مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6498|ئىنكاس: 33

مېنىڭ ئۈرۈمچى سەپىرىم...... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18837
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1403 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2014-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 02:38:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مېنىڭ ئۈرۈمچى سەپىرىم......

.........

ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ  نەمخۇش ھاۋاسى تومۇز پىژغىرىمىنى بېسىشقا ئۈمتىلىۋاتقان گىرىم-سىرىملەر ئىچىدە ئۈچتاش بېكەت دەرۋازىسىدىن چىقتىم.
ئۈرۈمچى مەن ئۈچۈن ئانچە تونۇشلۇق بولمىغاچقىمىكىن  دوڭكۆۋرۈكتىكى كۆزنەك ئورۇنلاردىن باشقىنى ئانچە ئېسىمگە ئالالمىدىم.
تەكلىپ ئەتكەن تەقدىرداشلار كېلىپلا تېلفۇن قىلىشنى جېكىلىگەن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئالدىراش ۋاقتىنى ئورۇنسىز ئىسراپ قىلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئەتىسى تىلفۇن قىلدىم.
ئۇلار گەرچە كېلىپلا تېلفۇن قىلمىغانلىغىمغا خېلى كايىغان بولسىمۇ مەن يەنىلا ‹‹ۋاقىت تېخى بارغۇ››دىگەن ئىزاھاتىم ئارقىلىق ئانا تىل شىركىتىدە ئۇچرىشىشنى كېلىشتۇق......

تەڭرىتاغ مەسچىتىدىن ياڭرىغان ئەزان ئاۋازى بىلەن باشلانغان خەيىرلىك سەھەرگە ئۈمۈدۋارلىق بىلەن يۈزلىنىپ مەنزىللەر تامان يۈرۈپ كەتتۇق.

بىرگە بارغان دوستۇم ۋە مېنى ئانا تىل مەنزىلىگە يەتكۈزگۈچى قارا تاكسىچى قېرىندىشىمىز-گەرچە ئانا تىل مەكتەپلىرى توغرىسىدىكى بۇ تىما ۋە بۇ شىركەتنى بىلمەيدىغانلىغىنى ئېيىتقان بولسىمۇ بىزنىڭ ئالاھىدە بۇ شىركەتنىڭ خۇسۇسى يىغىنىغا قاتنىشىش قىزغىنلىقىمىزغا قىزىقىپ سۇئاللارنى
ياغدۇرىۋەتتى....................
مەن10ئايلىق مۇساپىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى 10مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت بىلدۈرگۈ بەرىم......
داۋەن يولىدىكى بۇ مەنزىلگىمۇ يېتىپ كەلدۇق.........
شوپۇر قېرىندىشىمىز ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان شىركەت تاختىسىدىكى 50نەچچە مىللەتنىڭ تىلىدىكى ‹‹ئانا تىل››سۆزىگە خۇدى بىلىدىغاندەك كۆز يۈگۈرتۈپ خېلىدىن كىيىن قايتتى.......
شىركەت ئىچىدە بىزنى شىركەت خادىملىرى ئابدىسالام ۋە مۇھەممەد سىدىق ئەپەندى ئالاھىدە كۈتىۋالدى...
سۆھبەت ئارلىقىدا  شىركەت بىناسىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىن پەسكە چۈشكىنىمىزدە بېشىغا دوپپا كەيگەن ، كۆز ئەينىكى بىلەن كومپىيوتىر ئالدىدا دىققەت بىلەن ئولتۇرغان ئىگىز بوي بىر قېرىندىشىمىز بىلەن ئۇچرىشىپ قالدۇق...........
سالام-سائەتتىن كىيىن مۇھەممەد سىدىق ئەپەندى بىزنى تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن -بىزگە قاراپ بوش ئاۋازدا-بۇ قانۇنى يول بولىدۇ-دەپ چۈشەندۈردى.......
بىز قايتىدىن ھاياجان بىلەن كۆرۈشتۈق  ....
قانۇنى يول قېرىنىدىشىمىز شۇنداق كەمسۆز، ئېغىر بېسىق قېرىنىدىشىمىز ئىكەن.....ئۇنىڭ سالام ئارلىقىدا -لاۋا قېرىنىدىشم-‹‹مۇخبىرلار سىلەر قەيەردە؟››دىگەندەك تىمىڭىز ئارقىلىق ئادەمگە پايدىسى يوق يول كۆرسىتىپ ئارتۇقچەيول ماڭدۇرىدىكەنسىز ئەمەسمۇ؟؟-دىگەندەك قارا يۇمۇرلىرى بىلەن ئارىدىكى ھاياجاندىن پايدا بولغان سوكۇناتنى بوزدى....ۋە تەڭلا كۈلىشىپ كەتتۇق.....
بىز بىردەمدىن كىيىنلا كىچىكىمىزدىن بىر ئېرىقنىڭ سۈيىدە تۈگمەن ئويۇنى ئويناپ چوڭ بولغان مەھەلىداشلاردەك يېقىن .......
بىر سىنپتا بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ ئوقۇغان ساۋاقداشلاردەك ئوخشاش پىكىردە گوڭۇر-موڭۈر سىردىشىشلارغا چۈشۈپ كەتتۇق.............
.......
2013-6-27
يىغىننىڭ تۇنجى كۈنى سەھەر...
ئانا تىل خەلقئارا سودا شىركىتى يىغىن مەيدانىنى قارار ئالغان يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئانا تىل شىركىتى بىناسىغا ئاللىبۇرۇن يىغىلىشقا تۇتۇش قىلغان ئىدى....
كىرىشىمىزگىلا گۈلەن ئەپەندى باشچىلىقىدا بارلىق شىركەت خادىملىرى بىزنى قىزغىن كۈتىۋالدى...
ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي كۈن-تەرتىپ بويىچە يىغىن رەسمى باشلاندى.
پايچىكلار ئۆزىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش كىيىن ، گۈلەن ۋە مۇھەممەد سىدىق ئەپەندى باشچىلىقىدا مۇھىم قارالمىلار دىمگۇراتتىك ئۇسۇلدا بېكىتىپ چىقىلدى ۋە شىركەتنىڭ پايدا كاپىتالىنىڭ %30مائارىپ خىراجىتى قىلىنىدىغانلىغىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ ئۆتتى.....
چۈشتىن  كىيىنلىك سىرىتقا ئېچىۋېتىلگەن يىغىن كەيپىياتى چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىن ئەھۋالىدىن جوشقۇن ھەم  كەسكىن بولدى.....
قانۇنى يول قېرىنىدىشمىز كۆپۈنچە ۋاختىنى شىركەتنىڭ ئوچۇق-ئاشكارە بولۇش پىرىنسىپىنى چۆرىدىگەن ئەھۋالدىكى تاراتقۇلارغا خەۋەر بېرىش بىلەن ئالدىراش بولدى.....
سۇئاللار ئوچۇق،جاۋاپلار كەسكىن بولدى.....
ئۇندىدار ۋە تور ئارقىلىق چاقىرىقنى تاپشۇرۋالغان داۋەن رايونلۇق ساقچى ئەترىتىدىن كەلەەن ساقچىلارمۇ ئىلمىي رەۋىشتىكى بۇ ئاددى يىغىنغا قىزغىن ئىشتىراك قىلدى ۋە ئامما بىلەن تەڭ كۈلۈپ ئامما بىلان تەڭ ئالقىش ياڭرىتىپ كەلدى....
يىغىن جەريانىدا ئاممىغا ۋەكىل بولۇپ سۆز قىلغان ئىشتىراكچىلار -ساقچىلار قاتناشقان بۇنداق يىغىن پائالىيەتلەرنىڭ ئوچۇق-ئاشكارە بولۇش پىرىنسىپىنى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئالغان ئانا تىل شىركىتىدەك بىر ئاقىل باشلامچىنىڭ بۇندىن كىيىنكى يىغىنلىرىغىمۇ ۋە پائالىيەتلىرىگىمۇ ئاكىتىپ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىغىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى......
يىغىن نەخ مەيداندىن ئۈن-سىنگە ئېلىندى .
قۇلاق تۈۋىمدا ھىلىھەم جاراڭلاپ تۇرىۋاتقىنى-گۈلەن ئەپەندىمنىڭ - بىز ئەمىلىيەتتە بىر خەلىق ساقچىسى!!!
چۈنكى بىز جەميىتىمىزدىكى مەسۇلىيىتىنى ئادا قىلالمايۋاتقان قىسمەن ھكۆۈمەت ئاپىرتلىرىدىكى ساپاسىزلارنىڭ ئىش بېجىرىشتىكى ناتوغرا خىزمەت ئۇسۇلىنى بولمىش‹‹يوشۇرۇن مىنا››لىرىنى تازىلاۋاتىمىز-!!!-
دىگىنى بولسا-
مۇھەممەد سىدىق ئەپەندىنىڭ- بىز ئەمىلىيەتتە ھۆكۈمەت بىلەن شەخىسنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىنى ئايرىيمىز-!!!
پارتىيەنىڭ نىزامى بولىدۇ-!
دۆلەتنىڭ قانۇنى بولىدۇ-!
كىمدە-كىم دۆلەت قانۇنىنى، پارتىيىنىڭ نىزامىنى ئاياق ئاستى قىلىدىكەن -ئۇ قايسى ئاپىراتتا ،قانداق خىزمەت قىلىشىدىن قەتئى نەزەر ‹‹ئۆزىنى ھۆكۈمەت، سۆزىنى سىياسەت››ئاتىۋالغان بۇنداق پاسشىتلارنى دۆلەت قانۇنى ۋە پارتىيە نىزامىنىڭ جازاسىغا تاپشۇرىمىز-!!!
دىيىشى بولدى......
قانۇنى يول ئەپەندى-سۆز  پۈرسىتىنى داۋاملىق رەت قىلىپ خەۋەر بېرىش سۇپىسىدىن چۈشمىدى،
بىراق كۆپچىلىكنىڭ تەكلىۋى بىلەن يىغىن كۈن-تەرتىۋىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە‹‹ئوچۇق ئاشكارە بولۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە زۆرۈرىيىتى››توغرىسىدا ناھايتى ئەھمىيەتلەك پىكىر بايان قىلدى،
ئاخىردا ئۇنىڭ بايانىلىرى-ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى پارتىيەگە ئىشىنىشنىڭ كېرەكلىكى...گە يەكۈنلىنىپ داۋاملىق ئۈندىدار ۋە تورغا دىققەت بېرىۋاتقان دوستلارنىڭ تور ئارقىلىق سورىغان سۇئاللىرىنى نەخ مەيداندا ئېلان قىلىپ يىغىن مەيدانىنى گۇيا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى تۈسىگە كىرگۈزىۋەتتى..........
گۈلدىراس ئالقىشلار ياڭرىدى...كۆزلەر نەملىشىپ خىرەلەشتى......مۇشۇ ھىسياتىمىزدا ئويلىساق بىز ھەقىقەتەن تىنىچلىققا مۇھتاق كىشىلەر توپى ئىكەنمىز.........

يىغىن ئاخىرىدا ئانا تىل خەلقئارالىق  سودا شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئىختىيارى يوسۇندا تونۇشتۇرۇلۇپ قوللىغۇچىلارنىڭ مۇناسىپ باھاسىغا ئېرىشىلدى........
شۇنداقلا بارلىق يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى ئەتىكى پائالىيەتكە داۋاملىق قاتنىشىشنى تەكلىپ قىلىش بىلەن تۇنجى كۈنلۈك يىغىن مۇۋاپىقيەتلىك ئاخىرلاشتى.....

2013-6-28
ئۇندىدار ۋە توردا ئېلان قىلىنغان ئانا تىل شىركىتى دالا ساياھىتى پائالىتى تەكلىپنامىسى بويىچە بىر كۈن دالا پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.
گەرچە بۇ پائالىىيەتكە سىرىتتىن قاتناشقۇچىلار ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ داۋاملىق ئېلىپ بېرىلدى..............
ماشنىدا قانۇنى يول ئەپەندى بىلەن بىلەن ياندىشىپ ئولتۇرۇپ ئانا تىل مەكتەپلىرىنى قۇرۇش قەدەملىرىمىزگە سەۋەپ بولغۇسى قىزى شەكىلەگە قاراپ چوڭقۇر ھىس-تۇيغۇلارغا چۈمۈپ تۇرغىنىمدا-قانۇنى يول ئەپەندى پەس ئاۋازدا-ئىنسان پەقەت پەرزەنتلىرى ئۈچۈنلا ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايدىكەن ھە-لاۋا بۇرادەر-! دىيىشى بىلەن خىيالىمنى تېخىمۇ قاناتلاندۈرىۋەتتى.......
بىز ئىلىم يولىدىكى بۇ خاسىيەتلىك خىياللىرىمىز بىلەن تۇپراقتىن كەلگەن مەۋجۇتلىقىمىز بىلەن تۇپراقتىن ئىبارەت تەبىئەت قوينىغا ئۆزىمىزنى ئاتتۇق......

..................
بىز بۇ ئاخىرقى پائالىيەت جەريانىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ سەھەردە بولمىغان كۆپلىگەن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىن ئۆتۈپ ئۈرۈمچى شەھەر ئىچىگە قايتىپ كەلدۇۇق.
ياشاش ئېھتىياجىمىز تۇپەيلى بولغان ئۆي-ئائىلە خىزمەت سەۋەپلىك بىز شۇ كۈنى قايتىپ كېتىشىمىز ئۈچۈن مۇھەممەد سىدىق ۋە قانۇنى يول ئەپەندىگە پىچىرلىدىم...........
قانۇنى يول ئەپەندى -مەن بىلەن بىرگە بارغان دوستۇم بىلەن ئىللىمىز بىلەن ئۇزۇندىن -ئۇزۇن ھەمسۆھبەتتە بولغۇسى بارلىغىدىن ئەتە قايتىشنى تەكرارلاپ تۇرىۋالدى.
بىراق بىز قانچە ئۇزۇن پاراڭلاشساق شۇنچە ئۇزۇن ئايرىلىشقا قىيالماسلىقىمىز مۇمكىن ئىدى.....
مۇھەممەد سىدىق ئەپەندىنىڭمۇ زادى خوشلاشقۇسى يوق ئىدى....ئۇنىڭ بۇ خىل روھى ھالىتىگە تۇنجى ھەم ئەڭ ئاخىرقى قەيسەرلىكىم بىلەن جاۋاپ بەرگىنىم شۇ بولدىكى-
-بىزنىڭ ئايرىلىشىمىز قايتا جەم بولىشىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ، بىز ئۇلۇغۋار ئارزۇ بىلەن بۇ سەپەرگە ئاتلانغان ئىكەنمىز ئايرىلىشىمىز ئانچە رۇمانتىك بولمىسىمۇ بولىدۇ-دىيىشتىن ئىبارەت بولدى.
بۇ سۆزدىن كىيىن ھەممىمىز ئۇن-تىنسىز ھالدا چوڭقۇر سوكۇنات ئىچىدە خەيىرلەشتۇق.....


قەلەم تەۋرەتكۈچى:لاۋا0998

.......2013-7.8

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-8 02:47 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2013-7-16 06:24 PM):
ۋىديوhttp://www.izdinix.com/showpost. ... hreadID=54039#Inkas

قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ئۈمىد ئەتىنى يار

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39957
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5022
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 228 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 11:29:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى سەپەر بوپتۇ!

دۇنيا مەڭگۈلۈك ئەمەس، شۇنىڭدەك دەۋر ھەم مەڭگۈلۈك ئەمەس، ئۇ ھامان ئالمىشىدۇ! شاھ گاداي، پۇقرا بايمۇ بولىدۇ... بۇ دۇنيانىڭ ئويۇنلىرىغا ئاھ ئۇرمىغىن! ئۈمىدۋار بول!

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10501
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 11:33:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىلىمۇ ياخشى ئەسكى تۈسكە  ئىشلار كۆزىڭىزگە kKrvnmgptu

شاھزاد

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 11:41:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك سەپەر بولۇپتۇ . ھارمىغايسىز.

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6061
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 804 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 11:43:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر ئەسىرىڭىز بىلەن يۈز كۆرۈشكىنىمدىن خۇشالمەن. ئۈرۈمچىگە كۈنلۈكى نۇرغۇن ئادەم كىلىپ كىتىپ تۇرسىمۇ سىزگە ئوخشاش كىچىككىنە ئىشلارنىمۇ نەزىرىدىن ساقىت قىلمايدىغانلار ئۈچۈن ئالەمچە ھىكمەتلىك تۇيغۇ بىرىدۇ. سەپىرىڭىزگە ئاق يول تىلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89292
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2059
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 443 سائەت
تىزىم: 2012-12-29
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 11:48:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭمۇ مۇشۇ رامزاندىن يېنىپ بىر بېرىپ ئۇزۇن يىللار بولسا ئۆلگۈچە تۇرغۇم بار بۇ شەھەردە.بۇرۇن بېرىپ ئۇزۇن تۇرۇپ باقمىدىم لىكىن باشقىچىلا بىلىنىدۇ بۇ شەھەر ئادەمگە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6049
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1024 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 12:00:02 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قەشقەردە.ئانا تىل شىركىتى توغرىلىق كۆپرەك بىلسەم دەيمەن.مۇمكىن بولارمۇ؟

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6049
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1024 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 12:00:02 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى سەپەر،ياخشى يىغىلىش بوپتۇ.ئاللاھ ياخشى نەتىجە نىسىپ قىلسۇن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   fathullah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-9 12:01 AM  


سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1798
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5774
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 723 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 12:09:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ئەھميەتلىك سەپەر بوپتۇ.
كىيىنكى ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن!!!

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1096
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4460
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1089 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 12:40:52 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لاۋا ئاكا. قانۇن يولى،گۈلەن،باغداش تورىنىڭ قۇرغۇچىسى قاتارلىقلار بىلەن چۈشكەن رەسمىڭلارنى قۇتادغۇ بىلىك تورىدا كۆرگەنتىم.بولسا مۇشۇ تىمىغا يوللاپ قويساڭ بوپتىكەن.

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش