مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: gulen

گۈلەن: «نۇرخان» ساڭا ئەلۋىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95509
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1469
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 08:08:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
turantikin يوللىغان ۋاقتى  2013-7-9 06:36 PM
گۇاڭگاۋ ما بۇ؟؟؟؟؟؟

ياق قېرىدىشىم ... مەقىسىتى تېخمۇ كۆپ ئۇقۇشماسلىقتىن ساقلىنىش ئىكەن ... مەنچە گۈلەن گىۇۋاڭگاۋ بەرمىسىمۇ ئىشلىرى يۈرشۈپ كىتىۋىردۇ ...بۇنداق ئاچچىق گەپ قىلماڭ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95509
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1469
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 08:16:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
komur يوللىغان ۋاقتى  2013-7-9 08:02 PM
ياخشى ئاي ياخشى كۈنلەردە پىتنە - پاساتتىن يىراق تۇرايل ...

دوسلار چەمبىرىكىدە خەۋەرلەر ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ ....




مۇھەممەت سىدىقنىڭ ئانا تىلشىركىتىنىڭ
ئىچىۋىتىلگەن يىغىنىدا قىلغان سۆزى ۋاختى :2013-06-27
بۈگۈن چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىتنى ئاتايىتەن مۇشۇنداق پايچىكلار يىغىنى دەپ ئاتىغان
بولساقمۇ گەرچە يىغىننىڭ تەركىبىي قىسمى بۈگۈنكى مۇشۇ چۈشتىن كېيىنكى پائالىيەت
لېكىن كۆپچىلىكنى ئوچۇق ئاشكارە بولۇش پىرىنسىپىمىز بويىچە ھۆكىمەت تارماقلىرىدىكى
باشلىقلاردىن تارتىپ،ساقچى ئورۇنلىرىدىن تارتىپ ،ئۇنىڭدىن كېيىن ئاناتىل شىركىتىگە قارىتا
چۈشەنمىگەن سۇئاللىرى بار ،گۇمانىي كۆز-قاراشلىرى بار،نۇرغۇن تەنقىدىي پىكىرلەرنى يىغىۋېلىپ
ئۇياق-بۇياققا تارقىتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى ئومومىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ،بىزنىڭ يىغىنىمىزنى
ياندىن ئاڭلىساڭلا تامامەن بولىدۇ،ھېچقانداق مەخپىيەتلىك يوق،پۈتۈن گەپ سۆزلىرىمىز قانۇنغا
رىئايە قىلغان دائىرىدە بولىدۇ،پۈتۈن گەپ سۆزلىرىمىزشەخسىيەتچىلىكتىن چىقىپ ئەمەس،ئوموملىق  تىن  چىقىپ بولىدۇ دىگەن نۇقتىدىن ماۋۇ چۈشتىن كېيىنكى غەيرىي رەسمىي يۇسۇندىكى ئاخبارات
ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئوخشاش بىر نەرسىنى تەشكىللىدۇق.بۇنىڭغا ئالاھىدە باغاق يېزىش          مۇمكىنتى ،رەھبەرلەرنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزىشى مۇمكىن.
مەسىلەن ماۋۇ ئاكىمىز كەپتۇ،بىز مۇشۇ ئاكىمىز بىلەن تېغىچە تونۇشالمىغانلىقىمىزدىن خىجىل
بولساق بولىدۇ،چۈنكى بىز داۋان رايۇنىدا تۇرىۋاتىمىز،داۋان رايۇنىدا تۇرغانكەنمىز داۋان رايۇنىدىكى
ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن تونۇشىۋېلىشىمىزياخشى،ئۇلار بىلەن ئالاقە،بېرىش-كېلىشنى توغرا قىلىشىمىز ياخشى. باغاقنى ئۈندىداردىلا يوللىۋېتىپ قالدۇق،ۋاختىمىز ،زېھنىمىز يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن.ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن پائالىيەتلەردە ئادەملەر ئالاھىدە باغاق يازغاندا كەلمەيدىكەن،
چۈنكى باغاق دىگەن بەك ئەرزان نەرسىكەن،شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇشۇنداق غەيرىي يۇسۇندا توردا
ئېلىپ بېرىۋەتتۇق،كىم كەلسە كەلسۇن.
ئىشخانا رايۇنىمىزدا نورمال تىجارەت پائالىيەت سورۇنىدا ،نورمال تىجارەت ۋاختىدا،نورمال ئىقتىسادىي،ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىمىز بىلەن شوغۇللانساق --------------------

بۇ ئىشىمىز تۈپەيلىدىن بەزى چۈشىنەلمەسلىك ياكى گەپ سۆزلە،كۆڭۈلسىزلىكلەر بولغان بولسا
بىزنى ئەپۇ قىلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز.

يۇقىرىدىن داۋان ساقچى باشلىقىنى ئالاھىدە ئەۋەتكەنلىكى ، ھەم كۆڭۈل بۆلگەنلىكى،شۇنداقلا
بىزنى ئەيىبلىگەنلىكى   ــــــــــــــــــــــــــــــ

ئۇنىڭ ئۈستىگە ساقچى دوستلارنىڭ ئاتايىتەن ۋاقىت چىقىرىپ،قىممەتلىك ۋاختىنى مۇشۇ يەردە  
سەرپ قىلىپ بىز بىلەن تەڭ يىغىنغا قاتناشقانلىقىدىن سۆيۈندىم.   

ئەمدى بىز ئەتىگەنكى بەزى تېمىلارنى چۈشتىن كېيىنگە سۈرگەنلىكىمىز ئۈچۈن شۇ سۈرۈلگەن تېمىلارنى بىر باشتىن كەلسەك ئاساسلىقى بىزنىڭ ئىككى سائەتتەك ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن ، ئىككى
سائەتتىن كېيىن ئەگەر بىزگە قارىتا تەكلىپ پىكىرلەر بولۇپمۇ تەنقىدىي پىكىرلەر بولسا بەك ياخشى
بىز ئەتىگەن يىغىندا شۇنداق دېيىشتۇق،قوللاشلا ئەمەس چوقۇم تەنقىدىي پىكىرلەر كۆپرەك چىقسۇن

شۇلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزىمىزدە دات بېسىپ قالغان يەرلەرنى ئېرتىپ تازلايمىز،
                                    
