مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       18792 
  •    ئىنكاس 
       303 

چىڭگىزخان  قەھرىمان  ئەمەس

قەۋەت ئاتلاش
maykol0998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7870

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   179 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6621 (سوم)
 ياخشى باھا:   373 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   508  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2579
 سائەت
دەرىجىسى:
2579 سائەت 171 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-25
ئاخــىرقىسى:2011-12-07
— بۇ تېمىنى ئارقۇ دۇنيادىكى ئىشلار دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2011-10-05) —

ئالدىنقى ھەپتە(17-چىسلا) مۇنبەرگە (ئانا ۋە چىڭگىزخان) ناملىق ئەسەر يوللانغان ئىدى.(تورداش لېمجىن يوللىغانغۇ دەيمەن) مەن ئۇ ئەسەرگە قارىتا (چىڭگىزخاننىڭ تۆھپىسىدىن گۇناھى كۆپ ) دەپ ئىنكاس يازسام ، بەزى تورداشلار  مۇشۇ توغۇرلۇق تەپسىلى توختىلىشىمنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى. نەچچە كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قېلىپ ، بۇ توغۇرلۇق بىر نىمە يازالمىدىم . بۈگۈن ئاران پۇرسات چىقىپتۇ ،شۇڭا بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ،ئۆزەمنىڭ بىلگەنلىرىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم . چىڭگىزخانغا قىزىقىدىغان، ئۇ ئادەمگە چوقۇنىدىغانلار كۆرۈپ باقارسىلەر .    Omd;  
       چىڭگىزخاننىڭ تەرجىمىھالىنى يازمىساممۇ بۇلار ، چۇنكى ھەممىڭلار بىلىسىلەر بەلكىم .(ئۇنىڭ كىنوسىنى كۆرمىگەن ئادەم يوققۇ دەيمەن) مەن بۇ يەردە چىڭگىزخانغا باشقا بىر نۇقتىدىن باھا بەرمەكچى... @ f[-  
    1.  چىڭگىزخان ھاياتىدا بىر ئۆمۈر جەڭ قىلىپ ئۆتكەن ئادەم . بۇ ئادەم ئىگىلىگەن زىمىن ، تارىختىكى ھەر قانداق بىر ھۆكۈمدار ئىگىلىگەن زىمىندىن كۆپ . ھاياتىدا يۈز دىن ئارتۇق شەھەر، قەبىلە، پادىشاھلارنى يوقاتقان . بىر ئاڭلىماققا بۇ ئادەم ئاجايىپ باتۇر، ئۇلۇغ زات دەك بىلىنىدۇ. ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى بۇ ئادەم ، ئالىكساندىر ماكىدونىسكى(ئىسكەندەر زۇلقەرنەئىن)دەك، جاھانغا ئىلىم تارقىتىش ئۈچۈن، ياكى ناپالىون، گېتلېردەك جاھاننى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ، دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن جەڭ قىلغان ئەمەس. بەلكى قوي -كالا، ئات- تۆگە دېگەندەك مال- چارۋا، بايلىق ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھارماي جەڭ قىلغان . ئۇ بارغانلىكى جايدا قورامىغا يەتكەن ئەرلەرنى تولۇق قىرۋەتكەن.(شۇنداق بولغاچقا ، چىڭگىزخاننىڭ ھاياتىدا ئۇنىڭغا قارشى چىقىدىغان دۈشمىنى بولمىغان.) ئاياللار-بالىلارنى قۇل ئورنىدا مۇڭغۇل قوشۇنلىرىغا تارتۇق قىلىپ، تەقسىملەپ بەرگەن . ئۇ ھايات قالغان ، يات قەبىلىدىكى بىرەر ئەرنىمۇ ،كەلگۈسىدە ئۆزى ئۈچۈن كۈچلۈك دۈشمەن دەپ ھېسابلىغان. شۇڭا بارغانلىكى يېرىدە ئەرلەرنى تولۇق قىرۋەتكەن.(بەزى كىچىك قەبىلىلەردە ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك، دەپ ئايرىپ ئولتۇرمىغان.) ئۇنىڭ بۇ سىياسىتى ، تاكى ئۇ ئۆلگۈچە ئۆزگەرمىگەن . ئۇ ئۆمىرىدە يۈز دىن ئارتۇق شەھەر، رايۇن، قەبىلىلەر بىلەن جەڭ قىلغان. لىكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەرسىمۇ، چىڭگىزخانغا ئاۋال جەڭ باشلىمىغان. (چىڭگىزخان ئۆزىنى قاخان ئاتاشتىن بۇرۇن، ھوقۇق تالىشىپ ئۆز قەبىلىلىرى ئىچىدە قىلغان كىچىك ئۇرۇشلار بۇنىڭ سىرتىدا) ھەممىسىگە چىڭگىزخان، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ۋاستىسىنى قوللىنىپ، ئۆزى ئاۋال جەڭ باشلىغان. نۇرغۇن كىچىك قەبىلە، شەھەرلەردە بىرمۇ ئادەمنى ھايات قويماي ، تولۇق قىرۋېتىپ مال-دۇنيا بۇلىغان. بۇنداق خارابىلىققا ئايلىنىپ قالغان قەدىمى  شەھەرلەر ، بىزنىڭ شىنجاڭدىمۇ كۆپ . يوقۇلۇپ كەتكەنلىرى قانچىلىك، باشقا مىللەت ، رايۇنلاردا قانچىلىك.. . بۇ توغۇرلۇق ، ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار يوق. تارىخى كىتابلاردا بەزى شەھەرلەرنىڭ، تۇيۇقسىزلا ئادەمسىز خارابىلىققا ئايلىنىپ قالغانلىقى توغۇرسىدىكى مەلۇماتلار كۆپ ئۇچىرايدۇ. يېقىندا مۇڭغۇلىيەدىكى قەدىمكى ئۇيغۇرلار قۇرغان ، قەدىمى شەھەر خارابىسى بايقالدى.(بۇ خەۋەر توردىمۇ ئېلان قىلىندى. تورداشلار كۆرگەن بۇلىشى مۇمكىن.) مۇشۇ خارابىلىققا ئايلانغان شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى، ئاشۇ چىڭگىزخاننىڭ بىزگە قالدۇرغان يالدامىسى. چىڭگىزخان ھاياتىدا مال-دۇنيا بۇلاش ئۈچۈنلا جەڭ قىلغان، ھەم كەلگۈسىدە دۈشمىنى بولماسلىق ئۈچۈن ،بارغانلىكى يېرىدە ئادەملەرنى ئۆلتۈرۋەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بىرەر ئۇلۇغ غايە-نىشان ئۈچۈن جەڭ قىلىپ ، ئادەم ئۆلتۈرگەن ئەمەس. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇ ھەرگىزمۇ، ھۆرمەتلەپ چوقۇنغۇدەك باھادىر قەھرىمان ياكى بىر ئۇلۇغ زات ئەمەس. :>-zT[Lcn  
2. مەدېنىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ، بۇ ئادەم مەدېنىيەت  ياراتقۇچى ، تارقاتقۇچى ياكى بىر مەدېنىيەت قوغدىغۇچى ئەمەس. بەلكى ئەكسىچە مەدېنىيەت يوقاتقۇچى. چىڭگىزخان ھۆكۈم سۈرگەن دەۋېرلەر، ئەرەپ ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى چارۋىچى ۋە يېرىم چارۋىچى يېرىم دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، كۆچمەن ۋە مۇقىم ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا مەدېنىيەت  تازا گۈللەنگەن ۋەياكى گۈللىنىۋاتقان دەۋېر ئىدى.جۈملىدىن بىزمۇ شۇنداق ئىدۇق.(مەھمۇت قەشغەرى، نەۋائى، فارابى......قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى گۈللەنگەن ئەرەب-پارىس مەدېنىيىتىنىڭ تەسىرىدەبارلىققا كىلىپ، بىزگە ۋە باشقىلارغا مەدېنىيەت جەھەتتە زور تەسىر كۆرسەتكەن.) مۇشۇ مەدېنىيەتلەر ھەم شۇ مەدېنىيەت رايۇنلىرى، مۇشۇ چىڭگىزخاننىڭ سەۋەبىدىن ئۆچتى ھەم يوقالدى. ئەينى ۋاقىتتا ئەرەبلەر مەدېنىيەت جەھەتتە دۇنيانىڭ باشلامچىسى ئىدى. ئەرەب رايۇنىدىكى دۆلەتلەر  مەدېنىيەت بۆشۈكى ھەم ئەدىب-ئۆلىما ، پەيلاسوپلار يىغىلغان مەدېنىيەت مەركىزى ئىدى. چىڭگىزخان ئۇ يەرلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ بېرىپ، ھەممە نەرسىنى يوق قىلدى. ئېلىپ كەتكىلى بولىدىغان بايلىق ھېسابلىنىدىغانلىكى  نەرسىنىڭ ھەممىنى ئېلىپ كەتتى. ئوخشاشلا ئاۋام-پۇخرالارنى قىرغىن قىلدى.(تارىخى خاتىرىلەردە خاتىرلىنىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا چىڭگىزخاننىڭ قوشۇنى خارازىم، ئوترار ۋە باشقا شەھەرلەرنى ئگىلەپ بولغاندىن كىيىن، قىرىق نەچچە كۈن توختىماي خەلىقنى قىرغان.) بۇ جەرياندا قانچىلىك ئىلىم ئەھلى زاتلارنىڭ ئۆلگەنلىكى، قانچىلىك مەدېنىيەتنىڭ بۇزۇلغان، يوقالغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۇ ئۆلتۈرۋەتكەن بىگۇناھ ئاۋام پۇخرانىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىشمۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭدىن كىيىن تارىختا گۈللەنگەن ئەرەب ۋە باشقا مەدېنىيەتلەر تامامەن ئۆچتى ۋە بەزىلىرى يوقالدى. ھەتتا ئەرەبلەر ۋە بەزى رايۇن مەدېنىيىتى تا ھازىرغىچە ئەسلىگە كەلگىنى يوق. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندىمۇ، چىڭگىزخان ھۆرمەتلەشكە تېگىشلىك قەھرىمان، ئۇلۇغ زات ئەمەس. ئەكسىچە ئىنسانىيەت مەدېنىيىتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ جاللات دۈشمىنى .   cXXZ'y>FP  
      3 .  چىڭگىزخاننىڭ بىر ئادئىمىيلىك ، ئىنسانىيلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ، بۇ ئادەمنىڭ ھۆرمەتلەشكە تېگىشلىك، ياكى ئادەم قايىل بولغۇدەك بىرەر ئەخلاق - پەزىلىتى يوق. چىڭگىزخان ئىنتايىن گۇمانخور، ھېچكىمگە ئىشەنمەيدىغان ئادەم بۇلۇپ، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئەتىراپىدىكى ئەڭ سادىق، ئەڭ رېقىن ئادەملىرىگىمۇ شۇنداق. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، ئۇ ھازىرقى جۇڭگۇنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنىڭ ئالتۇن ،يىپەك ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ئىگەللەشنى ئويلاپ، ئوغۇللىرى ۋە نەۋىرىلىرىگە ، قول ئاستىدىكى قوشۇنلىرىدىن ياردەمگە قوشۇن چىقىرىشقا پەرمان چۈشىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تەڭرى تاغ ئەتىراپىدىكى يايلاقلارنى بۆلۈپ بەرگەن چوڭ ئوغلى(جۇچى) ئاغىرىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك، قوشۇن باشلاپ ياردەمگە بارالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئاتىسى چىڭگىزخانغا خەۋەر ئەۋەتىدۇ. لىكىن چىڭگىزخان بۇنىڭغا ئىشەنمەي، ئوغلىنى ئۆزىگە قارشى چىقىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالماقچى دەپ ئويلاپ، جەنۇبتىكى جەڭدىن ۋاز كېچىپ، ئوغلىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئۆزى قۇشۇن باشلاپ كېلىدۇ.