ئەنبەرلەرنىمۇ ھەدىيە قىلدى.خەزىنىدىن ئاقرىتىلغان بۇ ماللارنىڭ ھەممىسى مەنزەر ۋە نۇئىمانغا ‹‹ھالال›› دەپ ئاتالدى.

نۇئىمان بۇ سوۋغىلار ۋە شاھ ئاتا قىلغان چەكسىىز ئىززەتتىن شادىمان بولدى.بايلىقلارنى دوستلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى.

يەزدىگىرد شاھنىڭ يەمەن شاھى مەنزەرگە يازغان مەكتۇبىنىڭ ئەڭ ئاساسى مەزمۇنىدا:

‹‹ مەن ساڭا قەرىزدارمەن،سەن ماڭا بىر باتۇر ئوغۇلنى ئىنئام قىلدىڭ››دېيىلگەن ئېدى.بۇ خەتكە قوشۇپ بەھراممۇ بىر پارچە خەت يېزىپ ئەۋەتتى.بەھرام خېتىدە يېزىشىچە  شاھ ئاتىسىنىڭ يېنىدىكى تۇرمۇشتىن ئانچە رازى بولمىغاندەك قىلاتتى.ئۇ خېتىدە مۇنداق دېگەن ئېدى:‹‹شاھ ئاتامدىن بۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلمىغان ئېدىم.مەن بۇيەردە نە ئوغۇلغا، نە چاكارغا ئوخشىماي قېلىۋاتىمەن.ئويۇن تاماششاغا بېرىلىپ كېتىپ بۇرۇنقى باتۇر، قەيسەر ھالىتىمدىن ئېزىشقا باشلىدىم.ماڭا ئەڭ ئىسىل سارايدىن بىرنى ھەدىيە قىلغان،خىزمىتىمگە مىڭلاپ كىشىنى سېلىپ بەرگەن بولسىمۇ لېكىن قىلچە راھەت ھىس قىلمىدىم...››

نۇئىمان تىنىچ –ئامان يول يۈرۈپ  ئۆز ئېلىگە ئاتىسى مەنزەرنىڭ دەرگاھىغا  قايتىپ كەتتى.مەنزەر ئوغلىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكنى،ئۇنىڭ ئۆزىگە شاھتىن مەكتۇپ ئالغاچ  كەلگەنلىكنى ئۇقۇپ شادىمان بولدى ۋە خەتنى ئېلىپ ھۆرمەت يۈزىسىىدن كۆزىگە سۈردى.شاھ ئەۋەتكەن بىھەد سوۋغاتلامۇ ئۇنى بۆلەكچە شاتلاندۇرۇۋەتتى.بۇ سوۋغاتلار ئۈچۈن ئۇ شەھرىيارنى مۇبارەكلەپ چىن دىلىدىن ياد ئەتتى.سۆھبەت ئارىلىقىدا نۇئىمان بەھرامنىڭ سىرى توغرىلىق سۆز ئاچتى.لېكىن بۇ سىرلارنى ئادەم كۆپ ۋاقىتتا ئەمەس بەلكى، ئاتىسى بىلەن پىنھان قالغاندا ئاشكارىلىدى.مەنزەر بەھرامنىڭ خېتىنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپ چېھرىنى غەم باستى.ئۇ شۇ ھالدا ئولتۇرۇپ پۈتۈكچىسىگە بەھرامغا جاۋاپ خەت يېزىشنى بۇيرۇدى.

بۇ خەتتە بەھرامغا بىرنەچچە مەسلىھەت بېرىلدى.خەتتە مۇنداق دېيىلگەن ئېدى:‹‹ئەي شۆھرىتى ئۇلۇغ شاھزادە،مەندىن سىزگە مەسلىھەت شولدۇركى،بۇندىن كېيىن ئۇلۇغلار يولىنى تۇتقايسىز.شاھتىن بېشىڭىزغا ھەرقانداق ئىش چۈشسە ئۇنىڭدىن خۇرسەند بولغايسىز.ئۇنىڭ خىزمىتىنى كەمكۈتىسىز بەجا قىلىپ، ئۇنىڭغا ھەرۋاقىت ساداقەتمەن بولغايسىز.مەردلەر بېشىغا ھەرقانداق ئىش كەلسە بەرداشلىق بېرەلىسە كۈلپەتنى يېڭەلەيدۇ.ئەقىل مەردلىكنى نامايەن قىلىدۇ.ئەزەلدىن پەلەكنىڭ ئىشى شۇ بولۇپ كەلگەن.ھىچبىر كىشى پەلەك ھۆكمىگە قارشى چىققان ئەمەس.ئۇ بىرىنىڭ دىلىنى مېھىر بىلەن تولدۇرسا،يەنە بىرىنىڭ تەقدىرىگە زۇلۇمنى يار قىلىدۇ.تەڭرىم ئۇنى شۇ تەقلىدتتە ياراتقان بولغاچقا ھەركىم ئۇنىڭ ئەمرىگە باش ئەگمىكى زۆرۈر. بۇندىن ئىلگىرىكى دەۋردە ساڭا تۇرمۇشتا نېمە زۆرۈر بولغان بولسا،دىنارمۇ،گۆھەرمۇ ياكى باشقا نەرسىمۇ ئىشقىلىپ نېمە لازىم بولغان بولسا مەن شۇنى ساڭا ئەۋەتىپ بېرىپ تۇراي.ئەسلا رەنج تارتمىغىن.مەن ساڭا نېمىلا ئەۋەتمەي ئەۋەتكەن نەرسىلىرىم بىر نەپەس غېمىڭگە ئەرزىمەستۇر.مەن باشتىلا چىن كۆڭلۈمدىن چىقىرىپ ساڭا ئون مىڭ دىنار ئەۋەتتىم.خىراجىتىڭگە سەرىپ قىلغىن.ئۇنىڭغا قوشۇپ بىر دانا كېنىزەكنىمۇ ئەۋەتتىم.ئۇ ھەم سېنىڭ كۆڭلۈڭنى ئاچىدۇ،ھەم ساڭا رەھنەما بولىدۇ.قاراڭغۇدا شامىڭنى مۇنەۋۋەر قىلىپ كۆپلىگەن شادلىققا مۇيەسسەر قىلىدۇ.ئۇندىن باشقىمۇ يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئەۋەتتىم.شەھرىياردىن كېرەكلىك نەرسىلىرىڭنى سوراپ ئالالماي مالال بولۇپ يۈرمىگىن.شاھلارنىڭ رەسمىدە قانداق ئادەت بولسا شۇنىڭغا رۇئايە قىلىپ شاھنى ھۆرمەت قىلغىن.ئىززىتىنى كامىل بەجا كەتۈرگىن.ھەرقانداق ئەمرىنى جان- دىلىڭ بىلەن قوبۇل قىلىپ خىزمىتىنى ياخشى قىل.شۇنى بىلەىنكى،ئەگەر شاھ يامان يولغا مېڭىپ قالسا ئۇنى ماڭغان يولىدىن قايتۇرۇپ كېلىش سېنىڭدەك يىگىتنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ›› نامە تامام بولغاندىن كېيىن نامىنى ۋە سوۋغىلارنى ئېلىپ ئون ئەرەپ تېزلىكتە يولغا چۈشتى.ئۇلارنىڭ ھەممىسى داڭلىق ناتىقلار ۋە ھۇشيار دانالاردىن ئېدى.

ئۇلار بەھرامنىڭ قېشىغا ئاخىر يېتىپ كېلىشتى.يېنىدا مەنزەر ئەۋەتكەن ئالتۇنلار،قۇللار ۋە ھېلىقى كېنىزەك بار ئېدى.دانا بەھرام بۇ قىممەتلىك سوۋغىلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ ھېساپسىز شادلاندى.دىلىدىكى غەملىرى بۇ سوۋغىلار تۈپەيلى بەربات بولدى.ئەرەپ شاھى مەنزەرنىڭ ئۈگۈت نەسىھەتلىرى بەكلا تەسىر قىلغاچقا  كېچەيۇ-كۈندۈز ئاتىسىنىڭ خىزمىتىدە بولدى.

بىر كۈنى بەزمە جەريانىدا  بەھرام ئارام ئالماستىن تىك تۇرۇپ  شاھ ئاتىسىنىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتاتتى. تۇرۇۋېرىپ بەكمۇ چارچىدى.شۇڭا تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۇنىڭ كۆزىنى ئۇيقۇ بېسىپ ئۆرە تۇرغان پېتىچىلا مۈگدەپ قالدى.شاھ بۇ ھالنى كۆرۈپ دەرغەزەپ بولدى.قاتتىق رەنجىش تۈپەيلى بىر ھازا كايىدى.ئاندىن مۇلازىملىرىغا بۇيرۇدى:

-بۇ ھورۇن لەقۋانى تېزدىن سارايدىن قوغلاپ چىقىرىڭلار! ئۇنىڭغا شاھزادىلەرگە خاس تاج-ئەمەل ياراشمايدىكەن.مۇنداق پەرزەنت‹‹شاھنىڭ پەرزەنتى›› دەپ ئاتىلىدىغان ئۇلۇغ شۆھرەتكىمۇ مۇناسىپ كەلمەيدىكەن. شۇڭا ئۇنى  قاراڭغۇ زىندانغا تاشلاپ بەند قىلىپ قويۇڭلار.

شۇنداق قىلىپ بەھرام كىچىككىنە سەۋەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق جازاغا ئۇچراپ زىندانغا تاشلاندى. زىنداندائىككى كۈنلا يېتىپ قايتىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىش ئۇنىڭغا قاتتىق ھار كەلدى.ئازاپ شىرىن دىلىنى ئۆرتىگەن ھالدا ئاتىسىنىڭ دىدارىنى كۆرمەي بىر يىلنى ئۆتكۈزدى.پەقەت سەد چېغى بىلەن نورۇز بايرىمىدىلا بۇزرۇكۋارنى كۆرۈش نېسىپ بولاتتى.

ئەمدى باشقا بىر ۋەقە دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.بىر كۈنى رۇمدىن تەينۇش ئاتلىق بىر زات رۇم شاھى قەيسەرگە ئەلچى بولۇپ كەلدى.ئۇ رۇمنىڭ بېجى بىلەن قوشۇپ نۇرغۇن مال-دۇنيالارنى ۋە قۇل-چاكارلارنى سوۋغاتلىققا ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

شاھىنشاھ تەينۇشتىن كۆپ مەمنۇن بولدى.ئۇنى ئىززەتلەپ چۈشكۈنىگە مەخسۇس جاي ئاجراتتى.شۇ كەمگىچە ھىچكىم بەھرام بىلەن شاھنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپ بەھرام ئۈچۈن گەپ قىلىپ قويمىغان، ياراشتۇرۇپ  قويۇش ئۈچۈن بىر قەدەم يولمۇ ماڭمىغان ئېدى.بەھرام بۇ كىشىدىن پايدىلىنىپ شاھ ئاتىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىۋېلىش ئۈچۈن چۈشكۈن قىلغان سارايغا كېلىپ ئۇ ئادەم بىلەن كۆرۈشتى.ئۇنىڭغا ئەرزىنى بايان قىلىپ دىل سىرلىرىنى تۆكتى.ئۇنى‹‹مەرد،دانا،ئەقىلدان››دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن ئاتاپ چەكسىز ئىززەتلىدى.بەھرام ئۆز ئەرزىنى بايان قىلىپ:

-شاھ ماڭا ئارتۇق غەزەپ قىلدى.مېنى بىگۇناھ ھالدا سارايدىن قوغلىدى.ئەگەر سىلى مەن ئۈچۈن گەپ قىلىپ ئارىغا چۈشسىلىرى شاھ غەزىپىدىن يېنىپ ماڭا شەپقەت قىلىدۇ.كېيىنكى بەخت-ئىقبالىم يەنە يالتىرايدۇ. پەدەرىم ماڭا شەپقەت قىلسا قىلسۇن، ئەگەر داۋاملىق مېنى كۆرۈشنى خالىمىسا يەمەنگە، ئۇستازىم يېنىغا قايتۇرۇۋەتسۇن.مېھىر- مۇھەببەت جەھەتتە ماڭا ئاتا-ئانامدىن يەمەن شاھى مەنزەر مىڭ  ئەۋزەلدۇر.-دېدى.

تەينۇش بەھرامنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەردى.ياخشى سۆزلەرنى قىلىپ ئۈمىدلەندۈردى.

كېيىن تەينۇش ۋەدىسىگە بىنائەن شاھ بىلەن كۆرۈشۈپ بەھرامنىڭ تەلىپىنى يەتكۈزدى.شاھ بەھرامنىڭ يەنە يەمەنگە بېرىپ تۇرۇشىغا قوشۇلدى.

بەھرام بۇ ئىشتىن شادلاندى. بۇ خوشاللىقى ئۈچۈن دەرۋىشلەرگە خەير- ئېھسانلارنى ئايىماي بەردى.كېيىن ئۇنىڭ دىلىغا سەپەر ئىشتىياقى چۈشتى.بۇ ئارزۇسىنى تېزراق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئالدىرىدى.شۇڭا بارلىق خىزمەتكارلىرىنى يېنىغا ئېلىپ، ھەممسى ئۇچقۇر ئارغىماقلارغا مىنىپ  يەمەنگە قاراپ تۈندە يولغا چىقتى.ئۇ يولغا چىقىش ئالدىدا دوستلىرىغا:

-تەڭرىگە شۈكۈر،ھەرنىمە بولسا خېيىم -خەتەردىن ۋە غەم ئەندىشىلەردىن بىر قۇر قۇتۇلدۇق.-دېدى.

