قايسى كۈنى بەڭۋاشلىغىم دېگەن شېئىرنى يازغاندا بەزىلەر ئاخىرقى كۇبلىتىنى نەقىل ئېلىپ ، قىزدىن بىر شاپلاق يېدىڭلارمۇ ياكى گۈلنى ئالدىمۇ دەپ ئۇچۇر قالدۇرۇپتىكەن ، ئەلۋەتتە ئۇ گۈلنى ئالدى ، لېكىن شۇ كۈندىن باشلاپ ئىشلا باشقىچە بولدى ،بۇ ئىشلارنىمۇ گۈل كېرەكمۇ كۆڭۈلمۇ دەپ ئىككىنچى قىسىمنى يېزىپ ئۇنىڭ جاۋابىنى بىلمەكچى بولدۇم ، مانا بۈگۈن ئۇ ئاخىرى جاۋابىنى بەردى، شۇڭا ئۇشبۇ چاتما شېئىرىمنىڭ ئۈچىنچى قىسىمىنى يېزىپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم ، بەھرىلەنگەيسىلەر.
بەڭۋاشلىقىم...
(1)
ئـۇزۇنـدىـن بېرى مـەن سـاڭا ئىنتىــزار .
يۈرىمەن گەپ قىلماي تەمتىرەپ زىنھار .
ۋاھالەن بۈگۈنچۇ سۆز ئاچاي دېسەم،
بۇ خۇلقۇم سۆيگۈمنى قىلىپتۇ ئاشكار.
ئۇچراتتىم تېڭىرقاپ قالدىم بىزىرىـپ ،
يۈرەكىم ئوت بولۇپ ياندى قىزىرىـپ .
سەنمۇ ھەم دەقىقە تىكىلىپ قالدىڭ ،
قاراشتىن ئەقلىم لال قالدىم ئېلىشىپ.
جۈرئەتلەر يوقالدى،بارتى سۆزلىـرىـم ،
ۋالـلـىـدە قىزىرىپ كەتتـى يۈزلـىرىــم .
ئۆزەمـمـۇ بىلـمەيمەن ئىلـلـىق تۇيـغۇدا،
قىسـىلدى ھۆسـنىڭـگە قاراپ كۆزلىرىـم.
ئامال يوق ھەممىمىز ئەمەسمۇ بىرياش،
قەلبىمنـى ئاتىـدىم ،ئاتمـىدىم يا تاش.
شۇلارنى ئويلىغاچ ھىسلارغا چۆمسەم ،
ئېتىلدى ساڭا شۇ بەڭۋاش قـارا قـاش .
قارىسام چېھرىڭدە ئاجايىپ چۆچۈش ،
قەلبىمـدە داۋالغـۇچ،ئېغىر ھـۇدۇقـۇش .
تـوۋا بـۇ بـەدىنـىـم بويسـۇنماس ماڭـا ،
كەتتىغۇ ساڭا بىر پۇف...دېگەن سۆيۈش.
ئاپـلا!دەپ ئويلـىدىم مۇشۇ كۆڭۈلنـى ،
ئاچچـىقـلاپ كېسـىپلا ئۆتتۈڭغۇ يولنى .
قولۇڭنى شۇنداق بىر كۆتۈرگەن ئىدىڭ ،
سۇندۇم مەن شاپپىدە بىر دەستە گۈلنى ...