   
يىغىن تەرتىپىنىڭ ھازىرقى مۇھىم نۇقتىسى بويىچە شىركەت مۇدىرىيىتى مۇھەممەد سىدىق ئابدۇرىشىت شىركەت قۇرۇشنىڭ جەريانى پايچىكلارنىڭ ئەزا بولۇش ئەھۋالى ،شىركەتنىڭ ئىقتىسادىي ئشلار
ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىدۇ ،  مۇھەممەد سىدىق ئابدۇرىشىت مەن بۇ شىركەتنىڭ مۇدىريىتى
ھەم بۇ شىركەتنىڭ مالىيە مەسئۇلى،ئىقتىسادىي ئىشلار مەسئۇلى،مەن بۇنى ئەسلى پايچىكلارنىڭ
ئالدىدا سۆزلەيمەن دەپ ،ئۇندىن باشقا مەن بۇ يەردە سەل جىددىيلىشىۋاتىمەن توغرا چۈشىنەسىىلەر
بىز شىركەت قۇرۇشنى بۇندىن بۇرۇن


ئۈچۈنچى كۈنى باغداش تورىمۇ تاقىلىپ قالدى،ئېچىلىپمۇ قالار بىر كۈنى،شۇ تور بىكەتتە ئانا تىل
دەۋاسى چىققاندىن كېيىن مەنمۇ يېقىندىن دىققەتتە بولۇپ بۇ ئىشلار مۇنداق يۇسۇندا بولسا بولمامدىغاندۇ دىگەن                                
ئاناتىل شىركىتىنى قۇرۇش كۈن تەرتىپكە قۇيۇلدى،ئابدۇۋېلى ئايۇپ گۈلەن ئەپەندى،دىليار ئوبۇل
قانۇنى يول ئەپەندى ئۈچەيلەن جەم بولۇپ شىركەت قۇرۇش قارارىغا كېلىدۇ،بۇشىركەت 2-ئاينىڭ
18-كۈنى رەسمىي قۇرۇلدى،شىركەت قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە تۆت ئايدىن ئارتۇقراق ۋاقىت
بوپتۇ،بىز شىركەت 2-ئاينىڭ23-كۈنى قۇرۇلغان،
2-ئاينىڭ8-كۈنى تەڭرىتاغ رايۇنلۇق مائارىپ ئىدارىسى خاتا قارارىنى ئۇچۇق يىغىندا تۈزىتىپ
ئۇيغۇرچە مىللىيچە يەسلى،باشلانغۇچ مەكتەپ،ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ قانۇنلۇق ئوتتۇرغا چىقىشىغا
تامامەن بولىدۇ دىگەن گەپنى ئېلان قىلغان كۈنى دەل2-ئاينىڭ8-كۈنى.
ئاشۇ گەپ بولغاندىن كېيىن بىز ناھايىتى زور ئىلھاملاندۇق،ھۆكىمەتنىڭ كەڭچىلىكىدىن ناھايىتى
سۆيۈندۇق،شۇنىڭ بىلەن بىز ئىقتىساد توپلاش،مەكتەپ ئورنى ئىزدەش باسقۇچىغا كىرىپ كەتتۇق.
بۇ ئىشلاردا كۆپچىلىك تورغا كىرگەن بولساڭلار خەۋىرىڭلار بار،بىز ئاقىللار شىركىتىنىڭ يېرىنى
ئىجارىگە ئالماقچى بولدۇق،كېيىن ئۇ يەرنىڭ مەكتەپ ئىگىسى گېپىدىن يېنىۋالدى،ئۇنىڭغا بەزىبىر
تېلفۇنلار كەپتىمىش،ئۇ تېلفۇندا ھەرخىل گەپ سۆزلەر بولۇنغان ئوخشايدۇ،ئۇنىڭدىن يەرنى بىزگە   ئىجارە بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان ئوخشايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردىن يېنىپ، ھازىر داۋاندىكى
بىر داچىنى ئىجارىگە ئالغان،بۇ ئىجارىگە ئالغان يەرنىڭ رەسمىيەتلىرىنى پۈتتۈرەلمەي جىق مېڭىپ
كېتىپ بارىمىز،                                         قوبۇل قىلمىدى،تەڭرىتاغ رايۇنلۇق مائارىپ ئىدارىسى بۇ خەۋەر مېنىڭچە تېلۋىزورغا چىقمايدۇ،رادىئوغىمۇ بېرىلمەسلىكى مۇمكىن،گېزىت-
ژۇرناللارغىمۇ چىقمايدۇ،ئەگەر يالغان دەپ ئىشەنمەي قالغان بولساڭلار،چۈشەنمەي قالغان بولساڭلار،مەن بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم دېۋەتكىم كېلىۋاتىدۇ،4- ئاينى27-كۈنى تەڭرىتاغ رايۇنلۇق مائارىپ  ئىدارىسى باشلىقلىرىدىن بىر قانچە كىشى بىزنى يىغىنغا چاقىرىپ،نەق مەيدان يىغىندا ئىلتىماسنىڭ
ئۇيغۇرچە بولغانلىقى ئۈچۈن قوبۇل قىلماسلىق قارارىغا كەلگەنلىكىنى بۇ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-
بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن،قايسى ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئىكەنلىكىگە چۈشەنچە بەرمىدى،
لېكىن بىزنى ئۇيغۇرچە ئىلتىماسىڭلارنى خەنزۇچە يازمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن،قوش تىل يازمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن بىز ئېتراپ قىلمايمىز،رەت قىلىمىز دەپ قولىمىزغا تۇتقۇزۇپ قويدى،
شۇ ئىشلاردىن كېيىن بىز داۋاملىق ساقلاۋاتىمىز، تەڭرىتاغ رايۇنلۇق مائارىپ  ئىدارىسى ئۇيغۇرتىلى
يېزىقىنىڭ خەنزۇتىلى يېزىقىغا ئوخشاش ئاپتونۇم رايۇندا ئوخشاش قانۇنى ئۈنۈمگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۇقمىغانلىغى ئۈچۈن ، بىلەلمەي قالغانلىقى ئۈچۈن يۇقىرىدىكى باشلىقلارغا ئىلتىماس سۇنىۋاتىدۇ،سۇنغان ئىلتىماسلىرىغا قىرىق كۈندىن بۇيان ، باشلىقلار ئالدىراش بولغانلىقى ئۈچۈن جاۋاب
بېرەلمەي قالدى،شۇڭا بىز بۇنى سەل كەينىگە تارتىپ كېتىپ قالدۇق،جەمئىيەتتە بىز ئۆزىمىزنىڭ
ھېس قىلىشىچە نۇرغۇن كىشىلەر بىزنى قۇرۇق گەپلەرنى تولا قىلىدىغان خەقكەن ئەمىلىي ئىش
قىلمايدىكەن توققۇز-ئون ئايدىن بېرى بىر يەسلىنى ئاچالمىدى دەپ ئەيىبلىگەن گەپلەر كۆپرەك
شۇ نۇقتىدىن ، شۇ ئەيىبلەش ھازىر ئوتتۇرغا چىقىپ قالسا دەپ ئالدى بىلەن سىلەرگە دەپ قويدۇم.
مەن بۇ ئىشنى ھۆكىمەتنىڭ قارارى دەپ قارىمايمەن،جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنىغا خىلاپ
ئىشلارنىڭ ھەر قاندىغى ھۆكىمەت قارارى ئەمەس، ئۇ خاتا، ئۇ يالغان، ئۇ ساختا، ياكى بولمىسا
ئۇ شەخىسنىڭ ھېسياتى ياكى بولمىسا مەلۇم مەنپەئەتنى چىقىش قىلىپ ئوتتۇرغا قويۇلغان نەرسە
بولىدۇ،مەن ئاتايىتەن ساقچى دوستلارنىڭ كەلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ گەپلەرنى قوشۇپ قويدۇم. بۇنى
مېنىڭچە بىزنىڭ ساقچى قېرىنداشلىرىمىزدىن تارتىپ توغرا چۈشىنىشى كېرەك،مەن ھېسداشلىقنى
ياخشى كۆرىمەن، مەنمۇ ئانا تىل شىركىتىگە ھېسداشلىق قىلىمەن.
بۈگۈن بىز كۆينەكنى كىيەلمەي قالدۇق،بولمىسا ئانا تىل كىيمىنى كىيىپ ئالدىڭلارغا چىقاتتۇق.
ھەتتا بۇ يەرگە كىرگەنلەرگە بىردىن كۆينەكنى ئالىسىلەر ئاندىن ئۈستىگە چىقىسىلەر دەپ چاخچاق
قىلايلى دەپ ئويلاشقانتۇق،ئۇنى قىلالماي قالدۇق،لېكىن مال بار ،بىردەمگىچە سېتىۋالساڭلار بولىدۇ
ئەمدى بىز قۇرۇلغان تۆت بەش ئايدىن تارتىپ قىلغان ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى سۆزلەپ ئۆتسەك؛
بىرىنچى بولۇپ قىلغان ئىشىمىز كۆك تاغ ماركىلىق ھەسەلچىلىكتىكى بالىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ
ئۇلارنى ئۆزىمىزنىڭ سېپىگە قوشۇپ كىرىش بولدى،شۇ ھەسەل تەننەرخى سەل  قىممەت،لېكىن
بىزنىڭ شىركەتكە پايدىسى بولۇپ بېرىدۇ ، دىمەكچى، بۇ ھەسەلنى كەڭ خەلقىمىزنىڭ قوللىسىكەن
دىگەن ئۈمۈد بىلەن ،ھەم ئانا تىل ھەسىلى ، كۆك تاغ ھەسىلى دەپ ئۇ يەر بۇ يەردە پىت تېرىپ
گەپ سۆزلەر بولۇنسا  بىزنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بىلسە ، يۈز يۇەنلىك ھەسەل نىمىدىگەن قىممەت
ئۇ نىمە ئەكىلىپ قوشۇلغان ھەسەلكەن، ئالتۇن يالىتىپتىكەنمۇ ئەمەسمۇ دىگەچ، بىزنىڭ پاراڭلىرىمىز مۇ بولۇنۇپ قالسا ،شۇ ئارقىلىق بىزمۇ پۇرسەتكە ئېرىشسەك،بىزمۇ ئىككى تۆت تال پۇل تېپىپ
تاپقان پۇلىمىز ئارقىلىق بىر يەسلىنى ئېلىپ بىسمىللاھ دەپ باشلىۋالساق دەپ مالنى سالغانتۇق.
بۈگۈنگە قەدەر 2000 تالدىن ئارتۇقراق سېتىلدى ، بۇ ھەسەلنى تەننەرخى چىقىملىرىنى چىقىرىپ
ھىسابلىساق بىزگە بىر قۇتىدىن 45- 50يۈەنگىچە كىرىم بولىدۇ، بىز ھازىر يۈز مىڭ يۈەندەك
كىرىم قىلغان بولدۇق.
ئۇندىن كېيىن باغداش تورى بىلەن بىرلىشىپ ئانا تىلىم- جان تىلىم دىگەن مايكىنى چىقاردۇق،
بۇ مايكا كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرمەي قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى، شۇ سەۋەب تۈپەيلىدىن بۇ
مايكىنى چىقىرىشنى توختاتتۇق، بەش يۈز تال مايكىدىن ئانا تىل شىركىتىگە ئايرىپ بېرىلگەن پايدا
ئون بىر مىڭ ئەللىك يۈەن .
ئۈچۈنچى بولۇپ قىلغان ئىشىمىز ئانا تىل كۆينەكلىرىنى چىقىرىش ، ئانا تىل كۆينەكلىرىدىن بەش
يۈز تال چىقارغانتۇق،كۆپچىلىكنىڭ قوللىشى بىلەن ئۈچ تۆت كۈن ئىچىدە سېتىپ بولدۇق،سېتىپ
بولغاندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىملىق مال بويرۇتىشنى باشلىدۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئازراق ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردۇق ، بىز نوقۇل تەشۋىقات مېلى چىقارساق بولمايدىكەن،ھەممە ئادەمنىڭ ئارزۇسى
ئوخشاپ كەتمەيدىكەن، تەشۋىقات مېلىنى ئالىدىغانلار تەشۋىقات مېلىنى ئالسۇن، كىيىپ توي تۈكۈنگە بېرىپ سالاپەتلىك ئولتۇراي دەيدىغانلار ئارزۇسىغا يەتسۇن دىگەن نۇقتىدىن  كۆينەكلەرنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ھەرخىل نۇسخىلاردىن چىقاردۇق، بۇ قېتىم بەش مىڭ تال بويرۇتتۇق، ئەگەر پەۋقۇلاددە ئەھۋاللار بولۇپ قالمىسا، توسقۇنلۇققا ئۇچراپ قالمىسا                                       
ئۇ كۆينەكلىرىمىزنى سېتىپ بولساق بەلكىم يۈز مىڭدىن –ئىككى يۈز مىڭغىچە كىرىمگە              ئېرىشىشىمىز مۇمكىن
بىز ئانا تىل شىركىتى قۇرۇلغان دەقىقىدىن باشلاپلا دىليار ئوبۇل،ئابدۇۋېلى ئايۇپ،مۇھەممەد سىدىق
ئابدۇرىشىت ئۈچىمىز تۇنجى قېتىم پايچىكلار كېلىشىمى ئىمزالىغان ۋاقىتتا بىز قەسەم قىلىپ،شىركەتنىڭ كىرىمىدىن  ئوتتۇز پىرسەنتىنى ساپ پايدىنىڭ ئوتتۇز پىرسەنتىنى مائارىپ ئىشلىرىغا ئاتايمىز
دەپ ئېيتقان، ناۋادا كېرەك كېيىنكى ۋاقىتلاردا شىركەت ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن توختاپ قالسا،تاقىلىپ قالسا بىز شۇ ئوتتۇز پىرسەنت پۇلنى خەيرى-ساخاۋەت ئورۇنلىرىغا ئاجىرتىمىز، ئاندىن قالغان
يەتمىش پىرسەنتنى سەن مۇنچىلىك مەبلەغ چىقىرىپسەن،  مەن مۇنچىلىك مەبلەغ چىقىرىپتىمەن دەپ
تىجارەت شەكلىدە پايدىنى بۆلۈپ  مۇنداق ماڭىمىز دىگەن، شۇڭا ئانا تىل شىركىتى بەك سەزگۈر
ئىسىم بىلەن شىركەت قۇرۇلۇپ قالدى،بىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلەر كۆپ، ئانا تىل بالىلار يەسلىسى
دىگەن بىر ئىسىم تۈپەيلىدىن تەڭرىتاغ رايۇنلۇق مائارىپ  ئىدارىسىدىكى باشلىقلارنىڭ كاللىسىدىن
ھازىرغىچە ئۆتۈپ بولالمايۋاتىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ شىركىتىمىز بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگىلى
بىر ئايدىن ئارتۇقراق ۋاقىت بوپتۇ، مەن ئۇقماي قاپتىمەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىن بۇ يەرگە
تەكشۈرگىلى كەپتۇ ، مەن بۇنىڭدىن قاتتىق سۆيۈندىم، مەن سۆيىنىشىمنى ئوچۇق-ئاشكارە بىر
ئىپادە قىلىمەن ، ئاللا خالىسا!
مەن كىشىلەرنىڭ مەلۇم ئىشلارغا سەزگۈر مۇئامىلە قىلىپ كەتكەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىمەن،بۇ ئەپسۇسلۇق ھۆكىمەت تارماقلىرىغا بولغان ئەپسۇسلۇقمۇ بار، بۇنى بىز بۇيەردە ئۈندىداردا يوللىغان          ۋاقتىمىزدا ، مۇمكىن بولسا تەڭرىتاغ رايۇنلۇق مائارىپ  ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىرى ،شەھەر-قۇرلۇش
ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىرى،بولسا شەھەر باشلىقىنىڭ كاتىبات ئىشخانىسىدىكى ئادەملەرمۇ كەلسە  
ياخشى بولاتتى،مۇمكىن بولسا چوڭراق ئەمەلدارلار،يۇرتىمىزنىڭ زىيالىيلىرى ياكى بايلىرى بىزنىڭ
يىغىنىمىزغا ئىشتىراك قىلسا ياخشى بولاتتى، مېنىڭ قارىشىمچە لېكىن ئۇلارمۇ ئالدىراش توغرا
چۈشىنىشكە بولىدۇ، ھۆكىمەت ئورۇنلىرىدا  ئىشلەۋاتقانلارنىڭ قانۇن ماددىلىرىنى تولۇق چۈشەنمەسلىك تۈپەيلىدىن بىزنىڭ ئىشلىرىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىشىدىن بىز ناھايىتى بىئارام بولدۇق، بىز
ھۆكىمەتنىڭ، پارتىيەنىڭ ، قانۇننىڭ نوپوزىنى قوغداش ئۈچۈن ئوتتۇرغا چىققان كىشىلەردەك ھېسققىلىمىز ئۆزىمىزنى، باشقىلار بىزنى قانداق چۈشىنىدۇ ئۇنى ئۇقمايمەن ، لېكىن بىز شۇنداق ئورۇنغاچىقتۇق، بىز قانۇنغا ئىشىنىشكە قارار بەردۇق ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنىغا، ھۆكىمەتنىڭ ئادىللىقىغا ، پارتىيەنىڭ ئادىللىقىغا ئىشەنگىلى بولىدۇ، بىز ئىشەندۈرۈلۈپ كەلدۇق، ھەم ئىشىنىشكە باشلايمىز، چۈنكى قانۇن ماددىلىرى ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسەتكەن ۋاقتىدا چوقۇم بىز ئىشىنىمىز ئىشىنىدىغان بولىمىز، كەڭ خەلقنىڭ ئىشلىرى ھەل بولىدۇ.
ئىقتىسادىي ئىشلار   