ئۇلار ئۇزاق يوللارنى بېسىپ يەمەن شەھىرىگە يېقىنلاپ باردى.يەمەن شاھى مەنزەر  بەھرامنىڭ كېلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ ئوغلى نۇئىمان بىلەن ئوردىسىدىكى نامدارلار،نەيزىدار –چەۋەندازلار ۋە شەھەر ئەھلىنى باشلاپ ئۇنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئالدىغا چىقتى.بۇ قارشى ئېلىش مۇراسىمى شۇنچىلىك چوڭ ۋە داغدۇغىلىق بولدىكى قارشى ئېلىشقا چىققان قوشۇنلارنىڭ چېڭىدىن ساما يۈزى قارايغاندەك بولدى.بەھرامنىڭ رەھنەماسى ئۇنىڭغا يېقىنلاشتى.ئۇستاز بىلەن شاگرت بىر-بىرىگە يۈزمۇ- يۈز بولدى.بەھرام ئۇستازىغا دەرت تۆكۈپ ئۆز ئەھۋالىدىن مۇڭلۇق سۆزلەرنى ئېيتتى.مەنزەر ئۇنىڭ ھالىنى ئاڭلاپ بۇ غەم-غۇسسىدىن زار-زار يىغلىدى.دېدىكىم:

-شەھرىيار تولىمۇ تاش يۈرەك ئىكەن.كىمكى ئۆز ئەقلىگە دانالىقتىن ئاساس تاپمىسا،خۇسۇمەت جېڭىدىن خالاسلىق تاپالماس.

بەھرام بۇ سۆزگە جاۋاپ بېرىپ مۇنداق  دېدى:

-شۇمۇ شاھنىڭ يۇلتۇزى بولدىمۇ؟! بۇنداق بولىۋەرسە قول ئاستدىكىلەر ئۈچۈن  كۈندۈزىمۇ كېچىدىن پەرقى يوق زۇلمەتكە ئايلىنىدۇ.

مۇراسىمدىن كېيىن ئۇلار بىرلىكتە  شەھەرگە كىرىشتى.مەنزەر شاگىرتىنى ئىنتايىن ئىززەتلىدى.ئۇنىڭغا ھەددى- ھېساپسىز ياخشىلىقلارنى كۆرسەتتى.بىر كۈن بەزمىدە بولسا ،بىركۈن شىكاردا؛بىر كۈن مېھماندارچىلىقتا بولسا،بىركۈن سەيلى تاماششىدا بولۇپ ئات ئۈستىدە پەرۋاز قىلىپ، كۆڭۈللۈك پائالىيەتلەر بىلەن بەختىيار ھايات پەيزىنى سۈرۈشكە باشلىدى.

يەزدىگىرد سارايدا شاھلىق پەيزىنى سۈرسە، ئوغلى يىراق سەھرادا مۇساپىرچىلىقتا ياشىماقتا ئېدى.لېكىن كۈنلەردىن بىر كۈنى زامان شىددىتى ئۆز ئىشىنى ئاشكار قىلدى.شاھنىڭ بەھرىمەن بولغان شادلىقلىرىنى ‹‹يېتەر››دەپ بىلدى.بۇ تۈپەيلى مۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەردى. يەزدىگىرد سەلتەنەت غېمىنى ئىنچىكە ئويلاپ بارلىق ئەللەردىكى دانىشمەنلەرنى يىغدى.ئۇ مۇنەججىملەرگە مۇنداق بۇيرۇق بەردى:

-سىلەر ئاسماننى كۈزۈتۈپ مېنى يۇلتۇزلار ھالىدىن ئاگاھ قىلىڭلار. مۇنەججىملىك كارامىتىڭلارنى ئىشقا سېلىپ مېنىڭ قازا يېتەر چېغىمنى ئېنىقلاپ چىقىڭلار.مېنى زادى قانداق ئۆلۈم كۈتۈۋالىدىكەن.ئەجەل قۇشى ئېزىز جېنىمنى قايسى يىل،قايسى ئاي،قايسى كۈنى قانداق شەكىلدە ئېلىپ كېتىدىكەن؟!

ئەڭ ماھىر مۇنەججىم پالنى ئېچىپ بولغاندىن كېيىن جاۋاپ بېرىپ دېدى:

-ئۇنداق يامان كۈندىن ئاللاھ ئىگەم ئۆزى ساقلىسۇن.شاھىم نىمە ئۈچۈن ئۆلۈمنى ئويلاپ قالدى؟ پالدىن شۇ نەرسە ئايان بولدىكى،ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق ئىش يۈز بېرىپ قالسا شاھ سۇ ئېقىنىدا سەپەر قىلىدىكەن.ھەمدە ئۆمرىمۇ سۇدا ئاخىرلىشىدىكەن.بۇ گەپ ئاڭلىماققا ھەرقانداق كىشىگە ئېغىر كېلىدۇ.پالدا شۇنداق چىققىنى بىلەن ھەرقانداق تەقدىر ئىشى يەنىلا تەڭرىنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ.شۇڭا شاھىم بۇنى ئويلاپ كۆڭلىنى پەرىشان قىلماي باشقا خۇشال بولۇدىغان ئىشلارنى ئويلاپ خىرامان ياشاۋەرگەي.قىلچە غەم چەكمىگەي.

شاھ بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تەڭرى نۇرىنى كۆڭلىدە ياد قىلىپ تۇرۇپ شۇنداق قەسەم قىلدى:

-تەڭرى نامىدا قەسەم قىلىمەنكى،بۇندىن كېيىن سۇ تەرەپكە ھەرگىز يېقىنلاشمايمەن.كۆزۈم سۇ ئېقىنى نى كۆرمىسۇن.ھەرقانداق چاغ، ھەرقانداق ھالەتتە سۇغا يېقىنلىشىشتىن ئۆزۈمنى قاتتىق تۇتۇۋالغايمەن.

شاھ قەسىمىگە ئەمەل قىلىپ دەريا،دېڭىز ۋە كۆللەرگە بېرىشتىن قاتتىق ئېھتىيات قىلدى.كۆڭلىدە ‹‹سۇغا يېقىنلاشماي،سۇدا سەپەر قىلماي قۇرۇقلۇقتىلا ياشىسام ئەجەل ماڭا يېقىنلىشالمايدۇ››دەپ ئويلىدى.

شۇ ھالەتتە ئارىدىن ئۈچ ئاي ۋاقىت ئۆتتى.شاھ ئەجەلدىن ئامان قېلىپ ياشاۋەردى.لېكىن غەلىتىلا بىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالدى.يەنى، ھەر كۈنى بۇرنى قانايتتى.ئوڭ بۇرنى بىر ھەپتە قاناپ توختىسا، ئىككىنچى ھەپتىس سول بۇرنى نۆۋەت ئېلىپ توختىماي قانايتتى.دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئەڭ دانا تىۋىپلارنى يىغىپ كېلىپ كۆرۈنگەن،قانىماسلىقنىڭ چارىسىنى قىلغان بولسىمۇ لېكىن ھىچنىمە كار قىلمىدى.

بىر كۈنى ئەڭ نامدار دانىشمەن شاھقا تەنبىھ بېرىپ مۇنداق دېدى:

-ئايا شەھرىيار،كېسىلىڭىزنىڭ مەنبەسى شۇكى،سىز پەرۋەردىگار يولىنى ئىنكار قىلدىڭىز.سىزنىڭچە بىرەر سەۋەپ بىلەن ئاسانلىقچە  ئەجەلدىن قۇتۇلۇپ قېلىشقا بولۇرمۇ؟! قايسى گۈل ياكى بوستان زىمىستاندىن قۇتۇلۇپ بەرگىنى ساقلاپ قالالىغان؟ سىلىدىكى بۇ كېسەل بەدەنلىرىدە سۇ كەمچىل بولۇپ تەنلىرى قۇرغاقلىشىپ كەتكەنلىكتىن كېلىپ چىققان.ئەگەر جاناپلىرى بۇ كېسەلدىن نىجاتلىق تاپىمەن دەيدىكەنلا پەقەت بىرلا چارە بار شۇنى قىلماقلىرى كېرەك.شۇندىلا كېسەللىرى شىپا تاپقۇسى.

شاھ تەقەززالىق بىلەن سورىدى:

-قانداق چارە بار؟تېزراق ئېيتسىلا!

-سۇغا يېقىنراق جايغا  بېرىپ، سۇ بويىغا جايلىشىپ  ئېقىن بويىدا يۈرمەكلىرى كېرەك.ئۇ يەردە سىلى تەڭرىگە تەۋبە قىلماقلىرى،يەر سۆيۈپ تازىم بەجا كەلتۈرمەكلىرى،ئىگەمگە زار يىغلاپ كۆپ ئىلتىجا قىلماقلىرى لازىم.

-نىمە دەپ ئىلتىجا قىلىمەن؟

-‹‹ئەي قۇدرەتلىك تەڭرىم،بەندەئى ناتىۋانمەن.بىھۇدە ئانت ئىچكەن گۇناھكار جانمەن.مەن بۇ يەرگە ئەجىلىم پۇرسىتىنى بىلگىلى،ئۆمۈرلۈك شەپقەت ئىلتىماس قىلغىلى كەلدىم›› دەيلا.

بۇ گەپ شاھى جاھانغا ماقۇل كەلدى.دىلى ئۈمىدلىنىپ تېنىگە يەڭگىللىك كىرگەندەك بولدى.ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇلۇغ بىر كارۋان تۈزۈلدى.بارلىق سەپەر تەييارلىقلىرى پۈتكەندىن كېيىن ئۇلار كارۋان بىلەن چەشمە بويىغا راۋان بولدى.شاھ ئۈچۈن چوڭ بىر پىل ئۈستىگە  خاس شاھانە تەخت قۇرۇلغان ئېدى.شاھ ئەنە شۇ تەخت ئۈستىدە ئولتۇرۇپ سەپەرنى داۋام قىلماقتا،بۇرنىدىكى قانمۇ داۋاملىق ئېقىپ تۇرماقتا ئېدى.ئۇلار نىڭ مەنزىلى تۇس ئېدى.ئاخىرى تۇستىكى دەريا ساھىلىغا يېقىنلىشىپ كەلدى.كۆردىكى، قىرغاق گويا پايانسىز يېشىل مەخمەلدەك گۈزەلتۈستە سوزۇلۇپ ياتاتتى. شاھ سۇ بويىغا كېلىپ سۇ بىلەن باش كۆزلىرىنى يۇيدى.ئاندىن سۇ بويىغا خاس بارگاھ قۇردۇرۇپ شۇ يەردە ئارام ئالدى.دانانىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە تەڭرىنى ياد ئېتىپ،گۇناھلىرىنى تىلەپ يالۋۇرۇشقا چۈشتى.دانا ھەقىقەتەن توغرا يول كۆرسەتكەن ئىكەن. بۇ ئىشنىڭ ئۈنۈمى بولۇپ شاھنىڭ بۇرنى قاناشتىن توختىدى.شاھ بۇنىڭدىن خۇشال بولۇپ داستىخان يايدۇدى.

بىرنەچچە كۈن شۇ تەقلىدتە ئۆتتى.شاھ سۇ بويىدا ياشىغان بولسىمۇ ئۆلۈم ھادىسىسى يۈز بەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن شاھ بىخۇدلاشتى.مۇنەججىمنىڭ پالىدىن قاتتىق گۇمانلاندى.ئۆزىنى ئالدانغاندەك،قاتتىق ئەخمەق قىلىنغاندەك ھىس قىلىپ غەزەپلەندى:

- بەدبەخت مۇنەججىم ماڭا قورققاق سېلىپ ئېيتقان مۇدھىش كارامەت قېنى؟! مەن سۇ بويىدا ياشاۋاتقىلى شۇنچە كۈنلەر بولدى.تېخىچە ئۆلمىدىمغۇ؟! ئۆلۈم شەربىتى ئىچىش ئورنىغا مەن بۇيەردە كېسىلىمگە شىپا تېپىپلا قالماي يېڭى ئامەتكە ئېرىشتىم.خەپ، قايتىپ بارغاندىن كېيىن جاللاتلارغا بۇيرۇپ  يالغان سۆزلىگەن تىلىنى كەستۈرۈۋەتمەيدىغان بولسام.

شاھنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزىدىن غۇرۇر ئۇچماقتا،مۇنەججىمگە بولغان غەزەپ،تەقدىر قىسمىتىگە بولغان قاتتىق گۇمان ھەسسىلەپ ئاشماقتا ئېدى.

بىر كۈنى شاھ دەريا بويىدا سەيلى قىلىپ يۈرگەندە بىر سۇ ئېتى دەريادىن چىقتى.ئۇنىڭ ساغرىسى تەپتەكشى بولۇپ گويا قۇلاندەك ئېدى.لېكىن ئۇ ئاددى ئاتلارغا ئوخشاش مۇلايىم،يۇۋاش بولماستىن يولۋاستەك باتۇر،شىردەك ۋەھشى ئېدى.بۈدۈر كەلگەن يايلى بىر بىرىگە  چىڭگىلىكتەك چىرمىشىپ تۇراتتى. سىرتقى رەڭگى قازاندەك قاپقارا ئېدى. ھەدەپ غەزەپلىك پۇشقۇراتتى.تۇرقى بەكمۇ ھەيۋەتلىك بولۇپ چەكچەيگەن كۆزلىرى ‹‹ئۇچرىغاننى يەيمەن›› دەپ ۋەھشەت سېلىپ تۇراتتى.ئۇ سۇدىن چىقىپلا قۇترىغان شىرنىمۇ ھالاك قىلغۇدەك ئەلپاز بىلەن تۇياقلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ چاڭ توزۇتۇپ  ھەممىنى قورقۇتتى.

ئۇنى كۆرۈپ شاھ قورقتى.دەرھال مۇھاپىزەتچى باتۇر لەشكەرلىرىگە ئۇنى تۇتۇشنى بۇيرۇدى:

-بارلىق پەم – دىتىڭلارنى ۋە باتۇرلۇقىڭلارنى ئىشقا سېلىپ بۇ مەخلۇقنى تۇتۇڭلار!

بىر چوپان بىلەن ئىككى ئۇچقۇر چەۋەنداز ئوقيالىرىنى بەتلەپ،ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ تېزلىكتە سۇ ئېتىنى قورشاپ كېلىشتى.بۇ سۇ ئېتىنىڭ دەل ئۆزىنىڭ ئەزرائىلى ئىكەنلىكنى،ئۇ سۇدىن ئىگەمنىڭ ئېرادىسى بىلەن چىققانلىقىنى شاھ نەدىن بىلسۇن.بۇ ئەجدەر سۇپەت ئات قېچىش ئورنىغا ھەدەپ ھۇجۇم قىلىپ بۇ باتۇر مەردلەرنى ھالىدىن كەتكۈزىۋەتتى.شاھ بۇ ھالنى كۆرۈپ دەرغەزەپ بولدى.ئۇ بۇ ئاتقا قىزىقىپ قالغان،ئۇنى تۇتۇپ كۆندۈرۈپ مەخسۇس مىنىدىغان ئات قىلىۋالماقچى بولغان ئېدى.شۇڭا قولىغا ئىگەر- جابدۇقلارنى ئېلىۋېلىپ سۇ ئېتى بىلەن باتۇرلارچە ئېلىشتى.بىر كەمدە سۇ ئېتى مېڭىشتىن توختاپ بىر جايدا جىم تۇردى.يېنىغا ھىچكىمنى يېقىن يولاتماي ئالدى- ئارقا پۇتلىرىنى شىلتىپ ئۆزىگە يېقىنلاشقانلارنى تېپىشكە ئۇرۇندى.شاھ ئۇنىڭغا يېقىنلاپ كېلىپ بېشىغا نوقتا سالدى.ئاندىن بېلىگە ئىگەر ئارتماقچى بولدى.لېكىن ئاتنى بويسۇندۇرالمىدى.بۇ ئات ھەقىقەتەن بەكمۇ كۈچلۈك ئېدى.شاھ ئۇنىڭ بېلىگە ئارغامچا باغلاپ مەھكەم تارتىپمۇ جايىدىن قىمىرلىتالمىدى.قازارا، شاھ ئۇنىڭ ئارقا پۇتىنى باغلاش ئۈچۈن ئارقىسىغا ئۆتكەن ھامان دەريا ئېتىغا بىر غۇلغۇلا چۈشۈپ غەزەپلىك كىشنىدى.تاشتەك قاتتىق تۇيىقى بىلەن شاھنى بىر تېپىۋىدى تاج كەيگەن بېشى يەرگە چاپلىشىپ قالدى.بەئەينى ‹‹تۇپراقتىن پەيدا بولۇپ ئاخىرى يەنە تۇپراققا قايتتى›› دېگەن ھىكمەتتىكىدەك ئىش بولۇپ ئەشۇ بىر پەشۋا شاھنىڭ جېنىنى ئالدى.تەقدىر مەنمەنچى شاھنى ئەنە شۇنداق جازالاپ ئاخىرى سۇ بويىدا ھالاك قىلدى.

بۇ پەلەك توختىماي ئايلىنىپ كېچە-كۈندۈز ئۆز ئىشىنى قىلىپ تۇرىدۇ.نادانلار تەڭرى ئېرادىسىگە قارشى چىقماقچى،ئۇنى ئۆزگەرتىپ ئۆز ئېرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولسىمۇ يەنىلا تەقدىر ھۆكمىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.ئەي ئىنسان،ھەرۋاقىت تەڭرىگە ئىشەن،ئۇنىڭغا سەجدە قىل.ئۇنىڭدىن پاناھلىق ئىزدە.شۇنى ئۇنتۇمىغىنكى،قۇياش بىلەن ئايمۇ ئۇنىڭ ئەمرىدىدۇر.ھىچقانداق بىر ئىش ئۇنىڭ ئىزنىسى تەقدىرىسىز يۈز بەرمەستۇر.

دەل ئاشۇ چاغدا شاھنىڭ جەسىدى كۆكۈرۈپ تۇرغان ئېقىنغا شۇڭغۇدى.خېلى ۋاقىت سۇدىن قورقۇپ سۇغا يېقىن يولىماي ياشىغان شاھتىن قالغان جەسەد ئاخىرى سۇغا غەرق بولدى.ھېچكىم مۇنداق ئۆلۈمنى پەقەتلا كۆرۈپ باقمىغان ئېدى.لەشكەرلەر زار-زار يىغلاشماقتا ئېدى:

-ئاھ ئېسىت،شۇم ئەجەل شاھىمزنى كېسەلنى باھانە قىلىپ تۇسقا ئېلىپ كەلگەن ئىكەن-دە!

لەشكەرلەر قاتتىق ماتەم تۇتۇشتى.ئۇلار ئازاپ تۈپەيلى كىيىملىرىنى يىرتىپ  مىڭ پارە قىلىشتى،باشلىرىغا توپىلار چېچىپ يەكپارە بولۇشتى.شاھنى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلىپ كەلگەن دانا يېنىدىن خەنجەر چىقىرىپ شاھنىڭ قارنىنى كىندىكىدىن بېشىغا قەدەر ياردى.تېنىگە مۈشكى،كاپۇر دېگەندەك خۇشپۇراق ماتېرياللارنى سېلىپ خۇشپۇراق قىلدى.ئۇندىن باشقا  چىرىشتىن ساقلىغۇچى دورا ماتېرياللارنىمۇ سېلىپ جەسەتنى چىرىتمەي ساقلاشنىڭ ئامالىنى قىلدى.شاھنىڭ ئاخىرەتلىك كىيىملىرىمۇ كىمخاپتىن قىلىنىپ شاھانە يوسۇندا تەييارلاندى.تاۋۇتىنى ئالتۇندىن ياساپ سەدەپ مارجان بىلەن كەشتىلەنگەن مەخمەلدىن يوپۇق ياپتى.ھەممە تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن كارۋان تاۋۇتنى كۆتۈرۈپ كەلگەن يۇرتقا قايتىش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلاندى.

بىقارار ئالەمنىڭ ئادىتى ئەنە شۇ.كىمنىدۇر قايغۇ-نادامەتكە دۇچار قىلسا،يەنە كىمگىدۇر بەخت-سائادەت بېغىشلايدۇ.سەن زامانغا باققىنىڭ بىلەن زامان ساڭا باقماس.سەندىن ئامەت قاچقاندا نان يېسەڭ نېنىڭمۇ قېتىپ چىشىڭ پاتماس.ئۇسسۇلۇق ئۈچۈن جامىڭغىمۇ شەربەت،مەي- شاراپ ئاقماس.شۇڭا ئەي بەخت ئىزدىگۈچى،قولۇڭدا ئىمكانىيەت بار چاغدا ئىنسان ئېتىقادىنى تەرك قىلماي چىن ئېتىقادىڭ بىلەن ھالال ياشىغىن.

پادىشاھ جاھان يۇرتقا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن بۇرۇنقى پادىشاھلار دەپن قىلىنغان شاھانە  لەخمىدە قويۇلدى.ئىراننىڭ بارلىق ئۇلۇغلىرى توپلاندى.ۋەزىرلەر،سەردارلار،تەدبىرلىك دانالار،ئىسىل خىسلەتلىك جاناپلار بولۇپ پارسنىڭ بارلىق ئەزىزلىرى جەم بولۇپ شاھ يەزدىگىردنىڭ بېشىدا  ماتىمىنى تۇتۇشتى.ئۇلار ئارىسىدا  پىلنى يەڭگەن مەشھۇر زات گۇستەھەم، مەرد كاران، سۇمباتلىق گۇشتەسب قاتارلىقلار بار بولۇپلا قالماي، ئارەش دىيارىدىن كەلگەنلەردىن مىلاد بىلەن گۈرزىچى پىروزىمۇ بار ئېدى.بۇ ماتەم ئۈچۈن ئېراننىڭ بارچە ئۇلۇغلىرى،جاھاننى ھەربى كۈچ بىلەن تۇتۇپ تۇرغان ھەممە بار -يوقى كېلىشتى.

كىمىكى يەزدىگىردنىڭ جەبرىنى كۆپ تارتقان بولسا بۈگۈن ئۇ پايتەختنىڭ باغرىنى ئۆزىگە جاي قىلغان ئېدى.ماتەم مۇراسىمى ئەمەلىيەتتە شاتلىق مۇراسىمىغا ئايلىنىپ قالغان ئېدى.گۇشتەسىب مۇراسىمدا نۇتۇق سۆزلىدى:

-قېرى- ياش بارلىق مەردانلار سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار.بۇ ئالەم يارالغان چېغىدىن بېرى ھىچقانداق ئادەم بۇنداق زالىم شاھنى كۆرۈپ باققان ئەمەس.ئۇنىڭ ھۈنىرى ئۆلتۈرمەك،جەبرى-زۇلۇم سالماق،ئەلنى قاخشىتىپ مال-مۈلۈك يىغماق ئېدى.ناپاكلىق بابىدا ئۇ تەنھا ،ھەر بىر ئىز-قەدىمىدە شۇملۇق پەيدا قىلماقلىقتا يەكتا ئېدى.يېتەر، بىز نەچچە ۋاقتىن بېرى ھايات ياشاۋاتقان تۇرۇپمۇ ئۇنىڭ زۇلمىدىن  قەبرە ئازابى تارتىپ كەلدۇق.شۇڭا ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدىغانغا ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن بىرمۇ كىشىنى ئىستىمەيمىز.پەقەت شۇ بەھراملا ئۇنىڭ ئەۋلادى، كۆڭۈل ۋە ئەقىلنىڭ پەيۋەندى ئېدى.لېكىن ئۇنىڭ ئاغزىدىن مەنزەر بىلەن نۇئىماننىڭ نامى چۈشمەيدۇ.بىزگە ئۇنداق نائادىلنىڭ رەھبەرلىكى كېرەك ئەمەس.

ئىراننىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك نامدارلىرىدىن بىرنەچچە زات شۇ زامات بۇ ھەقتە قاتتىق قەسەملەر ئىچىشتى:

-بىز ئىران كاتتىلىرى شۇنداق قەتئى نىيەتكە كەلدۇقكى،يەزدىگىرد نەسلىگە بەخت يانداشمىغاي،ئىراننىڭ تاجۇ-تەختى مۇيەسسەر بولمىغاي!

ئۇلار گېپىنى بىر قىلىۋېلىشىپ شۇ مەزمۇندا قەتئىي قارار ماقۇللاشتى.قارارغا بىنائەن باشقا شەھرىيار تاپماق لازىم بولدى.شەھرىيارنىڭ ۋاپاتى ھەققىدىكى  خەۋەر سەردارلار ئىچىگىمۇ يېتىپ كەلدى.سەردار ئەلەنشاھمۇ بۇ خەۋەردىن شادلىنىپ تەنتەنە قىلدى. شاھلىق ھەركىمنى قىزىقتۇرماقتا ئېدى.بېرىۋەرد،شۇكنان شاھى قاتارلىقلارمۇ بۇ خەۋەردىن خۇرسەند بولۇشۇپ شۇنداق دېيىشتى:

-مەن تۇرغان يەردە باشقا كىشىنىڭ شاھ بولۇشقا ھەددى بولۇرمۇ؟! مانا مەن ھەممىنىڭ سەرۋەرىدۇرمەن،يەر-ئاسمان ئارىسىدىكى ھەممىدىن قابىل رەھبەر ئىرۇرمەن.

