مۇراجىئەتنامە
شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تىئۇرمىسىنى ۋاكىئومدا تەجىربە قىلىش ئىھتىياجىنى كۆزدە تۆتۆپ،شەكىل نەزەريىسى تەتقىقاتىنىڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلىقلىرىنى بىر ئاز بولسىمۇ يەڭگللىتىش ئۆمىدىدە"ۋاكىئومدا ئەركىن تاشلاش ئەينەك تەجىربە ئەسۋابى"لايىھىلەپ پاتىنىت ئىلتىماس قىلىش قارارىغا كەلدىم.
شەكىل نەزەريىسى تەتقىقاتىغا ياردەم قىلىشىنى خالايدىغان قېرىنداشلارنىڭ تەكلىپ لايىھەلەرنى خالىس ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
لايىھىسى تاللىنىپ بىكىتىلگەنلىرى،ياكى بىر يۆرۆش دىتاللارنىڭ ئىچىدە بىرەر دىتالى تاللىنىپ بىكىتىلگەنلىرىگە تەجىربە مۇۋەپىقىيەتلىك چىققاندىن كىيىن چامىمنىڭ يىتىشىچە مۇۋاپىق ھەق بىرىمەن.مىنىڭ ئەھۋالىم ئۆزەمگىمۇ ،مىنى بىلىدىغانلارغىمۇ ئايان بولغانلىغى ،ھازىرقى ئەھۋالىمدا بۇ تۆرنى يەنىلا باشقىلارنىڭ ئىقتىسادى ياردىمىگە تاينىپ ئورۇندايدىغانلىغىم ئۈچۈن ئالدىن ھەق بىرەلمەيمەن.
بۇ تەجىربە قۇرۇلمىسى(ئەسۋابى) بىر قېتىملىق ياكى بىر نەچچە قېتىملىق ئىشلىتىشكىلا قۇلايلىق قىلىپ لايىھىلەنمەستىن ئۇزۇن مۇددەت تەكرار ئىشلەتكىنى بولىدىغان،مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا ئاپىرىپ كۆپچىلىككە نەق مەيداندا كۆرسەتكىنى،مەكتەپ،تەتقىقات ئورۇنلىرىدا مۇقىم تەجىربە ئەسۋابى قىلىپ ئىشلەتكىنى بولىدىغان قىلىپ لايىھىلىنىشى كېرەك.
كۆزۆتۈش،سۆرەتكە ئېلىش مەقسىتىگە يىتىش ئۈچۈن بۇ ۋاكىئوم قۇرۇلما ئەينەك ياكى سۆزۆكلىگى ئەينەكتەك يۇقۇرى بولغان بىرىكمىلەردىن يۇقۇرى ئاتمۇسفىرا بىسىمىغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان قىلىپ لايىھىلىىنىشى كېرەك .
يۇقۇرقى مەقسەتنى ئىشقا ئاشۆرۆش ئۈچۈن،بۇ تەجىربە ئەسۋابىغا كىتىدىغان ۋاكىئوملاشتۇرۇش ناسۇسى،قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسى قاتارلىق بارلىق قۇرۇلمىلار بىردەك يۇرۈشلەشتۈرۈلگەن ،بىر-بىرىگە سەپلەنگەن ، بازارغا سىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە،بازار رىقابىتىگەبەرداشلىق بىرەلەيدىغان قىلىپ لايىھىلىنىشى،تەسەۋۋۇر قىلىنىشى كېرەك.
تەجىربە قۆرۆلمىسىغا ئالاقىدارتېخىمۇ ئۇششاق ھالقىلار،تەپسىلاتلارنى بۇ مۇراجىئەتنامىنى قوللاشنى قارار قىلغۇچىلار بىلەن ئايرىم سۆزلەشسەك بولىدۇ.
مۇبادا بۇ قۇرۇلمىنى ئۆزلىرى ئىشلەپ چىقىرىپ بازارغا سىلىشقا قىزىقىدىغان،ئىستىقبالىغا كۆزى يەتكەنلەر بولسا شۇ كىشىلەر پاتىنىت ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ.مەن ئۆزەم بىلىدىغان بارلىق ئۆششاق ھالقا،مۇھىم نۇقتىلار بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيمەن.شەرىت پەقەت بىرلا.قۇرۇلمىنى سىناق قىلىش باسقۇچىنى جىددى باشلاش ۋە 29-تىئورما تەجىربىسىنى ھەقسىز سىناق قىلىپ بېرىش،كېچىكتۆرۆشكە ھەرگىز بولمايدۇ.
تەجىربە قۇرۇلمىسىنى لايىھىلىگۆچىلەردىن باشقا مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچى ۋە ھاللىق شەخىسلەر بۇ تۆر ئۈچۈن ئىقتسادى ياردەم قىلماقچى بولسا رەت قىلمايمەن،ھازىر مەن بۇنداق ياردەمگە مۇھتاج.
بۇ مۇراجىئەتنامىنى قوللاش قارارىغا كەلگەنلەر ئۆزىنىڭ قايسى شەكىلدە قوللىماقچى بولغانلىغى ھەققىدە تىما ئاستىغا ئىنكاس قالدۆرسا ۋە ئالاقىلىشىش ئۆچۆرىنى قالدۆرسا بولىدۇ.
مېنىڭ ئالاقىلىشىش نۇمىرىم:18997961260
QQ:1325193063
_ ھۆرمەت بىلەن :قاسىم سىدىق
2013.6.18
تەجىربە مەزمۇنى ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنى بىلمەكچى بولسىڭىز،بۇ تىمىلارنى كۆرۆڭ:
ئۈچ ئەسىردىن ھالقىغان خاتا قاراش
_ بىكخامنىڭ يايسىمان تىرايىكتۇرىيىدە ھەركەت قىلىدىغان توپى ۋە 29-تىئورما
قاسىم سىدىق
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107141-1-1.html
بۇ نەتىجە نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107312-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-18 09:38 AM