ئانا تىل خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇش بىزگە ئاسانغا توختىمىدى، چۈنكى بىز شىركەتنى  قۇرۇش ئۈچۈن ھازىرقى سودا-سانائەت ئىدارىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە شىنجاڭ دىگەن ئىسىم بەك ئەتىۋارلىق بەش مىليونلۇق ئىسىمنى ئېلىپ بولۇپ ، بىر مىليون دىگەن پۇلنى بانكىغا قويالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن تەييار بىر شىركەتنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ مۇشۇ كەمگىچە كېلىۋاتىمىز، بۇ شىركەتنىڭ
كەينىدىكى رەسمىيەتلىرىنى داۋاملىق ئوڭشاۋاتىمىز، ئوڭشاپ بولغاندىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشىمىز باج تۆلەش ، قانۇنلۇق بولغانلىقىمىزنى كەڭ جامائەتچىلىككە ، ھۆكىمەت تارماقلىرىغاساقچى تارماقلىرىغا ، مائارىپ ئىدارىلىرىغا نامايەن قىلىش ، بۇ بىرىنچى ئىش ، ئىككىنچىدىن،
  ئەمدى بۇ پۇلنى خەجلەيمىز توغرىما ؟ پۇل تاپقاندىن كېيىن قانداق قىلىمىز؟؟؟ خەجلەيمىز!
بىزنىڭ خەجلەيدىغان ئورنىمىز بېكىتىلگەن، مەن سەل ئېگىز پەس سۆزلەپ سالىدىغان بولدۇم
كەچۈرسىلەر، شىرىكلىشىپ تىجارەت قىلىشنىڭ بىر كېلىشىمىنى ئوقۇپ بېرەي ، ماۋۇ بىزنىڭ
ئۈچىمىز ئوتتۇرسىدىكى كېلىشىم ئەتە پايچىك يىغىنىمىزدا دوستلارنىڭ كېلىشىنى ئوخشاش قارشى
ئالىمىز، ئەگەر باشقىلار بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرمىسىلا، بىز داۋاملىق مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىمىز،
بۇ يەردە جامائەتچىلىكمۇ ئۇقسۇن ، بىزنىڭ پايچېكلىرىمىزمۇ ئۇقايلى، بىزمۇ گېپىمىزنى دەردىمىزنى
جامائەتچىلىككە ئاشكارلايلى.
ئانا تىل شىركىتىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت دائىرىسى ۋە مەقسىتى ئىككى خىل بولۇپ؛
بىرىنچى ئانا تىل يەسلىسى ۋە ئانا تىل باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنى قۇرۇش، ئانا تىلدا ئوقۇش
ئىلمىي تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىش.
ئىككىنچى ئانا تىل ماركىسىدا باشقا تۈردىكى تىجارەت پائالىيەتلىرى بىلەن شوغۇللىنىش ۋە شۇ
ئارقىلىق ئانا تىل مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىقتىسادىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش .
بىز بۇ مەقسەتنى ئوتتۇرغا قويدۇق،بۇ مەقسەتكە ۋەدە بەردۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ۋەدىمىزنى ئەمەلگە
ئاشۇرۇشىمىز كېرەك ،يۈز نەچچە مىڭ يۈەن پۇل تاپتۇق،بۇ پۇلدا خەلقنىڭ ھەققى بار، بۇ پۇل
بىزنىڭ يانچۇقىمىزغا كىرگىنى يوق، بىز مۇدىرىيەتتە شىركەتتە ئىشلىگەن خادىملارغا مۇۋاپىق مائاش
بېكىتتۇق،مائاشنى ئاشكارلاشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق، بۇنىڭغا باشقا پىكىرىڭلەر يوقتۇ؟
لېكىن مائاشتىن كېيىنكى قالغان قىسمى نىم بولىدۇ دىسەڭلار بۇنى خەجلەيمىز،خەجلىگەن ۋاقىتتا
بىز پايدا ئېلىشنى تېخى باشلىغىنىمىز يوق ، بىزنىڭ چىقىمىمىز ئېغىر بۇ بىنانىڭ ئىجارىسى يۈز
مىڭدىن ئاشىدۇ ، ئۇندىن كېيىن بۇ بىنانى ئەسلى يەسلى قىلىپ قۇرساقمۇ بولىدۇ دەپ ئىجارىگە
ئالغان، لېكىن  ھۆكىمەت ماقۇل دىگەن تەغدىردىمۇ  بىز ماقۇل بولمايدىغان يېرى بار، بۇنىڭ
ھويلىسى يوقكەن، بالىلارنى ئاپتاپ سۇندۇرالمايدىكەنمىز، ئەسلى ئۈچىنچى  قەۋەتنىڭ ئۈستىگە
ئاپتاپ سۇنىدىغان رامدىن بېكىتسەك بولغۇدەك دەپ ئويلىغان، لېكىن يەنىلا ئەپسىز بولىدىكەن،
بىز كېيىن  تىرناق تاتىلاپ قېلىشنى خالىمايمىز، بىز قانۇنى يول دىگەن ئىسىم بىلەن چىققانلىقىمىز
ئۈچۈن قانۇننىڭ ئۇششاق-چۈششەك ، ئېشىپ قالغان ، باشقىلار ئىجرا قىلماي قالغان، قالدۇق
قائىدىلەرگىمۇ ئەمەل قىلىپ ماڭىمىز،  مەن بايا يۈز نەچچە مىڭ يۈەننىڭ گېپىنى قىلىپ بەردىم،
شىركەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى چىقىملار 70-80 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ۋاستىلىك چىقىملا
مەسىلەن داچىنى ئىجارىگە ئالدۇق،                     


بىز ئەڭ ياخشى ئەسلىھەلەر  بىلەن سەرخىل ئوقۇتقىچىلارنى تەشكىللەپ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان
ياخشى بالىلار يەسلىسى،ئانا تىلدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ، ئانا تىلدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ، ئانا تىلدىكى كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپلەرگىچە قۇرۇپ چىقىمىز ئاللا خالىسا،
بىز قىلغان ئىشلىرىمىزنىڭ قانۇنلۇق بولۇشى تۈپەيلىدىن ، ئىككىنچىدىن،كەڭ خەلقنىڭ بىزگە
قىلغان دۇئالىرى تۈپەيلىدىن بۇ نەتىجىلەرگە چوقۇم ئېرىشىمىز.
بىزنىڭ ئالدىمىزنى ئۆلۈمدىن باشقىسى توسۇپ قالالمايدۇ،لېكىن بىزنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلمايدىغىنى ئېنىق، لېكىن بۇ گەپ        
بىز شۇنداق بىر يولغا چىقتۇق،خۇدا بۇيرىسا قانۇن ئۆگىنىمىز، قانۇن ئىجرا قىلىمىز، قانۇن تەۋسىيە قىلىمىز، قانۇن تەشۋىقات قىلىمىز،ئاكتىپ پۇقرا بولىمىز،پائالىيەتچان پۇقرا بولىمىز،ياراملىق پۇقرا  بولىمىز ،ئۇنىڭدىن كېيىن جامائەتچىلىكنى بىزنىڭ ئىقتىسادىي كەڭ   

گۇروھىمىزنى


ئۆزىمىزنىڭ مال سۈپەتلىرىنى ياخشىلاپ ، پۈتۈن جەمئىيەتكە ئېھتىياجلىق،ھالال،پاكىز،ئادەم
ئەنسىرمەيدىغان مەھسۇلاتلار بىلەن جامائەتچىلىكنى تەمىنلەپ،قوش ئۈنۈم ياراتماقچى،
مەن ھازىر ئىقتىسادىي ئىشلار توغرىسىدا

بىز بۇ كۈنگىچە ئۈچىمىزنى قوشۇپ جەمئىي 17 پايچىك قوبۇل قىلدۇق،17 پايچىكنىڭ ئومومىي   
مەبلىغى جەمئىي 780 مىڭ يۈەن ، 780 مىڭ يۈەننىڭ ئىچىدە ئالتە مىڭ يۈەن نەق پۇل ئەمەس
ھەسەل.

دىمەك جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنىدىكى ماددىلارغا ئاساسەن بىزنىڭ يەنە
33 پايچىك قوبۇل قىلىش ھوقوقىمىز بار،چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ قانۇندىكى بەلگىلىمە
بويىچە ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ پايچىكى 50 تىن ئاشماسلىقى كېرەك.
مەن تېخىمۇ چوڭراق مىليونىر،مىليادىر بۇنداق بايلارنىڭ سېپىمىزگە قوشۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
بۇ يول ھەممىمىزنىڭ يولى، ھەممىمىز بىز ئۆزىمىزنىڭ بالىمىز ئۈچۈن ئوتتۇرغا چىققان، پۇل
تېپىش ئۈچۈن ئوتتۇرغا چىققان،ئەمدى قارىساق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆپلىكىگە
قاراپ ، بۇ نوقۇل مېنىڭلا ئارزۇيۇم ئەمەسكەن ،نوقۇل بۇ ئۈچىمىزنىڭلا ئارزۇسى ئەمەسكەن ،
بىزنىڭ ئون نەچچە پايچىكنىڭلا ئارزۇسى ئەمەسكەن،نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ  ئارزۇسى ئىكەن دەپ
بۇ ئارزۇلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا بولغان تەققازالىقىمىز كۈچەيدى، ھەم شۇ تەققازالىقنى
ئىجرا قىلىشىمىز ئۈچۈن  دادىل قەدەملەر بىلەن مېڭىشىمىزغا توغرا كەلدى.
بىز 17 پايچېكنىڭ گېپىنى قىلىپ بولدۇق ، زاپاس پايچېكتىن بىر قانچىسى بار ، مەن بۇرۇنمۇ
ئېيتقان زاپاس پايچېكلار كارتا نۇمۇرىڭلارنى دەپ  بېرىڭلار دىگەندە دەپ بەرمىگەن، ئۇلار
پۇلنى ئۇرىدۇ،پايچىك ئىلتىماسى سۇنىدۇ،شۇنىڭ بىلەن شىركەتنىڭ پايچىكى بولۇپ كېتىدۇ،
بۇ قېتىم پايچىكلار يىغىنى ئېچىشتىكى مۇھىم بىر مەقسەت مەن بۇنى ئېيتىپ قوياي بىزنىڭ
قېرىنداشلىرىمىز تولۇق بىلىۋالسۇن، مۇھىم بىر مەقسەت 17 پايچىكنىڭ ھەممىسى سودا-سانائەت

ئىدارىسىنىڭ شىركەت تىزىملاش ئورنىغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ، بۇنى تىزىمغا ئالدۇرۋالساق  دىگەن ئۈمۈدتىمەن، ئەپسۇسكى بىزنىڭ پايچىكىمىزدىن ئۈچ ئادەم كىلەلمىدى، 17 ئادەم ئىدى
ھازىر ئۈچ ئادەم كەم ، شۇ سەۋەبتىن بۇ ئىشنى يەنە كېچىكتۈرىدىغان ئوخشايمىز.
لېكىن ھازىر شىركەتنىڭ قۇرۇلمىسى قانداق دىسەڭلەر مەن ئىككى يۈز مىڭ ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئىككى يۈز مىڭ دىليار ئوبۇل يۈز مىڭ پاي چىقارغان، شىركەت ھازىر زىيان تارتىش باسقۇچىدا كىرىم
قىلىش باسقۇچىغا تېخى    كىرمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن قانۇنى بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىپ
باج يوللايمىز،ھۆكىمەت تارماقلىرىدىن تېگىشلىك ھەقلىرىمىزنى تەلەپ قىلىمىز، مەسىلەن، بۇ ئىشنى
ئويلاشقانتۇق،سودا-سانائەت كىنىشكىسىنىڭ ئۈستىدە ئۇيغۇرچە خەت باركەن كۆردىڭلەمۇ؟
كۆرۈپ باققانمۇ؟ كىنىشكىنىڭ ئۈستىدە ئۇيغۇرچە خەت بار، لېكىن باسقان ۋاقىتتا نېمىشقىكىن
بېسىلماي قاپتۇ، شۇ بېسىلماي قالغانلىقنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ سودا- سانائەت ئىدارىسىغا
نورمال قانۇنى تەرتىپلەر بويىچە كىنىشكىنى ئۇيغۇرچە بېسىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز،
ئەگەر ياق دەپ قالسا، بىز باج تۆلىگەن تالونلىرىمىزنى ،دوكلاتىمىزنى كۆتۈرۈپ شەھەر باشلىقىنى
ئىزدەيمىز ياكى يۇقىرىراق باشلىقلارنى ئىزدەيمىز، ئەلۋەتتە بۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالمايمىز.
چۈنكى ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنى ئىجىرا بولىۋاتىدۇ ، ئىشەنسەڭلار بىركۈننىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىنى تۈپتۈز قىلىۋېتەلەمدۇ-قىلىۋېتەممەمدۇ ؟ قىلىۋېتەلەيدۇ ،شۇنداقمۇ .
بىز پارتىيەگە-ھۆكۈمەتكە ئىشنىمىز .شۇ سەۋەپتىن بىزنىڭ يوللۇق دەۋالىرىمىزنىڭ ، يوللۇق ئارزۇ -تەلەپلىرىمىزنىڭ ئىجىرا بولىشىغىمۇ ئانچە  ئۇزۇن قالمىدى .
كۆپچىلىك بۇ جەھەتتە ئۈمۈتۋار  پوزىتسىيەنى داۋاملىق ساقلىشى كېرەك .
لېكىن ھۆكۈمەت تارماقلىرىدا ئىشلىگەن كىشىلەرنىڭ بىيوگىراتلىقى  ، قانۇن بىلمەسلىكى ، شەخسىي نەپسىگە چوغ تارتىشى ، مۇقۇملۇقنى دەستەك قىلىپ كىملەرنىدۇر تەكشۈرۈپ ، كىملەرنىدۇر چاي ئىچۈرۈش ئىشلىرى كۆپلەپ يۈز بېرىۋاتقان مۇشۇ جەمىئىيەتتە بەزەن بىر توسالغۇلارغا ، ئەگىرى توقايلىقلارغا بىز ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ قويدۇق ، بۇ تەييارلىق ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە بولىشى كېرەك .
مەن كۆپچىلىكتىن ئانا تىل شىركىتىگە ، شىركەت خادىملىرىغا ، شىركەت پايچىكلىرىگە ، شىركەت لىدىرلىدىغا ، مۇدىريىتىگە  خالىس دۇئا قىلىپ  قويىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
چۈنكى  مىلىيون پۇلنى بىزگە بەرساڭلارمۇ بىكار ، ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە يۈز پىرسەنت ئىشەنچ قىلغان مۇسۇلمان ئۈچۈن دۇئادىن باشقا  ھېچنەرسە كېرەككە كەلمەيدۇ .
ئەلۋەتتە بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىزنى  كۆپىرەك تونۇتۇڭلار ،كۆينەكلىرىمىزنى كىيىڭلار ، ئۇچرىغان كىشىلەرگە ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇلىۋېتىپتۇ جۇمۇ دەپ قويۇڭلار ياكى بالاڭنى قوشتىل مەكتەپكە بېرىۋەرمەي ياكى بەرسەڭمۇ ئانچە - مۇنچە ئۇيغۇرچە گەپنىمۇ ئۆگۈتۈپ قوي  جۇمۇ دىگەن  گەپنى قىپ قويۇڭلا .
مەيلى ساقچى بولسۇن مەيلى ھۆكۈمەت ئورگىنىدىكى كىشىلەر بولسۇن مەيلى باشلىق ۋە پۇقرا بولسۇن ھەممەيلەن بىزنىڭ ئاغزىمىزدىن چىقىۋاتقان ئەسلىدىكى تىلىمىزنى سۆيمىسەك بولمايدۇ .
ۋەتەننى سۆيۈش ئىماننىڭ جۈملىسى دەپتىكەن ، ئانا تىلنى سۆيۈشمۇ ئىماننىڭ جۈملىسى بوپ قېلىشى مۇمكىن ، سادىغاڭ كېتەيلى بۇ گەپكە ئىشىنەرسىلەر.
كۆپچىلىكنىڭ ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ يىغىنىمىزغا كەلگىنىگە مەن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن .
بۇ  مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش ، ئىچىدە ئەسلى  مەھسۇلات بولىشى كېرەكتى   ،
مانا بۇ شۈكۈر پىنتوزىسىنىڭ خالتىسى ، ئۈستگە  ئانا تىل لوگو بەلگىسىنى چىقىرىپ شىركىتىمىز مەھسۇلات ھاۋالە قىلىپ چىقارماقچى ، رامىزاندا لەڭپۇڭ يەيدىغانلار كۆپىرەك يەپ بېرەسىلەر .
ئۇيغۇرچە ئىسمى كىراك چۆپ ، ئۇيغۇرچىسى ئومۇملىشىپ قالسۇن .
ماۋۇ ئاق شېكەر ، بۇ شېكەرنى توققۇزتارادا ئىشلەپ ئاندىن شۈكۈر زاۋۇتىدا ئوراپ قاچىلىغان .
شۇ سەۋەپتىن تورداشلىرىمىز بۇنىڭغا توققۇزتارا دەپتۇ، ئىشلىگەن زاۋۇت توقسۇن ناھىيە غولبۇي يېزا دەپتۇ، قايسى راس دەپ دەرگۇمان بوپ قاپتۇ.
بۇ ئىشتا بىز  كەچۈرۈم سورايمىز لېكىن بىز  سەمىمي ئىش قىلدۇق دەپ قارايمىز .
بۇنىڭدا ھېچقانداق خاتالىق يوق ، شېكەر توققۇزتارانىڭ شېكىرى ، ئوراپ قاچىلاش توقسۇندا ئېلىپ بېرىلغان.
يەنە بىرى بوۋاقلار  شېكىرى ،  بىزنىڭ ماللارنىڭ ئوراپ قاچىلىنىشى ئوخشاپ كېتىدۇ.
بوۋاقلار شېكىرى ئەسلى شېكەرنى ئېزىش ئاساسىدا  ئىشلەنگەن ،
بەزى ۋاقىتلاردا  بالىلارغا ئىچۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم قايناق سۇدا ئېرىتىپ كېيىن سوغۇق سۇدا تەڭشەپ بېرىشكە توغرا كېلىدىكەن ،لېكىن  بۇ ئىلىمان سۇدا ئاسانلا ئېرىيدۇ .سىناپ بېقىڭلار.
بۇ توخۇ قورۇمىسى  تېتىقۇسى ، توخۇدىن نېرى تۇرساق بولاتتى دەپ ئويلىغان ،
لېكىن  توخۇ دىگەن شۇنداق تېتىشلىق - يېيىشلىك بولىدىكەن ، ئاڭلىشىمچە قوش ئامەت توخۇ قورداق دۇكىنى ھەر يىلىغا كەم بولغاندا يۈز مىڭدىن ئارتۇق توخۇ بىرتەرەپ قىلىدىكەن . ئويلاپ باقايلى...
يەنەبىرسى ‹‹ لىغىرداق ئۇنى ›› يەنى لەڭپۇڭ ئۇنى، ئەسلى ئۇيغۇرچىسى لىغىرداق ئۇنىكەن  بۇ ئۇيغۇرچە  سۆزنى بىلىۋېلىڭلار .
ئانا تىل شىركىتىدە ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى ئادەت قىلىشنى قارار قىلدۇق ، شىركەتتە  خەنزۇچە سۆزلەپ قالسىڭىز 1  سوم  جەرىمانە ئېلىنىدۇ .
بۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىدا سۆزلىشىمنى ئويلاپ باقمىغاچقا سەل ئېگىز - پەس  سۆزلەپ قالغان بولۇشۇم مۇمكىن  توغرا چۈشىنەسىلەر .
شىركەت يىغىن تەرتىۋىنىڭ يەنە بىر ماددىسىغا بىنائەن شىركەت لىدىرى ئابدۇۋەلى ئايۇپ گۈلەن ئەپەندى ئۆزى تەۋسىيە قىلنىدىغان يەسلى  مائارىپى ئەندىزىسى ، ئانا تىلدا تەربىيەلەشنىڭ ئەھمىيىتى.توغرىسىدا سۆز قىلىدۇ.




بۇ مەن بۈگۈن  دوسلار چەمبىرىكىدىكى قانۇنى يول يازمىسىنى ئەينەن كۈچۈرۈپ ئەكەلدىم ... تېخمۇ كۆپ  تەپسىلاتلار    دوسلار  چەمبىرىكىدە[/color ]،  ئۈندىدار: kanoniyol

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95698
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 183
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2013-6-3
ئاخىرقى: 2013-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 08:21:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95509
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1469
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 08:25:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
komur يوللىغان ۋاقتى  2013-7-9 08:21 PM
ئانا تىل مەسئۇلاتلىرىغا ۋاكالەتچى بولۇشنىڭ قانداق شە ...

مەن  ئانا تىل شىرىكىتىگە تىخى ھىچقانداق ئەزا بولمۇدۇم ، سىزنىڭ سۇئالىڭىزغا جاۋاپ بەرگۈدەك ئىقتىدار ۋە شەرەپ مەندە تىخى يوق ئەمما سىزننىڭ مىنى شۇنداق چوڭ كۆرگىنىڭىزگە رەخمەت
تەپسىلى ئەھۋالنى kanoniyolni قۇشۇپ سوراڭ ... گۈلەنگە قىسقا ئۇچۇر يوللاپ شىركەتنىڭ تېلفۇن نۇمۇرنى سورىسىڭىزمۇ بۇلدۇ ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92350
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 544
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 243 سائەت
تىزىم: 2013-2-26
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 08:54:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرخاننى نۇرغا تولتۇرغانمۇ ئەنە شۇ گۈلەن مۇئەللىم بىلەن ئايالى ئىدى . نۇرخاندىكى ۋاقتىمىزدا ھېچ بىرىنىڭ مۇئەللىمنىڭ شېرىكىنى ئىزدەپ كەلگىنىنى كۆرمىگەن  ئىدىم . ئەرلەر-ئاياللار گۈلەن ئەپەندىمنى ئىزدەيمەن  ،  گۈلەن خانىمنى ئىزدەيمەن دەپ مۇئەللىمنى تونۇمايدىغانلارمۇ باشقىلاردىن نامىنى ئاڭلاپ ئىزدەپ كېلەتتى . مۇئەللىم بولمىغان بولسا ، نۇرخان ئادەممۇ كىرمەيدىغان كۈلخان بولار ئىدى . قەشقەرگە نۇرخاننى تونۇتقان يەنىلا مۇئەللىم بىلەن ئايالى مېھرىگۈل ئاچام ئىدى . شۇنچە كۆپ سىڭگەن ئەجرىنىڭ مېۋىسىدىن ، ئاللاھتىن قورقمايدىغان نائەھلىلەرنىڭ بەھرىمان بولىمىز دېگىنىنى قارىمامدىغان . شۇنچىۋالا يالغان سۆزلەپمۇ يەنە قانمايدىكەن . قىلچىلىك خىجىل بولۇش يوق . خىجىللىقنىڭ نەدىن كېلىدىغىنىنى ئۇنۇتقانلار ... ساھابىلەر : ‹‹ مۆھمىن قۇرقۇنچاق بولامدۇ ؟›› رەسۇلىللاھ : ‹‹ ھەئە ››.ساھابىلەر : ‹‹ مۆھمىن بېخىل بولامدۇ ؟ ›› رەسۇلىللاھ : ‹‹ ھەئە ›› .ساھابىلەر : ‹‹  مۆھمىن يالغانچى بولامدۇ ؟ ›› رەسۇلىللاھ : ‹‹ ياق ›› .  

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 1844
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10988
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 5015 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 09:43:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ئىشلىرىڭلار ئوڭغا تارتىپ كەتكەي ئىلاھىم ، ئۆتكەن يىلى نۇرخان مەكتىپىنى گۈلەن ئەپەندىنىڭ نامى بىلەن بىلگەن ئىدۇق ، مانا ئەمدى نۇرخان مەكتىپىدىن ھۇقۇش ئۈنگەن ئۇخشايدۇ، تەپسىلاتىنى ئىنىق بىلمىسەممۇ  سەزگۈر نېرۋىلىرىم ھىس قىلىۋاتىدۇ،
خەيىر، گۈلەن ئەپەندىنىڭ گىپى بۇيىچە ئەلۋىدا نۇرخان !
گۈلەن ئەپەندىنىڭ يىڭى مەكتەپتە يىڭىچە روھ بىلەن ئىشلىرىنىڭ  تېخىمۇ روناق تېپىشىغا ئۇلۇغ ئاللا مەدەت بەرگەي  ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulbaxikar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-9 09:44 PM  


مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

ئۆتمۈشىڭنى ئۇنۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3182
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8863
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 2373 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 10:03:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئشلىرىڭلارنى ئاسان قىلغاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 940
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17032
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1279 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 10:33:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
komur يوللىغان ۋاقتى  2013-7-9 08:21 PM
ئانا تىل مەسئۇلاتلىرىغا ۋاكالەتچى بولۇشنىڭ قانداق شە ...


ئانا تىل خەلقارا سودا شىركىتى-كىيىم-كېچەك، يىمەك-ئىچمەك، ئوقۇش قوراللىرى، ۋە بالىلار ئويۇنچۇقلىرى تۇرلىرىدە مەھسۇلات ئىجازەتنامىسى ئالغانلىغى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە....
ھازىرچە بازارغا چىقىرىلغىنى- ئانا تىل كۆينەكلىرى ۋە ئانا تىل ھەسەلىدىن باشقا ، تۇرمۇش ىستىمالىمىزدا شۆھبىلىك-دەپ قارىلىۋاتقان ئىستىمالىمىز-كىراخ چۆپ(فىنتۆزە)توخۇ قورۇمىسى دورا-دەرمانلىرى، بالىلار شېكىرى، لىغىرداق ئۇنى....قاتارلىقلارغا ئىزەنچىسى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ مەھسۇلاتلىرىنى رۇياپقا چىقاردى.
دەسلەپكى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقىرىشتا ۋاختىنچە ئالاھىدە بەلگىلىمە چىقىرىلمىدى.
سىز شىركەتكە تىلفۇن (0991-2500646)قىلىپ مالىيە ھىساۋات نومۇرىغا پۇل سالسىڭىز سىز دىگەن مەھسۇلاتنى ئەۋەرتىپ بېرىدۇ.
ئەلۋەتتە سىزگە توپ باھادا ھىساپلىنىدۇ ۋە سىز ساتىدىغان پارچە باھانى ئالدىن بېكىتىپ بېرىدۇ.
كۆينەكلەرنىڭ يىغىن مەزگىلدىكى نۇسخسى 9خىل ئەتراپىدا بولۇپ ياشلار ۋە ئۆزىنى ياش چاغلايدىغان ئاۋانگارت تەشۋىقاتچىلار ئۈچۈن ئاجايىپ يارىشىملىق ئانا تىل ماركىسى سول تەرەپ كۆكرەك تەرەپكە توكۇلما شەكلىدە سۈپەتلىك چۈشۈرلگەن(ئانا تىل ماركىسىنى ئىزىدىنىش مۇنبىرى باش بېتىگە بېرىلگەن ئانا تىل خەلقارا سودا شىركىتى ئېلان تەشۋىقات سۈرىتىدىن كۆرىۋېلىڭ)
چوڭ سۇپەت چوڭلارغا ۋە نۇرمال ئېھتىياج ۋە ئىچكى قوللاش ىۇسۇسىدا سېتىۋالىدىغان تەقدىرداشلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئانا تىل ماركىسى چۈشۈرىلمىگەن لېكىن يانچۇق گىرۋىكىگە‹‹ئانا تىل››ئىبارىسى كۆينەك رەڭگىدا توم قىلىپ چۈشۈرلگەن نۇسخىسى بولۇپ 2چوڭ ئۇسلۇبتا 9خىل رەڭدە ئىشلەپچىقىرىلغان.
سۇرەت يوللاشنى بىلمىدىم بومىسا مەن ئۈستۈمدىكى ھالىتىنى چىقىرىپ قوياي دىگەن.
پەقەت سىز پىدائى سۈپىتىدە قانچىلىك كۈچ چىقىرالىسىڭىز  بۇ سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ تىلىغا ھەم ئۆزىمىزنىڭ تىلىغا قوشقان تۆھپىڭىز بوپ قالغۇسى-!!!
تەپسىلاتىنى قولىڭىزغا تىلفۇننى ئېلىڭ دە 0991-2500646گە تېلفۇن قىلىپ ئەڭ ئاقىل جاۋاپقا ئېرىشىڭ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-9 10:52 PM  


قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 940
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17032
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1279 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 10:44:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىل شىركىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بىلدۈرگىسىدىن خەۋەردار بولۇشنى ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ھىساپلىمىسىڭىز نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى ئادرىسلاردا بولسۇن.......

/thread-108184-1-1.html
http://www.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=54039
ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ ئەتىكى يېڭى قەدەملىرىگە يەنىمۇ قىزىقسىڭىز ئۇندىدارىڭىزدا kanoniyol بولسۇن!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-9 10:46 PM  


قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1678
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12181
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 8313 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 10:48:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزدەك  ئادەملەر مەنچە تىلپۇن نومرىنى ئاسانلقچە ئاشكارە قىلماسلقى كىرەك،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulbar5 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-9 10:49 PM  


ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش