|
|
|
|
يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمىدىن كەلگەن جاۋاب خەت
2013-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاقسۇدىن قەشقەرگە يېتىپ كەلدىم.
قەشقەرگە چۈشۈپلا ھېيتگاھ ئالدىدىكى ئوردا مېھمانخانىسىغا ئورۇنلىشىپ بولۇپ،مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان قەدىمىي كوچا ئۆستەڭبويىدىكى مۇنبەر ئەزاسى ئاپتاپ 104نىڭ باغاقچىلىق دۇكىنىغا باردىم.تەلىيىم كاجمۇ قانداق؟بۇ ئاپتاپجاننىڭ دۇكىنى تاقاق ئىكەن،شۇنداق قىلىپ يەنە بىر باسمىخانىغا كىرىپ،ئالدىنقى يىلى ئەزىزانە قەشقەردە ‹‹ يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى بىلەن سۆھبەت›› دېگەن تېمىدىكى تورداشلار يازغان ئىنكاسنى ۋاراققا باسما قىپ چىقىرۋالدىم ھەمدە ۋاقىتنى ئالتۇندىن قىممەت بىلىپ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىغا باردىم.
شۇنداق قىلىپ،ھاياتىدا نۇرغۇن ئىسسىق -سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرگەن،قاراڭغۇ ،زەي تۈرمە كامىرىدا 20يىلدەك بەنت بولۇپ ياتقان ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ئاكىمىزنىڭ ئۆيىگە كىردىم.ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ئاكام ياخشى تۇرۇپتۇ.كۆڭلۈم خوش بولۇپ قالدى.قەشقەر شەھىرىدىكى تەۋەرۈك ھېسابلىندىغان بۇ ئەزىز كىشى بىلەن قايتا دىدارلاشقىنىمدىن تولىمۇ خوش بولدۇم.شۇ ۋاقىتتا بۇ پىشقەدەم يازغۇچى ئاكىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرسىنى مىسرانىم،شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرىگە تەڭلا يوللىغان ئىدىم.ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ئاكام تورداشلارنىڭ يازغان ئىنكاسىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتى.مەن يازغۇچى ئاكىمىزغا ئىنكاسلارغا قارىتا بىرەر يازما يېزىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىم.يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ئاكام خوشال بولغان ھالدا ئەتىسى مىسرانىم،شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىدىكى تورداشلارنىڭ يازغان ئىنكاسىغا جاۋاب خەتنى پۈتتۈرۈپ ماڭا تاپشۇردى.
مىسرانىم:يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى بىلەن سۆھبەت
يازغۇچىلار تورى:يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد بىلەن سۆھبەت
يۇقۇرقى ئىككى ئۇلىنىشتىكى تېمىغا ئىنكاس يازغان تورداشلارغا
كەلگەن جاۋاب خەت
پىشقەدەم يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى بىلەن بىللە(ئەزىزانە قەشقەر)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
‹‹مىسرانىم››تورى ئارقىلىق دىدارلاشقان قەدىرلىك تورداشلار-سىلەرگە سەمىمىي ئېھتىرام ۋە كۆپ تەشەككۈر.شۇنداقلا تور ئارقىلىق بىزنى غايىبانە دىدار كۆرۈشتۈرگەن مارشال ئەپەندىگە چىن قەلبىمدىن مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.كۆپنىڭ نەزىرى‹‹مىسرانىم››نى روناق تاپقۇزغاي. ماڭا شۇنچە ھېسىداشلىق قىلغان،روھىمنى ئۇرغۇتقان سەمىمىي تىلەكلىرى بىلەن ئىلھامبەخش ئەتكەن تورداشلارغا شۇنى دېگۈم كېلىدۇ:پىكىر قىلغۇچى ھېسىياتلىق ھەربىر ئىنسان ئۆز سۆز-ھەركىتىگە ئىگە بولۇشى،بىر-بىرىگە نەپ يەتكۈزىشى،زىنھار زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك ۋەھالەنكى يالغان بىلەن زاۋالغا يۈزلىنۋاتقان،ئەمما قان-تەر،راستچىللىق بىلەن راۋاج تېپىۋاتقان بۇ دۇنيادا ئۆز سۆز -ھەركىتىگە ئىگە بولۇپ كامال تېپىۋاتقانلار ئاز بولمىغىنىدەك،ئۆز سۆز-ھەركىتىگە ئىگە بولالماي خاكىزار بولۇۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس.بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ئالىم،يازغۇچى،ئەدىپ...دەپ ئۇلارنىڭ ھەممە سۆزى ۋە يازغانلىرىغا ئىشىنىش ياكى راست دەپ بىلىش كىشىنىڭ چۈشەنچىسىنى ئەرزىمەس قىلىپ قويىدۇ.
