بۇ نەتىجە نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟
بىكخام تەپكەن ئەگرى تىرايىكتۇرىيىدە ھەركەت قىلىدىغان
توپ ھەققىدىكى خەۋەر گە دىققەت قىلغاندىن كىيىن «
ئۈچ ئەسىردىن ھالقىغان خاتا قاراش»ماۋزۇلۇق بۇ تېمىنى يېزىپ چىقتىم.ئوششاق ھالقىلارنى بىرمۇ-بىر تەھلىل قىلدىم.
مىنىڭچە ئەمدى «29-تىئورمىنىڭ تەجىربە ئىسپاتى يوق»دىيىشكە ئۆزۆل-كېسىل خاتىمە بېرىلدى.كونكىرىت مىقدارلىق ئانالىزلارنى ئىشلەش بۇ ئايرىم ئىش.بۇ تېما ۋە تېمىنى چۈرىدىگەن مۇھاكىملەردىن شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇ.
29-تىئورمىنىڭ تەجىربە ئاساسىغا ئىگە بولىشى شەكىل نەزەريىسى ئۈچۈن كەم دىگەندىمۇ تۆۋەندىكىلەردىن دېرەك بىرىدۇ:
1.بۇ بايقاش 29-تىئورمىنىڭ 340يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ھېدرۇ دىنامىكىدىكى،ئاقار جىسىملار مىخانىكىسىدىكى ئالاقىدار بىر مەسىلىنى خاتا چۈشەندۆرۆپ كېلىش تارىخىغا خاتىمە بەرگەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ.
2.شەكىل نەزەريىسىنىڭ دەۋرى ئالەم ئىدىيىسىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىگىدىن دىرەك بېرىدۇ.
3.شەكىل نەزەريىسىنىڭ «يورۇقلۇقنىڭ ماھىيىتى زەررىچە،دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەت زەررىچىنىڭ ھەركەت شەكلى»ۋە«ھەركەتنىڭ خۇسۇسى خارەكتىرى ئە گرى بولىدۇ»دىگەن ئىدىيىلىرىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىگىدىن دېرەك بىرىدۇ.
4.شەكىل نەزەريىسىنىڭ «ئىنىقسىزلىق پىرىنسىپى بىلىش نەزەريىسى خارەكتىرلىك مەسىلە،تەبىئەت دۇنياسىدا ئىنىقسىزلىق مەۋجۈت ئەمەس،ئالەمنى بىلگىلى بولىدۇ»قاتارلىق ئىدىيىلىرىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىگىدىن دىرەك بېرىدۇ.ياپۇنلارنىڭ ئۆتكەن يىلى ئىنىقسىزلىق پىرىنسىپىنىڭ چەكلىمىسىنى بۆسۆپ ئۆتكەنلىگى بۇ نۇقتىنەزەرنى تېخىمۇ قوللايدۇ.
5.شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئېينىشتېيىن «ماكان ئەگرى»ئىدىيسىگە تۇتقان تەنقىدى پوزىتسىيىسىنىڭ توغرىلىغىدىن دىرەك بىرىدۇ.
6.شەكىل نەزەريىسىنىڭ نىيوتۇننىڭ بىرىنجى قانونى(ئىنىرىتسىيە قانۇنى)نىڭ ئۇقۇم دائىرىسىنى كېڭەيتىش تەشەببۇسىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىگىدىن دىرەك بىرىدۇ.
ئەمدى شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئاساسى ئىدىيەلىرىنىڭ ھەممىسى دىگىدەك تەجىربە ئاساسىغا ئىگە بولدى دىيىشكە بولىدۇ.
ئەمدى قىلىدىغان خىزمەت ماتىماتىكىلىق كەلتۆرۆپ چىقىرىشلار،مىقدارلىق ئانالىزلار ۋە زۆرۆرى تەجىربىلەر.
29-تىئورمىنىڭ ماگنوستىن ئېغىشنى قايتۇرۇپ ئېلىشى ھەر تەرەپلىمە ئەھمىيەتكە ئىگە.بىر چالمىدا نەچچە پاختەك دىگەندەك ئىش بولىۋاتىدۇ.
بۇ تەتقىقاتقا قاتنىشىشنى خالايدىغانلار بولسا قىزغىن قارشى ئالىمەن.
ھۆرمەت بىلەن :قاسىم سىدىق
2013.6.15
قوشۇمچە پايدىلىنىش:
قاسىم سىدىق:شەكىل نەزەريىسى بىزگە نىمە قىلىپ بىرەلەيدۇ؟
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=14038&extra=page%3D1
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-15 12:15 PM