مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 53436|ئىنكاس: 78

يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى بىلەن سۆھبەت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51014
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9839 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 05:40:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى بىلەن سۆھبەت


دۇنيادىكى بارلىق مىللەتنىڭ ئۆز ئالدىغا راۋاجلىنىش تارىخى،جەڭ تارىخى،كۆتۈرۈلش ۋە چۆكۈش تارىخى بار.شۇنداقلا ،مەدەنىيەت تارىخى بار.مەدەنىيەت تارىخى-دىن(ئېتىقاد)تارىخى،تىل-ئەدەبىيات تارىخى،كىيىم-كېچەك،يېمەك-ئىچمەك تارىخى،تېرىقچىلىق تارىخى،سەنئەت-مۇزىكا تارىخى قاتارلىق خاسلىق،ئالاھىلىككە ئىگە مەدەنىلىك ئەنجۈمەنلىرى،ئەدەپ-ئەخلاقنىڭ قائىدە يۇسۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.خاسلىقى يوق مەدەنىيەت بولمايدۇ.خاسلىق بىلەن بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى يەنە بىر مىللەت مەدەنىيىتىدىن روشەن ھالدا پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.خاسلىقى بولمىغان مەدەنىيەتنىڭ جالاپ خوتۇندىن پەرقى بولمايدۇ.
-ھاجى مىرزاھىد كېرىمى.
سۆھبەت خاتىرسىدىن ئۈزۈندە


  ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم،مۇنبەر ئەھلى،ھايات قىسمەتلىرى مېنى مۇشۇ 10نەچچە كۈن ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ گۈلتاجى بولغان ئەزىزانە قەشقەرگە سەپەرگە ئاتلاندۇردى.ئۇزاق بولمىغان ۋاقىت ئىچىدە مەن بۇ قەدىمىي شەھەرنى ئايلاندىم،زىيارەت قىلىپ نۇرغۇن خاتىرلەرنى ساقلاشقا مۇۋەپپەق بولدۇم.ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا كۆرگەن ئەزىزانە قەشقەر بىلەن ھازىر مەن كۆرگەن قەشقەر  بىلەن ئاسمان-زېمىن پەرقلەنسىمۇ بۇ قاينام-تاشقىنلىققا تولغان بۇ شەھەر ھامان مېنى جەلپ قىلاتتى،قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەن بۇ شەھەرنى ئايلىنىپ چىقتىم،دەل مۇشۇ پەيتلەردە،بىر پىشقەدەم يازغۇچى بىلەن دىدارلىشىش پۇرسىتىگە نائىل بولدۇم،ئۇ يازغۇچى 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ،ئەدەبىيات سېپىگە قۇشۇلۇپ،مىللەت ئۈچۈن بارلىقىنى سەرپ قىلغان،يۈرەك قېنىنى مىللىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات تەرەقىياتى ئۈچۈن نۇرغۇن تۆھپىلەرنى ياراتقان،پەن-مائارىپ،ئاقارتىش ئىشلىرىدا باشچى بولۇپ،<<سەئىدىخان>>،<<سۇلتان ئابدۇرىشىتخان>>،<<جۇدالىق>>،<<يۈسۈپ خاس ھاجىپ>>قاتارلىق تارىخىي رومانلارنى ۋە نۇرغۇن  ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ،ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەنىۋى بايلىقىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كۆپ ھەرەجلەرنى تارتقان،تۈرمىدە 20يىلغا يېقىن يېتىپ نۇرغۇن قىسمەتلىك بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەن قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ پىنسۇيۇنىرى،پىشقەدەم يازغۇچى،شائىر ھاجى مىرزاھىد ئاكىمىز بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۈم ھەم بۇ قېتىملىق ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت خاتىرسىنى كورلىغا كېلىپلا،مۇنبەرگە يوللىدىم،قېنى ئەمىسە،دېققىتىڭلار تۆۋەندىكى مەزمۇندا بولسۇن.


يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى بىلەن بىللە(ئەزىزانە قەشقەر سەپىرى)







سۆھبەت خاتىرسى


مارشال:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ئاكا،سىزدەك 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى 21-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يىللىرىدا مىللىتىمىز ئەدەبىياتىنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن بىجاندىل يۈرەك قېنى بىلەن جان كۆيدۈرگەن پىشقەدەم ئۇستاز بىلەن سەمىمىي سۆھبەتتە بۇلۇش ئۈچۈن كورلىدىن كەلدىم،ياخشى تىمەن تۇرغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ كۆپ خۇرسەن بولدۇم.بىر نەچچە سوئال سورىسام،ئەدەپسىزلىك بولماس ھە!

ھاجى مىرزاھىد كېرىمى:ئەسلا،كورلىدىن كېلىپ يوقلاپ چىققانلىقىڭىزنىڭ ئۆزى مەن ئۈچۈن خوشاللىق،قانداق سوئالىڭىز بولسا تارتىنماي سوراۋىرىڭ.

مارشال:ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ئاكا،ئەزىزانە قەشقەردە قاچان،قايسى دەۋردە دۇنياغا كۆز ئاچقانلىقىڭىزنى بەكمۇ بىلگۈم بار؟

ھاجى مىرزاھىد كېرىمى:پېقىر 1939-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى جۈمە سەھەردە قەشقەر شەھىرىنىڭ غەربىدىكى تار بوغۇز كەنتى مەخدۇم دۆڭى مەھەللىسىدە سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمەن.بۇ دەۋر-شىنجاڭدىكى ۋەتەنپەرۋەر،مىللەتپەرۋەر،زۇلۇمغا قارشى ئالىم،ئۆلىما،زىيالى بايلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان،ئۆلتۈرۋاتقان،راستنى يالغان،يالغاننى راست قىلىپ،ئاۋام خەلقنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇۋاتقان جاللات قانخۇر شىڭنىڭ مۇدھىش زامانى ئىكەن.

مارشال:ئاتا-ئانىڭىزنىڭ نەسەپ تارىخى ۋە ئۇلارنىڭ ھايات سەزگۈرەشتىلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

ھاجى مىرزاھىد كېرىمى:ئاتا -ئانامنىڭ نەسەب تارىخى تۆۋەندىكىچە:
مېنىڭ ئاتام كېرەم ھاجىم،ئۇنىڭ ئاتىسى سىدىق قارىم،ئۇنىڭ ئاتىسى كېرىم قارى ھاجىم،ئۇنىڭ ئاتىسى تايىر قارى ھاجىم،ئۇنىڭ ئاتىسى مۇھەممەدئىمىن قارى ھاجىم،ئۇنىڭ ئاتىسى سىدىق قارى ھاجىم،ئۇنىڭ ئاتىسى كېرىم قارى ئاخۇنۇم بۇلۇپ،ئىزچىل تىجارەت ۋە تىلاۋەت بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كەلگەن ئىكەن.
ئانام بېلىقىس خېنىم بىر نەۋرە بولغان دادام كېرىم ھاجىمغا ياتلىق بولغان ئىكەن.ئانامنىڭ  نەسەبى تۆۋەندىكىچە:
ئانامنىڭ ئاتىسى ئۇبۇلقاسىمخان مەخدۇم،ئۇنىڭ ئاتىسى ئالبدۇلمىجىد ئەلەم ئاخۇنۇم،ئۇنىڭ ئاتىسى ئابدۇلقادىر قازى كالان ئاخۇنۇم،ئۇنىڭ ئاتىسى ھاجى ھامىد ئەلەم ئاخۇنۇم،ئۇنىڭ ئاتىسى ئابدۇلمىجىد ئەلەم ئاخۇنۇم،ئۇنىڭ ئاتىسى ئابدۇلھىمىد ئەلەم ئاخۇنۇم،ئۇنىڭ ئاتىسى مىرزاھىد ئەلەم ئاخۇنۇم،ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇبۇلھۇدا ئەلەم ئاخۇنۇم،ئۇنىڭ ئاتىسى شەمسلھۇدا ئەلەم ئاخۇنۇم،ئۇنىڭ ئاتىسى ئەينىل ھۇدا ئەلەم ئاخۇنۇم،ئۇنىڭ ئاتىسى ئەلشىر قازى ئاخۇنۇم،ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇبۇل ھەيدەر ئەلەم ئاخۇنۇم،ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇبۇل ھادى بەگ،ئۇنىڭ ئاتىسى سۇلتان مىرزا ئابابەكرى،- ئۇنىڭ ئاتىسى سانسىز مىرزا،ئۇنىڭ ئاتىسى ئەمىر سەئىد ئېلى،ئۇنىڭ ئاتىسى ئەمىر سەئىد ئەخمەت،ئۇنىڭ ئاتىسى ئەمىر ھۇدايداد.  ئۇلار دوغلات قەبىلىسىنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ئەۋلادى بۇلۇپ،قەشقەر دىيارىغا ھاكىم،قازى،ئەلەم بولۇپ ئۆتكەن،بۇ نەسەپنى رەت تەرتىۋى بىلەن ئىمىر ھۈسەيىن قازى ئاخۇنۇم،بوۋام ئۇبۇلقاسىم خان مەخدۇم،تاغام،ئابدۇلھىمىدخان قازى ئاخۇنۇملار ئەيتىپ بەرگەن،ئاتام كېرىم ھاجى- بۇنى تەستىقلاپ،8-بوۋىلىرى مىرزاھىد ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ تەۋەرۈك ئىسمىنى سىلىگە قويغان ئىدىم،بوۋىلىرىنىڭ مۇبارەك ئىسمى قۇيۇلغان بىر قانچە تاغىلىرى،تۇققانلارمۇ بار ،دېگەن ئىدى.
مەن ئەۋرىسى بولغان بوۋام ئابدۇلقادىر قازى كالان ئاخۇنۇمنىڭ مۆھرىدا مۇنداق ئىككى مىسرا بار ئىكەن:
خادىمى شەرئى شەرىپى زاھىرى بەيتىل ھەرەم،
ھامىدى ئەسھابى ئالى شاھى ئابدۇلقادىرەم.
(ھەج قىلغان شەرىئەتنىڭ شەرەپلىك خادىمى،ئەسھابىلەردەك ئالى نەسەپلىك ھامىدنىڭ ئوغلى شاھ ئەۋلادى ئابدۇلقادىر دېگەن مەنىدە)
‹‹شاھ ئەۋلادى دېگەن سۆزنىڭ قەشقەر،يەكەن،خوتەن دىيارلىرىغا 40يىل پادىشاھ بولغان سۇلتان مىرزا ئابابەكرىگە قارىتىلغانلىقى روشەندۇر.مەن‹‹سۇلتان مىرزا ئابابەكرى››رومانىنى يازغىنىمدا،‹‹تارىخى رەشىدىي››دىكى تارىخىي بايانلارغا ئاساسەن بۇ بوۋامنى تارىخقا ئاسىيلىق قىلمىغان ھالدا،پەرەزلىمەي ماختىماي،ئاقلىماي،بەلكى زالىم مۇستەبىتلىكىنى،رەھىمسىز ھاكاۋۇرلىقىنى،ياخشىلىق قىلسۇن ياكى يامانلىق قىلسۇن،زۇلۇم،زورلاش،خورلاش بىلەن يالغاننى  راستقا،راستنى-يالغانغا چىقارغانلىقىنى،چىنلىق ئاساسىدا ئىپادىلەپ بەردىم.ئۇنى ئاقلاش،ماختاش خىيالىدا بولمۇدۇم.
  ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ نەسەبى ۋە ئۇلارنىڭ كەچۈرمەشلىرى نەچچە رومان بولغۇدەك سەزگۈرەشتىلەر،قىسمەتلەرنىڭ مەنىئىتىدۇر.بۇ ھەقتە ئەسلىمىلەرنى يېزىۋاتىمەن.‹‹سۇلتان مىرزا ئابابەكرى››شۇنىڭ جۈملىسىدۇر.