(بۇ ۋەقەلىك كىنوسىدىمۇ چىقىدۇ.) ئۇ ئۆزىنىڭ پەرمانىغا بويسۇنمىغان، ياكى باشقىچە پىكىردە بولغان ھەر قانداق ئادەمنى ، دۈشمىنىم دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇ ئەرەب دۆۋلەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن قۇشۇن باشلاپ ماڭغاندا، قۇشۇننىڭ يۇرۇش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن،( قۇشۇندىكىلەرنىڭ جەڭ غەلبە قىلىشتىن بۇرۇن توي قىلىش، توي قىلغانلارنىڭ بالىلىق بۇلىشى قەتئىي چەكلىنىدۇ. پەرمانغا بويسۇنماي ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار بايقالسا بىردەك كاللىسى ئېلىنىدۇ.) دەپ پەرمان چىقارغان. ئىككى يىل ئۆتكەندىن كىيىن (بۇ چاغدا قۇشۇن ئەرەب رايۇنىغا يېقىنلاپ قالغان ئىدى. خاتىرلىنىشىچە چىڭگىزخان قوشۇنى ئۈچ يىلدىن كۆپىرەك ۋاقىتتا يىتىپ بارغان) ئۇنىڭ داڭلىق كەشتىچىسى(بۇ ئايال ئەسلى جەنۇبتىكى بىر جەڭدە ئولجا ئېلىنغان ئايال بولۇپ، كەشتىچىلىك ھۈنىرى ياخشى بولغاچقا ئۇنى ئۆلتۈرمەي، يايلاققا ئېلىپ كەلگەن. كىيىن بۇ ئايال بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرىب قىلىپ،غايەت چوڭ بىر ئەجدېھا سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بايراقنى كەشتىلەپ چىققان. ھەم ئۇ بايراقنى چىڭگىزخاننىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ سىموۋۇلى سۈپىتىدە، چىڭگىزخانغا سوۋغا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن چىڭگىزخان بۇ قۇلغا ئلتىپات كۆرسىتىپ، باشقا قۇللاردەك تېزەك تېرىپ، كالا ساغمىسىمۇ بۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.) نىڭ بىر بالا تۇغقانلىقى توغۇرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ قالىدۇ. ھەم دەرھال قوشۇننى يۈرۈشتىن توختىتىپ، بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈرۈپ ئېنىقلايدۇ. نەتىجىدە بالىنىڭ دادىسىنىڭ ، ئۆزىنىڭ سادىق، باتۇر سەركەردىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇ سەركەردىنىڭ نەچچە ئاي بۇرۇنقى بىر كىچىك جەڭدە يارلىنىپ ،ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىدۇ. لىكىن شۇنداقتىمۇ چىڭگىزخان كاللىسىنى ئېلىش پەرمانىنى ئىجرا قىلىشنى بۇيرۇيدۇ. ئەتىراپىدىكى باشقىلار ، تىزلىنىپ يالۋۇرۇپ، ئۆزىگە بىر ئۆمۈر ئەگەشكەن ئاشۇ سادىق، باتۇر سەركەردىسىنىڭ ھەم بۇ كەشتىچى قۇلنىڭ، چىڭگىزخان ھاكىمىيىتىنىڭ سىمۇۋۇلى بولغان، ئەجدېھا نەقىشلىك بايراقنى كەشتىلەپ بەرگەنلىكىنىڭ يۈز خاتىرىسىنى قىلىپ، بۇ ئانا-بالىنىڭ  جېنىدىن كىچىشنى ئۆتىنىدۇ. چىڭگىزخان ئەتىراپىدىكىلەرنىڭ تەلىپىنى رەت قىلالماي، پەرمانىنى ئۆزگەرتىپ،ئۇ ئايالغا شاپائەت قىلىپ، تېنىنى پۈتۈن قالدۇرىدىغانلىقىنى،لىكىن پەرمانغا بويسۇنمىغانلىقى ئۈچۈن چۇقۇم ئۆلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، ئۇ ئايالنى ، بىر تەرىپىگە تاش باغلانغان ئارغامچىنى ، تۆگىنىڭ دۈمبىسىدىن ئۆتكۈزۈپ،يەنە بىر تەرىپىنى ئۇ ئايالنىڭ بوينىغا سىرتماق قىلىپ سېلىپ، تۆگىنى ئۆرە تۇرغۇزۇپ قۇيۇپ ئېسىپ ئۆلتۈرگۈزۋېتىدۇ.ئۇنىڭ بالىسىنى تىرىك كۆمدۈرۋېتىدۇ. مانا بۇ  چىڭگىزخاننىڭ  باشقىلارغا قىلغان ئاتالمىش چوڭ شاپائىتى....   ^[hAj>7_8$  
ئالدىنقى ھەپتە مۇشۇ مۇنبەرگە يوللانغان(ئانا ۋە چىڭگىزخان) ناملىق ئەسەردىمۇ شۇنداق. ئۇنىڭدا بىر ئانا ، چىڭگىزخاننىڭ قورامىغا يەتكەن ئەرلەرنى قىرىش پەرمانىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، چىڭگىزخانغا يالۋۇرۇپ، يالغۇز نەۋرىسىنىڭ جېنىدىن كىچىشنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۆلۈشكە رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. چىڭگىزخان ئۆزىنى مېھرىبان، شاپائەتچى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بۇ ئفنخنخڭ تەلىپىگە قوشۇلىدىغانلىقى، لىكىن بۇ ئانىنى ئۆلتۈرمەي پەقەت تىلىنى كېسىپ، كۆزىنى ئۇيىۋالسىلا بۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. )   py6 
      ئويلاپ بېقىڭلار ، بىر ئانىنى ئۆلتۈرمەي تىلىنى كېسىپ، كۆزىنى ئۇيىۋالسا....... كاللىسىنى ئالماي، تۆگىگە ئېسىپ بوغۇپ ئۆلتۈرسە، بۇ شۇ ئادەمگە مېھرىبانلىق، رەھىم-شەپقەت قىلغانلىق بۇلامدۇ؟....   C-pR$WM:HN  
      چىڭگىزخان ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىللەردە ھەرخىل ئۇسۇللاردا ئادەم ئۆلتۈرۈپ سىناپ باققان. مەسىلەن:  ئادەمنىڭ پۇت-قوللىرىنى تۆت ئاتقا باغلاپ تۆت تەرەپكە تارتقۇزۇپ پارچىلاش، كالا تېرىسىگە يۆگەپ تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈش، تۆگىگە ئېسىپ ئۆلتۈرۈش، ئاتقا سۆرىتىش يەنە چاناش، بۇغىزلاش، تىرىك كۆمۈش ، ئوتتا كۆيدۈرۈش، قايناۋاتقان مايغا سېلىپ ئۆلتۈرۈش، مىخ قېقىپ ئۆلتۈرۈش.......دېگەندەك . مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىدىن بۇ ئادەمنىڭ قانچىلىك قانخور ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس. بۇ ئادەمگە ئەرەبلەر ئەڭ ئۆچ . چۈنكى ئەرەبلەرنىڭ مەدېنىيىتىنى ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنى، چىڭگىزخان قوشۇنى يوقاتقان . بۇنىڭ ئىچىدە دۇنياغا داڭلىق ئۆسۈملۈكشۇناس، يازغۇچى، شائىر ھەم پەيلاسوپ، نۇرغۇن دورا ئۆسۈملۈكلىرى، خۇشپىراق ماتىرياللارنى بايقىغۇچى ھەم ئەمبەر، ئەتتىر ......قاتارلىق نۇرغۇن خۇشپىراق مەھسۇلاتلارنىڭ ئىجاتچىسى بولغان( ئەتتار  ) مۇ   بار .   &%J{uRp  