تەخت ئۈستىدە بىر دانا باشقۇرغۇچى بولمىغاچقا ئالەمنى غۇلغۇلا،تالاش-تارتىش قاپلىدى.ئىران دانالىرى،بىلىمدان كىشىلەر،باتۇر مەردلەر،تەپەككۈرى رۇشەن بارلىق ئەزىمەتلەر پارسقا توپلۇنۇپ مەسلىھەت قىلىشتى.بۇ ئىش خۇسۇسىدا ئۇلاردىن بىرى ئېغىز ئېچىپ مۇنداق دېدى:

-پادىشاھنىڭ تەختىگە كىم لايىق كېلىدۇ، سەلتەنەت رەسمىگە كىم ھەممىمىزدىن بەك سادىق؟بىز شۇنداق ئادىل خۇشبەخت ،بۇ ئالتۇن تەختنى قولىغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان مۇكەممەل زاتنى تېخى ئۇچراتمىدۇق.شۇنداق بىر زات بولسا ئوتتۇرىغا چىقسا،بۇ جاھان غوۋغاسىنى يوقاتسا بەكمۇ ياخشى بولاتتى.ئەل شاھسىز، باشپاناھسىز تۇرۇۋەرسە ھەيھات، جاھان چوقۇم ۋەيران بولىدۇ.

ئەل ئىچىدە خۇسرەۋ ئىسىملىك بىر ياشانغان كىشى بار ئېدى.ئۇ ئوچۇق دىل،پاك نىيەت،تازا جىسىملىك،بارچە مەرتلەر ئارا ھەممىدىن ئىززەتلىك ئادەم ئېدى.ئۇ يەنە دۆلەتلىك،سۆلەتلىك، ئەل ئارا ھۆرمەتلىك كىشى ئېدى.ھەممىنىڭ تاللىشى،ئېتىراپ قىلىشى بىلەن ئۇنىڭغا تەختنىڭ قۇدرىتى تەگدى.دېمەك ئۇ پۈتۈن ئەلگە،بارلىق قوشۇنلارغا رەھبەر بولدى.

بەھرام ئاتىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن خەۋەر تاپتى:
-ئەي خىرامان شاھزادە،شاھلار شاھى بولغان مەغرۇر ئاتاڭ قازا قىلدى.چەرخى-پەلەك تېز مەقام بىلەن ئۇنى تەختكە خۇرۇج ئەتتى.دېمەك سېنىڭ شەرەپ تاجىڭ سۇلدى.
بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان بەھرامنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇنى قوللايدىغان سەردار ۋە لەشكەرلەر دەرھال ھەركەتكە ئۆتتى.ئۇلار بەھرامنى يەزدىگىردنىڭ ئورنىغا شاھلىققا دەسسەتمەك ئۈچۈن قاتتىق ۋەدە بېرىشىپ، قەسەملەر ئىچتى.شۇ سەۋەپتىن ئۇلار:‹‹بەھرام شاھ ئاتىسىنىڭ دەل ئۆزىدۇر.ئۇ يەزدىگىردنىڭ ئەقلى،جىسمى ۋە كۆزى ئېدى.ئاتا ئىزىنى ئوغۇل باسمىقى ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان رەسىم- قائىدە . ئۇنى قانداقمۇ خالىغانچە ئۆزگەرتكىلى بولسۇن.ئاڭلىساق ئىران تەختىنى خۇسرەۋ ئىسىملىك بىر مەرد كالان ئىگەللەپتىمىش. پۈتكۈل دىيارغا ۋە شاھانە بەختكە ئىگە بوپتۇمىش.بىز ئۇنى شاھلىقتىن قالدۇرۇپ ئىران  تەختنى ئەسلى مىراسخورىغا ئېلىپ بەرمىكىمىز بەرھەق›› دېيىشتى. بەھرام شاھ ئاتىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىدىن
زىيادە قايغۇردى.كىيىملىرىنى يىرتىپ،يۈزلىرىنى تاتىلاپ غەم قوينىدا پۇچۇلۇنۇپ بىر ئاي قاتتىق ماتەم تۇتتى.يەمەن شەھىرىدىكى بارلىق خەلقلەرمۇ يەزدىگىردكە ئىككى ھەپتە ماتەم تۇتۇپ كۆز ياشلىرىغا غەرق بولۇشتى.
ۋاقىت يېڭى ئاي يولىغا قەدەم قويغان چاغدا مەنزەر بىلەن نۇئىمان قېرى -ياش،ئەر –ئايال بارچە ئەرەپ ئەھلى بىلەن بەھرامنىڭ يېنىغا كېلىپ بىرلىكتە يىغلاشتى.بەئەينى ئوت كۆرمەي پىشقاندەك ئازاپلىنىپ باغرىنى قىيناشتى.ئۇلار بىر ھازا شۇنداق ئازاپلىق يىغلاشقاندىن كېيىن بەھرامغا تەسەللىدىن ئېغىز ئېچىشتى:
-ئەي شاھىم،تەلەيلىرى مەڭگۈ ئۈستۈن ئورۇندا بولغاي.بۇ ئالەمدە ھەممىمىز تۇپراقتىن يارالغان ئاجىز ئىنساندۇرمىز.ھىچ بىر دانا ئۆلۈمگە ئامال قىلىپ ئۆلگەننى تىرىلدۈرەلەيدىغان تەرياكنى ياساپ چىقالىغان ئەمەس.ئانىدىن تۇغۇلغان ئىكەنمىز، ھامان بىر كۈن ئۆلمەكلىك تەقدىرىمىزدە بار ئىش.كونىلار:‹‹ ياشىماق سىتەمدۇر،ئۆلمەكلىك بولسا ھىچكىم ئۆزگەرتەلمەيدىغان قانۇن›› دېگەن.شۇڭا بۇنچە ئاھ ئۇرۇپ يىغلاۋەرمىگەيلا.قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ شاھىمىزنىڭ ئورنىنى بېسىشقا،ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، قىلىپ بولالمىغان ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى داۋام ئەتمەككە ئىرادە باغلىغايلا!
بەھرام مەنزەر بىلەن مۇڭداش بولۇپ قەلب سىرلىرىنى تۆكتى:
-ناگاھ بېشىمىزغا قارا كۈنلەر چۈشتى.شاھىنشاھنىڭ نەسلى تەختتىن مەھرۇم بولسا، ھاياتنىڭ نەۋقىران پەسلى سۇلغۇسىدۇر. ئەرەپلەر قىرىلىپ، چەۋەندازلار دەشتى خارۇ- زار بولۇپ،ھەممە ئازار يەپ ئاھ-ۋاھ چېكىشەر.شۇ تاپتا مەن سىلىنىڭ مەدەتلىرىگە ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك مۇھتاج بولۇپ تۇرۇپتىمەن. ماڭا دانا مەسلىھەتلىرىنى بېرىپ مۇسىبىتىمنى يېنىكلىتىپلا قالماي، بۇندىن كېيىنكى ئۆمۈر مەنزىلىمگە دانا يول كۆرسەتكەيلا. مەنزەر بەھرامنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ مەردانە ھالدا مۇنداق جاۋاپ قايتۇردى:
-ئەي مەرد ئوغلان،بۇ ئىشتىن ئەنسىرىمىگەيلا! پۈتكۈل يەمەن دىيارى مېنىڭ شىكارگاھىمدۇر. تەختىمدە بىمالال ئولتۇرۇپ يۇرتقا نەزەر سالغايلا،مېنىڭ تاجۇ-تەختىمنى،بارلىق مال –مۈلكۈمنى ئۆزۈمنىڭ دەپ تونۇپ كۆڭۈللىرىنى پۈتۈن تۇتقايلا.ئىران تەختى ھامان سىلىنىڭ.خۇسرەۋ ئۇ تەختتە ئۇزۇن ئولتۇرالمايدۇ.بىز بىرلىكتە تەدبىر قوللۇنۇپ ئۇنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ سىلىنى تېگىشلىك مىراسلىرىغا تولۇق ئىگە قىلىمىز!

مەنزەرنىڭ دېگەن گەپلىرىنى ئەرەپ ئۇلۇغلىرىمۇ توغرا تېپىشتى.چۈنكى بۇلار مەنزەرنىڭ ئاغزىدىن چىققان مەردانە خىتاب ئېدى.ئۇلار شاھنىڭ تەلىپىنى چۈشۈنۈپ بولغاندىن كېيىن بەھرامنى يۆلەپ شاھلىق ئورنىغا چىقىرىشنىڭ تەييارلىقلىرىنى قىلىش ئۈچۈن  ھەممىسى ئۆيلىرىگە تارقىلىشتى.مەنزەر نۇئىمانغا باھادىر مەرد ئەزىمەتلەردىن قوشۇن تۈزۈش،شەيبان شىرلىرى ۋە غەسسان قاپلانلىرىدىن ئون مىڭ  لەشكەر توپلاشقا بۇيرۇق بەردى، ئاخىرىدا مۇنداق دېدى:

-مەن ئەھلى ئېرانغا شۇنداق بىر غەيرەت كۆرسۈتەيكى، ئۇلار كىمنىڭ ھەقىقى شاھ،نىمىنىڭ سەلتەنەت،نىمىنىڭ كۈچ قۇدرەت ۋە ھوقۇق- ئېمتىياز بولۇدىغانلىقنى بىلىپ قالسۇن.

نۇئىمان شاھ ئاتىسىنىڭ تەلىپىگە بېنائەن ئارىدىن  ئانچە ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكۈزمەيلا زور بىر قوشۇننى تەييار قىلدى.ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆتكۈر  شەمشەر ۋە نەيزىلەر بىلەن قۇراللانغان باتۇر ئەزىمەتلەر ئېدى. ھەممە تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن نۇئىمان لەشكەرلەرگە يۈرۈش قىلىش بۇيرۇقى بەردى:

-ئەي باتۇر ئەزىمەتلىرىم، دەرھال ئىرانغا قارشى يۈرۈش باشلاڭلار.سىلەردىن كۈتۈدىغان تەلىپىم شۇكى،تېزلىكتە ئۇرۇش باشلاپ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىڭلار.قەتئىي چېكىنمەڭلار.ئىراننى بېسىۋېلىپ يېڭى شاھىنى تەختىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلىمىغۇچە قىلىچنى قىنىغا سالماڭلار.

لەشكەرلەر چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ تېزلىكتە يۈرۈش باشلىدى.بۇ يېقى تەيسەفۇن،ئۇ يېقى شورسانغا قەدەر كەڭ دىيار لەشكەر بىلەن تولدى.جەڭ ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرىدىن چىققان زىل-زىلە زېمىننى تىتىرەتتى.ئۇلار باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ ئېرانلىقلارنى بويسۇندۇردى.ئاياللار ۋە بالىلار ئەسىرگە چۈشتى.ئەرلىرىنىڭ كۆپلىرى ئۇرۇشتا ئۆلدى.ئىراننىڭ بارلىق يۇرتلىرى تالان قىلىندى.جەڭ-جېدەل،يانغىن تۈپەيلى ئەلدىن ئامەت قاچتى.تەخت شاھسىز قالغاچقا زوراۋانلىقلار تەرەپ-تەرەپلەردە ئاۋۇپ ئەل بالايى-ئاپەت ئىچىدە قالدى.رۇم ، چىن،ھىندى،تۈرك،مۇكران زىمىنلىرىنىڭ ھۆكمىرانلىرى بۇ جەڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپتى.خۇسرەۋ ئىران تەختىدىن يوقالدى.ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى،ئۇ شاھلىق شەرىپىگە نالايىق كىشى ئىكەن.يەمەن غالىپلىرى شەھەردە ئات چاپتۇرۇپ ئۆتكۈر تىغلىرىنى ئوينۇتۇپ كۈچىنى كۆرسەتتى.خالىغانچە بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. بۇ قىرغىن پەقەت شەھەرلەردىلا ئەۋجىپ قالماي يېزىلاردىمۇ داۋاملىشىپ ،بۇلاپ- تالاش ھەممە يەرگە يامراپ كەتتى.ئىران تالان-تاراجدا قېلىپ ئازاپ چەكتى.ھەربى ھوقۇق ئىگەللىگەن مۇشتۇمزورلار تەرەپ-تەرەپلەردە ھەركەت قوللۇنۇپ  شاھلىق چۈشلىرىنى كۆرۈشكە باشلىدى.

بۇ ۋەقەدىن ئىرانلىقلارنىڭ دىلى مىڭ پارە بولدى.بۇ غەم-ئازاپلار  ئۇلارنىڭ جېنىدىن ئۆتكەچكە بۇ ئىشقا چارە ئىزدەشكە كىرىشتى.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ ھەقتە مەسلىھەت تۈزمەك ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولۇشتى.دېيىشتىلەركى:

-ھىندى،رۇم مەملىكەتلىرىگە ۋە سەھرا قەۋمىلىرىگە ئۆلۈمدىن ئۆتە زۇلۇم بولۇۋاتىدۇ.ئۇندىن قۇتۇلماق ئۈچۈن غايەت ئۈنۈملۈك تەدبىردىن بىرنى تاپماق كېرەك.شۇندىلا بۇ ئازاپتىن خالاس بولۇپ بۇرۇنقىدەك خاتىرجەم ياشىغايمىز.

مەسلىھەتكە بىنائەن ئۇلار شۇ ھامان بىلىمدان،سۆزمەن،مۈشكۈللەرنى ئاسان قىلغۇچى بىر ئەلچىنى تاللاشتى.ئەلچىنىڭ ئىسمى جەۋانۇي ئېدى.ئۇ تولىمۇ تەدبىرلىك كىشى بولۇپ تەدبىركارلىق جەھەتتە ئەل ئىچىدە يۈكسەك ئابرۇيغا ئېگە ئېدى.بۇ ئەلچى ئەرەپ يۇرتىغا- مەنزەرنىڭ ئالدىغا بېرىشى،سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىپ ئۇنىڭدىن جاۋاپ ئېلىشى لازىم ئېدى. ئەل ئاۋامنىڭ مەنزەرگە يازغان مەكتۇبىدا مۇنداق مەزمۇن ئىپادىلەنگەن ئېدى:‹‹ئايا،مۆتىبەر پادىشاھ،ئۇلۇغ ناملىرىنىڭ شۆھرىتىنى پۈتكۈل جاھان خەلقى بىلىدۇ.ئۆزلىرى ئىرانغا ۋە مۇكرانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىلا.ئېيتقان ھەر بىر سۆزلىرى مەردلەرگە قانات بولىدۇ.ئەگەر بۇ تەخت شاھسىز ۋە تاجسىز قالسا پۈتكۈل ئەل رەڭگى قانسىز،ھالىسز،ئىلاجىسىز بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ.شۇڭا ‹دانا تەدبىر ۋە چارىلىرى بىلەن يۇرتنى تۈزگەي ۋە ياشناتقاي› دەپ سىلىگە بۇ يۇرتنىڭ تەقدىرىنى تاپشۇرغان ئېدۇق.ئەپسۇسكى سىلى ياشنىتىش يولىنى تۇتماي تاراج قىلىش يولىنى تۇتتىلا.ھەر تەرەپتە پىتنە –پاسات، قىساس ۋە گىنە-ئاداۋەتلەر كۆپەيدى. ئىلگىرى سىلى ئۇنچە شەپقەتسىز ئەمەس ئېدىلە.يا خەلقنىڭ غەزەپ-نەپرىتىدىن سەل-پەل قورقتىلىمۇ قانداق يېقىندىن بېرى لەشكەرلىرىنىڭ ئەلگە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى خېلى بوشاشتى.مەن بۈگۈن ئالايىتەن ئەلچى بولۇپ ئەل-ئاۋامنىڭ قەلب سۆزلىرىنى سىلىگە يەتكۈزگىلى كەلدىم.شۇنى بىلىشلىرى كېرەككى، پەقەت تەڭرىلا پۈتكۈل جاھاننىڭ يەككە ھاكىمىدۇر.بۇ چەرخى پەلەك ئۇنىڭ ئەمرىدە.بىز قالغان تەلەپلىرىمىزنى سىلىگە ئەلچىمىز ئارقىلىق يەتكۈزىمىز.

ئەلچى جەۋانۇي ئۇلۇغلارنىڭ قېشىدىن تۇرۇپ  مەنزىلىگە يول ئالدى.ئاتنى شامالدەپ تېز چاپتۇرۇپ راسا سۈرۈپ مەردلەر سەھراسىغا كەلدى. مەنزەر بىلەنمۇ كۆرۈشتى.ئاندىن نامىنى مەنزەرگە تاپشۇردى.سۆز نۆۋىتىدە ئىرانلىقلارنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى بىرمۇ بىر يەتكزدى. ئەرەپ شاھى ئەلچىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بولۇپ دەرھاللا جاۋاپقا ئېغىز ئاچمىدى.جاۋاپ ئورنىغا دېدىكى:

-ئەي يول ئىزدەپ كەلگەن مەرد،بۇ سۆزۈڭنى شاھىنشاھىمىزنىڭ ئاڭلىمىقى شەرت.ئەگەر سەن بۇ سۆزۈڭگە جاۋاپ ئېلىشنى ۋە ئەل دەردىگە چارە قىلىشنى ئىستىسەڭ بۇنىڭ جاۋابىنى پەقەت بىرلا ئۇلۇغ زات بېرەلەيدۇ.ئۇ بولسىمۇ شاھىنشاھىمىز بەھرامدۇر.

مەنزەر ئەلچىگە بىر جەڭچىنى ھەمراھلىققا قوشۇپ يول باشلاتقۇزۇپ بەھرامنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى.دانا ئاقساقال بەھرام بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۇنىڭ جەسۈانە قياپىتى،جاھان شاھلىرىغا خاس ئىسىل سالاپىتىنى كۆرۈپ ئەقلى تامامەن لال بولدى.بەھرامغا نۇرغۇن ئاپىرىن سۆزلىرىنى ياغدۇرۇۋەتتى.بۇ قەدەر قاملاشقان قەد-قامەت،چىناردەك ئىگىز ۋە تۈز بوي-بەست،شىرلارنىڭكىدەك كەڭ كەلگەن كۆكرەك،قۇياشنى خىجىل قىلىپ قويغۇدەك ھۆسۈن-لاتاپەت ئالدىدا ئەس- ھۇشىنى يوقۇتۇپ ،نېمە مەقسەدتە كەلگەنلىكىنى تامامەن ئۇنتۇپ قالغان ئېدى.بەھرامنىڭ قىپقىزىل يۈزلىرى بەئەينى  قىزىل مەيدەك جەلىپكار ئېدى.      چاچلىرىدىن ئەتىر ھىدلىرى ھەريان تارقىلاتتى.ئۇنىڭ قىياپەت تەسۋىرىنى ئەينەن تەسۋىرلەشكە ھەرقانداق قەلەم ساھىبىمۇ ئاجىزلىق قىلاتتى.ئەلچىنىڭ بېشىدىن ئەقلى –ھۇشى تامامەن ئۇچۇپ كەتتى.شۇڭا ھەممە نىيەتلىرىنى پارامۇش قىلدى.بەھرام ئۇنىڭ سەپەردىكى جەۋر- جاپالىرىنى خىزمەتچىلىرىدىن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى.ئەلچى بولسا بەھرامنىڭ قامىتىنى كۆرۈپلا سۆزدىن قالغان ئېدى.ئۇ ئەلچىلىككە كەلگەن بولغاچقا قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭ بىلەن نورمال سۆزلەشمىسە،مەقسىدىنى بىلمىسە بولمايتتى.شۇڭا قوبۇلدىن كېيىن ئۇنى يېنىدا ئېلىپ قالدى.قالغانلارنى چىقىرىۋېتىپ ئۇنى قېشىىدا ئولتۇرغۇزدى.تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزى ئېغىز ئېچىپ سۆز قىلدى.ئۇنى ھۆرمەتلەپ چەكسىز ئىلتىپاتللارنى كۆرسەتتى.شۇنداق دەپ سورىدى:

-ئەي ئەلچى،نىمە مەقسەد بىلەن ئىراندىن چىققان ئېدىڭىز؟ مىڭ بىر جاپادا شۇنچە ئۇزاق يوللارنى بېسىپ بۇ يەرگە كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشكەن،مەقسەدنى ئىزھار قىلىدىغان چاغدا نىمە ئۈچۈن گاچىدەك جىم تۇرۇۋالىىسىز؟ ياخشى نىيەت بىلەن رەنج تارتىپ بۇ يەرگە كەلگەن بولسىڭىز تارتىنىش، قورۇنۇش ئىلكىدە قىينىلىنىپ يۈرمەڭ.نىمە مەقسىدىڭىز بولسا ئوچۇق دەڭ.تەلىپىڭىزنى ئورۇنداپ بېرىمەن. خىزمىتىڭىز ئۈچۈن  نۇرغۇن مال -دۇنيا بىلەن تارتۇقلاپ سىزنى  قەدەم رەنجىڭىزگە لايىق رازى قىلىمەن.

كېيىن بەھرام ئەلچىگە بىر ئادەمنى ھەمراھلىققا قوشۇپ مەنزەرنىڭ يېنىغا قايتۇردى.كاتىپلىرىغا بۇيرۇدىكى:

-نامىگە ياخشى جاۋاپلارنى يېزىپ بېرىڭلار.چۈنكى، خۇش گەپكە خۇش- خۇي جاۋاپ بەرمەكلىك ساۋاپ.ئۇنى ئۆز  مەيلىگە قويۇۋېتىڭلار.ئۇ مېنىڭ ھوزۇرۇمدا سۆزلەشتىن قورىقتى.شۇڭا ئوردىغا قايتىپ مەنزەر بىلەن كۆرۈشسۇن.قىممەتلىك پىكرى بولسا پىكرىنى ئېيتسۇن. ھەرقانداق گەپ سۆزى بولسا ئۇنىڭغا ئېيتسۇن.  

     ئەلچىگە شۇنداق تاپىلىدى:

  -ياخشى گەپكە ياخشى گەپ بىلەن جاۋاپ بېرىش ساۋاپلىقتۇر. مەنزەر سەن ئېلىپ كەلگەن نامىىگە جاۋاپ يازدۇرسۇن.مېنىڭ ئالدىمغا سۆزلىگىلى ئۇنىمىدىڭ.مەنزەرنىڭ يېنىغا بارغاندا مەقسىدىڭ نىمە بولسا تارتىنماي پىكرىڭنى بايان قىلغىن.ئاندىن ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلا.ئىران نامدارلىرىغا ئاڭلىغان جاۋابىڭنى ۋە جاۋاپ  مەكتۇپنى تېزلىكتە  ئېلىپ بېرىپ تاپشۇرغىن.

  جەۋانۇي كەلگەندە ئۇنى كۆرۈپ مەنزەرنىڭ چىرايى خۇشاللىقتىن شۇ قەدەر ياشناپ كەتتى.ئۇنى ئىززەتلەپ ئولتۇرغۇزۇپ پىكىر-تەلەپلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى.ئاندىن مەنزەرمۇ ئۆز پىكرىنى ئىزھار قىلىشقا باشلىدى:

-ئەي دانا ئەلچى،ئاڭلىغىن! ئەزەلدىن يامانلىققا يامانلىق قىلىش يوسۇن بولۇپ كەلگەن.ئېلىپ كەلگەن مەكتۇبىڭنىڭ مەزمۇنىدىن تولۇق خەۋەر تاپتىم.ئۇلۇغلار بىزگە كۆپتىن-كۆپ سالام يوللاپتۇ.سەن بېرىپ ئۇلارغا تۆۋەندىكى سۆزلۈرۈمنى يەتكۈزگىن.ئەڭ ئەۋۋەل ئۇرۇشنى باشلىغان،ئەلگە بالايى-ئاپەت كەلتۈرگەن كىم؟ ئۇلارغا يەنە  شاھ بەھرامنىڭ بۇ يەردە سالامەت تۇرۇۋاتقانلىقىنى،ئۇنىڭ قولىدا قۇدرەتلىك لەشكىرى ۋە باتۇرلۇق شۆھرىتى بارلىقىنىمۇ يەتكۈزۈپ قويغىن.كىمىكى يىلاننى ئىنىدىن قوزغاتسا،شۇ كىشى ئەڭ دەسلەپ يەم بولغاي.ئۇلار دەسلەپ مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلغان بولسا ئىراندا مۇنچىۋالا تەشۋىش پەيدا بولمىغان بولاتتى.

جەۋانۇي بۇ پۇرسەتتە شاھىنشاھنىڭ جامالىنى كۆردى.سۆزلىرىنى ئاڭلىدى.تېرەن پىكىر قىلىدىغان دانا كىشى ئىكەنلىكنى تونۇپ يەتتى.بىلدىكى،ئۇ بۈيۈك تەختكە،ئۇلۇغلاشقا،سەلتەنەتكە،غەلىبىگە ۋە شاھانە بەختكە مۇناسىپ كىشى ئېدى. ئۇ يەنە مەنزەرنىڭ قىلغان سۆزلىرىنىمۇ ئويلىدى.شۇنىڭ بىلەن ئۆزىچە بىر پىلان-تەدبىر تۈزۈپ چىقتى.دېدىكى:

-ئەي ئۇلۇغ شاھىم،ھەممىدىن خەۋەردار،ئىدراك بابىدا تەڭداشسىز دانا زات ئىكەنسىز.ئىرانلىقلارنىڭ بېشىدىن ئەقىل يىراقلاپ كەتتى.ئۇلار ھەرقانداق ئىشقا توغرا تاقابىل تۇرالمايدۇ.مەن بولسام ياشانغان بىر ئادەم.شۇنداقتىمۇ ئەقىل بىلەن ئىش قىلىشقا ئامراقمەن.ئەگەردە قۇلاق سالسىڭىز سىزگە دەيدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بار ئېدى.مەن ھىس قىلىپ يەتتىم،جاناپلىرىمۇ،شاھ بەھراممۇ نامدار  پەھىۋانلاردىن ئىكەنسىلەر.شۇنداق ئىكەن تا دۇنيا پۈتكەنگە قەدەر ئامان-ئېسەن ياشىغايسىلەر.مېنىڭ مەسلىھەتىم شۇكى،پات پۇرسەتتە زور قوشۇن بىلەن  لاچىن ۋە شەھبازلار كەبى ئىران تامان پەرۋاز قىلىپ بېرىپ ئىران تەختىنى قولۇڭلارغا ئالغايسىزلەر.بۇ سەپەردىن سىزلەرگە ھىچبىر زىيان يوقتۇر.سىز ھۆرمەتكە لايىق دانا كىشى ئىكەنسىز.شۇنداق بولغاندىكىن ئىران تەختىدە ئولتۇرسىڭىز  جىمىكى خالايىق پەرمانىڭىزغا قۇلاق سالىدۇ.يامان ئوي خىياللارىن،بەدنىيەتلىكلەردىن يىراق تۇرىدۇ.قۇدرەتلىك ،ئۇلۇغ دانا شاھلارغا ھىچۋاق تەنە، قارغىشلار كار قىلماس.

مەنزەر ئۇنىڭ دانا مەسلىھەتىدىن شادلاندى.ئۇنى ھۆرمەتلەپ نۇرغۇن ئىلتىپاتلارنى كۆرسەتتى.

مەنزەر شاھ بەھرام بىلەن باش قوشۇپ بۇ ھەقتە كېڭەش قىلدى.بۇ جەڭ ئۈچۈن نەيزىكەش ئەرپلەردىن ئوتتۇز مىڭى تاللاندى.بۇ نەيزىكەشلەر ئارىسىدىن سەپ يېرىپ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلغانلار تارتۇقلىنىپ  كۆپلىگەن دىنارلانى مۇكاپات قىلىپ ئېلىشتى.جەۋانۇي بېلىگە مەردلىكنىڭ كەمىرىنى مەھكەم باغلاپ ئىرانغا يېتىپ بارغان چاغدا يەمەندە بولۇنغان بارلىق سۆزلەرنى ئىران دانالىرىغا ئاشكارە قىلدى.ئۇلۇغلار بۇ سۆزدىن غەمناك بولۇشتى.ئۇلار پاك تەڭرىدىن مەدەت سوراپ سەجدە-تازىملار قىلىشىپ  شۇنداق تىلەك تىلەشتى:

-ئەي پاك پەرۋەردىگار،بۇ جەڭدە بىز ئىرانلىقلارغا مەدەت بەرگەيسەن.بۇ جەڭنى بىزلەر ئۈچۈن بەئەينى بەزم،يەمەنلىكلەر ئۈچۈن ئازاپ كۈنى قىلىۋەتكەيسەن.

مەنزەرنىڭ لەشكەرلىرى جەھرەمگە يېقىنلاپ كەلگەندە پۈتكۈل دەشت باغرى لەشكەر بىلەن تولدى.بەھرام گۆر ئۈچۈن شاھانە چېدىر تىكىلدى.ئۇ كەسكىن تەدبىر قوللۇنۇپ لەشكەر سانىنى كۆپەيتتى.

شاھ بەھرام مەنزەردىن مىننەتدار بولۇپ مۇنداق دېدى:

-ئەي دانىشمەن زات،مېنى دەپ يەمەندىن جەھرەمگە ئات چېپىپ كەلدىڭىز.مەن بۇنىڭدىن مىننەتدارمەن.ئەمدى جەڭ ھەققىدىكى مەسلىھەتىم شۇكى، جەڭ پەيتىدە ياۋ بىلەن يۈزمۇ-يۈز ئۇچراشقان چېغىمىزدا، قەيسەرلىك بىلەن قاتتىق جەڭ قىلىپ دۈشمەننى بىر يولىلا تارمار قىلايلى.كۈچ قۇدرىتىمىزنى تونۇتۇپ يامانلارنىڭ ھوقۇق تارتىۋېلىش چۈشىنى بۇزۇپ تاشلايلى!

-مېنىڭ تەدبىرىم شۇكى،قاتتىق قول بولغاندىن كۆرە يۇمشاق قول بولۇپ،يۇرت چوڭلىرىغا  كەڭرى داستىخان يېيىپ ئۇلارنى مېھمان قىلايلى.شۇ سورۇندا سىلىمۇ سۆزلىسىلە،ئۇلارمۇ سۆزلىسۇن.سۆھبەت جەريانىدا ئۇلار قىزىرىپكەتسە سىلى تاقەتلىك بولۇپ جىم بولۇۋالسىلا.بىز يۇمشاق قول بولۇۋېلىپ،ئۇستىلىق بىلەن   گەپ ئوينۇتۇپ ئۇلارنىڭ ئىچ سىرىنى ،يەنى ئۇلارنىڭ زادى كىمنى شاھ قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالايلى.ئۇلارنىڭ ھەقىقى مەقسىدىنى بىلىۋالساق ‹‹ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ››قىلىپ دەرھال ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىمىز.بەلكى بىز شۇنداق چارە تېپىپ چىقالىساق بۇ ئىش ئۇرۇشسىزمۇ ھەل بولۇپ قېلىشى مۈمكىن.مۇبادا ئۇلار بىزگە كۆنمەي جەڭ باشلپ قالسا ئىشىمىز تەسلىشىدۇ.بەئەينى تىمساھتەك قۇتراپ بىزگە ئەل بولمايدۇ.ئۇ چاغدا بىز سىلى دېگەندەك قاتتىق جەڭ قىلىپ  بۇ دەشتنى قانغا بوياپ دۈشمەننىڭ قېنىنى دەريا قىلىپ ئاقتۇرۇمىز.باش سۆڭەكلىرىنى ساينىڭ تاشلىرىغا قېتىۋېتىمىز.شۇندىلا ئۇلارنىڭ ئامىتى يوق بولىدۇ.يەنەە بىر خىل ئېھتىماللىق شۇكى مېھماندارچىلىقتا ئۇلار سىلىنىڭ قەددى-قامەتلىرى ۋە ھۆسۈن-جاماللىرىنى كۆرسە،ئالى ھىممەتلىرىنى ھىس قىلىپ يېتىپ سۆزلىرىنى ھىكمەت دەپ تونۇسا،ئەقىل ئىدراكلىرى ئۇلارنى تەسىرلەندۈرۈپ ئەقلىنى لال قىلسا،ئالغان ھەر جۈملە نەقىللىرى ئۇلارنى قايىل قىلىپ كۆڭۈلمايىللىقنى تارتالىسا ئىش تېخىمۇ ئاسان ھەل بولىدۇ.يەنى ئۇلار سىلىنى مۇقەددەس تەختكە لايىق دەپ بىلىپ ئاشۇ تاجۇ-بەختكە مۇيەسسەر قىلىدۇ.

بەھرام مەنزەردىن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ دىلدىكى غەم داغلىرى يۇيۇلۇپ خۇشال بولۇپ كۈلدى.قۇياش تاغ كەينىدىن باش كۆتۈرگەندە قېرى-ياش ھەممىسى كېڭەش قىلدى. كېيىن ئىراننىڭ ئۇلۇغلىرى بەھراملارنىڭ يېنىغا كەلدى. بۇ يەردە دەبدەبىلىك يىغىن ئېچىلدى.بەھرام گويا ئۇلۇغ شاھلاردەك تەختكە چىقىپ ئولتۇردى.ئۇنىڭ بېشىدا قىممەت باھالىق ئىسىل تاج بار ئېدى.ئۇنىڭ بىريېنىدا مەنزەر مەغرۇر ھالدا ئولتۇرغان،يەنە بىر تەرىپىدە بولسا ئوغلى نۇئىمانمۇ ئايدەك نۇرلۇق،شىردەك سۈرلۈك قىياپەتتە ئورۇن ئالغان ئېدى.يەنە شاھ ئايۋىنى ئادەم بىلەن لىق تولغان بولۇپ بۇ يەرگە جىمىكى ئەرەپ ئاقىللىرى توپلانغان.

ئېدى.بۇ قىممەتلىك پۇرسەتتە شاھىنشاھلىق رەسمى چىڭ تۇتۇلۇپ يۈكسەك شەۋكەت بىلەن مېھمان كۈتۈلدى.زىياپەت تازا قىزىغاندا كىرىشكە رۇخسەت سوراپ ئىرانلىقلار ئەۋەتكەن ۋەكىل ئايۋانغا كىرىپ كەلدى.پادىشاھ پەردىنى سۈرۈشكە پەرمان چۈشۈردى.پەردە سۈرۈلۈپ شاھ بىلەن ۋەكىللەرنىڭ ئارىلىقى ئېچىلدى.شۇندا ئىرانلىقلار بىلەن سۆھبەت باشلاندى. ۋەكىللەر بېزەكلىك ئىسىل تەختتە شاھىنشاھلاردەك  ئولتۇرغان بەھرامنى كۆرۈشتى.ئۇلار بەھرامغا قۇت تىلەپ مۇنداق دېيىشتى:
-ئەي دانا شەھرىيار،تەڭرى سىلىنى مەڭگۈ ئامان قىلغاي! تۈرلۈك بالالاردىن  خالىي بولۇپ ساھىپ جاھان بولغايلا!

شاھ بەھراممۇ ئۇلاردىن قىزغىنلىق بىلەن ھال-ئەھۋال سوراپ ئېھتىرام بىلدۈردى.شاھنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسىدىن ۋەكىللەرنىڭ كۆڭلى شادلاندى.
سۆھبەتتە بەھرام ئىراننىڭ شاھلىق تەختىگە ئۆزىنىڭ مۇناسىپلىقى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئايا،ئېران ئۇلۇغلىرى، تەدبىركارلىرى!بۈگۈن بىزگە بېرىدىغان قانداق دانا يوليۇرۇقلىرىڭلار بار؟ ئېراننىڭ شاھلىق تەختى ماڭا ئاتامدىن قالغان مىراس تۇرسا نىمە ئۈچۈن ماڭا بەتخاھلىق قىلىسىلەر؟
ۋەكىللەر كەسكىنلىك بىلەن قارشى تۇردى،ئارىدىن بىرى قالغانلارغا ۋاكالىتەن سۆزلەپ مۇنداق جاۋاپ بەردى:
-شاھ يەزدىگىردتىن كۆپ زۇلۇم كۆردۇق.ئەمدى بىز ئۇنىڭ مىراسخورىغا شاھلىق تەختىنى تۇتقۇزۇپ داۋاملىق ئازاپ چېكىشنى خالىمايمىز.بىزگە ساڭا ئوخشاش شاھنىڭ كېرىكى يوق.بۇ يۇرت بىزنىڭ ئانا يۇرتىمىز.سەن بولساڭ ئارىمىزدىكى ئاددىي بىر سىپاھدۇرسەن.ئەجدادىڭنىڭ بىزگە سالغان جەبرى جېنىمىزدىن ئۆتكەن بولغاچقا زۇلۇم ۋە يولسىزلىققا نىسبەتەن  
ئەلنىڭ سەۋرى قاچىسى توشتى.
بەھرام ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ سەۋرىچانلىق بىلەن چۈشەندۈردى:
-بەس،پىكرىڭلارنى چۈشەندىم.شاھلىققا ئىنتىلىش ھەرقانداق بىر دىلدىكى ھەۋەستۇر.لېكىن سىلەرمۇ قائىدە بىلىسىلەر. ئەزەلدىن مىراس مىراسخورغا تەۋە بولۇپ كەلگەن.سىلەر نېمە ئۈچۈن مېنىڭ رازىلىقىمنى ئالماي تۇرۇپ باشقا بىر كىشىنى مېنىڭ ئورنۇمغا شاھ قىلىشنى نىيەت قىلىپ قالدىڭلار؟

ۋەزىر بۇ سۆزگە مۇنداق جاۋاپ بەردى:
-چىنلىق يولىدىن تايماق مەيلى شاھ،مەيلى قۇل بولسۇن ھىچقانداق كىشىنىڭ قولىدىن كەلمەس.بۇنداق زىتلىشىپ يۈرمەيلى.ئەي بەھرام سەنمۇ كەل، بىزنىڭ سېپىمىزگە قوشۇل.بىز بىرلىكتە ئىرانغا باش بولالىغۇدەك،ئەلنى ئادالەت بىلەن سوراپ بەختىيار، تىنىچ تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلىگۈدەك قابىل شاھتىن بىرنى تېپىپ چىقايلى.شۇندا ئەل بىزدىن رازى بولۇپ ئەجرىمىزگە رەھمەت ئېيتسۇن.
‹‹شاھلىققا لايىق كېلىدۇ››  دەپ قارالغان يۈز مەردنىڭ نامى تىزىمغا ئېلىنغان ئېدى.بەھراممۇ شۇلارنىڭ بىرى ئېدى.پەقەت ئۇلا شاھلىققا سەلتەنەتكە ھەممىدىن لايىق ئېدى.لېكىن ۋەكىللەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن  شاھ تاللاش ئىشىدا ئۇزاق تالاش- تارتىش قىلىشىپ زادىلا  بىرلىككە كېلىشەلمىدى. شۇڭا شۇ سەھرادا روزىغار تۇتۇپ ئۈچ كۈن تۇرۇپ قالدى.بۇ يۈز نامزاتقا قارىتا ئەڭ ئېغىر تەلەپ ۋە شەرتلەرنى قويۇپ  دەسلەپكى تاللاش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ئۇلاردىن  يېرىمى شاللىنىپ كېتىپ  يەنە ئەللىكى قالدى.بەھرام يەنە بۇ ئەللىك نامزات قاتارىغا كىرەلىدى.چۈنكى ئۇنىڭ قەلبى ئادالەتكە يار ئېدى.بۇ ئەللىك نامزات ئىچىدىن ئىسىل نەسەپلىك،نامدار، يۈزى يورۇق كاتتىلاردىن ئوتتۇزى تاللاندى.قالغان يىگىرمىسى يەنە شاللاندى. بەھرام بۇ ئوتتۇز نامزات قاتارىدىمۇ بار ئېدى.چۈنكى ئۇ قابىل ۋە تاجىدارلار نەسلىدىن ئېدى.ئۇزاق تالاش- تارتىش قىلىش،تېخىمۇ ئېغىر شەرتلەر بىلەن تاللاش ئارقىلىق بۇ ئوتتۇز نامزات ئىچىدىنمۇ يەنە تۆت نامزات تاللاپ چىقىلدى.بەھرام بۇ تۆت نامزات قاتارىدىمۇ بار ئېدى.

بۇ تۆت نامزات ئىچىدىنمۇ پەقەت بىرنىلا تاللاش توغرىلىق سۆز بولۇنغان چاغدا ئىرانلىقلار بەھرامنى شاھ قىلىشقا كەسكىنلىك بىلەن قارشى چىقتى:
-بىز بەھرامنى شاھ قىلىشنى پەقەتلا خالىمايمىز.ئۇ مەرد ئەمەستۇر،شاھلاردا بولۇشقا تېگىشلىك خىسلەتلەرمۇ ئۇنىڭدا يوق.
بۇ خىل جاھىللىق،غەرەزلىك چاتاق چىقىرىش مەنزەرنىڭ ئادەملىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويدى.بۇ خىل قىزىققانلىقتىن چىققان سۆز تۈپەيلى غەليان كۆتۈرۈلۈش خەۋپى قاش بىلەن  
كىرپىكتەك يېقىنلىشىپ كەلمەكتە ئېدى.
مەنزەر ۋەكىللەرگە خىتاپ قىلىپ دېدى:
-ئەي دانا ئەقىلدانلار،نېمە غەرىزىڭلار بارلىقىنى  ماڭا چىرايلىقچە ئاشكار قىلىڭلار.بۇ ياش شاھزادە سىلەرگە نىمە سەۋەپتىن ياقمايدۇ؟ قانداق زۆرۈرىيەت بىلەن  
ئۇنى رەت قىلىش پىكرىگە كەلدىڭلار؟
بۇ گەپكە جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن ئىران ۋەكىللىرى پارىستىكى يەزدىگىرد دەۋرىدە زۇلۇم يېتىپ مېيىپ بولغان بارلىق مەجرۇھلار،ئەبگالارنى يىغىپ كەلدى.ئۇلار ھەممىسى بىر يەرگە يىغىلىپ باش قوشۇشتى.ئۇلاردىن بىرىنىڭ پۇتى سۇنۇق،بىرىنىڭ قولى يوق،يەنە بىرىنىڭ بولسا قولىمۇ پۇتىمۇ يوق ئېغىر ناكا ئېدى.بەزىلىرى قۇلاقسىز گاس،يەنە بەزىلىرى تىلسىز گاچا بولۇپ قالغانلار ئېدى.

ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ھالەتكە دۇچار بولغانلىرىمۇ بار بولۇپ بەزىلىرىنىڭ يەلكىسى يوق،بەزىلىرىنىڭ باش ۋە گەدەنلىرى جاراھەت بىلەن تولغان.ئېدى. كۆزى ئويۇلغان،چىرايى بۇزۇلغان،پالەچ بولغان مەجرۇھلارنىڭ ھەددى ھېسابى يوق ئېدى.نۇئىمان بۇ دەھشەتلىك ئالامەتلەرنى كۆرۈپ تولىمۇ ھەيران قالدى.بەھرام بۇ ھالنى كۆرۈپ، زىيانلانغان  ئالامانغا  قاتتىق ئېچىندى.بۇ پايدىسىز ھالەت ئېدى.شۇڭا ئۇ ئۆز تەقدىدىرىدىن قاتتىق غەمگە پاتتى.ئەلەم بىلەن پۇچۇلۇنۇپ ئولتۇرۇپ ئۆز ئاتىسىغا لەنەت ئوقۇدى:
-ئەي يەزدىگىرد، سەن قانداقسىگە مېنىڭ ئاتام بولۇپ قالغانسەن؟! بارلىق ئاتىلار ئەجر تۆھپىلىرى ئارقىلىق ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئىقبال سارىيى بىنا قىلسا، سەن ئەلگە قىلغان چەكسىز زۇلۇملىرىڭ ئارقىلىق بەختىم كۆزىنى ناكا قىلىپسەن.مانا ئەمدى باغرىمنى قىساس ئوتىدا پۇچىلىماقتىسەن.لەنەت ساڭا!
بۇ خىل ئەھۋالدا مەنزەر بەھرامغا ئەقىل كۆرسۈتۈپ مۇنداق دېدى:
-زۇلۇمغا ئۇچراپ خاراپ بولغانلار ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس ئىكەن.بۇ سەتچىلىكنى ئەلدىن يوشۇرۇپ قېلىش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس.ئۇلارنىڭ ھالىنى كۆردۈڭ،سۆزلىرىنىمۇ ئاڭلىدىڭ.ياخشىراق ئويلۇنۇپ جاۋاپ بەرگىن.شۇنى بىلگىنكى، شاھلارغا ۋەزمىنلىك خوپمۇ يارىشىدۇ.

بەھرام ۋەكىللەرگە سۆز قىلىپ دېدىكى:

-ئايا،ئۇلۇغلار،جاھاندار،تەدبىركار،ئەقلى تولغان دانالار،سىلەر ھىچكىم يوشۇرۇپ قالالمايدىغان ئاچچىق ھەقىقەتنى كۆز ئالدىمدا نامايەن قىلدىڭلار.قىلغان يامان ئىشلىرى ئۈچۈن سىلەرلا ئەمەس ھەتتا مەنمۇ ئاتامغا تەكرار-تەكرار لەنەت ئوقۇيمەن.ئۇ ئاجىز پۇقرالارغىلا ئەمەس ھەتتا مەندەك يالغۇز پەرزەنتىگىمۇ زۇلۇم قىلغان ئېدى. ئاتامنىڭ قەسىرى ماڭىمۇ زىندان ئېدى.ئاخىرى ماڭا تەڭرى مەدەتكار بولغان، تەينۇشنى يەتكۈزۈپ ئۇنىڭ ۋاستىسى  بىلەن مېنى زىنداندىن ئازات قىلغان ئېدى.ئۇ كاساپەت مېنىڭ ئاتام بولغان بىلەن مەنكى ئۆز پەرزەنتىگىمۇ زەررىچە شەپقەت قىلمىغان ئېدى. شۇ زۇلۇم تۈپەيلى تېنىم قىينىلىپ،روھى راۋانىم زۇلمەتكە چۇلغۇنۇپ ، ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي يەمەنگە كېتىپ شۇ يەردە پاناھلانغان ئېدىم.ماڭا شاھ مەنزەر باشپاناھ بولۇپ، ئۆز ئوغلىدىن چارە كۆرۈپ تا بۈگۈنگە قەدەر ھالىمدىن خەۋەر ئېلىپ كەلگەن ئېدى.تەڭرى ھىچبىر بەندىسىگە شاھ ئاتامنىڭكىدەك يامان پەزلىنى  بەرمىسۇن.ئۇنداق يامان خۇي كىمدە بولسا بارلىق ئىنسانلارنى غۇربەتكە دۇچار قىلغاي.تەڭرىگە شۇنىڭ ئۈچۈن شۈكرى –ساناھ ئېيتىمەنكى،ئۇ ماڭا ئەقىل-ئىدراك بەرگەن،كۆڭلۈمگە ئىنساپ-دىيانەتتىن  يورۇق  نۇر چۈشۈرۈپ ياخشى پەزىلەتلەرنى ئاتا قىلغان.مەن تەڭرىدىن كېچە-كۈندۈز ياخشىلىق تىلىگىنىم ئۈچۈن دۇئايىم ئىجابەت بولۇپ ياخشلىقلار ھەر كۈنى قۇياش كەبى يولۇمنى يورۇتتى.ئەمدى مەن سىلەرگە ئۆز خاھىشىمنى ئىزھار قىلاي.ئاتام ھايات ۋاقتىدا بۇ ئەلگە قانچىلىك زۇلۇم ۋە جاپا سالغان بولسا مەن چىن دىلىمدىن ياخشلىق قىلىپ تامامىنى يۇياي. ئەگەر ئەل قوي توپى بولسا، مەن چوپان بولاي.ئەبەدى ئادالەت يولىنى تۇتۇپ پۇقرانىڭ ئارزۇسىنى قاندۇراي.مەن ھەر بىر قىلغان ئىشىمدا پۇقرانىڭ خاھىشىنى ئاساس قىلىمەن.تەڭرى يولىنى تۇتقان ھەر بىر ئىنسان مەندىن ئادالەت كۆرۈپ ئارمىنىغا قانسۇن.مەن كىچىكىمدىن تارتىپ زامانىمىزدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇدىغان ئالىملاردىن بىلىم-ماھارەت ئۆگەنگەن.شۇڭا مەندە ئىلىم-ھۈنەر ۋە شاھلىققا لايىق ئىستىدات بار.زۇلۇمكار شاھلاردا بۇ خىل پەزىلەتلەر بولمايدۇ.شۇڭا ئۇلار زۇلۇم يولىنى تۇتىدۇ.يالغانچىلىق ۋە پەسكەشلىك زالىملارنىڭ قىلمىشىدۇر.شۇڭا ھەر كىشى ئۇنداقلارغا ھالاكەت ئىزدەيدۇ.تېزرەك يوقۇلىشىنى تىلەيدۇ.ماڭا بۇ شاھلىق ئەجدادىمدىن مىراس بولۇپ قالغان. شاپۇردىن ئەردەشرگە قەدەر ئۆتكەن بارلىق قېرى-ياش شاھىنشاھلارنىڭ ھەممىسى ئادىل، دانا شاھلاردىن ئېدى.بارلىق ئەجداتلىرىمىز ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئادالەت يولىنى تۇتۇپ ئىسىل خىسلەتلىرى بىلەن ئەلنىڭ ھېمايىسىگە ئىگە بولغان ئېدى.ئانا تەرەپ بوۋام شىمېرانشاھمۇ شۇنداق سۈپەتلەرگە ئېگە ئېدى.شۇ سەۋەپتىن ھەر بىر ئىشتا تەپەككۇر قىلىش ماڭا خۇددى جېنىمدەكلا يار بولۇپ كەلگەن.مەردلىك بىلەن چەۋەندازلىق ماڭا روھ بېغىشلاپلا قالماي لەززەتمۇ ئاتا قىلىدۇ.مەيلى مەردلەر مەيدانىدا،مەيلى ئىشرەت بەزمىسىدە بولسۇن ھېچقانداق باتۇر ماڭا تەڭ كېلەلمەيدۇ.قولۇمدا يوشۇرۇن بايلىقلىرىم،ئوڭ ۋە سولۇمدا سادىق ئۈلپەتلىرىم بار.مەن شاھ بولغاندىن كېيىن شاھانە ئادالەتنى بۇنياد قىلىپلا قالماي ۋەدەمدە تۇرۇپ  سىلەرنى چىنلىقتىن شاد ئېتىمەن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-13 01:26 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ئەلشاھ + 555 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 555   باھا خاتىرىسى

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-25 09:47:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شاھ بەھرام ئۆزىدىن باشقا ئۈچ نامزات بىلەن شاھلىق تالىشىش رىقابىتىگە چۈشۈپ قالغان ئېدى.ۋەكىللەر ئۇلاردىن كىمنى تاللاش،قانداق تاللاشنى بىلەلمەي قالغان مۈشكۈل پەيتتە بەھرام مەردانلىق بىلەن ئەقىل كۆرسۈتۈپ مۇنداق دېدى:

-بىز ئىرانغا شاھ بولغۇچىنىڭ ۋەدىسىىدە تۇرۇپ ئادىل پادىشاھ بولۇشى ئۈچۈن خەلق بىلەن ئەھدۇ-پەيمان تۈزۈشەيلى.ئۇلۇغ تەڭرى بۇ ئەھدىمىزگە گۇۋاھ بولسۇن.مەن شاھ تاللاش شەرتى سۈپىتىدە مۇنداق بىرئەقىل كۆرسۈتەي. سارايدىن بىر تەختنى تېزلىكتە بۇ يەرگە كەلتۈرەيلى.ئۇ تەختكە ئۇلۇغ  شاھىنشاھلارغا لايىق گۆھەر نەقىشلىك زەر تاجدىن بىرنى قويايلى.ئاندىن توقايلىقتىن ئەركەك شىردىن ئىككىنى تۇتقۇزۇپ كېلىپ تەختنىڭ  ئىككى تەرىپىگە باغلايلى.ئىككى يىرتقۇچ ھايۋان تەختنى ئىگەللەپ تۇرۇپ ھېچبىر كىشىنى شاھلىق تاجىغا يېقىنلاشتۇرمىسۇن. رىقابەتچىلىرىمىزدىن كىمدە-كىم شىرلاردىن قورقماي دادىللىق بىلەن تەخت يېنىغا بارالىسا ۋە شىرلارنى ئۆلتۈرۈپ شاھلىق تاجىنى ئېلىپ بېشىغا كېيەلىسە شۇ مەردنى ‹‹شاھلىق دەۋاسى قىلىشقا ھەقلىق ئىكەن›› دەپ قارايلى.پەقەت ئاشۇ كىشىلا ئىرانغا شاھ بولمىقى شەرت.شۇ چاغدىلا بىز ئۇنى ‹‹باھادىر شاھ››دەپ ئاتاپ ئۇلۇغ بىلگەيمىز،‹‹تەڭرى بىزگە نېسىپ قىلغان ئادالەتپەرۋەر زات شۇ ئىكەن›› دېگەيمىز،-بەھرام دادىللىق بىلەن ئۆزىگە ۋە ئۆزى بىلەن شاھلىق رىقابىتىگە چۈشكەن باشقا ئۈچ رىقابەتچىسىگە بۇ شەرتلەرنى قويدى.شەرتىنى داۋاملاشتۇرۇپ شۇنداق دېدى،- ئەگەر سىلەردىن كىمدە-كىم بۇ شەرتنى قوبۇل كۆرمىسە،ئېغىر نامۇۋاپىق شەرت دەپ قارىسا قولىغا قۇرال ئېلىپ مەرتلەر ميدانىدا مەن بىلەن ماھارەت سىناشسۇن.ماڭا رەقب بولۇپ باتۇرلارچە  ئېلىشىشتا بەس كېلەلىسۇن.مەن ئۆتكۈر قىلىچىم بىلەن قىلىچ سېرىپ شۇنداق جەڭ قىلايكى،بارلىق ئەرەپ ۋە پارس  باتۇرلىرى تاڭ قالسۇن.شۇنىڭغا گۇۋاھ بولۇڭلاركى،مەن بۇ جەڭ مەيدانىدا بارلىق شاھلارنى يەرگە قارىتىمەن.قورقماس باتۇرلۇقۇم ۋە ھەممىنى بويسۇندۇرغۇدەك جاسارىتىم بىلەن سەلتەنەت تەختىنى قولۇمغا كىرگۈزىمەن.مېنىڭ سۆزۈم شۇ چىن پۈتمىگۈچىلەر بولسا مەيدانغا  چۈشۈپ باتۇرلۇق كۆرسۈتۈپ مېنى يوق قىلىۋەتسۇن.ئەقىل-بىلىمدە ۋە كۈچ-جاسارەتتە مەندىن ئۈستۈن ئىكەنلىكنى ئىسپاتلاپ شاھلىق تەختىنى ئىگەللەپ دەۋران سۈرسۇن.

بەھرام شۇنداق دېدى-دە چېدىرىغا كىرىپ كەتتى.بۇ سۆزدىن بارلىق يۇرت ئەھلى خاۋاتىرلەندى.شاھنىڭ غەزەپكە كەلگەنلىكنى بىلگەن دانا بىلەرمەنلەرمۇ تېڭىرقاپ قېلىپ قايتا ئېغىز ئاچالمىدى.ئۇلار دېيىشتىلەركى:

-بۇ سۆزدە ھەقىقەت ئايان بولۇپ ،ئىلاھى شان-شۆھرەت ۋە قۇدرەتلىك كۈچ-قۇۋۋەت نامايان بولۇپ تۇرۇپتۇ.ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزىدە ئادالەت بار ئىكەن.بۇ خىل ھالەت بىزنى خۇشال قىلىدۇ.شاھ بەھرام  شاھلىق تەختىنى شىرلار ئارىسىدا قويۇپ  تەقدىرىنى ۋە بەختىنى سىنىماقچى ئىكەن.مەيلى شۇنداق سىنىسا سىنىسۇن.ئەگەر بۇ شەرتلەرنى ئورۇنلاش جەريانىدا شىرلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ ئۆلتۈرۈۋەتسە،گۆشىنى يەپ ئۇستىخانلىرىنى غاجىسا بۇ ئۆزى تاپقان بالا بولغاچقا ھېچكىم بىزدىن ئۇنىڭ خۇن دەۋاسىنى قىلالمايدۇ.ئاخىر ئۇنىڭ ئۆزئاغزىدىن مانا شۇنداق خەتەرلىك تەكلىپ ھەم ئەڭ ئېغىر شەرت چىقتى.ئەگەر ئۇ بۇ شەرتىنى ئورۇنلاش جەريانىدا ھالاك بولسا بىز ئۇنىڭ غېمىدىن قۇتۇلۇپ شادىمان بولىمىز.ئەگەر تەخت يېنىغا باتۇرلۇق بىلەن تىك قەد كۆتۈرۈپ بېرىپ تاجنى بېشىغا  كېيەلىسە دېمەك ئۇ ھەقىقەتەن پەرىدۇننىڭ ساپ نەسلىدىن بولغان بولىدۇ.بىز ئۇنى ئەتىۋارلاپ بېشىمىزدا كۆتۈرۈپ ‹‹شەھرىيارىمىز›› دەپ بىلگەيمىز.نېمە دېسە قوبۇل قىلىپ ئادىل پەرمانىنى ئىجرا قىلغايمىز.

  داۋامى ھەر كۈنى كەچ ئىنكاس شەكلىدە يوللۇنىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-26 02:40 AM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85702
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 480
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2012-10-4
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-25 10:25:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يو مانا ... ھەممىنى قولىڭىزدا يازدىڭىزما؟؟؟ قولىوىزغا دەرت بەرمىسۇن ... ئوقۇپ تۈگەتكىچە كۆزۈم ئىمى-چىمى بولۇپ كەتتى.

ھەي ئۇيغۇرۇم ئىچىم ئاچچىق،.....لىكىن تانمايمەن سەندىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7140
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9520
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 413 سائەت
تىزىم: 2010-8-21
ئاخىرقى: 2013-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-25 10:41:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇنقى جەڭنامە ھىكايىلىرى ئىكەندە ،قانداقمۇ يېزىپ بولغانسىز .

پۇل ھەممە ئىشقا قادىر دىگەن ئادەم، پۇل ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىدىغان ئادەمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79654
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2784
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2012-5-3
ئاخىرقى: 2013-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-25 11:10:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس ئىكەن !!!!!!

يارايسىز !!!بۇرۇن ئوقۇغان ئەمما بۇقىېتىمقىدەك چۈشىنىپ ئوقۇمىغان رەھمەت سىزگە!!!

ئۆلۈم ـــ مۇتلەق مەۋجۇت ئىشتۇر.

تاماكا چەكمەڭ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11412
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 6201 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-26 02:50:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىممەتلىك ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر. كىتابدىكىگە قارىغاندا كومپىيۇتېردا (دىققىتى چېچىلمىغانلىقتىن)، بۇ خىل ئۇسلۇپتا ئوقۇسا تېخىمۇ ئاسان چۈشەنگىلى بولىدىغاندەك ھېس قىلدىم.  يەنە كېلىپ بۇنداق ئەسەرنى ئوقۇسا دېئالوگ، ئۇسلۇپ، تەسۋىرلەر بەك جەلپ قىلىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-26 02:51 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37456
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7288
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 2204 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-26 02:06:02 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچىك چاغلىرىمدا دادام ھەر قېتىم بۇلاق ژۇرنىلى ئەكەلسە چۆچەك ئاختۇرۇپ ئوقۇيدىغان چاغلىرىمدا بەھرام دېگەن ئاكامنىڭ ئىسمى بولغاچقا قىزىقىپ ئوقۇغىنىم يادىمدا، تېخى <قىزىلگۈل> ناملىق تىراگىدىيىلىك مۇھەببەت داستانىنى ئوقۇپ يىغلاپ كېتىپتىكەنمەن. 7-8 ياشلاردىمۇ مۇھەببەتنى چۈشەنسەك كېرەك.

كېرەك يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 917
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6258
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1252 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-26 10:03:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرنى ساقلايمەن.

قىزلار سىرىنى يوشۇرغانسىرى دانالىشىدۇ،جىسمىنى يوشۇرغانسىرى گۈزەللىشىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83046
يازما سانى: 320
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3650
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2012-7-26
ئاخىرقى: 2013-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-27 02:22:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ سىڭلىم ئىسمىنىڭ مەلىكىنىڭ ئىسمى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بەكلا خوش بوپ كەتتى ،  كىچىك بالىزە.......

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2866
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 25976
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7711 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-27 05:32:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارىدىن بىر تۈن ئۆتتى.سۈبھى يورۇپ يېڭى بىر  تاڭ يېقىنلاپ كەلدى.تاڭدىن كېيىن كۈن قىزىرىپ چىققان مەھەلدە پادىشاھ بەھرام سارايدىن چىقىپ ئۆز تەختىگە قەدەم قويدى.ئۇ ئىران ۋەكىللىرىنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۆتكەنكى سۆھبەتنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇردى.شۇ پەيتتە دانا ئەلچىلەردىن بىرى شاھ بەھرامدىن سۇئال سورىدى:
-ئەي دانالار داناسى بولغان باتۇر ئەزىمەت،ئۆزلىرى ئېيتىپ باقسىلا! ئەگەر سىلى شەرتنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنداپ تەختنى قوللىرىغا ئالالىسىلا قانداق چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىلا؟ زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىقنى بەربات قىلىش ئۈچۈن تەختلىرىدە يەنە  قانداق ئەدلۇ-ئادالەتنى يولغا قويۇلا؟!
بەھرام سۆھبەت جەريانىدا ئېرانلىق نامدارلار ۋە تەدبىرلىك مەردانلارغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى:
-ئەگەر مەن غەلىبە قىلىپ شاھلىق تەختىگە چىقالىسام ھەمىشە مېھىر-شەپقەت ۋە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىمەن.دىل خاھىشىم بىلەن ئاداۋەتنى يېڭىمەن.ئەلدە كىمىكى ئىززەت-ھۆرمەتكە لايىق بولسا ئۇنى بەخت-دۆلەتكە مۇيەسسەر قىلىمەن.دۆلەتتە ئادالەت ئورنىتىلسا پۇقرا باياشات،ئەل-يۇرت ئاۋات بولغۇسى.شۇڭا مەن پۇقرانى ئادىل ھۆكمۈم بىلەن پۇقرانى شادىمان قىلىپ ئۆزۈممۇ ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولۇپ كۈلىمەن.كىمىكى ھورۇنلىقى تۈپەيلى باشقىلار بىلەن تەڭ باي بولالماي رەنج تارتىپ قالسا مەن ئۇنىڭغا خەزىنەمدىن لايىقىدا مال-دۇنيا بېرىپ قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلدۇرىمەن.كىمىكى گۇناھ ئۆتكۈزۈپ ئەيىپكار بولۇپ قالسا گۇناھىنى كەچۈرەي.گۇناھنى تەكرار سادىر قىلىۋەرسە نەسىھەت قىلىپ ياخشى ئادەمگە ئۆزگۈرۈشىگە ياردەم بېرەي.لەشكەرلەرنىمۇ تولا ئۇرۇشقا سېلىپ ىاراپ قىلماستىن تىنىچلىق يولىنى تۇتۇپ دائىم يايرىتىپ يۈرىمەن.دانالارنىڭ قىممىتىنى تونۇپ ھەم ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ ئۇلارنى دائىما شادىمان قىلىمەن.شۇ سۆزۈمگە گۇۋاھ بولۇڭلاركى،ھەمىشە سۆزۈم بىلەن ھەركىتىم بىردەك بولىدۇ.كاجلىق ۋە خۇسۇمەتتىن ئۆزۈمنى پاك تۇتىمەن.ئەگەر دۆلەتمەن كىشىلەردىن بىرەرسى قازا تاپسا ئۇنىڭ مىراسىور پەرزەنتى بولمىسا مەن ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۆزۈم باش بولۇپ ئۇزۇتۇپ مال-مۈلكىنى دەرۋىشلەرگە ئىنئام قىلىپ بېرىمەن.بۇ ۋاپاسىز دۇنيادا ماڭا ھىچنىمە كەم ئەمەس.شۇڭا نەپسىمگە بېرىلمەي دائىم ئىش قىلىشتا دانالارنىڭ مەسلىھىتىنى ئېلىپ با مەسلىھەت ئىش قىلىمەن.بەڭباشلىق قىلىپ ئىش بۇزۇپلا يۈرىدىغانلارغا ئەقىل-ئەدەپ ئۆگۈتۈپ توغرا يولغا باشلايمەن.بىرەر يېڭى ئىش قىلماقنى ئىختىيار قىلسام دانالارنى مەسلىھەتكە چاقىرىپ ئۇ ئىشنىڭ ئاقىبىتىنىڭ ياخشى-يامانلىقى ھەققىدەكەڭتاشا  مۇھاكىمە ئېلىپ بارغۇزۇپ ئۇلارنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن يولغا قويىمەن.مەندىن ئادالەت كۈتكەنلەرنى ھەق ۋە ئادالەتتىن بەھرىمەن قىلىمەن.مەندىن ياردەم سوراپ كەلگەن ھىچبىر كىشى مۇتلەق  ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قايتتىپ كەتمەيدۇ.دىلىم ئادالەت سارىيى بولغاي.تىللىممۇ ھەرۋاقىت ھەقىقەتنى سۆزلىگەي. دەرگاھىمىزدا كىمىكى باشقىلارغا يامانلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جاۋابىمۇ يامانلىق بولغاي.

ئادالەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا دەرگاھىمدا ھېچقاچان ئامانلىق يوقتۇر.تەڭرى بارلىق سۆز ۋە ۋەدە قەسەملىرىمگە شاھىت بولغاي! تىلىممۇ ھەرۋاقىت ئەقلىمگە بويسۇنغاي.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-27 05:36 PM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش