مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4947|ئىنكاس: 70

ئانا تىلغا كۈچ چىقارغىڭىز بارمۇ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1096
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4460
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1089 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 02:34:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەيكۇم قېرىنداشلار!   
يېقىندىن بىرى ئانا تىل ھەققىدىكى يازمىلار مۇنبەر يۈزىدە ئاۋۇپ قالدى. نۇرغۇن تورداشلار ئانا تىلىنى كۈيلەپ شىئېرلار يازدى. بەزىلەر (ئانا تىل خەتەر ئىچىدە ئەمەس) دەپ. ئانا تىل ئۈچۈن قايغۇرغانلار بىلەن مۇنازىرىلەشتى. ئەمەلىيەتتە ئاناتىلىمىز ئاللىبۇرۇن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىش بىجىرىش ئورۇنلىرىدا چەتكە قېقىلىپ سىقىپ چىقىرىلىدى. يېقىندىن بىرى يەنە ئاتالمىش ( قوش تىل) نامىدا مارىپىمىزدىن سىقىپ چىقىرىلماقتا! . قورۇ ئىچىگە قارايدىغان. بولساق ئۆز باللىرىمىز خەنزۇچە پاراڭلىشىۋاتقان. دىمەك ئانا تىلىمىز مائارىپىمىزدىن سىقىپ چىقىرىلسا تىزلام تۈگىشىدۇ! شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئانا تىلنى قوغداش،  ئانا تىل ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كىلىشىچە ھەركەت قىلىشىمىز لازىم. مەسىلەن : ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز، قانۇن ئارقىلىق ئانا تىلىمىزنى قوغداش جەھەتتتە كۈچ چىقىرىشىمىز كىرەك!  ئانا تىلدىكى ئەقلىفون، كومپىيوتېرلارنى ئىشلىتىپ ئانا تىلىمىز ئىشىلىتىلىشىنى ئاشۇرۇشىمىز كىرەك!  ئانا تىلنىڭ ھۆرمىتىنى بىز قىلمىساق باشقىلار ھەرگىز قىلمايدۇ قېرىنداشلار!  
            
. ئۆزىنى ئۇيغۇر ھىساپلايدىغان ھەربىر ئۇيغۇر،  ئاناتىلىمىز بولغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ خىرىسلىرىغا قارشى تۇرۇپ ئۇيغۇرتىلىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى قوغداپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى ئويلىماي قالمايدۇ. ئەلۋەتتە!  '
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراپ باقساق زاڭزۇلارغا قوش تىل يوق، يەنە قوش تىل ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئانا تىلىغا خىرىس قىلىۋاتقان ئىش يوق، زاڭزۇلارغا پىلانلىق تۇغۇت يوق، زاڭزۇلارغا دىننى سۇسسلاشتۇرۇش، دىننى چەكلەش، ھەمدە ساقال بۇرۇت قويۇشنى چەكلەش، رومال ئاتىشنى چەكلەش، دىگەندەك ئىش يوق! پەقەت بۇنداق سىياسەتلەر بىزدەك ياۋاش مىللەتكىلا يۈرگۈزىلىۋاتىدۇ.
شۇنداق بولسىمۇ بىزنىڭ ئوت يۈرەك زىيالىرىمىزدىن ئاكادىمىك ھوشۇر ئىسلام، ئالىم ئەھەت،  ئۆتكۈر ئەركىن..............قاتارلىق ئانا تىل ئۈچۈن تۆھپە قوشقان شەخىسلىرىمىزنىڭ ئەجرى مىھنىتى،   ئىرپان، بىلكان، قارلۇق، قۇتلان، مۇئەللىم ...........قاتارلىق شىركەتلىرىمىزنىڭ ئانا تىل تەرەققىياتى شۇنداقلا ئانا تىلىمىزنىڭ كومپىيوتېر، تېلفون.......قاتارلىقلاردا تونۇتۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇجەھەتتە يەنى كومپىيوتېر، تېلفون قاتارلىقلارغا تونۇتۇلۇشتا، بولۇپمۇ. wndwos 8 ئۇيغۇرچە تىل بۇلۇقىنىڭ ئېچىلىشى جەھەتلەردە. جۇڭگۇدا" خەنزۇتىلىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىشى، تۈرىك تىللىرى جەھەتتە تۈركىيە تىلىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىشى، ئەرەپ يېزىقىغا مەنسۇپ يېزىقلارغا نىسبەتەنمۇ بۇ جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىشى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئۈزلۈكسىز كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.!
ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلى باشقا ئازسانلىق مىللەتلەر تىللىرىغا قارىغاندا ئۆزىنى ياخشى قوغدىغان. مەسىلەن : يېقىنقى بىر ھۆكۈمەت سىتاستىكىسىدا ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ  ئەھۋالى مۇنداق. :
(1) مۇڭغۇللارنىڭ 30٪مۇڭغۇلچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 40٪مۇڭغۇلچە ئالاقە قىلالمايدىكەن. 70٪مۇڭغۇل مۇڭغۇليېزىقىنى ئوقۇيالمايدىكەن.
(2) 95٪مانجۇ، مانجۇچە سۆزلىيەلمەيدىكەن، مانجۇچە خەتنى ئوقۇيالمايدىكەن.
(3)25٪تىبەت تىبەتچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 70٪تىبەتچە خەتنى ئوقۇيالمايدىكەن.
(4)65٪جۇاڭزۇ، جۇاڭزۇچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 85٪جۇاڭزۇچە خەتنى ئوقىيالمايدىكەن.
(5)10٪ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 20٪ئۇيغۇرچە ئالاقە قىلالمايدىكەن. 30٪ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە خەتنى ئوقۇشتا ساۋاتسىز ئىكەن.
بىرمىللەتنى ئاسىمىلاتسىيە بولۇپ كىتىشتىن ساقلاپ تۇرىدىغان ئۈچ نەرسە بار.(1)تىل يېزىق.(2) دىنى ئىتىقاد.(3) مىللى ئۆرۈپ ئادەت ۋە مىللى مەدەنىيەت. شۇڭا بىزنىڭ دىنىمىز، تىل يېزىقلىرىمىز ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقان بۇلىشى مۈمكىن......قالغىننى بىلگۈچى بىر ئاللا...
  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمى ئۇلۇغ خانلىقلارنى قۇرغان، قەدىمى مەدەنىيەتلىك ئىنىرگىيەسىگە ئىگە ئۇلۇغ مىللەت. ئېنگېلىز تارىخچىسى جەيمز چېچۋودنىڭ 50 يىللىق تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ مىۋىسى بولغان ( مۇ قۇرۇقلۇقى) ھەققىدىكى بايانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ 20 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئەڭ قەدىمى مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. بۇنى بىلگەن جاللات سىتالىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمىيىتىگە تەھدىت ئېلىپ كىلىشىدىن قورقۇپ نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى قىرىپ يوقىتىۋەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى غەربى تۇركىستاندا خېلى كۆپ بولسىمۇ ئۇيغۇرلارغا، قازاق، قىرغىز، ئۆزبەكلەردەك ئاپتونومىيە بەرمىگەن. ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەتلەرگە سىڭىپ كىتىشىگە تۈرىتكىلىك رول ئوينىغان. ھەمدە غەربى تۇركىستاننى سوراشتا،"  قازاق، قىرغىز قاتارلىقلار ياشلىرىنى تەربىيلەپ شۇلاردىن پايدىلانغان. ئۇيغۇرلارنى ئاساسەن ھاكىمىيىتىگە ئىشلەتمىگەن.
دىمەك سىتالىن ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداق ئىچكى ئىنىرگىيەگە ئىگە مىللەت ئىكەنلىكىدىن قورۇققان.  
بىزنىڭ ئانا تىلىمىز مەكتەپلىرىمىزدە چەتكە قېقىلىپ، تەپمە تاياققا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا قۇياشتەك نۇرچاچماقتا.. ... يېقىندا توردا ئىلان قىلىنغان : ئامرىكا قاتارلىق نۇغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشنى ئالى مەكتەپلىرىدە تەسىس قىلغانلىقى بۇنىڭ تىپىك مىسالى...مەن ئوت يۈرەك ئۇيغۇر زىيالىلىرىمىزنىڭ توختىماي ئىزدىنىشى بىلەن ئانا تىلىمىز يوقالمايدۇ!  دەپ قارايمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىز تەڭ،  قولىمىزدىن كىلىشىچە ئانا تىلىمىز تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كىرەك!
قانداق كۈچ چىقىرىمىز؟ مىنىڭچە ئانا تىل ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان ئوت يۈرەكلەرنى قوللاشمۇ ئانا تىل مەۋجۇتلىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلىق بولىدۇ. ھېچ بولمىسا بىلكان، قۇتلان ......قاتارلىق ئانا تىل تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان شىركەتلىرىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ ئىشلەتسەكمۇ ئانا تىل ئۈچۈن كۈچ چىقارغان بولىمىز. مەن ھازىر بىلكان ئەقلىفونىنى ئىشلىتىۋاتىمەن. يېڭىدىن بازاغا سېلىنغاندىلام سېتىۋالغان ئىدىم مەسىلە كۆرۈلمىدى. بۇيازمىنىمۇ مۇشۇ تېلفوندا يېزىۋاتىمەن،  تېلفوندا ئەسەر يوللاۋاتىمەن. قەيەردە ئىلھام كەلسە شۇيەردىلا تېلفون ئارقىلىق خەت يازىمەن. خالىغان يازمىلارنى ماقالىلارنى ئىلكىتاپلارنى ساقلىۋىلىپ ئوقۇپ بىلىم ئالىمەن. شۇنداق قولاي. سەككىز يۆنىلىشلىك لۈغەت، بىر بىرىدىن ئىسىل ئانا تىلدىكى ئەپلىرىنىڭ ھەددى ھىساۋى يوق. ئىھتىياجغا قاراپ ئىشلەتسەك بولىدىكەن. شۇنداق راھەت!
قېرىنداشلىرىم! ئانا تىلنى قوغداش بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەممىمىز ئانا تىل تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان، خاسىيەتلىك ئىشلارنى قىلايلى!  
قولىمىزدىن كىلىشىچە ئانا تىل ئۈچۈن كۈچ چىقىرايلى!
ئۆزىمىزنى ئۇيغۇر ھىساپلايدىغان بولساق ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن ئىككى ئېغىز ھەق گەپ قىلايلى! . ئىش قىلىپ قانچىلىك قىلالىساق، شۇنچىلىك كۈچ چىقىرايلى!  بۇئەلۋەتتە ئۆزىمىزنىڭ بەختى، تەختى شۇنداقلا مەۋجۇتلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كاتتا ئىش!

تۆۋەندىكى شىئېر مىنىڭ ئانا تىلىمغا بولغان سوغۇتۇم.

           ئاناتىل

تەپەككۇرۇم سەندە ياشنار ئاناتىل.
تەسەۋۋۇرۇم سەندىن چاپارئانا تىل،
قانات قېقىپ تەسەۋۋۇرۇم سەن بىلەن،
ھەق نۇرىدا ھىكمەت تاپار ئانا تىل.
مىڭ يىل بۇرۇن شاھ ئەسەرلەريېزىلغاچ،
ئىتىقادىم ساڭا ئاشار ئانا تىل.
خاقانىيە تىلى دىيلىپ قۇياشتەك،
مىڭ يىل بۇرۇن بەرگەن باھار ئاناتىل.
بۇرۇن ئەرەپ تىل بىلەن تەڭ چاپقىنىڭ،
ۋۇجۇدۇمغا غۇرۇر قاتار ئانا تىل.
كىرگەچ ئەمدى كومپىيوتېر بېشىغا،
خىسلىتىڭ تېخىمۇ چاقنار ئاناتىل.
خۇشخەت بىلەن جۇلالىساڭ ئىلاندا،
گۈزەللىكىڭ قايناپ تاشار ئاناتىل.
سىنى كۆرسەم تىنىم يايراپ شادلىنىپ،
سەنسىز دائىم ئىشىم ئاقسار ئاناتىل.

ھازىرغىچە 10 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
loneas + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
dawutjan123 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
matros1 + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
ئېزھار + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
abdulla9543 + 20 ھەممىمىز تەڭ تىرىشايل.
iltebir + 118 ماختاشقا تېگىشلىك
zufri + 10 بەكلا قوللايمەن!!!!!!!!!!!.
sabak + 10 قوللايمىز
orhunogli + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك
nazigul8 + 50 ھەممىمىز قوللايمىز!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 348   باھا خاتىرىسى

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1514
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6612
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 502 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 05:14:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاناتىلى قەدىرلەشكە قوغداشقا مۇھتاج،لىكىن ھەققى ياخشى مەھسۇلات تەشۋىقاتقا مۇھتاج ئەمەس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1514
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6612
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 502 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 05:17:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلنى قوغداش ھەرگىزمۇ ئانا تىل بار تىلفۇننى سىتىۋىلىپ كۆڭۈلنى تەسكىن تاپقۇزۇش ،ۋە ياكى مۇنبەرلەردە شېئىر قوشاقلار ئارقىلىق ئەمەس بەلكى ئەمەلىيىتىمىزدە بولىشى كېرەك! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hekmat110 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-12 05:22 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 22 توغرا دەيسىز!
hekmatkari + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 122   باھا خاتىرىسى

