"نۇرخان" ساڭا ئەلۋىدا
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
شىرىن ئۇيقۇدا ياتسام تېلىفوننىڭ ئاۋازى بىزار قىلدى. بۇنچە سەھەردا ئۇخلىماي، ئۇخلاتماي مېنى ئىزدىگەن كىمدۇ، دەپ ئويلاپ تېلىفوننى ئالدىم.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سىلى گۈلەن ئەپەندىمۇ؟
-شۇنداق، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ قېنى خىزمەتتە بولاي، قۇلۇغۇم سىزدە.
-قىزىمنى سىزنىڭ تەربىيەلەش مەكتىۋىگە بەرگەنىدىم، سىزنى دەرس ئۆتىدۇ دېگەنىدى. بىر مەۋسۈم ئۆتۈپ كەتتى قىزىم سىزنى كۆرۈپمۇ باقماپتۇ. مۇشۇنداق قىلىق سىزگە يارىشامدۇ؟
-بەلكىم سىز خاتا چۈشىنىپ قاپسىز، ياكى بىر ئۇقۇشماسلىق بولۇپتۇ. مەن ئۆزەم ئۆتىمەن دەپ ۋەدە قىلغان دەرسنى ئۆزەم ئۆتىمەن. مەكتەپتە مەن دەرسى ھەم ئوقۇغۇچىسى ئەڭ كۆپ ئوقۇتقۇچى. بىز ئايدا بىر ئوقۇغۇچىلاردىن ئىمتىھان ئالىمىز، سەرخىللارنى مۇكاپاتلايمىز، مەۋسۈمدە ئىككى قېتىم دالا پائالىيىتىگە ئېلىپ چىقىمىز. بىزنىڭ مەكتەپتە مېنى كۆرۈپ باقمىغان ئوقۇغۇچى يوق.
-شرائىتىڭلارمۇ ياخشى ئەمەسكەن، ئالدى بازار، ۋاراڭ چۇرۇڭ!
بۇ گەپتىن كېيىن چۈشەندىم. ئەسلى بۇ كىشى قىزىنى قەشقەر شەھەر گۈزەرگە جايلاشقان نۇرخان مائارىپ تەربىيىلەش مەركىزىگە بەرگەنىكەن.
-مەن ھازىر مالىيە سودا مەكتەپتە دەرس ئۆتىۋاتىمەن. بىز 3-ئاينىڭ 19- كۈنىدىن باشلاپ پەن تېخنىكا سارىيىدىن ھازىرقى مالىيە سودا مەكتەپنىڭ ئىچىگە كۆچتۇق. ھازىر مەن نۇرخان دېگەن ئىسىمنى تونىمايمەن.
-ئۇنداقتا نېمىشقا دەپ قويمايسىز؟ نېمىشقا سىزنى دەرس ئۆتەمدۇ، دەپ سورىساق ئۇلار "ھەئە" دەيدۇ؟
-دەپ بولغىلى بولمىدى. كەچۈرۈڭ. 180-0998-8148 گە تېلىفون قىلسىڭىز تىزىملاپ قويسۇن. ياكى قەشقەر مالىيە سودا مەكتەپكە بېرىڭ.
يېقىندىن بېرى مۇشۇنداق تېلىفونلارنى كۆپ ئالىدىغان بولدۇم. بىرسىدىن تېلىفون كېلىدۇ، بالامنى نۇرخانغا تىزىملىتىپ ئوقۇتمايمەن دېسەم پۇلۇمنى قايتتۇرمىدى دەپ، يەنە بىرسى كېلىدۇ، نۇرخاندا ئوقۇتقۇچى ئېلاندىكىسىگە ئوخشىمايدىكەن دەپ....يېقىندا قورقۇنچلۇق بىر تېلىفونمۇ كەلگەن بولدى. "سىز تۈركىيەدىكى بىدئەت يول تۇتقان، ئازغۇن ئىتىقادتىكى نۇرچىلارنىڭ مۇرىدى ئىكەنسىز. شۇ سەۋەبتىن نۇرچىلارنىڭ كاتتابېشى فەتھۇللاھ گۈلەن دېگەن كىشىنىڭ فامىلىسىنى قوللۇنۇپسىز. مەكتىپىڭىزگىمۇ نۇرچىلارغا ماس كەلتۈرۈپ نۇرخان دەپ ئىسىم قويۇپسىز. بۇنداق بىدئەت يولدىن يېنىڭ. ئۇلۇق ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەپ تۆۋە قىلىڭ..." بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم. مەن پەقەت ئەينى چاغدا قەشقەر پەن تېخنىكا شىركىتىدىكى شۇنداق بىر مەكتەپ بىلەن ھەمكارلاشقان. ھازىر بۇ ئىش يوق. بۇ ئىسىم مەن كەلسەم بار ئىكەن. بۇنىڭ نۇرچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. مېنىڭمۇ نۇرچىلار بىلەن مۇرتلىق مۇناسىۋىتىم يوق. مەن پەقەت ئاللاھنىڭ بەنىدى، پەيغەمبېرىمىزنىڭ ئۈممىتىدۇرمەن. ھازىر ئۆزگەردى! تېلىفوندىن تارتىپ ھەممىسى ئۆزگەردى (18009988148). شۇڭا دەيمەن ئەلۋىدا نۇرخان، ئەلۋىدا خاتا چۈشەنچە، خاتا مەلۇمات ۋە خاتا ئەيىپلەشلەر.
ئەلۋىدا نۇرخان، مەرھابا مىڭ يىللىق ئەڭگۈشتەر قۇتادغۇ بىلىك.