yolkezar يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 08:59 PM 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مارشال ، بۇ قېتىمقى قەشقەر سەپىرىڭ ...
مەن كۆرگەن دەريانىڭ سۇلىرى بىزنىڭ كورلىنىڭكىگە ئوخشاش كۆپكۈك ئەمەسكەن،لاي قىزغۇچ سۇ ئاقىدىكەن،سۇ ئۇ يەردە بەك قىس ئوخشايدۇ،كولىنۋاتقان قۇدۇقلارمۇ ھەقىقەتەن كۆپكەن.
پەيزىۋاتقا قاراپ ماڭسا،ئۆستەڭ ياقىسىدا 500مېتىر يەردە بىر قۇدۇق بار ئىكەن،سۇ دەرياغا قۇيۇلدىكەن،سۇ توختىماي چىقىدىكەن،كۆپ كىشىلەردىن سورىسام،سۇ قىسلىشىپ كەتكەننىڭ ئىشى دەپ چۈشەنچە بەردى.
سۇ قىس بولغانكىن،بوز يەر ئېچىش ئىمكانىيىتى ئاساسەن يوق دەپ ئويلىدىم،چۈنكى،ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇندا تەرەقىيات ئامىلىنى چەكلەۋەتقان ئامىللارنىڭ ھەممىدىن مۇھىمى سۇ ھېسابلىنىدۇ،بۇ سۇ مەنبەسىنىڭ قىسلىقى سەۋەبىدىن،ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ نۇرغۇن تەبىئىي ئورمانلىقلار قۇرۇش،يوقىلىش باسقۇچىغا يول ئاچماقتا.
نۇرغۇن بىنەم،ياخشى يەرلەر يېڭى تەرەقىيات رايۇنى ،يېڭى شەھەر قۇرۇش ۋە كېڭەيتىش قۇرۇلىشى سەۋەبىدىن،ئېلىنىپ كەتكىل تۇرۇپتۇ،مەن كۆرگەن سۇ قىسلىق دىيارىمىزدىكى ھەممە يەرلەردە كەڭ مەۋجۇد ئوخشايدۇ.
ئالدىنقى قېتىملىق دۆلەت زۇڭلىسى جۇرۇڭجى زۇڭلى بولغان چاغلاردا،ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى كادىرلار مەركەزگە تەكلىپ لاھىيسى سۇنۇپ،تارىم دەرياسىنى قوغداش،ئاسراش قۇرۇلىشى تەكلىپ لاھىيسى سۇنغان،زۇڭلى بۇ تەكلىپنى كۆرگەندىن كېيىن،بۇنى چوقۇم ۋاقتىدا قىلىش كېرەك،بولمىسا،دۆلەتكە،تارىخقا يۈز كېلەلمەيمىز دەپ،ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ،تارىم دەرياسىنى قوغداش،ياساش قۇرۇلىشىنى باشلىغان ئىدى.ھاللا بۈگۈنكى كۈندە،نۇپۇسنىڭ كۆپىيىشى،تەرەقىيات سەۋەبلىك،نۇرغۇن ياخشى تېرىلغۇ يەرلەر يوق بولماقتا،بۇ زىدىيەتلەرنىڭ كۆپ بولۇشى نۇپۇسنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى باش ئامىل ھېسابلىنىدۇ.
قانداقلا بولمىسۇن،مەن كۆرگەن ئەزىزانە قەشقەردە ئورمانچىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېردىكەن،كۆكەرتىش ئىشلىرىنى ياخشى ئېلىپ بارغىل تۇرۇپتۇ،ئۇلارنىڭ كۆپىنچسى بۇغداي،قوناق تېرىغاچقا،ئاشلىقتىن بەك ئەنسىرەپ كەتمەيدىكەن،تېرىلغۇ يەر ئاز بولسىمۇ،ھەرخىل ھۈنەرلەرنىڭ ئېگىسى بولۇپ،ئىقتىسادتىن ئىبارەت مۇھىم قورالنى چىڭ تۇتۇشقا ۋە بازارغا يۈزلىنىش ئېڭى بىزنىڭ كورلىغا قارىغاندا يوقىراقكەن دەپ ئويلىدىم.
ھەممە يەردە پەرقنىڭ بولۇشى نورمال ئەھۋال،جۇغراپىيىلىك مۇھىت،يەر ئەھۋالى،نۇپۇس زىچلىقى سەۋەبىدىن ھەممە كىشىدە شۇ مۇھىتقا نىسبەتەن يېتىلدۈرگەن بىرخىل ئاڭ بولدىكەن ئويلىدىم.