|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، ھەممىڭلارغا سالام. ئەمدى بۇ مۇراجەتنامىنى يېزىشتىكى مەقسەتكە كىلەي:
ئەلىجان ھېزىم، يۇرتى ئاقسۇ شەھەر قاراتال بازىرى، بۇ يىل 31 ياش، كەسپى دېھقان، ئائىلىسىدە ئايالى ھەم ئۈچ ياشقا كىرگەن بىر قىزى بار. بۇ ئاكىمىز 2010 يىلى ساقىسز بۇلۇپ قېلىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش ئارقىلىق ئاق كان راكىغا گىرىپتار بولغانلىق مەلۇم بولغان. شۇنىڭدىن كىيىن كۆپ قېتىم داۋالىنىش ئارقىلىق كۆپ چىقىپ قىلغان ۋە قەرىزمۇ بۇلۇپ كەتكەن. داۋالىنىش جەريانىدا ئىقتىساد يىتىشمەي ئۆينى ھەم يەرلىنى سېتىپ ھازىرغا قەدەر 600 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسدات كەتكەن بولسىمۇ كېسىلىدە كۆرىنەرلىك ياخشىلىنىش ئالامىتى بولىمغان.(ئاق قان راكىنىڭ قانداق كېسەك ئىكەنلكىنى مەن دىمىسەممۇ كۆپچىلىككە ئاز-تولا مەلۇملۇق). ھازىر بۇ ئاكىمىز ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق دوختۇرخانىسدا داۋالىنۋىدۇ. دوختۇرنىڭ ئەڭ يېڭى دىئاگىنوزىغا ئاساسلانغاندا يىلىك كۈچۈرۈش ئوراسىيەسى قىلىنىش كېرەككەن ھەم بۇ ئوپراسىيە ئۈچۈن 200مىڭ يۈەن كىتىدىكەن.( ھازىر قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئوپراسىيە قىلىنمىسا بولمايدىغان باسقۇچتىكەن) شۇڭا نەچچە يىلدىن بۇيان داۋالىنىپ بارلىق ئىقتىساتلىرىدىن ئايرىلىپ ھەم قەرىزگە بۇغۇلغان بولغاچقا ئەلۋەتتە بۇنچىلىك كۆپ پۇلنى ھەل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا بۇ ئاكىمىز تورغا مۇراجەتنامە ئېلان قىىلىپ تور دۇنياسىدكى بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزدىن ياردەم تەلەپ قىلۋاتىدۇ. تاما-تاما كۆل بۇلار دىگەن گەپ بار بولسا كۆپچىلىك ياردىمىمىزنى ئايىماي قۇلىمىزدىن كېلىشىچە بۇ ئاكىمىزغا ياردەم قىلساق. خالىسانە ياردەمنى سەدىقە ۋە زاكات دىگەنلەرنى مۇشۇنداق ھەقىقى ياردەمگە مۇھتاج مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا قىلساق ئاندىن ھەقىقى ئەھمىيتى بۇلىدۇ.
بۇ خەت بۇ ئاكىمىزنىڭ ئۈزى يازغان مۇراجەتنامىسى
ئالاقىلىشىش تىلفۇن نۇمۇرى 13899207486
بولسا تورداشلارنىڭ بۇ مۇراجەتنامىنى باشقا مۇنبەرگىمۇ كۆپەيتىپ يوللاپ قۇيۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ: ئى مۆمىنلەر! سودا-سېتىق، دوستىلۇق شاپائەت بولمايدىغان قىيامەت كۈنى يېتىپ كىلىشتىن بۇرۇن، سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن مۈلۈكلەردىن ياخشىلىق يوللىرىغا سەرىپ قىلىڭلار.
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-3-7 08:33 AM):
يېزا ئىگىلىك بانكىسى:6228483650548841617 . ئىسمىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى
:艾力江.合孜
تېلفۇن نۇمۇرى 13899207486
بولسا تورداشلارنىڭ بۇ مۇراجەتنامىنى باشقا مۇنبەرگىمۇ كۆپەيتىپ يوللاپ قۇيۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
|
|
|
|
|
|