ئەسلى ھېكايىلەرنى چاتما قىلىپ يازاتتىم، توساتتىنلا شېئىرلىرىمنىمۇ چاتما قىلىپ يېزىش نىيىتىگە كېلىپ باقتىم ، قايسى كۈنى بەڭۋاشلىغىم /thread-107764-1-1.html دېگەن شېئىرنى يوللىغان،كىيىن مۇنبەرداشلىرىم ئۇچۇر قالدۇرۇپتۇ، بىر شاپلاق يېدىڭىزمۇ ياكى گۈلنى قۇبۇل قىلدىمۇ دەپ .ئالدى ، كۆڭلۈمنى قۇبۇل قىلدى، لېكىن شۇنىڭغا ياندىشىپ بىر قاتار ئىشلار يۈز بەردى، قېنى ئەمسە ئۇشبۇ شېئىرىمغا مەرھابا.gif)
گۈل كېرەكمۇ كۆڭۈلمۇ؟

كۆيدۈم ساڭا ئىشەنگىن جانان ،
پاك سۆيگۈمدىن شۈبىھلەنمىگىن.
ئەمما خۇيۇڭ باشلاندى قاچان ،
مەن بىر بىلەي قېنى بىر دېگىن .

سۆيۈشكەنتۇق،سۆيۈلۈشكەنتۇق،
جېنىم دېسەم جانانىم دېگەچ .
بىر تەشۋىشتە يۈرەكىم تاتۇق ،
ئېيتاي دەيمەن تىللىرىم كېكەچ.

ئۇچىراشماق بولغان ئاشۇ چاغ،
بىر دەستە گۈل ئالغانتىم ساڭا.
تەبەسسۇمدا ئاچتىڭ سەن قۇچاق ،
ئىللىق مەڭزىڭ ياققانچە ماڭا .

ئۇدۇم بولغان شۇ چاغدىن باشلاپ،
كۆرۈشكەندە دەستە گۈل بەرمەك.
كېتەر ئىدىڭ مېنى باغاشلاپ .
بولۇپ قاپسەن گۈللەرگە ئەرمەك .

مانا بۈگۈن سۇنمىدىم دەستە...،
يوقالدىغۇ قۇچاق ئېچىشىڭ .
تۇرۇپ قالدىم تېڭىرقاپ پەستە ،
سوۋغاڭ بولدى مەندىن قېچىشىڭ .

ئاشىق قىلغان ئوخشايدۇ سېنى ،
توۋا ئاشۇ بىر دەستە گۈلمۇ .
تەشۋىشىم شۇ ئېيىتقىنا قېنى ،
گۈل كېرەكمۇ زادى كۆڭۈلمۇ ؟ .

مەنبەسى: ئەپچىلەم