قەدىرلىك ئوقۇرمەن،ئىككى يىلدىن بېرى ئىراننىڭ زور ھەجىملىك دۇنياۋى ئەسىرى ‹‹شاھنامە››نىڭ نەسرى نۇسخىسىنى ئىشلەپ يوللىشىم جەريانىدا مېنى قوللىغان،مەدەت بەرگەن ،ئەگىشىپ ئىز قوغلاپ ئوقۇغان مۇنبەرداشلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.بىر ئاي بۇرۇن بۇ ھەقتە بىر تېما يوللاپ قويۇپ خىزمەت جىدىيچىلىكىدە داۋامىنى يوللىيالمىغان ئېدىم.ئەمدى داۋامىنى شۇ تېمىنىڭ ئاخىرىغا يوللاي دېسەم ئۇ تېما ئىنكاس يازغىلى بولماس بولۇپ كېتىپتۇ.شۇڭا يەنە يېڭى تېما قىلىپ يوللىدىم.ھازىرقى مەزگىل مەن ئۈچۈن تەتىل مەزگىلى بولغاچقا بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى ئىشلەپ چىقىرىۋېتىشىم ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت چىقىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتا بوۋىلىرىمىزمۇ رامىزان ئايلىرىنى قەدىمكى ئەسەرلەرنى توپلاش،رەتلەش،تونۇشتۇرۇش،خاتىرىگە ئېلىش دېگەندەك ساۋاپلىق ئىشلارنى كۆپ قىلىپ ئادەتكە ئايلاندۇرغان ئىكەن.مەنمۇ ھەم شۇ ئەنئەنە رەسمى بويىچە قىلىۋاتقان بۇ ئەھمىيەتلىك ئىشىمنىڭ ئاخىرىنى قىلىپ تولۇق ئاياقلاشتۇرۇۋتىش قارارىغا كەلدىم.سلەرگە رەھمەت!
بۇ زور ھەجىملىك ئەسەر بولغاچقا داۋامى داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ.
شۇ يوسۇندا كۆپلىگەن شامۇ-سەھەرلەر تۇيمايلا ئۆتۈپ كەتتى.ھىندىستان شاھى ئىراندا خېلى ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇپ قالغانلىقىنى سېزىپ مەملىكىتىگە قايتىش ئۈچۈن سەپەر قىلماقنى خالاپ قالدى.
ئۇ بۈگۈن قۇلان شىكارىدىن يېنىپلا شۇ ھامان قىزىنىڭ قېشىغا كىردى. قايتىش نىيىتىنى شاھ بەھرامغا مەكتۈپ ئارقىلىق بىلدۈرمەك بولۇپ قىزىدىن قەلەم ۋە قەغەز سورىدى.قىزى دەرھال قارا مۈشك رەڭ سىياھ بىلەن يىپەك قەغەز كەلتۈردى.شەنگۇل مەقسىدىنى ئىزھار قىلىپ ھىندى ئەلپازىدا، پەھلەۋىي ئەھلىدىنمۇ سۆز ئېچىپ بىر نامە يازدى.نامىدە ئالدى بىلەن تەڭرى ئەسلىنىپ نامى تىلغا ئېلىندى. بەھرام مۇبارەكلەندى.جاھاننى غەمدىن قۇتقازغان بۈيۈك زاتقا ھەمدۇ-سانالار ئوقۇلۇپ مۇنداق سۆزلەر يېزىلدى:‹‹ئەي پاكلىق ۋە راستلىقنى بار،كاجلىق ۋەناھەقچىلىكنى تارمار قىلغان قۇدرەتلىك تەڭرىم،قىزىم سەپېنۇد بەھرامغا ئۆمۈرداش بولسۇن.نۇرلۇق دەرگاھىدا بەختكە نائىل بولۇپ مەڭگۈ ياش تۇرسۇن.شاھىنشاھقا ئۇزۇن ئۆمۈر يار بولۇپ ئەبەدىل ئەبەد ياشىغاي. سەردار ۋە مۇبەدلەر جانپىدالىق بىلەن ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغاي.تاجىدار ئەمرىدىن ھىچقاچان بويۇن تولغىمىغاي.شاھ ئەمرىگە بويۇنتاۋلىق قىلغانلارغا قۇيۇن شىددەتلىك ئوت ئاچسۇن!ئەي شاھىنشاھلار،سەردارلار،ئايماق بەگلىرى شاھ بەھرامغا تەخت-تاج،قەسىرگاھ،ۋە باشقا قىممەتلىك مۈلۈكلەرنى بېرىشكە تېگىشلىك گەنج ۋەسېلىقلارنى ھەر يىلى دەل ۋاقتىدا تاپشۇرۇڭلار››.
شاھشەنگۇل ئىرانغا كەلگەندىن بېرى ئىككى ئايدىن ئارتۇق تۇرغان ئېدى.بۇ جەرياندا ئۇشاھ بەھرامغا ئىخلاس قىلىپ ھىندى مۈلكىنى تۈگەل قىزى سەپېنۇدقا تەۋە قىلىپ بەردى.شاھ بەھراممۇ مېھماندارچىلىق بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىپ شاھ شەنگۇلنى ئاتا ئورنىدا ۋە قىممەتلىك مېھمان سۈپىتىدە ھەركۈنى ئىنتايىن ئەزىزلىدى.‹‹كەلمەكنىڭ قايتمىقى بار›› دېگەندەك شەنگۇل مانا ئەمدى ئاخىر يۇرتىغا قايتماق بولۇۋىدى قائىدە بويىچە شاھ بەھرامغا نامە كىرگۈزۈپ قايتىپ كېتىشنى ئىلتىماس قىلىشقا توغرا كەلگەن ئېدى. شاھ بەھرام نامىنى تاپشۇرۇۋېلىپ مەقسەدتىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن قېيناتىسىنىڭ قايتىپ كېتىشىگە ئىجازەت بەردى.بەھرام ۋەزىرىگە پەرمان بېرىپ دېدى:
-مېھمانلارغا قايتىش ئالدىدا قىممەتلىك ھەدىيەلەر بېرەيلى.ئۇلار مۈلكۈم ئىچىدە نىمىلا بار بولسا خاھىشى بويىچە تاللىۋالسۇن.مۈلۈكلەرنى نىسار ئەيلەپ قىلچە ئايىماي بېرىڭلار.دىنار ھەم گۆھەر،كۈمۈش بىلەن زەر،مەيلى تاج بىلەن تەخت،تىغ بىلەن كەمەر،مەيلى دۇخاۋا،كىمخاپ ۋە ماتالاردىن تىكىلگەن ھەرقانداق لىباس بولسۇن مېھمانلارنىڭ ئىززىتى ئۈچۈن ھىچنىمە ئۇلاردىن ئايالمىسۇن!
پەرمان ۋە سەمىمىي نىيەت،چەكسىز ئىخلاس مېھمانلارغا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن شەنگۇل بىلەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن باشقا شاھ ۋە سەردارلار شاھ بەھرامنىڭ غەزىنىسىدىن ئۆزلىرىگە يارىغان قىممەتلىك نەرسىلەرنى كەڭتاشا تاللىۋېلىشتى.بەزىلەر قىممەتلىك تاشلارنى ئالسا، بەزىلەر چىن يىپەكلىرىنى تاللاشتى.بەزىلەر ئۇچقۇر تۇلپارلارنى تاللاشسا،يەنە بەزىلەر ئىسىل ھەربى ياراغلارنى تاللاشتى.شاھ بەھرام بىر چەتتە شادىمان ھالەتتە تۇرۇپ مېھمانلارنىڭ ھەركىتىنى كۈزەتتى.سوۋغىلار تاللىنىپ بولغاندىن كېيىن بېرىلگەن شۇنچە كۆپ سوۋغا-سالاملار كۆزىگە كەم كۆرۈنۈپ شاھ بەھرام مېھمانلارنىڭ يولدا ئوزۇق قىلىشى ئۈچۈن يەنە نۇغۇن ئوزۇقلارنى بېرىپ مەرھىمىتىنى ئايىمىدى.ئۇلار ئۇزاپ چىققاندىن كېيىنمۇ شاھ بەھرام يېقىن كىشىلىرى بىلەن ئۈچ مەنزىل يولغىچە بىرگە بېرىپ زور ھەشەم-دەرەم بىلەن ئۇزۇتۇپ قويدى.
شاھ بەھرام شەنگۇلنى ئۇزۇتۇپ ئارامگاھىغا قايتقاندىن كېيىن بىر لەھزە ئارام ئالدى.ئارام جەريانىدا ئۆلۈم ۋە يامان كۈنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى.بۇنداق خىيالنى قىلغانلىقى ئۈچۈن مەيۈس بىر ئەندىشە ئۇنى مالال قىلىشقا باشلىدى.
ئەمىر قىلىپ ئەقىللىق ۋە چىۋەر،ھەرقانداق مۈشكۈل ئىشقا تەدبىر تاپقۇچى دانا ۋەزىرىنى چاقىرتىپ كەلدى.شاھ غەزىنە ھالىدىن ئاگاھ بولماق،ئۇنىڭدىكى بايلىقلىرىنىڭ ھېسابىنى بىلمەك بولغان ئېدى.چۈنكى شاھ مۇنەججىمگە بۇندىن كېيىنكى ئۆمرى ھەققىدە پال ئاچقۇزغاندا ئۇ بىر ئىشتىن دېرەك بەرگەن بولۇپ،شاھ ئۇشبۇ بىشارەتتىن غەمناك بولغان ئېدى.بۇ بىشارەتتە:‹‹بۇندىن كېيىنكى ئۆمرۈڭ ئۈچ يىگىرمە بولۇر.تۆتىنچى يىگىرمىدە ماتىمىڭ كېلۈر››دېيىلگەن ئېدى.بەھرام شۇنداق ئويلىدى:‹‹تۇنجى يىگىرمىنى دىلنى يايرىتىپ شادلىقتا ئۆتكۈزەي.ئىككىنچى يىگىرمە-سەلتەنەت دەۋرىم بولسۇن.بۇ جەرياندا قىلغان ئەدىلىم جاھانغا تولسۇن.بۇدەۋرىمدە سەۋەبىمدىن بىر كەپىمۇ ۋەيران بولمىسۇن.ئىنسانلار مەندىن خەيرى-ئېھسان تاپسۇن.ئۈچىنچى يىگىرمىنى- تەڭرى يولىغا ئىنئام قىلاي.بۇ مەزگىلدە تائەت-ئىبادەتتە ئۆتمىكىم مۇددەئام بولسۇن.››
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-22 03:01 PM