        (بۇ ئادەم ئەسلى خۇش پىراق دورا ماتىريالى ساتقۇچى بۇلۇپ، شۇ زامانلاردا ئەرەبلەرنىڭ خۇش پىراق دورا ماتىرياللىرى داڭلىق ئىدى. كىيىن بۇ ئادەم 15 يىل ۋاقىت سەرىب قىلىپ، تاغ-ئېدىر، چۆل-جەزىرىلەرنى كېزىپ يۇرۇپ نۇرغۇن يېڭى خۇشپىراق ئۆسۈملۈكلەر ۋە دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى بايقىغان ھەميىغىپ خاتىرلەپ، ئۇلاردىن يېڭى بىر خىل خۇشپىراق مەھسۇلاتلىرىنى ياساپ چىققان. ھەم نۇرغۇن شاگىرت تەربىيلەپ باشقىلارغا ئۆگەتكەن.  پۈتۈن ئەرەب رايۇنىدا ئۇنىڭ نامى چىققان. بىر كۈنى ئۇ دۇكىنىدا شاگىرتلىرى بىلەن ئادىراش ئىشلەۋاتقاندا، بىر قەلەندەر دەرۋىش ئۇنىڭ دۇكىنى ئالدىغا كىلىپ، ئازىراق سەدىقە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەتتار بەك ئالدىراش بولغاچقا گەپ قىلماي ئىشىنى قىلىۋەرگەن. لىكىن ئۇ ئادەتتە، كۈنىگە ئاز دېگەندىمۇ ئون نەچچە قەلەندەرگە سەدىقە بېرەتتىكەن. ئەزەلدىن قەلەندەرلەرنى قۇرۇق ماڭدۇرمايدىكەن.لىكىن ئۇ كۈنى ئۇ بەك ئالدىراش بولغاچقا ھەم يېزىۋاتقان خۇشپىراق مەھسۇلات ياساش توغۇرىسىدىكى كىتابىنى ئويلاۋاتقاچقا، ئۇ قەلەندەرگە دېققەت قىلمىغان. بىر ئازدىن كىيىن ئۇ قەلەندەر دۇكانغا كىرىپ، ئەتتارنىڭ ئالدىغا كىلىپ، سەن ئۆزەڭنىڭ قانداق ئۆلىدىغانلىقىڭنى بىلەمسەن؟ -  دەپ سورىغان. ئەتتار ھەيران بولغان ھالدا سەل ئويلىنىپ، سەن قانداق ئۆلسەڭ مەنمۇ شۇنداق ئۆلىمەن . - دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ قەلەندەر خۇرجۇنىدىن تاماق يەيدىغان تۈمۈر قاچىسىنى چىقىرىپ، مەن مۇنداق ئۆلىمەن. قاراپ تۇر... دەپلا، تۈمۈر قاچا بىلەن ئۆزىنىڭ بېشىغا بىر نەچچىنى قاتتىق ئۇرغان، ھەم يىقىلىپ چۈشۈپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۆلۈپ قالغان. ئەتتار نىمە ئىش بۇلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ تۇرۇپلا قالغان. دۇكان ئىچىگە ئادەملەر لىق توشۇپ كەتكەن. ھەممە ئادەم ھەيران قېلىشقان. شۇ ئىشتىن كىيىن ئەتتار، خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئېسىنى يىغالماي، سەۋدائى بولۇپ قالغان. چۈنكى بىر قەلەندەرنىڭ بۇ ئىشى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغان. كىيىن ئۇ دۇكىنىنى شاگىرتلىرىغا بېرىۋېتىپ، ئۆزى كىتاب-يازمىلىرىنى ئېلىپ، دەرۋىش بۇلۇپ كەتكەن. نۇرغۇن جايلارغا بارغان. جەمىئەتنى، ئىنسانلارنى كۆزەتكەن. ئەدەب-ئەخلاق، قانۇن-تۈزۈمنى تەتقىق قىلغان. بۇ جەرياندا نۇرغۇن شېئىر، پەلسەپە ئەسەرلىرىنى يازغان. ھەم تېخىمۇ نام چىقىرىپ ھەممە ئادەم ئۇنى تونۇپ كەتكەن. چىڭگىزخان قوشۇنى باستۇرۇپ كىلىپ، قىرغىن قىلغاندا ئۇنىمۇ ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا باشقىلار كۆرۈپ ، بۇ ئادەم بەك ئۇستا دورىگەر، يەنە نۇرغۇن ھۈنەر بىلىدۇ، ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار دەپ يالۋۇرۇپ ئۇنى قۇتقۇزۋالغان. (چىڭگىزخان قوشۇنى ھۈنەرۋەنلەرنى ئۆلتۈرمەي، يايلاققا ئېلىپ كىتىپ قۇل ھۈنەرۋەن قىلاتتى.) شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ھۈنەرۋەنلەر بىلەن بىللە باغلاپ، يايلاققا قاراپ ھەيدەپ ماڭغان. شەھەر سىرتىغا چىققاندا بىر ئىلىم ئەھلى باي ئۇنى تونۇپ، مۇڭغۇل سەركەردېسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ، (بۇ سەركەردە چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى قۇبىلاي ئىدى.) ئەتتارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، بۇ قۇلۇڭنى ماڭا سېتىپ بەر، ساڭا بەش يۈز ئالتۇن تەڭگە بېرەي دەيدۇ. قۇبىلاي بۇ قۇل تېخىمۇ كۆپ پۇلغا يارايدىغان قۇل ئوخشايدۇ دەپ، ئۇنى ساتماي ھەيدەپ كېتىدۇ. شەھەردىن چىققاندىن كىيىن، قۇبىلاي باشقا بىر مۇڭغۇل سەركەردە بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ، ئاۋۇ قۇلنى بەش يۈز ئاتۇن تەڭگىگە ساتمىدىم -دەيدۇ. ئۇ مۇڭغۇل سەركەردە قاتتىق كۈلۈپ، بەش يۈز ئالتۇن تەڭگىگە يارايدىغان قۇل بۇلامدۇ، يەنە كىلىپ مۇشۇ قەلەندەر سىياق قېرى...(بۇ چاغدا ئەتتار خېلىلا قېرىپ قالغان ئىدى.) ماڭا بەرسەڭ ئىككى تاغار سامانغا تېگىشمەيمەن - دەپ كۈلىدۇ. بۇ چاغدا ئەتتار قۇبىلايغا، ئۇنىڭ دېگىنى توغرا . مەن ئادەتتىكى بىر ئادەم . ئۇنداق كۆپ پۇلغا يارىمايمەن -دەيدۇ. قۇبىلاي قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، قېلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپلا ئەتتارنى چاناپ ئۆلتۈرۋېتىدۇ.  باشقىلار ئۇنىڭ خۇشپۇراق دورا-ماتىرياللار ياساش تېخنىكىسىنى،  ئۇ يازغان كىتابتىن كۆرۈپ ئۆگۈنۈپ ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەرب دۆلەتلىرىگە كەڭ تارقالغان. گېرمانىيەدە بەكرەك تەرەققى قىلغان. كىيىن ئۇرۇش پارتىلاپ يىنىك سانائەت ۋەيران بولوپ، ئۇرۇشتىن كىيىن فىرانسىيە ئەتتىر ياساش تېخنىكىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، ھەرخىل پۇراخلىق ئەتتىرلەرنى ياساپ چىققان ھەم بۇ ساھەدە دۇنيانىڭ ئالدى بۇلۇپ، فىرانسىيەنىڭ ئەتتىرى دۇنياغا داڭلىق بۇلۇپ قالغان. ئەتتىر دىگەن بۇ نام تا ھازىرغىچە ئاشۇ ئەتتار نىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە........ گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ باتۇر قوشۇنلىرى، بىزگە ياكى باشقا بىرەر مىللەت، قەۋىمگە ۋە ياكى بىرەر ئاددى پۇخراغا ياخشىلىق قىلىپ ، مېھىر-شەپقەت قىلغان ياكى ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىرەر ئۆچمەس ئۇلۇغ ياخشى قىلىپ بەرگەن ئەمەس. پەقەتلا بۇلاڭچىلىق قىلىش جەريانىدا باشقىلىرنىڭ كىيىن ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ، پۇخرالارنى قىرىۋېتىپ، شەھەر- رايۇنلارنى ئىگىسىز ھالغا ئەكىلىپ قويغان. بۇنىڭ بىلەن تەبىئيلا بىپايان زېمىن ئۇنىڭ ئىلىكىگە ئۆتۈپ قالغان. چىڭگىزخان ئۆلگەندىن كىيىن ، ئەۋلاتلىرى ئىچكى جەھەتتىن زىدىيەتلىشىپ بىر-بىرىنى قىرىپ تۈگەتكەن. ھايات قالغانلىرىنىڭ جاھان سورىغۇدەك ھالى قالمىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ چوڭ زىمىننى مانجۇلار باشقۇۇرغان. تاكى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلاپ، چەتئەللىكلەر ئاستىرىتتىن ياردەم قىلىپ مانجۇ پادېشاھلىقىنى ئاغدۇرغانغا قەدەر 500 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت، بۇ چوڭ زىمىننى مانجۇلار باشقۇرۇپ بەرگەن. ھازىرقى يېڭى جۇڭگۇ ئاشۇ  چىڭگىزخان ئىگىلىۋالغان زىمىننى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغاچقا، چىڭگىزخاننى تۆھپىكار سۈپىتىدە مەدئىھلەپ، ئۇنى قامەتلىك ، باتۇر قىلىپ(ئەمىلىيەتتە چىڭگىزخان پاكار، يۇمىلاق يۈز، خام سېمىز ئادەم) (تارىخى كىتابلاردا شۇنداق خاتىرلەنگەن.) كىنوسىنى ئىشلەپ چىقتى. لىكىن بۇ ئادەم بىز ئۈچۈن ياكى باشقا بىرەر مىللەت ئۈچۈن تۆھپىكار، باتۇر قەھرىمان ئەمەس. بەلكى ئۇنى مىللىتىمىزنىڭ قانخور دۈشمىنى دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. چۈنكى چىڭگىزخان بىز ئۇيغۇرلارنىمۇ ئاز قىرمىغان. ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقان. مەسىلەن: مۇڭغۇل يېزىقىنى ئىجاد قىلىپ بەرگەن ھەم ئۇلارغا ئۆگۈتۈپ، تەربىيلىگەن. ئۇيغۇر ھۈنەرۋەنلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن قېلىچ، نەيزە، پىچاق ھەتتا زەمبىرەك ياساپ بەرگەن. دۇنيادا يەر كۆلىمى جەھەتتە تەڭداشسىز ئوردا سېلىپ بەرگەن.(ھازىرقى بېيجىڭ تىيەن ئەنمېندىكى خان ئوردېسى شۇ.) ئۇيغۇر سەركەردىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن جەڭ قىلىپ، جەنۇبتىكى چوپ شەھەرلەرنى ئېلىپ بەرگەن. .... لىكىن چىڭگىزخان بۇلار ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىشنىڭ ئورنىغا، داۋاملىق ئۇيغۇرلاردىن ئېغىر باج-سېلىق يىغقان. ھۈنەرۋەنلەرنىڭ بۇيۇملىرىنىمۇ بىرەر تەڭگە پۇل تۆلەپ ئالغان ئەمەس. نۇرغۇن ئۇيغۇر ئەرلەرنى ئەسكەرلىككە تۇتۇپ ئېلىپ كەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەرسىنىڭ ھايات قايتىپ كەلگەنلىكى توغۇرلۇق بىرەر يازما خاتىرە ھازىرغىچە تېپىلغىنى يوق. نارازى بولغان، بىرەر ئېغىز گەپ ياندۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭمۇ سانى يوق. ھەتتا جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يۇرتنى تاشلاپ كەتكەنلەرنىمۇ قوغلاپ يۈرۈپ قىرغان. (ھازىرقى تۈركىيەنىڭ ئاناتولىيەدىكى ئۇيغۇرلار شۇنىڭ ئىسپاتى.) تاكى قىزىل دېڭىزغا بارغۇچە ئۇيغۇرلارنى قوغلاپ قىرغان. بۇيىل ئەتىيازدا ئامىرىكىدىكى ئالىملار، ئامىرىكىنىڭ ئەسلى مىللىتى بولغان ھىندىئانلارنى، ئەينى چاغدىكى چىڭگىزخاننىڭ قىرغىنچىلىقىدىن قىچىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار دەپ ئېلان قىلدى. (بۇ خەۋەر توردىمۇ ئېلان قىلىنغان . تورداشلار كۆرگەن بۇلىشى مۇمكىن.) جان ساقلاش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنچە يىراققا كەتكەنلىكىدىن، ئەينى چاغدىكى چىڭگىزخاننىڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلمەك تەس ئەمەس. ( مۇڭغۇللار سۇغا كىرمەيدىغان بولغاچقا، دېڭىزدىن ئۆتۈپ قوغلىمىغان. )(مۇڭغۇلنىڭ ئېتىنى سۇغۇرۇپ، پۇلىنى ئال - دېگەن تەمسىل بىكار تارقالمىغان.)   @$slGY  
               ئاخىرىدا تورداشلارغا شۇنى دېمەكچىمەنكى، چىڭگىزخان بىز ئۈچۈن ياكى باشقا بىرەر مىللەت ئۈچۈن، باھادىر قەھرىمان ئەمەس. ئۇنى ھۆرمەتلەپ، ئۇنىڭغا چۇقۇنۇپ كېتىشنىڭ ھېچبىر ھاجىتى يوق.   dv+Gv7&2/  
              يەنە شۇنىمۇ دېگىم كىلىۋاتىدۇ. باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى قەھرىمان ، بەلكىم بىزنىڭ ئەشەددى دۈشمىنىمىز بۇلىشى مۇمكىن...... شۇڭا كۆپچىلىككە ، باشقىلارنىڭ شۇئارىغا قارغۇلارچە ئەگەشمەي، ئاق-قارىنى ئېنىڭ ئايرىپ، ئويلىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.   {S0-y  
             چىڭگىزخان توغۇرلۇق بىلىدىغانلىرىم مۇشىنچىلىككەن... باشقا تورداشلارنىڭ باشقىچە كۆز قارىشى بولسا ئوتتۇرغا قۇيارسىلەر.... f )Lcs  
مەنبە:  تۇرغۇنجان تۇرسۇن - جاھىل   NuOA'e+i  
,ye}p 1M  
(wj:Gc  

تېما تەستىقلىغۇچى : ئارقۇ
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-05, 23:54
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 5 پارچە مۇنبەر پۇلى +122
hazniqi مۇنبەر پۇلى +10 11-01 تارىخيى پاكتىلار قالايمىقان تېما
armanim三 مۇنبەر پۇلى +1 10-25 ۋاي قېرىندىشىم ئاجايىپ تىمىكەن جۇمۇ
abdilla مۇنبەر پۇلى +1 10-13 ئەپتى بەشرىسنى ياخشى ئېچىپسىز
bzkm مۇنبەر پۇلى +10 10-09 كۆڭلىمىزدىكىدەك تىما ئىكەن
sapdil مۇنبەر پۇلى +100 10-06 -
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
قىزلانى چىرايلىق كۆرسىتىدغان نەرسە ھايا ۋە نۇمۇس!
sarsan1117
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8592

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   317 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6498 (سوم)
 ياخشى باھا:   259 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   302  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2666
 سائەت
دەرىجىسى:
2666 سائەت 84 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-31
ئاخــىرقىسى:2011-12-11
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-06

خۇددى چىڭگىزخاننىڭ قوشنىسى يازغاندەكلا تېما بوپتۇ بۇمۇ !~~~! yeyDB>#Va.  
FS}b9sQ)  
داۋاملىق ، ئەڭ ئاخىرقىسىنى ساقلايمىز ئەمىسە !~~!
 
nazuk3
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.43767

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   12 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   61 (سوم)
 ياخشى باھا:   10 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 689
 سائەت
دەرىجىسى:
689 سائەت 81 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-09
ئاخــىرقىسى:2011-12-09
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-06

قولىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن نۇرغۇن تارىخى بىلىملەرنى بىلىۋالدىم تارىخ ئۇ بىر ھەقىقەت ئەمما ئۇنى يەتكۈزگۈچىلەر ھەقىقەتتە تۇرالىشى ناتايىن نىمىلا دىگەن بىلەن تارىخ يەنىلا تارىختۇر .
 
adil2052103
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14887

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1423 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4358 (سوم)
 ياخشى باھا:   1362 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   924  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6195
 سائەت
دەرىجىسى:
6195 سائەت 95 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-22
ئاخــىرقىسى:2011-12-11
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-06

ماندا  دەڭ  مەن بىلمەي يۈرۈپتىمەن    
 
ئۆلدى دەپ بىلىڭلار ئېلىمدىن كەچسەم،  
جاھالەت باسىدۇ بىلىمدىن كەچسەم،  
ئۇيغۇر تىزىمىدىن ئۆچۈرۈڭلار مېنى،  
جان ئانام ئۆگەتكەن تىلىمدىن كەچسەم!
dilsiri
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3299

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   838 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   580 (سوم)
 ياخشى باھا:   595 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   306  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7063
 سائەت
دەرىجىسى:
7063 سائەت 337 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-04
ئاخــىرقىسى:2011-12-11
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-06

چىڭگىز خاننىڭ كىنوسىنى قايتا ئېشلىسە بولغۇدەك
 
يىگېت قەسەم ئېچمەيدۇ، يىگېتنىڭ سۆزى قەسەم !
yalkunyasin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15548

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   84 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5588 (سوم)
 ياخشى باھا:   306 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   356  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5004
 سائەت
دەرىجىسى:
5004 سائەت 266 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-29
ئاخــىرقىسى:2011-12-10
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-06

ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز ،نۇرغۇن تارىىىي ماتىرىياللارنى بىلىۋالدۇق ! لېكىن موڭغۇللار چىڭگىزخاننى يەنىلا قەھرىمان دەپ يۈرىۋېرىدۇ ،مېنىڭچە بولسا ئۆزىمىزنىڭكىدىن يازسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولارمكىن دەيمەن ! چۈنكى نېمىلا دېگەن بىلەن بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ نۇرغۇن تارىخى شەخىسلەر ئۆتكەن ئەمەسمۇ !
 
9-bulak
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.37446

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   560 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1581 (سوم)
 ياخشى باھا:   435 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   98  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 987
 سائەت
دەرىجىسى:
987 سائەت 53 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-13
ئاخــىرقىسى:2011-11-29
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-06

ئــــــــــــەزا چــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــەكلەنـــدى!!!
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +10
nasrulla مۇنبەر پۇلى +10 10-13 سىز پۇل تېپىشقا ئائىت تېما كۆرۈڭ،
 
muxawi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.49348

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   142 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2282 (سوم)
 ياخشى باھا:   403 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   447  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1132
 سائەت
دەرىجىسى:
1132 سائەت 58 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-27
ئاخــىرقىسى:2011-12-11
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-06

تۇفىي جوھۇت كاپىر ............... y)|d`qC\  

 
خۇدانىڭ نېئمىتىنى يەپ ياتامسەن كالا،قويلاردەك.
umak88
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1969

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1723 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14686 (سوم)
 ياخشى باھا:   655 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   478  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3724
 سائەت
دەرىجىسى:
3724 سائەت 46 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-01
ئاخــىرقىسى:2011-12-06
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-06

يەنە بىر قوشقار سۇقاشتۇردىغان بىر تېما يېزىلىپتۇ . تېما ئىگىسىنىڭ ھەر-خىل گەپ سۆزلەرگە تەييارلىق قىلىپ قۇيۇپ ماۋۇ تېمىنى يازغىنىغا ئاپىرىن !
 
http://blog.sina.com.cn/esma88
hazniqi
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.47298

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   510 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   508 (سوم)
 ياخشى باھا:   634 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   148  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2963
 سائەت
دەرىجىسى:
2963 سائەت 27 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-10
ئاخــىرقىسى:2011-12-11
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-06

. چىڭگىزخان ئۆلگەندىن كىيىن ، ئەۋلاتلىرى ئىچكى جەھەتتىن زىدىيەتلىشىپ بىر-بىرىنى قىرىپ تۈگەتكەن. ھايات قالغانلىرىنىڭ جاھان سورىغۇدەك ھالى قالمىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ چوڭ زىمىننى مانجۇلار باشقۇۇرغان. تاكى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلاپ، چەتئەللىكلەر ئاستىرىتتىن ياردەم قىلىپ مانجۇ پادېشاھلىقىنى ئاغدۇرغانغا قەدەر 500 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت، بۇ چوڭ زىمىننى مانجۇلار باشقۇرۇپ بەرگەن. ھازىرقى يېڭى جۇڭگۇ ئاشۇ  چىڭگىزخان ئىگىلىۋالغان زىمىننى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغاچقا، چىڭگىزخاننى تۆھپىكار سۈپىتىدە مەدئىھلەپ، ئۇنى قامەتلىك ، باتۇر قىلىپ(ئەمىلىيەتتە چىڭگىزخان پاكار، يۇمىلاق يۈز، خام سېمىز ئادەم) (تارىخى كىتابلاردا شۇنداق خاتىرلەنگەن.) كىنوسىنى ئىشلەپ چىقتى.... - z"D_5  
      بۇ بايانلار تارىخقا ئۇيغۇنمۇ؟ موڭغۇل ئىمپىرىيسى پارچىلانغاندىن كېيىن ،يۈەن سۇلالسى ،كېيىن جۇيۇەنجاڭ قۇرغان مىڭ سۇلالىسى ،مىڭ سۇلالىسى زاۋاللىقى مەزگىلىدىكى لى زېچىڭ قوزىلىڭى ،ۋۇسەنگۇينىڭ ساتقىنلىقى تۈپەيلى مەنچىڭ خاندانلىقى ھوقۇقنى قولغا ئالغانغۇ دەيمەن .........
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +22
Kunduz^_^ay مۇنبەر پۇلى +22 10-06 مەنمۇ مۇشۇنى دېمەكچى ئىدىم.
 
tewelgha
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18902

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   681 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8507 (سوم)
 ياخشى باھا:   498 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   310  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6737
 سائەت
دەرىجىسى:
6737 سائەت 283 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-24
ئاخــىرقىسى:2011-12-10
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-06

تارىخى شەخسىلەرگە باھا بىرىشتە ،ئىھتىياتچان پوزىتسىيەدە  بولغان تۈزۈك .چۈنكى بىز ھازىر تارىختىن بەكلا يىراقلاپ كەتتۇق .نۇرغۇن تارىخ  بىزگە قاراڭغۇ .ھازىر قولىمىزدا بار بولغان تارىخى ماتىرياللارنىڭ كۆپ قىسمى مەلۇم بىر ھۆكۈمۇران سىنىپ ياكى ھۆكۈمۇران مىللەتنىڭ ئۆز مەنپەئەتى  ئۈچۈن توقۇلغان ياسالما تارىخ .بىز يىراق بىر جادا تۇرۇپ تارىخقا قارىغىنىمىزدا بىزنىڭ كۆرىدىغىنىمىز ناھايىتىمۇ غۇۋا بىر كۆلەڭگىدۇر.شۇڭا تارىخنىڭ يېزىلغىنىدىن يېزىلمىغىنى چىن بولىدۇ . بەزى كىشىلەرگە ئالدىراپ باھا بەرمەيلى .تارىخقا ۋە تارىخى شەخسىلەرگە نىسبەتەن  بىرنىڭ ئىككىگە بولىنىشى بويىچە مۇئامىلە قىلغان تۇغرا .چىڭگىزخان بىز ئۈچۈن مۇھىم شەخسى بولمىغىنى بىلەن ،موڭغۇل ئۈچۈن ئەۋلىيا .ئۇلارنىڭ ئۇنى ھۆرمەتلەش ،بىشىدا كۆتۇرىشىگە تامامەن ھەققى بار .بۇ خۇددى ياپونلار ھەر يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جىنايەتچىلىرى قەبرىگاھىغا تاۋاپقا بارغىنىغا ئوخشاش بىر ئىش.
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +10
YARALMIX مۇنبەر پۇلى +10 10-06 ئاغزىڭىزغا ناۋات...
 
ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى
hazniqi
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.47298

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   510 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   508 (سوم)
 ياخشى باھا:   634 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   148  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2963
 سائەت
دەرىجىسى:
2963 سائەت 27 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-10
ئاخــىرقىسى:2011-12-11
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-06

مەن بۇ تېمىدىن موڭغۇل ئۇيغۇرلارنى تارىخىي  دۈشمەن دېگەندەك مەنىنى كۆردۈم ( بەلكىم خاتا چۈشىنىپمۇ قالغاندىمەن) ،تېمىدىكى نۇرغۇن تارىخىي پاكىتلارمۇ گۇمانلىق ،موڭغۇل ئېگىزلىكىدە قۇرۇلغان خارابىلققا ئايلانغان ئۇيغۇر قەبىلىرى چىڭگىزخان دەۋرىدە خارابىلىققا ئايلانغانمۇ ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر قەبىلىرىدە يۈز بەرگەن ۋابا، ئۇيغۇر- قىرغىز ماجراسىدا خارابىلىققا ئايلانغانمۇ ئېنىق ئىسپات بارمۇ بۇ ئېنىق ئەمەس، چىڭگىزخاندىن  قاچقان ئۇيغۇرلار توغرىلىق كۆپ مۇنازىرىلەر بولۇندى لېكىن مەيلى ئېرقى پەرق جەھەتتىن بولسۇن ،كىيىم -كېچەك ،دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىن بولسۇن ھىندىئانلار چىڭگىزخان ئېستىلاسىدىن قاچقان ئۇيغۇرلار دېگەنگە گۇمانىي قاراش كۆپ ،...چىڭگىزخان موڭغۇللارنى بىرللىككە كەلتۈرۈپ ئۇلار ئارىسدىكى ئەرزىمەس قەبىلە ماجراسىنى  ئاياغلاشتۇرۇپ دۇنياغا مەشھۇر  موڭغۇل ئىمپىرىيسىنى قۇردى ،ئەينى دەۋردىكى موڭغۇل يايلىقىدىكى چارۋىچى موڭغۇللار ئۈچۈن غايە دەل قوي -كالا، ئۇنى يەنە بىر ئىجتىمائىي مۇھىتتا ياشاپ تۇرغۇچى گېتلىر،ناپالىئونلار بىلەن سېلىشتۇرۇش سەل مەنتىقىسىزلىقتەك تۇيۇلدى ماڭا،يەنە كېلىپ مەن ئىزچىل  ئەينى دەۋردە موڭغۇللار ئۇيغۇر ئەللىرىدە كۆپ  قىرغىنچىلىق قىلمىغان ،ئۇيغۇرلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن ، موڭغۇللاردىن نۇرغۇنلىرى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان،قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆزىگە يېزىق قىلىپ قوللىنىپ( ئۆزى ئېستىلا قىلغان نۇرغۇن مىللەتلەر ئىچىدىن ئۇيغۇرلاردىن يېزىق قوبۇل قىلىشىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئۇلارغا بولغان تەسىرى ئورنىنى كۆرسىتپ  بېرىدۇ ) ،يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرۇغۇچىسى چاغاتاينىڭ ئەۋلادلىرى ،يەنە شۇ موڭغۇللارنىڭ ئەۋلادلىرى پاكىستاندا تۇنجى ئىسلام خاندانلىقىنى قۇرغان دەپ قاراپ كەلگەن ئىدىم ... ،قايسى بىر ئىمپىراتۇر ئۆز مىللىتى ،ھۆكۈمرانلىقى ئۈچۈن قىرغىنچىلىق قىلمىغان ؟...بەلكىم ئۇ راستلا  بىزگە نىسبەتەن قەھرىمان ئەمەستۇ ..لېكىن موڭغۇل مىللىتى يەنە باشقا كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە يەنىلا قەھرىمان ، خۇددى ناپالىئۇن فىرانسىيلىكلەر نەزىرىدە قەھرىمان ، ئەنگىلىيىلىكلەر نەزىرىيىدە پەتەك بولغاندەك ........( شەخسى قارىشىم خالاس)
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +200
Zulpikar مۇنبەر پۇلى +200 10-06 -
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى