hushwah يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 04:41 PM 
تارىخى ئەسەر بولماي نىمە بولماقچىدى ، قىسسە سىگەن تا ...
قىسسەسۇل ئەنبىيا تارىخى ئەسەرمۇ؟ قىسسە دېگەن بۇ سۆز ئۇيغۇر تىلىدا قايسى خىل مەنىدە قوللىنىلىدۇ؟
قىسسە دېگەن سۆز ئەرەبچە تارىخ دېگەننى بىلدۈرسىمۇ ئۇيغۇر تىلى ئىستىمالىدا باشقا مەنىدە قوللىنىلىدۇ.
تالىپ دېگەن سۆز بىلەن ئوقۇغۇچى، مەكتەپ دېگەن سۆز بىلەن مەدىرىسە دېگەن سۆز، مۇددەرىس دېگەن سۆز بىلەن ئوقۇتقۇچى(مۇئەللىم) گەرچە تەڭداش مەنىدىكى سۆز بولسىمۇ ئۇيغۇر تىلى ئىستىمالىدا پەرقلىق قوللانغانغا ئوخشايدۇ.
ئۇ ئوقۇغۇچى دېگەن جۈملە بىلەن ئۇ تالىپ دېگەن جۈملە، ئۇ مەدىرىسىدە ئوقۇيدۇ دېگەن جۈملە بىلەن ئۇ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ دېگەن جۈملە ئەسلى مەنىسى جەھەتتىن ئوخشاش مەنىدىكى سۆز بولسىمۇ ئۇيغۇر تىلى ئىستىمالىدا پەرقلىق مەنىسى بار. قېنى تۆۋەندىكى جۈملىلەرگە قاراپ بېقىڭ. ئەسلى تىلدىكى مەنىسىدە ھەربىر قۇردىكى جۈملىنىڭ ئارىسىغا تەڭلىك بەلگىسىنى قويغىلى بولىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر تىلى ئىستىمالىدا قويغىلى بولمايدۇ.
1. ئۇ تالىپ ئىكەن. ئۇ ئوقۇغۇچى ئىكەن.
2. ئۇ مەدىرىستە ئوقۇيدۇ. ئۇ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.
3. ئۇ مۇددەرىس ئىكەن. ئۇ ئوقۇتقۇچى(مۇئەللىم) ئىكەن.
4. ئالدىمىزدىكى كوچىدا بىر مەدىرىس بار. ئالدىمىزدىكى كوچىدا مەكتەپ بار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yulghunjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-17 05:03 PM