كۈتكەن پەيىتلەر چوقۇم كېلىدۇ .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85909
يازما سانى: 1142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5127
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1250 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 05:24:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1000نەزىريەدىن بىر ئەمىليەت ئەلا ، ئۇكىللىرمىز ئانا تىلمىزنى ھۆرمەت قىلمىسا ئاشۇ بوينىغا كېلىشتۈرۈپ چاڭڭىدا بىرنى سالالىساق ، باللىرمىز ئانا تىلمىزنى ھۆرمەت قىلمىسا گەدەندىن تۇتۇپ ئىككى ئۈچنى پىقىرتالىساق  مانا بۇ ئەۋزەل . . .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uyghardis + 108 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 108   باھا خاتىرىسى

ئېھ ئۇلۇغ ئاللاھ ،  ماڭا مەن كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەردىن كەچۈرۈم سورغىدەك  ،  كۆڭلىمنى ئاغرىتقانلارنى ئەپۇ قىلغۇدەك پۇرسەت ياراتقىن .   

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7535
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7727 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 05:28:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جىق ئادەملەرنىڭ ئاغزىدا بولغىنى بىلەن ئەمىليەتتە يوق.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36675
يازما سانى: 1200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3142 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 05:29:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر شۇنداق ياخشى مەھسۇلاتلار بولسا ئۇلارنى ئىلمىي تەپسىلى چۈشەندۇرۈپ تەۋسىيە قىلساڭلار، ئىھتىياجى بارلار ئىشلەتسە بولىدۇ، ئادەمنىڭ روھىنى ئۇرغۇتالايدىغان ئەسەرلەر بولسا ئىلان قىلساڭلار بولىدۇ.   بىراق بەزى بىر قىسىم ئالدى بىلەن ئادەمدە يوق كىسەلدىن بىر مۇنچە چىقىرىپ قويۇپ ئاندىن بىر مۇنچە دارىسىنى سىتىۋالىدىغان تىۋىپقا ئوخشاش ئىش قىلساڭلار ياخشى بولماس.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
hekmat110 + 22 بايقاپسز دەل جايىنى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 22   باھا خاتىرىسى

اللە ئېشلىرىمىز

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65842
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3741
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2014-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 05:31:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوزىمىزنىڭ ھورمىتىنى ئوزىمىز قىلمىساق باشقىلار تىخىمۇ ھورمەت قىلمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3398
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12646
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 05:36:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىمىز ئۆز ئەمىلىيىتىمىزدىن باشلايلى، مەنمۇ ئۆزۈمدىن ۋە ئەتراپىمدىن باشلىدىم ئەمىسە!

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

كۈچلىىنەيلى..كۈچۇكلەنمەيلى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46963
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4071
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 285 سائەت
تىزىم: 2011-7-7
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 05:41:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى ، خەنزۇ تىلىنى پىششىق ئۇگىنەيلى ، تىلنى جايىدا ئىشلەتسەك بولىدۇ ، ئۇيغۇر بىلەن ئۇيغۇرچە ، خەنزۇلار بىلەن خەنزۇچە سوزلەشسەك بولىدىغۇ ،  ئۇيغۇر تۇرۇپ باشقا مىللەت تىلىدا ئالاقە قىلىش ساپا ئەمەس بەلكى جاپا !
  بىر-بىرىمىز بىلەن خەنزۇچە پاراڭلىشىپ كەتمىسەكمۇ ، پاراڭلىشاي دىسەك نەگە قارىساق بار تۇرسا .
10% ئۇيغۇر ئۇيغۇرچە سوزلىيەلمەيدىكەن . بۇ گەپنى ئاڭلاپ چوچۈپ كەتتىم ، ئىشەنگۇم كەلمىدى ، يۈرۈكۈم ئىچىشىپ كەتتى .........!

دىلى كور ئادەم ن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5079
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11811
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 3046 سائەت
تىزىم: 2010-7-29
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 05:46:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلنى قوغداش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلساق:
1- تۇرمۇش سۆزلىرىنى ئامالنىڭ بارى ئۇيغۇرچە ئاتىساق، سان سىغىلارنىمۇ ئۇيغۇرچە ئاتىساق.
2- ئۇيغۇرچە ئالاقە قىلغىلى بولىدىغان يانتېلېغۇن ۋە باشقا ئىلىكتىرون بويۇملارنى ئىشلەتسەك.
3- ھەر ئادەم ئائىلىسگە ئىگە بولۇپ ئائىلىدە ئانا تىل مۇھىتىنى ياراتساق.
4- ئۇيغۇر تىلىغا دائىر بىلىملەرنى ئۈگەنسەك، ئانا تىلدىكى كىتابلىرىنى سېتىۋالساق...
5- .....
6..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   baburxah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-12 05:47 PM  


بابۇر بىر مەشھۇر پادىشاھ ۋە ھەربى قۇماندان،  ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭ،   1483 - ﻳﯩلى ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش