ياخشى تەكلىپ بوپتۇ.
توغرا،بەزىدە تالاش-تارتىش بولمىسا بولمايدۇ، ئەمما ھەر ئىشنىڭ چېكى بولىدۇ.
ئاز ساندىكى قېرىنداشلىرىم يەنىلا ئۆزىنىڭ گېپىنى قىلىۋىتىپتۇ. بەزىلىرىڭلارنىڭ مىللەتنىڭ ئىناقلىقىغا تەسىر قىلماسلىق ئۈستىدە گەپ بولۇۋاتسا بۇنداق دېسەڭلار توغرا بولماسمىكىن. مىللەتنىڭ بىرلىكى ئىتتىپاقلىقىغا چاقچاق قىلىشقا بولمايدۇ!
مۇنازىرە قىلىمىز دەپ ئىتتىپاقسىزلىقنى تەشەببۇس قىلمايلى، ئۆزىمىزنى ئويلىمىساقمۇ ئاشۇ سەبىي ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن ئىناقلىقنى مىراس قىلىپ كەتسەك ھاياتىمىز تولىمۇ مەنىلىك بولار ئىدى.
مۇشۇ تور دۇنياسىدا كومپىيۇتىر ئالدىدا ئولتۇرىۋىلىپ ئاغزىمىزدا شەھەر ئېلىپ نېمە پايدىغا ئېرىشتۇق دەيمەن؟
بۇ مەسىلىدە مەندىمۇ سىزدىمۇ ۋە باشقىلاردىمۇ سەۋەنلىك بار، ھەممىمىز ئۆز خاتالىقىمىز ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ غۇرۇرى ئېتىقادى بىلەن ئويناشماي، مىللەت دىن دەپ بۆلۈنمىسەكلا بولدى. دىنىمىزدا ئېتىقاد قىلىش قىلماسلىق ئەركىنلىكى بار، شۇڭا دىنغا ئېتىقاد قىلغانلارمۇ قىلمىغانلارمۇ ھەممىمىز بىر ئۇيغۇر! مۇشۇنى ھەر تىنىقىمىزدا ئۇنۇتمايلى ھە قېرىنداشلىرىم....
تۆت كۈنلۈك ئالەم بۇ، نېمە قىلىمىز ئۆزئارا ئازار بېرىشىپ، مۇنازىرە قىلمىسا بولمايدۇ دەپسىلەر بەزىلىرىڭلار، مىللەتنىڭ جان تومۇرى بولغان ئىناقلىققا تەسىر يېتىدىغانلىكى ئىش بولسا قىلمايلى،سىلەر دېگەندەك بىز مۇنازىرىلەشكىدەك بۇنىڭدىن باشقا پەقەت ئىش يوقما؟؟؟؟؟؟ئەتراپىڭلارغا ئوبدان بىر قاراڭلار.
ھەقىقىي مىللەتنى سۆيگۈچىلەر بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ھالىغا قاراپ ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلىپ قويايلى.
قېنى مەرھەمەت!
/thread-100567-1-1.html