-
تىزىم نۇمۇرى:7870
-
- تىزىم ۋاقتى:2010-08-25
- ئاخىرقى كىرگىنى2011-11-08
- تور ۋاقتى:2334سائەت
-
-
بىلوگدوستلاشقورال
|
—
بۇ تېمىنى ئارقۇ دۇنيادىكى ئىشلار دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2011-10-05)
—
|
|
|
|
ئالدىنقى ھەپتە(17-چىسلا) مۇنبەرگە (ئانا ۋە چىڭگىزخان) ناملىق ئەسەر يوللانغان ئىدى.(تورداش لېمجىن يوللىغانغۇ دەيمەن) مەن ئۇ ئەسەرگە قارىتا (چىڭگىزخاننىڭ تۆھپىسىدىن گۇناھى كۆپ ) دەپ ئىنكاس يازسام ، بەزى تورداشلار مۇشۇ توغۇرلۇق تەپسىلى توختىلىشىمنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى. نەچچە كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قېلىپ ، بۇ توغۇرلۇق بىر نىمە يازالمىدىم . بۈگۈن ئاران پۇرسات چىقىپتۇ ،شۇڭا بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ،ئۆزەمنىڭ بىلگەنلىرىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم . چىڭگىزخانغا قىزىقىدىغان، ئۇ ئادەمگە چوقۇنىدىغانلار كۆرۈپ باقارسىلەر . 1k2Ck چىڭگىزخاننىڭ تەرجىمىھالىنى يازمىساممۇ بۇلار ، چۇنكى ھەممىڭلار بىلىسىلەر بەلكىم .(ئۇنىڭ كىنوسىنى كۆرمىگەن ئادەم يوققۇ دەيمەن) مەن بۇ يەردە چىڭگىزخانغا باشقا بىر نۇقتىدىن باھا بەرمەكچى... 5Ag]1k{ 1. چىڭگىزخان ھاياتىدا بىر ئۆمۈر جەڭ قىلىپ ئۆتكەن ئادەم . بۇ ئادەم ئىگىلىگەن زىمىن ، تارىختىكى ھەر قانداق بىر ھۆكۈمدار ئىگىلىگەن زىمىندىن كۆپ . ھاياتىدا يۈز دىن ئارتۇق شەھەر، قەبىلە، پادىشاھلارنى يوقاتقان . بىر ئاڭلىماققا بۇ ئادەم ئاجايىپ باتۇر، ئۇلۇغ زات دەك بىلىنىدۇ. ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى بۇ ئادەم ، ئالىكساندىر ماكىدونىسكى(ئىسكەندەر زۇلقەرنەئىن)دەك، جاھانغا ئىلىم تارقىتىش ئۈچۈن، ياكى ناپالىون، گېتلېردەك جاھاننى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ، دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن جەڭ قىلغان ئەمەس. بەلكى قوي -كالا، ئات- تۆگە دېگەندەك مال- چارۋا، بايلىق ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھارماي جەڭ قىلغان . ئۇ بارغانلىكى جايدا قورامىغا يەتكەن ئەرلەرنى تولۇق قىرۋەتكەن.(شۇنداق بولغاچقا ، چىڭگىزخاننىڭ ھاياتىدا ئۇنىڭغا قارشى چىقىدىغان دۈشمىنى بولمىغان.) ئاياللار-بالىلارنى قۇل ئورنىدا مۇڭغۇل قوشۇنلىرىغا تارتۇق قىلىپ، تەقسىملەپ بەرگەن . ئۇ ھايات قالغان ، يات قەبىلىدىكى بىرەر ئەرنىمۇ ،كەلگۈسىدە ئۆزى ئۈچۈن كۈچلۈك دۈشمەن دەپ ھېسابلىغان. شۇڭا بارغانلىكى يېرىدە ئەرلەرنى تولۇق قىرۋەتكەن.(بەزى كىچىك قەبىلىلەردە ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك، دەپ ئايرىپ ئولتۇرمىغان.) ئۇنىڭ بۇ سىياسىتى ، تاكى ئۇ ئۆلگۈچە ئۆزگەرمىگەن . ئۇ ئۆمىرىدە يۈز دىن ئارتۇق شەھەر، رايۇن، قەبىلىلەر بىلەن جەڭ قىلغان. لىكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەرسىمۇ، چىڭگىزخانغا ئاۋال جەڭ باشلىمىغان. (چىڭگىزخان ئۆزىنى قاخان ئاتاشتىن بۇرۇن، ھوقۇق تالىشىپ ئۆز قەبىلىلىرى ئىچىدە قىلغان كىچىك ئۇرۇشلار بۇنىڭ سىرتىدا) ھەممىسىگە چىڭگىزخان، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ۋاستىسىنى قوللىنىپ، ئۆزى ئاۋال جەڭ باشلىغان. نۇرغۇن كىچىك قەبىلە، شەھەرلەردە بىرمۇ ئادەمنى ھايات قويماي ، تولۇق قىرۋېتىپ مال-دۇنيا بۇلىغان. بۇنداق خارابىلىققا ئايلىنىپ قالغان قەدىمى شەھەرلەر ، بىزنىڭ شىنجاڭدىمۇ كۆپ . يوقۇلۇپ كەتكەنلىرى قانچىلىك، باشقا مىللەت ، رايۇنلاردا قانچىلىك.. . بۇ توغۇرلۇق ، ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار يوق. تارىخى كىتابلاردا بەزى شەھەرلەرنىڭ، تۇيۇقسىزلا ئادەمسىز خارابىلىققا ئايلىنىپ قالغانلىقى توغۇرسىدىكى مەلۇماتلار كۆپ ئۇچىرايدۇ. يېقىندا مۇڭغۇلىيەدىكى قەدىمكى ئۇيغۇرلار قۇرغان ، قەدىمى شەھەر خارابىسى بايقالدى.(بۇ خەۋەر توردىمۇ ئېلان قىلىندى. تورداشلار كۆرگەن بۇلىشى مۇمكىن.) مۇشۇ خارابىلىققا ئايلانغان شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى، ئاشۇ چىڭگىزخاننىڭ بىزگە قالدۇرغان يالدامىسى. چىڭگىزخان ھاياتىدا مال-دۇنيا بۇلاش ئۈچۈنلا جەڭ قىلغان، ھەم كەلگۈسىدە دۈشمىنى بولماسلىق ئۈچۈن ،بارغانلىكى يېرىدە ئادەملەرنى ئۆلتۈرۋەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بىرەر ئۇلۇغ غايە-نىشان ئۈچۈن جەڭ قىلىپ ، ئادەم ئۆلتۈرگەن ئەمەس. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇ ھەرگىزمۇ، ھۆرمەتلەپ چوقۇنغۇدەك باھادىر قەھرىمان ياكى بىر ئۇلۇغ زات ئەمەس. Y4@~NCU/ 2. مەدېنىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ، بۇ ئادەم مەدېنىيەت ياراتقۇچى ، تارقاتقۇچى ياكى بىر مەدېنىيەت قوغدىغۇچى ئەمەس. بەلكى ئەكسىچە مەدېنىيەت يوقاتقۇچى. چىڭگىزخان ھۆكۈم سۈرگەن دەۋېرلەر، ئەرەپ ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى چارۋىچى ۋە يېرىم چارۋىچى يېرىم دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، كۆچمەن ۋە مۇقىم ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا مەدېنىيەت تازا گۈللەنگەن ۋەياكى گۈللىنىۋاتقان دەۋېر ئىدى.جۈملىدىن بىزمۇ شۇنداق ئىدۇق.(مەھمۇت قەشغەرى، نەۋائى، فارابى......قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى گۈللەنگەن ئەرەب-پارىس مەدېنىيىتىنىڭ تەسىرىدەبارلىققا كىلىپ، بىزگە ۋە باشقىلارغا مەدېنىيەت جەھەتتە زور تەسىر كۆرسەتكەن.) مۇشۇ مەدېنىيەتلەر ھەم شۇ مەدېنىيەت رايۇنلىرى، مۇشۇ چىڭگىزخاننىڭ سەۋەبىدىن ئۆچتى ھەم يوقالدى. ئەينى ۋاقىتتا ئەرەبلەر مەدېنىيەت جەھەتتە دۇنيانىڭ باشلامچىسى ئىدى. ئەرەب رايۇنىدىكى دۆلەتلەر مەدېنىيەت بۆشۈكى ھەم ئەدىب-ئۆلىما ، پەيلاسوپلار يىغىلغان مەدېنىيەت مەركىزى ئىدى. چىڭگىزخان ئۇ يەرلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ بېرىپ، ھەممە نەرسىنى يوق قىلدى. ئېلىپ كەتكىلى بولىدىغان بايلىق ھېسابلىنىدىغانلىكى نەرسىنىڭ ھەممىنى ئېلىپ كەتتى. ئوخشاشلا ئاۋام-پۇخرالارنى قىرغىن قىلدى.(تارىخى خاتىرىلەردە خاتىرلىنىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا چىڭگىزخاننىڭ قوشۇنى خارازىم، ئوترار ۋە باشقا شەھەرلەرنى ئگىلەپ بولغاندىن كىيىن، قىرىق نەچچە كۈن توختىماي خەلىقنى قىرغان.) بۇ جەرياندا قانچىلىك ئىلىم ئەھلى زاتلارنىڭ ئۆلگەنلىكى، قانچىلىك مەدېنىيەتنىڭ بۇزۇلغان، يوقالغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۇ ئۆلتۈرۋەتكەن بىگۇناھ ئاۋام پۇخرانىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىشمۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭدىن كىيىن تارىختا گۈللەنگەن ئەرەب ۋە باشقا مەدېنىيەتلەر تامامەن ئۆچتى ۋە بەزىلىرى يوقالدى. ھەتتا ئەرەبلەر ۋە بەزى رايۇن مەدېنىيىتى تا ھازىرغىچە ئەسلىگە كەلگىنى يوق. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندىمۇ، چىڭگىزخان ھۆرمەتلەشكە تېگىشلىك قەھرىمان، ئۇلۇغ زات ئەمەس. ئەكسىچە ئىنسانىيەت مەدېنىيىتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ جاللات دۈشمىنى . 4E4o=Z|K 3 . چىڭگىزخاننىڭ بىر ئادئىمىيلىك ، ئىنسانىيلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ، بۇ ئادەمنىڭ ھۆرمەتلەشكە تېگىشلىك، ياكى ئادەم قايىل بولغۇدەك بىرەر ئەخلاق - پەزىلىتى يوق. چىڭگىزخان ئىنتايىن گۇمانخور، ھېچكىمگە ئىشەنمەيدىغان ئادەم بۇلۇپ، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئەتىراپىدىكى ئەڭ سادىق، ئەڭ رېقىن ئادەملىرىگىمۇ شۇنداق. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، ئۇ ھازىرقى جۇڭگۇنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنىڭ ئالتۇن ،يىپەك ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ئىگەللەشنى ئويلاپ، ئوغۇللىرى ۋە نەۋىرىلىرىگە ، قول ئاستىدىكى قوشۇنلىرىدىن ياردەمگە قوشۇن چىقىرىشقا پەرمان چۈشىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تەڭرى تاغ ئەتىراپىدىكى يايلاقلارنى بۆلۈپ بەرگەن چوڭ ئوغلى(جۇچى) ئاغىرىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك، قوشۇن باشلاپ ياردەمگە بارالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئاتىسى چىڭگىزخانغا خەۋەر ئەۋەتىدۇ. لىكىن چىڭگىزخان بۇنىڭغا ئىشەنمەي، ئوغلىنى ئۆزىگە قارشى چىقىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالماقچى دەپ ئويلاپ، جەنۇبتىكى جەڭدىن ۋاز كېچىپ، ئوغلىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئۆزى قۇشۇن باشلاپ كېلىدۇ.(بۇ ۋەقەلىك كىنوسىدىمۇ چىقىدۇ.) ئۇ ئۆزىنىڭ پەرمانىغا بويسۇنمىغان، ياكى باشقىچە پىكىردە بولغان ھەر قانداق ئادەمنى ، دۈشمىنىم دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇ ئەرەب دۆۋلەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن قۇشۇن باشلاپ ماڭغاندا، قۇشۇننىڭ يۇرۇش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن،( قۇشۇندىكىلەرنىڭ جەڭ غەلبە قىلىشتىن بۇرۇن توي قىلىش، توي قىلغانلارنىڭ بالىلىق بۇلىشى قەتئىي چەكلىنىدۇ. پەرمانغا بويسۇنماي ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار بايقالسا بىردەك كاللىسى ئېلىنىدۇ.) دەپ پەرمان چىقارغان. ئىككى يىل ئۆتكەندىن كىيىن (بۇ چاغدا قۇشۇن ئەرەب رايۇنىغا يېقىنلاپ قالغان ئىدى. خاتىرلىنىشىچە چىڭگىزخان قوشۇنى ئۈچ يىلدىن كۆپىرەك ۋاقىتتا يىتىپ بارغان) ئۇنىڭ داڭلىق كەشتىچىسى(بۇ ئايال ئەسلى جەنۇبتىكى بىر جەڭدە ئولجا ئېلىنغان ئايال بولۇپ، كەشتىچىلىك ھۈنىرى ياخشى بولغاچقا ئۇنى ئۆلتۈرمەي، يايلاققا ئېلىپ كەلگەن. كىيىن بۇ ئايال بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرىب قىلىپ،غايەت چوڭ بىر ئەجدېھا سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بايراقنى كەشتىلەپ چىققان. ھەم ئۇ بايراقنى چىڭگىزخاننىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ سىموۋۇلى سۈپىتىدە، چىڭگىزخانغا سوۋغا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن چىڭگىزخان بۇ قۇلغا ئلتىپات كۆرسىتىپ، باشقا قۇللاردەك تېزەك تېرىپ، كالا ساغمىسىمۇ بۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.) نىڭ بىر بالا تۇغقانلىقى توغۇرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ قالىدۇ. ھەم دەرھال قوشۇننى يۈرۈشتىن توختىتىپ، بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈرۈپ ئېنىقلايدۇ. نەتىجىدە بالىنىڭ دادىسىنىڭ ، ئۆزىنىڭ سادىق، باتۇر سەركەردىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇ سەركەردىنىڭ نەچچە ئاي بۇرۇنقى بىر كىچىك جەڭدە يارلىنىپ ،ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىدۇ. لىكىن شۇنداقتىمۇ چىڭگىزخان كاللىسىنى ئېلىش پەرمانىنى ئىجرا قىلىشنى بۇيرۇيدۇ. ئەتىراپىدىكى باشقىلار ، تىزلىنىپ يالۋۇرۇپ، ئۆزىگە بىر ئۆمۈر ئەگەشكەن ئاشۇ سادىق، باتۇر سەركەردىسىنىڭ ھەم بۇ كەشتىچى قۇلنىڭ، چىڭگىزخان ھاكىمىيىتىنىڭ سىمۇۋۇلى بولغان، ئەجدېھا نەقىشلىك بايراقنى كەشتىلەپ بەرگەنلىكىنىڭ يۈز خاتىرىسىنى قىلىپ، بۇ ئانا-بالىنىڭ جېنىدىن كىچىشنى ئۆتىنىدۇ. چىڭگىزخان ئەتىراپىدىكىلەرنىڭ تەلىپىنى رەت قىلالماي، پەرمانىنى ئۆزگەرتىپ،ئۇ ئايالغا شاپائەت قىلىپ، تېنىنى پۈتۈن قالدۇرىدىغانلىقىنى،لىكىن پەرمانغا بويسۇنمىغانلىقى ئۈچۈن چۇقۇم ئۆلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، ئۇ ئايالنى ، بىر تەرىپىگە تاش باغلانغان ئارغامچىنى ، تۆگىنىڭ دۈمبىسىدىن ئۆتكۈزۈپ،يەنە بىر تەرىپىنى ئۇ ئايالنىڭ بوينىغا سىرتماق قىلىپ سېلىپ، تۆگىنى ئۆرە تۇرغۇزۇپ قۇيۇپ ئېسىپ ئۆلتۈرگۈزۋېتىدۇ.ئۇنىڭ بالىسىنى تىرىك كۆمدۈرۋېتىدۇ. مانا بۇ چىڭگىزخاننىڭ باشقىلارغا قىلغان ئاتالمىش چوڭ شاپائىتى.... X-Xf6&U | |