ئى تورداش ئېسىڭىزدە تۇتۇڭكى:چىن قەلبىڭىزنىڭ شەكسىز تەستىق قىلغىنى ئەڭ توغرا سۆز،پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن قايىل بولۇپ قۇبۇل قىلغىنىڭىز ئەڭ چىن ھەقىقەت،بىجانىدىل ئىشەنگىنىڭىز ئەڭ سادىق دوستۇر.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ئۆمۈر بويى پىكىر قىلىپ ياشىغان ئالىمدۇر.گەرچە دۇنيا قارىشىمىز،ياشاش ئۇسۇلىمىز ئوخشاش بولمىسىمۇ،ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىگە ھۆرمەت بىلەن قارايمەن.پايدىلىنىش قىممىتى يوقۇرى دەپ بىلىمەن.ئالدىنقى قېتىملىق سۆھبەتتە بۇ ھەقتىكى قارىشىمنى ئېنىق ئوتتۇرغا قويغان بولغاچقا،بۇ ھەقتە تورداشلارنىڭ پىكىر قاينىمىغا يەنىمۇ چوڭقۇر شۇڭغۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
قەشقەر -دۇنياۋى شەھەر،ئالىپ ئەرتاڭۇ،سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان...لار ھۆكۈم سۈرگەن تارىخى شەھەر.قېدىم زاماندىن تارتىپ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر شەھىرى.يۈسۈپ خاس ھاجىپ،مەھمۇد كاشغەرى،مۇھەممەد سادىق كاشغەرى،گۇمنام،شەۋقى،ئابدۇقادىر داموللام ۋارىسى،ئابدۇقادىر قازى كالان،ئابدۇكېرىمخان مەخدۇم،ئىمىر ھۈسەن قازى ئاخۇنۇم...ياشىغان خاسىيەتلىك شەھەر.پېقىرمۇ مۇشۇ قەدىمىي شەھەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان.قەشقەر ئۆزىنىڭ خاس مەدەنىيىتى(تىلى،دىنى،ئۆرپ-ئاىدىتى...)بىلەن ئىسلاھات دەۋرىدە روناق تېپىۋاتقان شەھەر.
ھازىر دۇنيا تەرەقىي قىلىپ ئۆزگەردى.قىياپىتى يېڭىلانماقتا.ۋەتىنىمىزمۇ تەرەقىي قىلدى.دۇنيانى ھەيران-ھەس قالدۇرماقتا.تەرەقىي قىلىش خاسلىققا ئىگە مەدەنىيىتىمىزنىڭ يوقىلىشى بولماستىن،بەلكى جانلىنىشى،گۈللىنىشىدۇر.ھۆكۈمەت ۋە كومپارتىيە بۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ پايدىلىق ئەمىر-پەرمان،سىياسەتلەرنى چىقارماقتا.بىز ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭغا ماسلىشىپ مەدەنىيىتىمىزدىكى خاسلىقنى سۈبھىدەمدىكى تاڭ شەپىقىدەك جۇلالىتىپ،ھۇرۇنلۇق،قاششاقلىق،تاماخۇرلۇق،سۇخەنچىلىك،ھەسەتخۇرلۇق،خۇشامەتچىلىك،كۆرەلمەسلىك...كەبى ناچار،قالاق،راۋاج تاپتۇرمايدىغان ئىللەتلەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ،غەيرىتىمىز،جاسارىتىمىزنى نامايەن قىلىشىمىز ناھايىتى زۆرۈر.
غەربنىڭ سەييەھلىرى(جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ كېڭەيمىچىلىك قىلىش غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن زېمىنىمىزغا قەدەم بېسىپ،قايتقاندىن كېيىن ئۆزلىرىنى كۆككە كۆتۈرۈپ،بىزنى چۆكۈرۈپ يازغان ئەسەرلىرىدە ماكانىمىزغا ‹‹مۇغۇلىستان››دەپ،تىلىمىزغا‹‹چاغاتاي تىلى››دەپ قەيت قىلىپ نامىمىزنى يوققا چىقىردىغان،مەدەنىيىتىمىزنى ئىنكار قىلىدىغان تارىخ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان چۈشەنچىلەرنى ئىدىيىرىمىزگە سىڭدۈردى.بىزنىڭ تارىخچىلىرىمىز،زىيالىيلىرىمىزمۇ بۇ ئاتالغۇلارنى تەۋەرۈك بىلىپ قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.پارتىيە رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلۋاتقان ئىسلاھات دەۋرىدە بۇنداق خاتا چۈشەنچىلەرگە خاتىمە بېرىپ دۇنياغا يۈزلىنىشىمىز لازىم ئەلبەتتە. دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان قەشقەر شەھىرىنىڭ بۇندىن كېيىن ئىسلاھاتنىڭ تۈرتكىسىدە تېخىمۇ راۋاج تاپىدىغانلىقىنى مىڭ يىللار بۇرۇن ئۆتكەن مەھمۇد قەشقىرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپدەك ئىستىداتلىق ئالىم-ئەدىپلىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى زاماندىمۇ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى،ئىجتىماھىي پەندىلا ئەمەس تەبىئىي پەندىمۇ يېتۈك ئالىملارنىڭ مەۋجۇت بولىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە.
ئۈمىدۋار بولايلى،ئۈمىد قۇياشى كۆڭۈل كۆكىمىزدە پارلاپ تۇرسىلا ھەر قانداق جۇت-زېمىستاندا توڭلاپ قالمايمىز.بەلكى كۈندىن-كۈنگە يۈكسىلىمىز.
‹‹سەئىدىخان››رومانىنى ئۆزۈم يازغان،ئارتۇقچە گەپ ھاجەتسىز.مەن مارشالغا ساۋۇت داۋۇتنىڭ خېتىنى ھەم ‹‹نەشىر ھوقۇق مەھكىمىسى››نىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆجىتىنى كۆرسەتتىم.ۋاقىپ بولغايسىلەر.
كۆپ تورداشلار ماڭا سالامەتلىك،بەرىكەت تىلەپتۇ.مەنمۇ بارلىق تورداشلارغا ئامانلىق،جاسارەت،جۈرئەت تىلەيمەن.يەنە بىر قېتىم قەيسەر ئېنىم مارشالغا رەخمەت ئوقۇيمەن.‹‹مىسرانىم››نى تېخىمۇ قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ئۇستاز-ئالىملارنى،يازغۇچى-ئەدىپلەرنى كۆپرەك زىيارەت قىلىپ،يېڭى-يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تورداشلارغا جۈملىدىن ماڭا ئىلھامبەخش ئېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
-ھاجى مىرزاھىد كېرىمى
2013-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى.
ئەزىزانە قەشقەر.
ئەسكەرتىش:مەزكۇر تېما <<مىسرانىم مەشرەپ مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پالىيىتىگە>>قاتناشتۇرۇلغان ئىدى.شۇ تېمىدىكى تېمىنىڭ ھەجمى ۋە سالمىقى بەكلا ئېشىپ كەتكەنلىكى ھەمدە مۇنبەرداشلارنىڭ مەن يوللىغان <<مارشالنىڭ جەنۇپتىكى زىيارەت خاتىرسى>>دېگەن تېمىدىكى سەككىز تېمىنى ئايرىم-ئايرىم تېما شەكلىدە يوللاپ قويۇش توغۇرسىدا تەكلىپ بەردى.مەن شۇ مەقسەتتە،تېمىلارنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا يوللاش قارارىغا كەلدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-14 12:49 AM
|
|
|
|
|
|