مىسرانىم ئىتتىپاق قىلامدۇ ؟ ئىختىلاپ قىلامدۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! دوسلار، مەن مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولغىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ 120مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بار بۇ مۇنبەردە يېڭلىقلارنىڭ ھەقىقەتەن كۆپلىكنى ،تىمىلارنىڭ ئادەمنى قايىل قىلغۇدەك دەرىجىدە سەرخىلللىقىنى ھىس قىلدىم ،بۇ مۇنبەر ھەقىقەتنمۇ ئۇيغۇر تور مۇنبەرچىلىكىدىكى ئۆلگىلىك باشلامچى مۇنبەر بولۇشقا لايىقكەن ، مىنىڭچە بۇ مۇنبەر ئۇيغۇر جەميىتىدىكى ھەتتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ نوپۇزلۇق ئەرباپلار ،دىنى ئۇستازلار ، ۋە ئىلىم-پەن مائارىپچىللىرى ، ۋە ھەرقايسى قاتلاملاردىكى ھەرخىل ئىددىيەلىك كىشلەر ئەزا بولغان ‹‹بىر كىچىك ئۇيغۇر جەمئىيىتى›› پوتېرىتىنى ،ئىددىيسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن مۇنبەركەن ، ئەمما شۇنىمۇ ھىس قىلدىمكى بۇ مۇنبەردە ‹‹ئۆزۈمنىڭلا توغرا، دۇنيا بىلەن نېمە ئىشىم ›› دەپ كەچكىچە قۇرۇق گەپ يورغىلتىغان بىكارچىلارمۇ جىقكەن ، بىز ئۇيغۇرلاردا ‹‹ھەر كاللىدا ھەر خىيال››، ‹‹لەڭپۇڭچى ئاپتاپ تىلىسە، مايلامچى يامغۇر تىلەپتۇ›› دىگەندەك ماقال تەمسىللەرمۇ بار .
بىر ياخشى تېما مەلۇم بىر ئادەمنىڭ ئىدىيسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ، ئۇ ھەرگىز بىر پۈتۈن جەمئىيەتنى تولۇق ئەكىسى ئەتتۈرۈپ بىرەلمەيدۇ ،ھەر ئاردەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق غايسى ،دۇنيا قارىشى ،قىممەت قارشى بولىدۇ.
ھەر بىر بىر ئادەمنىڭ ئوخشاش شەيئىدىن ئالغان تەسىراتى ئوخشاش بولمايدۇ ، سىز ئىلىم نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغان شەيئىنى يەنە بىرسى دىن نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلدۇ ، لىكىن سىز قوپۇپ ئۇنىڭغا ئۇنداق ئەمەس مۇنداق دەپ ئۆز ئىدىيڭزنى زورلاپ تاڭسىڭىز بولمايدۇ دە !
گەپنىڭ قىسقىسى بۇ مۇنبەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان دەپ تونۇيدىغانلار ، ھەققى ئىسلامنى چۈشەنگەن مۇسۇلمانلار ، ۋە بىر قىسىم ھېسسىي مۇسۇلمانلار، مىللەتچىلەر ، ھېچ قايسىسىغا تەۋە ئەمەس تۇترۇقسىزلار دېگەنگە ئوخشاش بىر نەچچە ‹‹توپ›› دائىم توقۇنىشىدىكەن، ياخشى گەپكىمۇ توقۇنىشقان ،يامان گەپكىمۇ ئوخشاش ، بىر قىسىم مۇنبەر باشقۇرغۇچىلار ھەققىقەت مەيدانىدا ئەمەس ،مەنپەئەت مەيدانىدا تۇرۇپ كىشلەرگە پايدىسىدىن زىينى تولا مۇشۇنداق ئىختىلاپى مەسىللەرنى باش تىما قىلغان ئەسەرلەرنى مۇنبەردە ئۇزۇن تۇرغۇزىدىكەن، مەنپەتلىك تىملار بولسا بىر ئىككى كۈندىلا ئۆچۈپ كەتكەن ، بىر قىسىم ئىنكاسلارغا قارايدىغان بولسىڭىز ئادەمنىڭ كۆڭلى غەش بولىدۇ .
مېنڭچە دىنىي تىملار يوللانسا دىندىن خەۋرى بارلار مۇنازىرلەشسە ،پەننىي تىملار يوللانسا پەندىن خەۋىرى بارلار ئىلمى مۇنازىرلەشسە ، باشقىلار سىرتىدىن كۆرۈپ بىلمىگەننى بىلۋالسا ، ھەممە ئادەم مەنپەئەتلەنسە باشقۇرغۇچىلارمۇ ئىتپاقسىزلىققا ئېلىپ باردىغان تىملارنى مۇنبەردىن ئەھۋالغا قارتا تىزراق ئۆچۈرۋەتسە ، بۇ مۇنبەر ئۇيغۇر مىللىتنى سېسىتىدىغان ‹‹ئېچىتقۇ›› ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرنى تونۇتىغان ،دىلنى سۆيۈندۈردىغان ‹‹تېتىقۇ ››بولسا دەيمەن، ئاخىردا مۇبەرداشلارغا دەيدىغىنم ،ئۆز ئىددىيڭزنى باشقىلارغا تاڭماڭ ، سىز مەڭگۇ سىز ، مەن مەڭگۈ مەن ، شۇنداق بىر تەبلىغ ئاڭلىغانمەن ‹‹ئىنسان كۈلسە خاتىرلىگۈچى پەرىشتە كۈلدى ، دەپ يازىدۇ، كۈلۈمسىرىسە كۈلۈمسىرىدى، دەپ يازىدۇ ، سەكراتىكى كىشى ئىڭرىسا مانچىنى ئىڭرىدى، دەپ يازىدۇ، شۇڭا ئىنسان قىيامەت كۈنى ئەمەل دەپتىرنى كۆرۈپ ۋاي توۋا ! موشۇنچىلىك ئىشلارمۇ يېزىلپتىغۇ دەپ قالىدۇ ›› دەيدىغان ھەمىمىز ئۆزىمىزنى سورايلى ! بۇ ئىتتىپاقلىق مۇنبىرى بولسۇن !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-14 10:36 PM