ئانا تىلنى قوغداش ئۈچۈن ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن ۋە ئائىلىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك. ماڭىمۇ خېلى بولدى، ئۆيدىكلەرگە «توشەي» دېمەي «شىپپەك ياكى ساپما كەش» دېيىشنى، بىڭشاڭ دېمەي توڭلاتقۇ دېيىشنى، دىيەنشى دېمەي تېلېۋىزور، تىلپۇزۇر ياكى دىلبۇزۇر دېيىشنى، لويۇڭ دېمەي ئۈنئالغۇ دېيىشنى، لابا دېمەي ياڭراتقۇ دېيىشنى، ياۋ سەن با دېمەي، بىر يۈز ئوتتۇز سەككىز دېيىشنى ..... ئىشقىلىپ دەپ كەلسەم خېلى كۆپ گەپلەرنى ساپ ئانا تىلىمىزدا دېيىشنى ئۆگىتىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ كېلىۋاتىمەن.
كۆپىنچىلىرىمىز ئۆز كۆڭلىدە؛ مەن ئانا تىلىمىزنى قوغداش ۋە ساپلاشتۇرۇش ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلالايمەن، دەپ ئويلىشى مۇمكىن. مېنىڭچە ھەممەيلەن ماڭا ئوخشاش ئۆزىدىن ۋە ئائىلىسىدىن باشلاپ ساپ ئانا تىلىمىزدا سۆزلەشنى ئۆزلەشتۈرسە، بۇ ئانا تىلىمىزنى قوغداشقا ئەڭ زور تۆھپە قوشقانلىق بولىدۇ.
تۆۋەندىكى تور بېكەت مەنزىلىدە تېخىچە ئۇيغۇرچە نامى مۇقىم بېكىتىلمىگەن ئاتالغۇلار بار. كۆرۈپ باققايسىلەر.
/forum.ph ... 7%D9%84%D8%BA%DB%87
http://www.ilqut.com/bbs/forum.p ... 7%D9%84%D8%BA%DB%87