مارشال:سىزنىڭ بالىلىق،ياشلىق چاغلىرىڭىز قانداق ئۆتكەن؟


ھاجى مىرزاھىد كېرىمى:مەن تىجارەتچى ئائىلىسىدىن بالىلىق ۋاقتىمنى ئۆتكۈزدۈم،قەشقەردە باي سانىلىدىغان ئاتام كېرىم ھاجىم 6يېشىمدا كونا يېزىقتا خەت ساۋادىمنى چىقاردى،<<ھالالدىن پۇل تېپىش ئۈچۈن ئادەم ساۋاتلىق بولمىسا،ھېسابەت بىلمىسە بولمايدۇ >>دەپ نەسىھەت قىلىپ،سۆز-جۈملىلەرنى يېزىپ بېرىپ قايتا-قايتا يازدۇراتتى،يەتتە ياشقا كىرگەن چېغىمدا <<مەلىكە دانىشمەن>>دېگەن كىتابچىنى كۆچۈرگۈزدى،بىر سۆز،ھەتتا بىر ھەرپ خاتا يېزىلىپ قالسا،ياكى سىزىلىپ،رەڭ بىلەن بويۇلۇپ كەتسە شۇ بەتنى قايتا كۆچۈرگۈزەتتى،تۇرمۇشنىڭ خىلمۇ-خىل قاتلاملىرىغا مۇناسىۋەتلىك سوئال-جاۋابلارنى كۆچۈرۈش جەريانىدا دەسلەپ ئۆزەگىنە چۈشەندۈرۈپ،كۆچۈرگەنسىرى مەنەلار گۈلشىنىدە بۇلبۇلدەك سەير قىلىدىغان بولدۇم.
  سەككىزگە كىرگىنىمدە<<سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان>>ناملىق تەزكىرىنى،<<ھەسەن بۇغراخان>>،<<ئەبۇ زاسىر سامانى تەزكىرىسى>>نى كۆچۈرۈپ،تۇنجى قېتىم قاراخانىلار خانلىرى توغرىسىدا چۈشەنچە ھاسىل قىلدىم.توققۇز ياشقا كىرگىنىمدە<<چاھار دەرۋىش>>ناملىق خىسرەۋ دەھلىۋىنىڭ بەدىئىي ئەسىرىنى كۆچۈرگۈزدى.مەن بۇ كىتابنى قىزىقىپ ئوقۇپ كۆچۈرۈپ چىقتىم.شۇنداق قىلىپ كىتاب ئوقۇشقا قىزىقىپ قالدىم.دادام پۇل بەرسە،دەسلەپ كىتاب ئالاتتىم.پۇل ئاشسائۇيۇتما ئاش(لەڭپۇڭ)ئېلىپ يەيتىم.ئۆيدە <<مىڭبىر كېچە>>نىڭ كېچىنىڭ قازان باسما نۇسخىسى،<<چاھار دىۋان>>،<<خەمىس>>قاتارلىق نەۋائى ئەسەرلىرىمۇ بار ئىدى،دادام رۇخسەت قىلمىسىمۇ،يۇشۇرۇن يۈرۈپ<<مىڭ بىر كېچە>>نى ئوقۇپ تۈگەتتىم.شۇندىن باشلاپ،كىتاب قولۇمدىن چۈشمەيدىغان بولدى.10ياشقا كىرگەن يىلى مېنى دادام تار بوغۇزدىكى ئابدۇلكېرىم خان مەخدۇم ياساتقان جامىئە ئىچىدىكى مەكتەپتە كەنجى ئاخۇن خەلپىتىمدە ئوقۇدۇم.<<سوپى ئاللا يار>>كىتاۋىنى ،ھەپتىيەكنى ئوقۇپ تۈگۈتۈپ،<<قۇرئان كەرىم>>نى قاراپ ئوقۇپ تۈگەتتىم.
   1950-يىلى قەشقەر شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4-سىنىپىغا قۇبۇل قىلىنىپ،ئابلىھىمىد رۇزىنىڭ بىجانىدىل تەربىيسىدە ئەدەبىيات دەرسىنى قىزىقىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم،بۇ قابىل ئىستىداتلىق ئوقۇتقۇچى پۇشكىن،لىرمۇنتۇف قاتارلىق رۇس شائىر-ئەدىپلىرىنىڭ <<بېكەت نازارەتچىسى>>،<<كاپىتان قىزى>>قاتارلىق ھېكايە پوۋىستلىرىنى ئوقۇپ بېرىپ شېئىر يېزىشقا بولغان ئىشتىياقىمنى كۈچەيتتى،مېنىڭ بالىلىق دەۋرىم ئەنە شۇنداق كىتاب ئۇقۇش ،مەشىق شېئىرلارنى يېزىش بىلەن ئۆتتى،ياشلىق دەۋرىمگە قەدەم باسقىنىمدا تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ ئىنىستۇتىغا ئوقۇشقا باردىم.1956-يىلى<<ئانا ۋەسىيىتى>>شېئىرىم <<شىنجاڭ ئەدەبىياتى>>ھازىرقى <<تارىم>>ژۇرنىلىغا بېسىلغاندىن كېيىن،گېزىت،ژۇرناللارغا ئارقا-ئارقىدىن شېئىرلىرىم بېسىلىپ چىقتى.قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش،ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن شېئىر يېزىش-مېنىڭ كۈندۈلۈك ئادىتىم بۇلۇپ قالدى.ئاچ قالغان،بۆرە ئاھۇ توشقانغا  ئېتىلغاندەك شېئىر يېزىشقا گۈزەل قىزلارغا ئىنتىلىپ،كۈن-تۈنلەرنى ئۆتكۈزدىغان بولدۇم.ئۇ چاغدا شوخلۇقۇم مېنى توسۇن تاي تاي قىلىۋەتكەنتى.يەمگە،ئۇيقۇغا قىزىقمايتىم.كىتاب ئۇقۇش،شېئىر يېزىشقا شۇنداق بېرىلىپ كەتكەنتىم.1957-يىلى 14مىڭ مىسرالىق <<نۇر ۋە شەكەر>>ماۋزۇلۇق روماننى يېزىپ تۈگەتتىم.مۇھەببەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كۈيلەنگەن <<ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق>>شېئىرىم <<تارىم>>ژۇرنىلىنىڭ 1957-يىلى 12-سانىغا بېسىلىپ چىقتى.شۇ چاغدىكى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ئىجتىماھىي رېئاللىقنى ئارقا كۆرىنىش قىلغان بۇ شېئىرىم ئويلىمىغان يەردىن جەمىيەتنى زىل-زىلىگە كەلتۈرۋەتتى.خۇددى ساندۇققا سېلىپ قويغان بوۋاقتەك مەنمۇ تۈرمىگە قامالدىم.ئوڭچى،يەرلىك مىللەتچىلەرگە قارشى كۆرەش ئەۋجىگە چىققان كۆرەش،تەنقىد ھەممە يەردە قانات يايغان مەزگىل بولغاچقا،مەنمۇ سولچىل لۇشىيەننىڭ زەربىسىگە ئەنە شۇنداق ئۇراپ كەتكەنتىم.مېنىڭ گۈزەل ياشلىقىم تۈرمىنىڭ قاراڭغۇئاۋاختاخانلىرىدا،تارىم بويىدىكى قۇملۇق چۆللەردە،توغراق،يۇلغۇنلارغا ھەمراھ بولۇپ قالدى.


مارشال:سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز پەرزەنتلىرىنى قانداق تەربىيلەيتى.ئۇلارنىڭ پەرزەنت تەربىيلەشتىكى ئۇسۇلى،كېيىنكى ھاياتلىق نىشانىڭىز،ئارزۇ-غايىلىرىڭىزگە قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟

ھاجى مىرزاھىد كېرىمى:ئۇيغۇرلاردا بالىلارنى بېقىشقا بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈپ،تەربىيلەشكە سەل قاراپ ئەستايىدىللىق بىلەن يول كۆرسەتمەيدىغان ئادەت ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.ھالبۇكى، مېنىڭ ئاتام ماڭا بولغان ئاتىلىق مېھرىنى ئەركىلىتىش،تاتلىق تۈرۈم بېرىش بىلەن ئەمەس،زەپتى بىلەن ئەدەپلىك بۇلۇشقا ئۈندەپ ئىپادە قىلاتتى،خەت ئۆگىتىش،كىتاب كۆچۈرۈشتە پەقەت يۇمشاق قوللۇق قىلمايتى،بىر بەتتە بىر سۆز خاتا بولۇپ قالسا،سىياسى تېگىپ كەتسە،ياكى سىزىلىپ كەتسە،شۇ بەتنى پۈتۈنلەي باشقىدىن يازغۇزاتتى،كېيىمنى پاكىز كىيىشكە،چوڭلارغا ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن سالام بېرىشكە دەۋەت قىلاتتى.بۇلارغا رىئايە قىلالماي،تاياق يېگەن چاغلىرىم ئاز ئەمەس،شۇڭا داستىخاندا ياكى پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا،پۇتنى ئۇزۇتۇشقا،قىڭغىيىپ ئولتۇرۇشقا،ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشقا پېتىنالماي،قوللىرىمىزنى تىزىمىزغا قويۇپ ئەيمىنىپ ئولتۇراتتۇق.ئانام بولسا دائىم بېشىمنى سىلاپ،دەم ئېلىشقا بۇيرۇپ تۇراتتى،باغرىغا باساتتى،چوڭ ئانام ھېكايە،چۆچەك ئەيتىپ،قىزىق پاراڭلارنى قىلىپ كۈلدۈرەتتى،مەن ئۇلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرەتتىم.ئائىلىدىكى بۇ تۇرمۇش كېيىنكى ھاياتىمغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.بولۇپمۇ ئاتامنىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن خەت ئۆگىتىپ كىتاب كۆچۈرگۈزۈش بىلەن قەلىمىمنىڭ ئۇگىسىنى خېلى بۇرۇنلا قار تۇرغاچقا، نەچچە مىڭ بەتلىك رومانلارنى مۇۋەپىقىيەتلىك ھالدا ھارماي-تالماي،يالتىيىپ قالماي بارغانچە قىزىقىش بىلەن ئۇيۇن-تاماششەلاردىن كېچىپ يېزىپ چىقالىدىم.يەنە شۇ ئائىلە تەربىيسىدە ئاق كۆڭۈل،سەمىمىي ،راستچىل بۇلۇش ئادىتىنى يېتىلدۈردۈم.ئەمما،ئالدىراڭغۇلۇق قىلىش ئادىتىمنى تاشلىيالمىدىم.


مارشال:سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا قانداق مۈشكۈللۈكلەرگە بەرداشلىق بەردىڭىز،مۇشۇ ھەقتە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

ھاجى مىرزاھىد كېرىمى:ھاياتىمدا مەن دۇچار بولغان مۈشكۈللۈك تۈرمىگە قامىلىش ۋە سىياسىي قالپاق كىيىش بىلەن ئازاپلىنىپ ئۆتكەن يىللار،،دېسەم ئاشۇرۋەتكەن بولمايمەن.
  كىشىلەر تۈرمىنى بۇ دۇنيانىڭ دەۋزىخى دېيىشكە ،ئۈندىكى ئەركسىزلىك ۋە مەجبۇرلۇقنى كۆزدە تۇتقان بولسا كېرەك.سىز كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرگەن كۆرۈنۈشنى تارتتىم،ئارتۇقچە سۆزلەشنىڭ ئورنى يوق.باغقا كىرگەن كىشى باغنىڭ پەيزىنى بىلىدۇ.تۈرمىگە كىرگەن كىشى تۈرمىنىڭ ئازاپ-جاپاسىنى ئۇنتالمايدۇ.ئىشەنمىسىڭىز،تۈرمىگە كىرىپ بېقىڭ،ئاندىن بىلىسىز.لېكىن مەن تۈرمىگە كىرىپ ئەركىنلىكىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭىزنى خالىمايمەن.
   ماڭا<<مىللەتچى،ئەكسىل ئىنقىلابچى>>دېگەن ئىككى مۇدھىش سىياسىي قالپاق كەيدۈرۈلگەن ئىدى.بۇ قالپاق شۇنداق قورقۇنۇچلۇق تۇيۇلاتتىكى،(ۋاي ئۇنى بىر دېمەڭ!بەزى تۇنۇش بىلىشلىرىم مېنى كۆرۈپ قالسا،ئارقىسىغا يېنىپ كېتەتتى.يامغۇر،قارمۇ،مۆلدۈرمۇ بېشىمغا،تىل،دوق،دەشنام-ھاقارەت يۈزۈمگە چۈشەتتى،مانا قالپاقنىڭ جاپاسى .ئۇنى ھەرگىزمۇ كەيگۈچى بولماڭ.ئۇنى كىيىپ قالسىڭىز،بويتاق بولۇپ قالىسىز.سىزگە تېگىشلىك خوتۇن چىقمايدۇ.تۈرمىغا تاشلىنىش،قالپاق كەيدۈرۈش ئادەمنى ئەنە شۇنداق بىچارە قىلىۋىتىدۇ.ھاياتتىن بىزار بولۇپ كېتىسىز.ئەمما،بۇنىڭ پايدىلىق تەرىپىمۇ بار.ئادەمنى تاۋلايدىكەن.كۆرمىگەننى كۆرسىتىگەن،ئادەم شەيئىلەرگە بولغان تۇنۇشنى توغرىلايدىكەن.يېڭىلايدىكەن.مەن كۆپ تەجرىبىگە ئىگە بولدۇم،بىلمىگەننى بىلدىم.كىشىگە زىيان يەتكۈزمىگەن ئادەمگە باشقىلارمۇ زىيان يەتكۈزمەيدىكەن.ياخشىلىق يەردە قالمايدىكەن.


مارشال:<<ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق>>شېئىرىڭىز قانداق شارائىتتا بارلىققا كەلگەن،شېئىرنىڭ يېزىلىش ۋاقتىغا بىرلەشتۈرۈپ،شۇ دەۋردىكى ئۈرۈمچى كۆرۈنىشىنى سۈرەتلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟


ھاجى مىرزاھىد كېرىمى:<<ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق>>-<<ئوڭچى -يەرلىك مىللەتچىلەرگە قارشى كۆرەش ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىۋاتقان چاغدا يېزىلغان.
  بۇ  شېئىر يېزىلغان كۈنى ئۈرۈمچىدە سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى،گويا ماڭا ئاسمان-زېمىن بوغۇپ ئۆلتۈرۈلۈپ ساندۇققا سېلىپ قويۇلغان ئاشۇ بوۋاق ئۈچۈن يىغلاۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتكەنتى.كۆز-ياشلىرىم بىلەن يېزىلغان بۇ شېئىر گۈلدۈرمامە گۈلدۈرلەپ چېقىن چېقىلغاندەك ئوقۇرمەنلەر قەلبىنى زىل-زىلىگە كەلتۈردى.مەن بۇ شېئىرىم ئۈچۈن يېزىلغان<<ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق>>نىڭ سىرى،<<ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاقنىڭ يەنە بىر سىرى>>،<<سىرلىق ساندۇق سېھرىگاسىغا>>قاتارلىق ئوبزۇر،شېئىرلار <<تارىم>>دا ئېلان قىلىندى.مەن سېھرىگەر ئەمەس،ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇۋاتقان ئاددىي بىر ياش ئىدىم.شېئىرغا كۆيگەن،ۋەتەننى سۆيگەن ئوقۇغۇچى ئىدىم.ئۈچ قەۋەتلىك بىنالىرى بارماق بىلەن سانىغىدەك،بىر قەۋەت ،ئىككى قەۋەتلىك ئۆيلىرى كۆزگە چېلىقىپ تۇرغان ئۈرۈمچىنىڭ توپا-تاشلىق يوللىرىدەك،ئۈستى-بېشىم،ئوي-پىكىرلىرىم شۇنداق ئاددىي ئىدى.مەن<<ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق>>ناملىق شېئىرنى يازغىنىمدىن زىنھار ئەپسۇسلانمايمەن.بەلكى،سۆيۈنىمەن.بۇ شېئىر مېنى جەمىيەتكە باشلاپ كىردى.ۋەتەن-مىللەتنىڭ غەمگۈزارى تەقدىردىشى قىلدى.ماڭا بۇنىڭدىن ئارتۇق يەنە قانداق مۇكاپات بولسۇن.


مارشال:<<جۇدالىق>>،<<سۇلتان سەئىدىخان>>،<<سۇلتان ئابدۇلرەشىدخان>>،<<يۈسۈپ خاس ھاجىپ>>قاتارلىق تارىخىي رومانلىرىڭىز ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا نائىل بولدى.بۇ رومانلارنى يېزىشتا بېسىپ ئۆتكەن يولىڭىزنى سۆزلەپ بېرەلەمسىز؟

ھاجى مىرزاھىد كېرىمى:ئەلۋەتتە،مەن بۇ رومانلارنى يېزىشتا،ئەۋۋەل تارىخ مەكتەپلىرىدە ئوقۇغۇچى بولدۇم.قاراخانىلار خاندانلىقى،سەئىدىيە خاندانلىقى توغرىسىدا يېزىلغان تارىخ،تەزكىرىلەردىن دەرس ئېلىش جەريانىدا شۇنداق تۇنۇشقا كەلدىمكى،ھەربىر تارىخى كىتاب بىر مەكتەپ ئىكەن.بۇ مەكتەپتە ئوقۇپ تارىخى چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇمكى:
  دۇنيادىكى بارلىق مىللەتنىڭ ئۆز ئالدىغا راۋاجلىنىش تارىخى،جەڭ تارىخى،كۆتۈرۈلش ۋە چۆكۈش تارىخى بار.شۇنداقلا ،مەدەنىيەت تارىخى بار.مەدەنىيەت تارىخى-دىن(ئېتىقاد)تارىخى،تىل-ئەدەبىيات تارىخى،كىيىم-كېچەك،يېمەك-ئىچمەك تارىخى،تېرىقچىلىق تارىخى،سەنئەت-مۇزىكا تارىخى قاتارلىق خاسلىق،ئالاھىلىككە ئىگە مەدەنىلىك ئەنجۈمەنلىرى،ئەدەپ-ئەخلاقنىڭ قائىدە يۇسۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.خاسلىقى يوق مەدەنىيەت بولمايدۇ.خاسلىق بىلەن بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى يەنە بىر مىللەت مەدەنىيىتىدىن روشەن ھالدا پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.خاسلىقى بولمىغان مەدەنىيەتنىڭ جالاپ خوتۇندىن پەرقى بولمايدۇ.
  مانا مۇشۇ چۈشەنچە بىلەن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ۋەقە-ھادىسىلەرنى ئادەمنىڭ ئېسىگە سالىدىغان تارىختىكى قەھرىمانلار،شاھلار،شەخسلەر ئەمەلىيەتتە ئاللا قاچان ئۆلۈپ توپىغا ئايلىنىپ كەتكەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى،ئۇلارنى گۆشى بار،قېنى بار خاس مىجەز-خارەكتىرگە ئىگە ئادەم قىلىپ قايتا تىرىلدۇرۇش بەدىئىي ئەسەرگە(يازغۇچىغا)تەئەللۇق جاپالىق ئەمگەك بولغانلىقىنى بىلىپ قەلەم تەۋرەتكەن يازغۇچى مۇۋەپىقىيەت قازىنالايدۇ.مۇشۇ تۇنۇش بىلەن قەلىمىنى سۈپەتلەپ يېزىشقا كىرىشىپ،يوقىرىقى تارىخى رومانلارنى يېزىپ چىقتىم ئۇكا،يەنە قانداق سوئاللىرىڭىز بار؟


مارشال:20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئابدۇلقادىر داموللام،قۇتلۇق شەۋقى،تەجەللق،ئاكا-ئۇكا موسابايۇف،مۇھەممەدئېلى ئەپەندى،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىق جاھالەت قاراڭغۇسىدا نۇرلۇق يۇلتۇز بۇلۇپ چاقنىغان يېڭى مائارىپ ھەركىتىنىڭ تارىخىي ئەھمىيتى توغرىسىدا كۆز قارىشىڭىزنى ئاڭلاپ باقسام بولامدۇ؟

ھاجى مىرزاھىد كېرىمى:ئەلۋەتتە بولىدۇ ئۇكا،19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۆتكەن بۇ پىشۋالار ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنى بەرپا قىلىش،راۋاجلاندۇرۇشتا ئەقلى كۈچىنى سەرپ قىلغان،ئىقتىساد كۈچىنى ئايىمىغان مەرد،سېخى پىداكارلار ئەللامەلاردۇر.ئۇلارنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە قەشقەر ۋە ئاتۇشتا ئاچقان يېڭى مائارىپ ئاساسىدىكى مەكتەپلىرىنىڭ رولى،ئۇيغۇر مائارىپىنى ئىسلاھ قىلىش راۋاجلاندۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.روھى ئويغاق،روھى ساغلام ئۇيغۇر ياشلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە ئەھمىيىتى ئويلىغاندىنمۇ زور بولدى.گەرچە مۇستەبىت ياڭ زېشىڭنىڭ ھاكىمىيىتى قورال كۈچى بىلەن توسقان،تەقىپ قىلغان،ھەتتا يېڭى ئېچىلغان-مەكتەپلەرنى زورلۇق بىلەن تەقىۋەتكەن بولسىمۇ،يېڭى مائارىپ،يېڭى ئوقۇتۇشنىڭ بىخ سۈرۈپ شاخلاپ ،يۇرت-يۇرتلارغا كېڭىيىشىنى تۇسۇپ قالالمىدى.بۈگۈنكى كۈندىمۇ مائارىپنى ئەنە شۇ يېڭى مائارىپنىڭ راۋاجى دەپ قارىساق خاتالاشقان بولمايمىز.شۇنى سەمىڭىزگە سېلىپ قوياي ئۇكا،20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىجانىدىل يېڭى مائارىپ ئۈچۈن كۈرەشكەن،مەكتەپ قۇرغان ئابدۇلكېرىم خان مەخدۇمنى قوشۇش كېرەك.ئۇنىڭ قەشقەردە تۇنجى ئېچىلغان نوۋىشىدىكى مەكتەپ بەرپا قىلىپ،ئۆزى مۇدىر بولغانلىقىنى قەشقەردىكى تۇنجى دارىلمۇئەللىمىن مەكتىۋىنى قۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ،تۇنجى مەكتەپ مۇدىرى بولغانلىقىنى ۋە ۋىلايەتلىك مائارىپ مۇدىرى بولۇپ،ئوقۇتقۇچىلارغا غەمخۇرلۇق قىلغانلىقىنى،ۋالىي بولغان مەزگىلدە مائارىپقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ.


مارشال:ئاقارتىش ئۇلۇغ بىر خىزمەت،زىيالىيلار بۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتلىك خىزمەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغۇچىلاردۇر،سىزدىن سورىغىم كەلدى،قانداق كىشى ھەقىقىي زىيالىي بولغان بولىدۇ؟

ھاجى مىرزاھىد كېرىمى:زىيالى دېگەن سۆز- نۇر تارقاتقۇچى دېگەن بولىدۇ.ئالەمدە شەيئىلەردىن قۇياش،ئاي،كەڭ دائىرىدە پۈتۈن ئالەمگە نۇر تارقېتىدۇ.چولپاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇلتۇزلار نۇر
چاچىدۇ.مەخلۇقاتلار ئىچىدە ئادەم ئادەم ئەڭ ئەقىللىق بولسىمۇ،ئۆز جىسمىدىن نۇر چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس.ھالبۇكى،ئادەملەر ئىچىدە كېچە-كۈندۈز تەپەككۇر قىلىپ،ئىزدىنىپ،ئۆگىنىپ جىسمىدىن ئەمەس،ئەقلىدىن نۇر چاچىدىغان (ئىختىرا)ئىجاد قىلىدىغان،ئىلمىي ۋە بەدىئىي ئەسەرلەرنى يازىدىغان،نۇتقى، ئەمىلى سۆز-ھەرىكىتى بىلەن كىشىلەرگە نەپ،پايدا يەتكۈزىدىغان كىشىلەرمۇ يوق ئەمەس،لېكىن،بەك كۆپ ئەمەس.ئەنە شۇ ئەقىلدىن نۇر چاچىدىغان ئادىمىلىك سۈپەتلەرنىڭ ساھىبلىرى ھەقىقىي زىيالىي بولىدۇ.


مارشال:20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا سىز كۆرگەن ۋە بىزگە خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قانداق ئىدى؟

ھاجى مىرزاھىد كېرىمى:20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مەن ئاساسىي ئورۇندا بولدۇم.مەكتەپ،تۈرمە،نەشرىيات دېگىنىمدە،باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىرىم ئەڭ مەسئۇلىياتچان،ئوقۇغۇچىلىرىغا بىلىم بېرىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ئىزدىندىغان مۇئەللىملەر ئىدى.گەرچە كۆپىنچىسى بىر نەچچە ئايلىق كۇرستا ئوقۇغان ياكى باشلانغۇچ،تۇلۇقسىزنى ئوتتۇرنى تۈگىتىپلا،مەكتەپتە قالدۇرۇلۇپ مۇئەللىم بولغانلار بولسىمۇ،مۇئاشىنىڭ ئازلىقىغا قارىماي،بىجانىدىل تەييارلىق قىلىپ خىزمەت ئۆتەتتى.ھاكاۋۇرلىرى،كۈن ئۆتكۈزدىغانلىرى،قوپال،لۈكچەك مىجەزلىرى بەكلا ئاز ئىدى.ئەنە شۇ مەسئۇلىياتچان ئوقۇتقۇچىلىرىمنى ھازىرمۇ ئەسلەيمەن.ئۇلار ئىچىدە ئابلىمىت رۇزىنىلا ھەقىقىي زىيالىي دېسەم روھىنى خوش قىلغان بولىمەن.بۇ ئۇستازىم كېيىن قەشقەر ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇئەللىم بۇلۇپ ئۈرۈمچىگە (شىنجاڭ ئەدەبىىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى كىلاسىك ئەدەبىيات بۆلىمىگە)يۆتكەلگەن.<<مۇقامنى رەتلەش،شۇنداقلا<<قۇتاد غۇبىلىك>>بىلەن <<تۈركىي تىللار دىۋانى>>نى نەشىرگە تەييارلاش،ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىنى يېزىشتەك پەخىرلىك خىزمەتلەرگە قاتناشقان).1980-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋىرسىنتى ئىلمىي ژۇرنىلىغا يۆتكۈلۈپ،ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇ يەردە ئىشلىگەن.ئۇستازىم ئابلىمىت رۇزى قەيەردە ئىشلىسۇن،شۇ يەردە گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان.پېقىرنىڭ شائىر-يازغۇچى بۇلۇش ئارزۇيۇم ئاشۇ ئۇستازىمنىڭ تەربىيسى،دەۋىتى ھەم ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقىدىكى قايتماس ئىرادەم بىلەن ئەمەلگە ئاشقان.تۇلۇقسىز ئوتتۇردا ماڭا ئۇنداق تەسىر قالدۇرغان ئوقۇتقۇچۇم بولمىدى.سابىق شىنجاڭ ئىنىستۇتىدا مىرسۇلتان ئوسمانوف ماڭا شۇنداق تەسىر قالدۇرغان ئۇستازىمدۇر.ھەقىقىي ئۇيغۇر زىيالىيسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ھۆرمەت تاپتى.
    تۈرمىدە-مەن ئالىم،شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە خېۋىر تۆمۈر بىلەن ئۇچراشتىم.بۇلار ماڭا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي نۇر چاچىدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىكەنلىكى بىلەن پېقىردا ئۇنتۇلماس ئەسلىمە قالدۇرغاندۇر.
    نەشرىياتتا ئونلىغان مۇھەررىرلەرگە سەپداش بولدۇم.
     ئۇمۇمەن مەن قەيەردە بولماي،شۇ يەردىكى زىيالىي دەپ ئاتالغان دوست-تۇنۇشلۇرۇمنىڭ ناھايىتى ئېھتىياتچان،قورقۇنجاق،توسۇن تايدەك مۈرككەك بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم.ئۆزۈمنىڭمۇ شۇلارغا ئوخشاپ قالغىنىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن.ئېھتىيات قىلىش-كۆڭۈلدىكى گەپنى ھەتتا يېقىن دوستىغىمۇ دېگۈزمەيدىكەن،قورقۇنجاقلىق-خۇشامەتچى،چېقىمچى،گۇمانخۇر قىلىپ قويدىكەن.مۈرككەكلىك ئادەمنى ياتاۋان-يالغۇز قىلىپ قويدىكەن.مەن كۆرگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى مانا شۇنداق ئىدى.ھەقىقىي نۇر تارقاتقۇچى زىيالىيلار بەك-بەكلا ئازدۇر.


مارشال:21-ئەسىردىكى زىيالىيلار ئۆز خەلقى ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلىش كېرەك.ھازىرقى زامان زىيالىيلىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىڭىز نېمە؟

ھاجى مىرزاھىد كېرىمى:چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىپ،ئاۋال ئېھتىيات سىزىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ،قورقۇنجاقلىق ئىللىتىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇپ،ماشىنا،تېرەكتۇردىنمۇ ھۈركىمەس بۇلۇپ قالغان ئات،ئېشەكتەك بىغەم ئەمەس،ھەر قانداق قىسمەتنى كۆرۈشكە كۆپچىلىك بىلەن بىرگە تەييار تۇرالايدىغان غەمگۈزار ئاڭنى يېتىلدۈرۈپ،ۋەتەن ،مىللەت ئۈچۈن بىجانىدىل خىزمەت قىلىش لازىمكى،كۈن ئۆتكۈزۈش،جان بېقىش كويىدا بولماسلىقى كېرەك.
ھازىرقى زىيالىيلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىم شۇكى:دۇنياغا يۈزلىنىشتىن ئاۋال،ئۆزۈڭلارغا يۈزلىنىڭلار،دورىمۇ چوغلۇق،تاماخورلۇق قىلماڭلار،كۈچۈڭلارنى خار قىلىپ بەگدەك ياشاڭلار!زىنھار،زىنھار،ئىت،مۈشۈك مىجەز بولماڭلار،چايان تەبىئەتلىك بۇلۇپ قېلىشىتىن ھەزەر ئەيلاڭلار.جاپانى ئات قىلىپ مىنگەن ئەزىمەت ئارزۇ-مەنزىلىگە يېتىپ بارالايدۇ.


مارشال:يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەقبەرىسى ئەسىلىدىلا مۇشۇ يەردىمىتى ياكى باشقا جايدىمىتى؟

ھاجى مىرزاھىد كېرىمى:مۇتەپپەككۇر،شائىر بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مەقبەرىسى ئەسلىدە ئەسكىھسار (كونا شەھەر-ئەسكىسا دەپ ئاتالغان يەردە ئىدى.سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ 2-سۇلتانى ئابدۇلرەشىدخان دەۋرىدە قىزىل دەرياسىنىڭ كەلكۈنى ئۇرۇلۇپ مەقبەرە بۇزۇلۇشقا باشلىغاندا،ئۇنىڭ ئەمرى بىلەن قەشقەر ھاكىمى ئۇبۇلھاد مەقبەرىنى دەريادىن يىراق بولغان پايناپ مەھەللىسىگە يۆتكىگەن.ھازىرقى مەقبەرە-ئاشۇ پايناپتىكى بالايى ئاپەتلىك مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا چېقىۋىتىلگەن مەقبەرە ئورنىغا ياسالغان،بۇنىڭغا پۇل ھەل قىلىپ بەرگەن تۆمۈر داۋامەت ئاكىدىن قەشقەر ئەھلى بەكمۇ مىننەتتار.

مارشال:مۇھەممەتئېلى ئەپەندىنىڭ زىنداندا كۆيۈرۈلۈپ دۇنيادىن بىئەجەل كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان كىشىگە سىزنىڭ باھايىڭىز قانداق؟

ھاجى مىرزاھىد كېرىمى:مۇھەممەت ئېلى ئەپەندىنى تۇتۇپ بەرگەن مەلئۇنغۇ،ئۇنى ئازاپلاپ كۆيدۈرگەن ۋەششىيمۇ ئوخشاشلا ئەبەدىي لەنەتلىندىغان قاتىل دەپ قارايمەن.باش جىنايەتچى جاللات شىڭ سىسەيدۇر.

مارشال:قەشقەر دىيارىدىكى ئىمىر ھۈسەيىن قازى ئاخۇنۇم قازىلىق خىزمىتىنى قانداق ئۆتىگەن؟قازى دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟بۇ زات بۈزرۈكنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن نېمىنى بىلىلا؟


بۇ رەسىم ئىمىر ھۈسەيىن قازى ئاخۇنۇمنىڭ نەۋرىسى ماڭا تەمىنلەپ بەردى
ھاجى مىرزاھىد كېرىمى:ئىمىر ھۈسەيىن قازى ئاخۇنۇم ئانا تىلىغا كۆيگەن،ئانا تىلىنى سۆيگەن،قەشقەر دىيارىدا تۇنجى قېتىم گېزىت چىقارغان مەتبۇئاتچى،جاللات شىڭ سىسەينىڭ تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئەللامە قۇتلۇق شەۋقىنىڭ ئوغلى.ئۇ ئاتىسى ۋە قەشقەر مەدرىسلىرىدە ئۇقۇپ،موللا بولغان ۋە توققۇزاق يېزىسىغا قازق بولۇپ تەيىنلەنگەن ۋە دەۋانى ئەدلى -ئادالەت بىلەن سوراپ ئاۋامنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن داموللا.
    ھەزرىتى موللا مازىرىنىڭ -مەھمۇد كاشغەرىي مەقبەرىسى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئاتىسىدىن قالغان ۋەخپىنامىنى تاپشۇرۇپ،ھەرخىل ناتوغرا قاراشلارنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ،دۇنياغا ھەزرىتى موللا مازىرىنىڭ-مەھمۇد كاشغەرى مەقبەرىسى ئىكەنلىكىنى جاكارلاشقا ئاساس يارىتىپ بەرگەن ئالىم.شۇنداقلا،يۈسۈپ خاس مەقبەرىسىنى دەلىللەپ،ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ بەرگەن ھەققانىيەتچى ئەللامە.
   ئىمىر ھۈسەيىن قازى ئاخۇنۇم ئاتا-بوۋىلىمرنىڭ نەسەبىنى-رەت تەرتىۋى بىلەن دەلىللەپ بەرگەن ئۇستازىم.ئۇ ماڭا قاراخانىلار خاندانلىقى،سەئىدىيە خاندانلىقى توغرىسىدا تارىخىي ۋەقە-رىۋايەتلەرنى ئېيتىپ بەرگەنتى.كېيىن<<يۈسۈپ خاس ھاجىپ>>رومانىنى يازغاندا،ئۇ ئەيتىپ بەرگەن ۋەقە،زىۋايەتلەر بەك ئەسقاتتى،شۇنداق دېيەلەيمەنكى،ئىمىر ھۈسەيىن قازى ئاخۇنۇم قەشقەر دىيارىدا كۈچلۈك تەسىر ۋە ئۇنتۇلماس ئەسلىمە قالدۇرغان زاتتۇر.


مارشال:سىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىز؟بۇ ئالىمنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى ھەققىدىكى چۈشەنچىڭىزنى ئېيتىپ بەرسىڭىز؟

ھاجى مىرزاھىد كېرىمى:ئەلۋەتتە،ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن سىز ئېيتقاندەك ئۆمۈرۋايات پىكىر قىلىپ ياشىغان،كۆپ ئىزدەنگەن كۆپ كىتاب يازغان ئالىم.ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا تۇنجى قېتىم 1-بۇلۇپ مەھمۇد كاشغەرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ توغرىسىدا ئىلمىي ماقالە يېزىپ،11-ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك ئىككى ئالىمنى خەلقىمىزگە تۇنۇتقان دانادۇر.مەن تېخى بۇ ئالىم يازغان كىتابلارنى تۇلۇق كۆرۈپ بولالمىدىم.ئەمما،كۆرگەنلىرىمگە نىسبەتەن مەندە سوئال پەيدا بولدى.
   1.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن بىر قانچە ئەسىرىدە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنى ،بولۇپمۇ يىپەك يولىدىكى تۇرپان،قەشقەر،خوتەنلەرنى بىر قانچە مىللەتنىڭ ئۇچراشقان،قوشۇلغان،ئورتاق مەدەنىيەتكە ئايلانغان جايى دەپ قەيت قىلغان ،ۋە ھالانكى،مىڭ يىل ياكى بىر نەچچە ئەسىر ئىلگىرى ياۋۇرپا ھەم رۇسىيەدىن كەلگەن سەيياھلار،تەتقىقاتچىلار،سودىگەرلەر قەشقەر،تۇرپانلارغا بىر يىل،ئالتە ئايلاردا ئاران كېلەلەيتى،كەلگەن بىر قانچە كىشى ئۆزىنىڭ قايسى مەدەنىيىتىنى،يەرلىك خەلق مەدەنىيىتىگە قوشقان بولغىيتى دەپ ئويلاپ قالدى،بەلكى ئۇلار(بىر ياكى بىر نەچچە كىشى)ئۆز مەدەنىيىتنى قوشماسىتىن،بۇ يەردىكى تەۋەرۈك مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى،سۈرەت-ھەيكەللەرنى ئېلىپ كەتكەن تۇرسا-قانداقمۇ بۇ تۇپرىقىمىزنى مەدەنىيەتلەر قۇشۇلغان جاي دېگىلى بولىدۇ؟ئەجدادىمىز ئارقا-ئارقىدىن بىر قانچە دىنغا ئېتىقاد قىلغان بولسىمۇ،ئىسلام دىنى يىلتىز تارتىپ،بۈگۈنكى كۈنگىچە كەلگەن،ئەمما،مەدەنىيىتىمىزنىڭ كۆرۈنۈشى بولغان كىيىم-كېچەكلىرىمىزدىن تارتىپ،يېمەك-ئىچمىكىمىزگە قەدەر،تىلىمىزدىن تارتىپ مۇزىكا سەنئىتىمىزغا قەدەر خاسلىقىمىز،ئالاھىلىكىمىز مانا مەن دەپ ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرسا،قانداقمۇ غەيرى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئارلاشقان بولىدۇ.ئۆرپ-ئادەت يۇسۇنىمىز ،ئەدەپ-ئەخلاقىمىز خاسلىقى بىلەن ئايرىلىپ تۇرسا،قانداقمۇ قۇشۇلغان مەدەنىيەت بولىدۇ؟مانا بۇ سوئاللارغا قانائەتلىگۈدەك جاۋاب تاپالمايۋاتىمەن.
  2.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن نىڭ كۆپ ئەسەرلىرىدە ماركىسىزىم-لېنىزىم كۆز قارىشى قەيت قىلىنىدۇ.مىڭ يىل ئىلگىرى ياكى 4-5يۈزيىل ئىلگىرىكى تارىخى ۋەقەلەر،ئالىم،ئەدىپلەرنىڭ ھاياتى بىلەن ماركىسىزىم -لېنىزىمنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟-بۇنىڭغىمۇ جاۋاب تاپالماي ئەپسۇسلىنىۋاتىمەن.
   ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن نى مەن بالىلىق ۋاقتىمدا ئوردا ئالدى بازىرىدا تەنزە كۆتىرىپ،سەرەڭگە سېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.دادامنىڭ دەپ بېرىشىچە،ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن نىڭ دادىسى مۇھەممەدئىمىن قەشقەر باج ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىكەن.ئانىسى ھەمرا خانىم يارغاغ دوختۇرخانىسىدا سېستىرا ئىكەن.ئۆيى بەش ئېرىق مەھەللىسىدە بولۇپ،ئابدۇشۈكۈر شۇ يەردە تۇغۇلۇپتىكەن.دادىسى مۇھەممەدئىمىن تاشكەنتتە ئوقىغان زىيالىي بولۇپ.قەشقەردە ھەمراخېنىمغا ئۆيلۈنۈپ بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن،قىرغىزسىتانغا چىقىپ كەتكەن.مېنىڭ بىلدىغىنىم شۇنچىلىكلا.


مارشال:سىز قەشقەردىكى مەدرىسلەر ۋە ئۇنىڭدا ئوقۇپ چىققان ئالىم ئۆلىمالار توغۇرلۇق سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟


ھاجى مىرزاھىد كېرىمى:مەن ئەقلىمگە كېلىپ،دادامنىڭ دەۋىتى بىلەن كىتاب كۆچۈرۈشكە باشلىغان.1948-1949-يىللىرى قەشقەردە تۆۋەندىكى مەدرىسلەر بولغان:
1.ھېيتگاھ مەدرىسى(ھېيتگاھ جامىئەسى ئىچىدە)  2.خانلىق مەدرىسى3.ساچىيە مەدرىسى4.ھامىد مەدرىسى5.ئۇستاز كۆل مەدرىسى6.ئازنا مەسجىد مەدرىسى7.قازان مەدرىسى8.ساقىيە مەدرىسى9.توقام مەدرىسى10.مەمتىلى ئاخۇنۇم مەدرىسى11.مىر ئېلى قازى كالان مەدرىسى12.تاجى ھېكىمبەگ مەدرىسى13.ۋاڭلىق مەدرىسى14.ئابدۇۋەلى جاي مەدرىسى15.لاي پەشتاق مەدرىسى16.كەسكەنيار مەدرىسى17.يۈسۈپ قادىرخان مەدرىسى18.ئاپپام غوجام مەدرىسى19.دۆڭ مەسجىد مەدرىسى20.زوھۇرىدىن ھېكىمبەگ مەدرىسى
بۇندىن باشقا ناھىيە ۋە بەزى چوڭراق يېزىلاردىمۇ مەسجىت بولغان.بۇ مەدرىسلەردە ئوقۇپ يېتىشىپ چىققان ئالىملاردىن مەھمۇد كاشغەرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ(ساجىيە مەدرىسىدە ئوقۇپ ھۈسىيىن ئىبنى خەلەپ كاشغارىدىن دەرس ئالغان)باۋىدىن مەخدۇم،شەمشىدىن دەھە موللام،ئابدۇلقادىر دەھە موللام(قازىسى)،زىياۋۇدۇن مەخدۇم،ئۇبۇلقاسىم ئاخۇنۇم،سابىت دەھە داموللام،زىرىپ قارى ھاجىم،ئابدۇلكىرىم خان مەخدۇم،ساۋىت ئاخۇن كاتىپ،ئىسمايىل ئاخۇن كاتىپ،سالىھ دەھەموللا،زەينىل ئابىدىن مەخدۇم ھاجىم،ھاشىم ئاخۇن دەھەموللام ۋە باشقىلار.ئەينى چاغدا قەشقەت (2-بۇخارا)دەپ ئاتالغان.


مارشال:ساياھەتچىلەرنى ئەڭ جەلىپ قىلىدىغان تار كوچىلار ھەققىدە سۆزلەپ بېرەلەمسىز؟


قەشقەردە ساقلىنىپ قالغان تار كوچىلار(مارشال سۈرەتكە تارتقان)


ھاجى مىرزاھىد كېرىمى:ئەلۋەتتە،مەنمۇ تار كوچىدا ئۆسۈپ قاتارغا قۇشۇلغان تۇرسام.
   قەشقەردە 100دىن ئارتۇق تار كوچا بولۇپ،خالتا كوچا،تارماق كوچىلار قوشۇلۇپ نەچچە يۈزگە يېتىدۇ.بىر كوچىدا نەچچە خالتا كوچا،تارماق كوچىلار بار.يان-يېنى ۋە ئۈستىدە ئۆي(بالاخانا)بولغان بۇ كوچىلاردىكى ئاھالە زىچ ئولتۇراقلاشقان،ئۆيلەر بىر-بىرىنى يۆلەپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن يەر تەۋرىسىمۇ،ئۆڭتۈرۈلمەي،كۆمتۈرۈلمەي،مەزمۇت تۇرۇپ ئۆزىنى نامايەن قىلىپ كەلگەندۇر.تاملىرىنىڭ ئاستى 1.5مېتىر،ئۈستى60-70سانتىمىتىر كېلىدىغان بۇ ئۆيلەر خام كېسەكتىن ياسالغىنىغا قارىماي،نەچچە يۈز يىلدىن بېرى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغاندۇر.تاشقى تەرەپلىرى كۆرۈمسىز،ھېلى ئۆرۈلۈپ كۆمتۈرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ،ئىچ تەرىپى ناھايىتى كۆركەم.ئايۋان،ساراي،مېھمانخانىلىرى ناھايىتى چىرايلىق،رەڭگارەڭ نەقىشلەر تاملىرىدا چاقناپ تۇرىدۇ.تۈرلۈك شەكىلدە چىقىرىلغان ئۇيۇق ،دېرىزە ،جاۋەنلەر ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ.مەن ئەۋرىشىمكار دەپ ئاتىلىدىغان يېپەكچىلەر مەھەللىسىدە چوڭ بولغان.شۇڭا بۇ تار كوچىلار ماڭا ناھايىتى گۈزەل-كۆركەم كۆرىنىدۇ.مېھرىنى تارتىپلا تۇرىدۇ.
   زاماننىڭ ئۆزگىرىشى،تەرەقىياتى بۇ كوچىلارنى يېڭىلاش،يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ ئۆيلەرنى قايتا سېلىشقا تۈرتكە بولماقتا.ئەلۋەتتە قەشقەر شەھىرىنى يېڭىلاشتا،كونا ئۆيلەرنى ئاسار-ئەتىقە سۈپىتىدە قالدۇرۇپ قويغان بولسا جامائەتچىلىكنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىش بولاتتى.ئەمما،بۇ تار كوچىلاردىكى نۇرغۇن ئۆيلەر چېقىلىپ كەتتى.ئەھلى بولغان كىشىلەرنىڭ ھەم ئاتا مىراسى،ھەم بايلىقى،ھەم ھۈنەر-سودىسىغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدىغان ئارام گاھى بۇلمىش بۇ تار كوچىدىكى ئۆيلىرىدىن چىقىپ كەتكۈسى كەلمىگەچكە،ئۆز ئورنىغا يېڭى ئۆيلەر سېلىندى.چېقىلىپ كەتكىنىگە ئېچىنسىمۇ،ئۆيلىرىنىڭ ئورنىغا سېلىنغىنىدىن كىشلەر ھەر ھالدا مەمنۇن.
   قەدىمقى زامان،ئوتتۇرا ئەسىر ۋە يېقىنقى زامان ئۆرنەكلىرىنى كۆرىمىز دەپ كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئارماندا قالدۇرماسلىق ئۈچۈن بەزى تار كوچىلاردىكى بىر قىسىم ئۆيلەر ئاسارە-ئەتىقە ئورنىدا قالدۇرۇلۇپ چېقىلمىدى.قەشقەر ھەقىقەتەن ئەزىزانە دەپ ئاتىلىشقا مۇناسىپ ئانا شەھەر،ئۇيغۇر شەھىرى،مېنىڭ شەھىرىم.


مارشال:‹‹كوزىچى يار بېشى››ئاسار-ئەتىقە ئورنىدا قالدۇرۇلۇپتۇ،سىزنىڭچە،‹‹كوزىچى يار بېشى››نى ئاسراپ،ساقلاپ قېلىشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟


كوزىچى يار بېشىنىڭ يىراقتىن كۆرۈنىشى(مارشال سۈرەتكە تارتقان)


ھاجى مىرزاھىد كېرىمى:ئاڭلىشىمچە،‹‹كوزىچى يار بېشى››لاينى پۇشۇرۇپ،كوزا ياسايدىغان ھۈنەرمەنلەرنىڭ مەھەللىسى ئىكەن.ئەھلى غېرىپ-مىسكىن بولغان بۇ مەھەللىگە قىمارۋاز،لۈكچەك،يېتىم-يېسىرلارمۇ،ئۇششۇق،بېشىملەرمۇ،تەربىيە كۆرمىگەن يانچۇقچى،ئوغرىلارمۇ،نوچى مۇشتۇمزورلارمۇ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىكەن.ئەينى زاماندا ‹‹كوزىچى يار بېشى››قەشقەر شەھىرىنىڭ ئەڭ نامرات مەھەللىسى بولسا،چاسا،ئوردا ئىشىكى،كونا ئوردىلار -باياشات مەھەللىسى،باغ كوچا،باغچى كوچىلار،باغ-ۋارانلىق مەھەللىسى ئىكەن.
  ھازىر ‹‹كوزىچى يار بېشى››نى قوغداپ ئاسراپ قېلىنۋاتىدۇ،بۇنىڭ ئەلۋەتتە ئەھمىيتى بار.ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش،نامراتلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش،ئۆرپ-ئادىتىمىزنى نامايەن قىلىش جەھەتتە كۆپ ئىشلار قىلىنۋاتىدۇ.تۈزەش،رېمۇنىت قىلىش،بېزەش ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش لازىم.


مارشال:كۇلالچىلىق مىللىي قول-ھۈنەر سەنئىتىمىزنىڭ يارقىن بىر تۈرى.ھالبۇكى ئەزىزانە قەشقەر شەھىرىدە ئۈچ كۇلالچىنىڭ قېلىشى مەدىنى مىراسلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىش ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.بۇندى كېيىن،كۇلالچىلىقنى داۋاملاشتۇرغىلى بولامدۇ؟بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟



پېقىر مارشال كۇلالچى تۇرسۇنجان زۇنۇن بىلەن بىللە



كۇلالچى تۇرسۇنجان زۇنۇن ھويلىسىدا(خاتىرە سۈرەت)




مەرھۇم كۇلالچى زۇنۇن ھاشىمنىڭ رەپىقىسى ئىمىنخان ھۇشۇر بىلەن بىللە(خاتىرە سۈرەت)


ھاجى مىرزاھىد كېرىمى:كۇلالچىلىق-قەدىمى ھۈنەر سەنئەتتىن قالغان ئۆرنەك.كۇلالچىلىقنىڭ مەھسۇلى بولغان ساپال كوزا،ساپال قاچا،ساپال تەشتەك،ئېۋرىق،مىجىرلار ھازىر ئىشلىتىشتىن قالدى.بۇ ھازىرقى تەرەقىياتنىڭ غەيرىي بىر نەتىجىسى.كۇلالچىلىقنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئاسار-ئەتىقە ئورنىدا ئۆيلەرگە قويۇپ قويدىغان خېرىدارلارمۇ ئازلاپ كەتتى.قەشقەردە ئاران 3كۇلالچىنىڭ قېلىشى،كۇلالچىلىق مەسلۇھاتلىرىغا كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجى قالمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.شۇنداقتىمۇ كۇلالچىلىق يەنە بىر مەزگىل داۋاملىشى مۇمكىن ياكى باشقا بىر شەكىلدە داۋاملىشى مۇمكىن.بۇنىڭغا بەكمۇ ئەپسۇسلىنىپ كەتمەڭ.ئېچىنىپ قايغۇرۇش-بىمەنىلىك بولىدۇ.

مارشال:سىز سېيت نوچىنىڭ ھايات قىسمىتىگە قانداق قارايىسىز؟

ھاجى مىرزاھىد كېرىمى:مەردلىك،مەردانىلىق،پىداكارلىق ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان ئېسىل خىسلەت.دۇنيادا بۇنى جارى قىلالايدىغانلاردىن قىلالمايدىغانلار كۆپ.سېيت نوچى ئۆلۈم خېتىنى ئۆزى ئېلىپ بارغان،مەرتلىكىگە ئېلىپ،خەتنىڭ مەزمۇنىدىن ۋاقىپلىنىپ قېلىشىنى خىيانەت ھېسابلاپ،لىپاپىنى ئاچمىغان.ساۋادسىز بولغاچقا،ساۋادى بار كىشىگە ئوقۇتۇپ باقماي،ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەن ئادەمدۇر.بۇنى مەردلىك،مەردانىلىق دېسەكمۇ،بۇنىڭدىن ئۈلگە ئالغىلى بولمايدۇ.خەتنى كۆرۈپ باقمىغانلىقى ساۋادسىزلىقىدىن شۇنداق قىلغان دېسەك،مېنىڭچە تېخىمۇ توغرا چۈشەنمىگەن بولىمىز.چۈنكى،ئادەملەر بىر-بىرىگە نەپ يەتكۈزۈش،يار يۆلەك بۇلۇش ئۈچۈن يارالغان.سېيت نوچى ئۈچتۈرپان ئامبىلىنىڭ سېنى ياخشى قارشى ئېلىپ مەنسەپ بېرىدۇ دېگەن سۆزىگە ئىشىنىپ،ئالدىنىپ تامادا يولغا چىقىدۇ.خەتنى ئېچىپ كۆرۈپ باقماسلىقىدىكى يەنە بىر سەۋەب مۇشۇ بۇلۇشى مۇمكىن.
  ئۇنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا<<مېنى ئاتساڭ ئۇستاڭ ئات،نا ئۇستاڭ يېقىن كەلمە>>دېگەن قوشاق تۇقۇشى-ئۆلۈمدىن قورقمايدىغانلىقىنى قازاغا رىزا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسىمۇ،باھادىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىمايدۇ.بەلكى،مەردانە نادانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.ناۋادا ئۇ جەڭدە ئەسىر چۈشۈپ دۈشمەنگە باش ئەگمەي ئۆلگەن بولسا ياكى خەلقى،ۋەتىنى ئۈچۈن كۆرەش قىلىپ،تۇتقۇن قىلىنغاندا تېز پۈكمەي قارشىلىق كۆرسىتىپ ئۆلگەن بولسا بۇنى باتۇرلۇق،پىداكارلىق دەپ مەدھىيلىسەك بولاتتى.
  مەن سېيت نوچىنىڭ مەرد،مەردانە ئىكەنلىگە قايىل بولساممۇ،ئۇنىڭ ۋەتەن ،خەلققە،يار-بۇرادىرلىرىگە ھېچقانداق يار-يۆلەك بولماي ئۆلۈپ كەتكىنىگە ئېچىنىمەن.ئەۋلادلىرىمغا سېيت نوچىدىن ئۈلگە ئالماي،ئىبرەت ئېلىڭلار-دېگۈم كېلىدۇ.


مارشال:بىز ياشلارغا دەيدىغان يۈرەك سۆزىڭىز بارمۇ؟

ھاجى مىرزاھىد كېرىمى:پىشقەدەملەر تالاي قېتىم ياشلارغا يۈرەك سۆزلىرىنى قىلغانلىقى ماڭا مەلۇم.ياخشى مەسلىھەت.توغرا تەلەپلەرنى ئەستە  چىڭ تۇتۇپ،ئادا قىلىشقا تىرىشىڭلار.ھەممىنى بىلدىم،بىلىپ بولدۇم دېمەي،ئۆزۈڭلارنىڭ ئۈستىدە تېخىمۇ كۆپ بىلىدىغان كەمتەلەر بارلىقىنى،ئۇلارنىڭ ئۈستىدە تېخىمۇ كۆپ بىلىش ئۈچۈن ئۆگىنۋاتقان،ئىزدىنۋاتقان،تىرىشۋاتقانلارنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.بەلۋاغ،كەمەرنى چىڭ چىڭ باغلاڭلار.بىجىم،بوش،لامزەللە بولۇپ قالماڭلار.ئۆزۈڭلارنى،چوڭلارنى قەدىرلاڭلار.خۇشامەتچى،سۇخەنچى بولۇپ قالماڭلار.پەزىلەتلىك،ئەخلاقلىق بۇلۇڭلار.ھىممەتسىز،ھاياسىز بۇلۇپ قالماڭلار.راستچىل،سەمىمىي بۇلۇڭلار.يالغانچى،ئىككى يۈز بولۇپ قالماڭلار.ۋىجدانلىق،غورۇرلۇق بولۇڭلار.نۇمۇسسىز رەزىللەردىن بولۇپ قالماڭلار.سىلەرگە بۇ رۇبائىينى يادىكار قىلىمەن:

بىلىمسىز ساۋادسىز ساددا ناداندۇر،


ساددىدىن بىلىملىك نادان ياماندۇر.


ساددىلار گەر قويغا قىلىنسا قىياس،


<<دانىشمەن>>نادانلار ئەينى قاۋاندۇر.


2012-يىلى6-ئاينىڭ 10-كۈنى.قەشقەر.


تۈگىدى.




يازغۇچى،شائىر ھاجى مىرزاھىد ئاكىمىزنىڭ قۇشۇلۇشى بىلەن،ئۇ ئۆزى يازغان بىر تۈركۈم شېئىرلىرىنى ماڭا خاتىرە سۈپىتىدە ساقلاپ قۇيۇشقا بەردى.مەن بۇ شېئىرلارنى مۇنبەردىكى دوستلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن تېمىنىڭ ئاخىرىدا ھاجى مىرزاھىد ئاكىمىزنىڭ ئىككى پارچە شېئىرلىرىنى يوللاپ قۇيۇشنى لايىق تاپتىم.

ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق


(تۇرمۇش سەزگۈرەستىسى)




ئاسمان كۆزلىرىدىن تامچىلايدۇ ياش،


شۇنچە جىمجىت ئەتراپ گويا غەپلەتتە.


ياپراقسىز دەل-دەرەخ يولۇمدا سىرداش،


ئېيتىڭچۇ تەبىئەت نېمە ھەسرەتتە.




ئىشتىلمەس ئېرىقتىن-چىمەن قىرغاقلىق،


شىر-شىر ئاقار سۇنىڭ ئۇنى شۇ تاپتا.


نازۇك مەجنۇنتاللار بەرقۇت ياپراقلىق،


مەڭزىمنى سۆيمەيدۇ ئېگىلىپ ئاستا.




قايغۇ دېڭىزىغا ئەتراپ بولغان غەرق،


قېنى ئۇ باغلارنىڭ گۈزەل جامالى؟


شۇدەم ھېچنەرسىنى قىلالمايسەن پەرق،


دالا تىرىك جاندىن ئەجابا خالىي؟




راست،كىمنىڭ چىققۇسى كېلەر سەيلىگە،


ئىللىق ئۆيلىرىدە ئولتۇرماي شۇ ھال،


يىغلاڭغۇ ۋە زەرگى ھاۋا پەيلىگە


ماس كەلمەس بىر تۈستە بارىمەن خوشال.




بۇ غەمكىن كۆرۈنۈش،


                            بۇ كۆڭۈلسىزلىك،


بىراق -شاد دىلىمنى قىلالماس خىرە.


كۈيلىرىم قۇشلىرى ئۇچۇشىدۇ تىك،


تەمكىنمەن،


                مەن يۈكسەك سۆيگۈگە ئىگە.




سەۋەبى:مېنى دەل مەشۇقۇم جانان،


شۇ تۇنۇش بۇلاقنىڭ يېنىدا كۈتەر.


مۇھەببەت بەختىدىن ياشنىغۇچى جان،


بۇ گۈل يۈرىكىمگە ئىشقىنى پۈكەر.




چېلىقتى كۆزۈمگە شۇ چاغ بىر ساندۇق،


ئىپلاس چوڭقۇرلۇقتا مۇڭلىنىپ تۇرغان.


<<ئىچىدە بىر نېمە باردۇريا يۇق؟>>


دېدىمۇ،ئاچتىمەن،ئۆرتەندىم شۇئان.




قوللىرىم تىتىرىدى،قاچتى خىيالىم،


ئاناردەك مەڭزىمنى چۈشتى ياش ئەگىپ.


سارغايدىم ساماندەك قالمىدى ھالىم،


بىر پەس جىم قاپتىمەن شامالدا سەگىپ.




نېمىنى كۆردۈممەن،ئەپسانىدىكى


ئەجدىھا چىقتىمۇ يېيىش ئۈچۈن يا؟


ئۈچ ياشلىق يىلانمۇ زەھەر نەشتىرى،


ياق!


      سىرلىق نەرسە ئۇ،كۆرۈڭلار مانا.




ياتاتتى ئاي ئوخشاش بىگۇناھ بوۋاق،


گېلىدا بارماقنىڭ دەھشەتتلىك ئىزى.


ئوغۇل ئىدى شۇنچىلىك ئوماق،


قوي كۆزى يۇمۇلۇپ پۈكۈلگەن تىزى.




غەزەپتە تۈگۈلگەن مۇشتۇملىرى چىڭ،


ئاھ!گەپ قىلماقچىدەك سەل ئوچۇق ئاغزى.


(بوۋاقلىقىم كەلدى يادىمغا گويا....)


بۇلۇتتەك ئاقىرىپ تۇرىدۇ باغرى.




ئەي سەن سەبىي بالا!


                             ئۆلگەن بىھۇدە،


ئېيت،قايسى نامەرد ئۇ قاتىلىڭ قانخۇر؟


تېرىقچىلىق جېنىڭ خەتەرلىكمۇ يا؟


كىم ئۇ تاپماق بولغان قېنىڭدىن ھۇزۇر؟




نامەلۇم ئۇ ۋەھشى نېمە تاپقاندۇ،


شۇم قولى تىترىمەي ئازاپلاپ بوغۇپ؟


مەجبۇر قىلغانمىدۇ ۋە ياكى بىراۋ؟


كىم بىلسۇن قالدىمۇ ئەيىبدار بولۇپ،


تېخى كۆز ئاچماستىن تۇغۇلۇپلا ئۇ؟




يىگىتمۇ يا قىزمۇ قىلغان جىنايەت؟


مۇھەببەتكە ئەجەپ ئېغىر خىيانەت؟


پاجىئە ئۈستىدە بولسام ئەگەردە،


ئۇكىجان بوۋاقنى ساقلاپ قالاتتىم!


دوستلار!


          جان بەرسەممۇ مەيلى شۇ يەردە،


ئىنسان مۇھەببىتىدىن بەخت تاپاتتىم.




*  *   *




يار يېنىغا بارىمەن دادىل،


شۇ كۈنى قىلىشقان ۋەدىمىز ئۈچۈن.


<<غارىدا سۆيگۈنىڭ بولمىغىن غاپىل>>


دېگەندەك ھەر ياندىن كېلەتتى بىر ئۈن.




ئەي ئاي...


              يۆلەنگەن تېەك غولىغا،


قاراپلا يۈرىكىم جىغ قىلىپ قالدى.


سۇ قۇيۇپ بېرەلمەس ئايمۇ قولىغا،


كۆڭلۈمگە ئىشقىدىن شۇ يار ئوت سالدى.




<<كەلمىگەنمىكىنە؟>>دېسەم ئىنتىزار،


كۈتۈپتۇ تاقەتلىك مېنىڭ سۆيگۈنۈم.


يا سوغۇق يا يامغۇر قىلالماپتۇ كار،


شۇنچىمۇ ۋاپالىق ئىكەن كۆيگىنىم.




تىلسىزمەن....


                   ئالدىدا سىرىمنى كۆزۈم،


جۈپ يۇلتۇز كۆزىگە ئېتىپ تۇرىدۇ.


ھەئە!


      يېنىمغىمۇ باردىم چىن سۆزۈم


مېنىڭ پاكلىقىمنى دىلبەر تۇيۇدۇ.




جۇش ئۇرۇپ فونتاندەك تاغتى شوخ بۇلاق،


كۈمۈشتەك سۈيىگە شولىمىز چۈشكە.


قۇياش چىقتى كۆكتە...


                          بۇلۇتلار يىراق-


قاچتى....


             مەن قارىسام تەبىئەت كۈلگەن.




ئاھ،شۇ ئاچچىق ئىزدىن بەرمىدىم دېرەك،


ئورنى يوق ئېيتىشقا ھېچقاچان،


                                         چۈنكى


قوش يۈرىكىمىزگە سادىقلىق ئەمەك،


ئۆچمەيدۇ بۇ ۋەقە دىلدا شۇ كۈنكى.




بىزنىڭمۇ بالىمىز بولار...


                                بۇ چوقۇم!


تەقدىرى باشقىچە:گۈل قىسىپ ياشار.


كۆزۈمەە ئەركىلەپ كۆرۈندى ئوغلۇم،


ئادەملەر!


             بىر ئۆمۈر بويى بەختىيار.


1957-يىلى ئۆكتەبىر.ئۈرۈمچى.






ئىچىم ئاغرىپ قالدى ئېشەككە





ئىچىم ئاغرىپ قالدى ئېشەككە،


تېزەك پۇراپ ھاڭراپ يىغلىغان.


پاكار جۇپتى چۈشكەندە ئەسكە،


كۆك تىكەنگە دەسسەپ ئىڭرىغان.




ئىچىم ئاغرىپ قالدى ئېشەككە،


ئارتىلغان -تۇز ئارتىلغان ئۇتۇن.


ماڭار قاخشاپ چۆمۈپ توپىغا،


بولۇپ گاھى دالىدا خوتۇن.




ئىچىم ئاغرىپ قالدى ئېشەككە،


توقۇمىدىن ئايرىلىپ قالغان.


چېقىرۋىلىپ جۇۋازدىن يەنە،


ئۆكۈر كەبى ساپانغا قاتقان.




ئىچىم ئاغرىپ قالدى ئېشەككە،


ئاقساپ قالغان تولا مۆدۈرۈپ.


داغدام يولدىن سىقىپ چىقارغان،


ماشىنلار سوقۇپ ئۈركۈتكەن.




ئىچىم ئاغرىپ قالدى ئېشەككە،


يىغىرلىدى ئېچىلىپ كەتكەن...


خىيالدىن ۋاي كەلسەم ئېسىمگە،


ئېشەك ھەيدەپ كېتىۋاتىمەن.


1993-يىلى 8-ئاي.قەشقەر.


ئەسكەرتىش:بۇ تېمىنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن خېلى كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈلدى،بۇ سۆھبەت خاتىرسىنى مۇنبەرگە چىقىرىشقا يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ئاكىمىزنىڭ  قوشۇلۇشى بىلەن تېما مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللاندى.تورداشلارنىڭ تېمىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن ھەم يازغۇچى ئاكىمىزغا بولغان يۈرەك سۆزلىرىنى ئىنكاس ئارقىلىق دېسە،مەن ئۇزۇنغا قالمىغان ۋاقىت ئىچىدە تورداشلارنىڭ يازغان ئىنكاسلىرىنى پىشقەدەم يازغۇچى،شائىر ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ئاكىمىزغا يەتكۈزىمەن.

كامالىي ئېھتىرام بىلەن:مارشال


2012-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى.








بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-29 12:38 AM  


ھازىرغىچە 13 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ahmatxah + 300 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
uyol + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
sazguri + 111 ماختاشقا تېگىشلىك
turkinaz0992 + 100 ئەجرىڭىزدىن سۆيۈندۈم
shoruq + 499 سۇئاللار بەك ئۆتكۈر
nazila998 + 157
ئەلشاھ + 500 ئەھمىيەتلىك تىما !
altunboxuk + 222 ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلى.
qartekin + 500 ھەقىقەتەن ياخشى تىما!
aㄒamaη + 300 نەپلىك تېما ، ئەجىر قى.
زامانى + 500 ئەجىرلىك،نادىر تىما
musilina + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
harsan + 100 ياخشى تېما يوللاپسىز

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 3889   باھا خاتىرىسى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 05:46:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4826
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18515
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6083 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 06:26:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كاتتا ئىش بولۇپتۇ.

ئۆلۈمدىن باشقا ھەممىسى يالغان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1039
يازما سانى: 1244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13874
تۆھپە نۇمۇرى: 376
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 06:42:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ قايسى ۆۇنى قەشقەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىپ كىلدىم لېكىن بىرەر ئۇقۇمۇشلۇق زات بىلەن كۈرۈشۇش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمىگەن بولساممۇ لېكىن سېسىق گىپىدىن ئاز-تولا ئاڭلاپ جاندىن ئۆتكىدەك گەپلىرىنى ئاڭلاپ كەلدىم كىيىنكى قېتىم بارغان ۋاقتىمدا ئاللا خالىسا مەنمۇ  چۇقۇم سىزداك بىرەر ئۇقۇمۇشلۇق زات بىلەن كۇرۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولىمەن............................ئاللاھ خالىسا................

يىيىش ئۈچۈن ياشىماي،ياشاش ئۈچۈن يەڭ====چۇنكى ھايۋانلار يىيىش ئۈچۈن ياشايدۇ----

ئۆلۈمدىن باشقا ھەممىسى يالغان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1039
يازما سانى: 1244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13874
تۆھپە نۇمۇرى: 376
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 06:43:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزنى ئاللاھ بىرەر.....................بىز قىلالمىغان ئىشتىن بىرنى سىز قىلىپسىز ...........ئەجرىڭىز يەردە قالمىغاي.....

يىيىش ئۈچۈن ياشىماي،ياشاش ئۈچۈن يەڭ====چۇنكى ھايۋانلار يىيىش ئۈچۈن ياشايدۇ----

ۋىجدان ھەق-ناھەقتە سىنىلىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 1999
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32879
تۆھپە نۇمۇرى: 5599
توردا: 12083 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 06:44:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مويسىپىتنى كۇندە دىگۇدەك كۇرۇپ تۇرۇمەن.... شۇنداق ھۆرمۇتىم بار ..... پىشىۋايىمىزنىڭ تىنىگە سالامەتلىك ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيمەن

ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27274
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8755
تۆھپە نۇمۇرى: 142
توردا: 1607 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 06:52:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاجى مىرزاھىد كىرىمىگە ئالاھىدە ھۆرمىتىم بار.
تىما ئىگىسىنىڭ  قەشقەر سەپىرى مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك بىر سەپەر بۇپتۇ.
ھاجى مىرزاھىد كېرىمى  بىلەن تەپسىلىي تونۇشۇش شەرىپىگە نائىل قىلغان مارشال ئەپەندىگە تەشەككۈر!

ئاي ئورۇق ، يول تايغاق ، يۈك ئېغىر ، مەنزىل يىراق

ئۆزۈڭنى بىل.......

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4194
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5648
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 914 سائەت
تىزىم: 2010-7-17
ئاخىرقى: 2015-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 06:56:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇننى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم ،بۇ قېتىمقى قەشقەر سەپىرىدە ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن ساياھىتىڭىزنى كۆڭۈللۈك تاماملاپ  سالامەت قايتىپ كەلگىنىڭىزنى بۇ تېمىڭىز ئارقىلىق بىلدىم ،ئەتراپلىق ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت خاتىرسىدىن كۆڭلۈم كۆتۈرلۈپلا قالدى .ئاخىردا ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ئاكىغا سالامەتلىك تىلەش بىلەن بىرگە ،سىزنىڭ قەدەملىرىڭىزگىمۇ يېڭى -يېڭى بەرىكەتلەرنى تىلەيمەن !

http://attirgul.blogbus.com/
http://www.nazugum.com/
http://www.izdiyari.biz/attirgul

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4727
يازما سانى: 626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11698
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 5044 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 07:03:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن ئۆستەڭبويىدا سىزنى كۆرگەن، چۈشتە ئۆتكەنمۇ ئۆتمىگەنمۇ ئۆستەڭبويىدىن...
ئەمەس بولسىڭىز، ئادەم ئوخشىسىمۇ شۇنداق ئوخشامدۇ دەپ ھەيران قىلشىم مۇمكىن....  

مىللەتنىڭ ئارمىيىسى بولمىسا، مىللەتنىڭ ھېچنىمىسى بولمايدۇ
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 07:14:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش