-سوئال : يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىم ؟
- ئۇيغۇرغۇ دەيمەن .
- قەشقەرلىك دەپ ئاڭلىغان .
- بۇرۇنقى زاماندا ئۆتكەن بىر موللام .
-ئاڭلاپ باقمىغان ئىسىم ئىكەن.
- تونۇمايمەن
-.........

2-سوئال : ئەمسە بۇ رەسىمگە قاراپ جاۋاپ بىرىڭلار ، بۇ ئادەم كىم ؟
- قولىدا تۇتۇۋالغىنى قۇرئان كىتاپتەك قىلىدۇ ، قارىغاندا بىرەر مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئوخشىمامدۇ .
- مەھمۇت قەشفەرىي
-ھېچكىم ئەمەس، پەقەت بىر سىزما رەسىم خالاس ..
- تونۇمايدىكەنمىز .
-...............
-سوئال ۋوللىۋۇت كىنو چولپانلىرىدىن كىملەرنىڭ ئىسىملىرىنى بىلسىلەر ؟ جىكسۇن كىمۇ ؟ نىمە سەۋەبتىنم ئۆلگەن؟ چىڭلۇڭ ، لىلىيەنچى، يۇلتۇز ئوسمان،
زىيادە، جاھانگىر توغرۇلۇق سۆزلەپ باقىدىغانلار بارمۇ ؟
- مەن مەن ...سۆزلەي....
-مەن مەن ....
- مەن مەن .. .سۆزلەي..
- مەن مەن ...
- مانا مەن ..مەن سۆزلەپ باقاي ( ۋاراڭ چورۇڭ ئەۋجىگە چىقتى )
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
مىللىتىمىز ئىچىدە بۇنداق قىرىنداشلىرىمىزنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ .....ئۇيغۇر ئالىملىرىمىزنى ئۈنتۇپ قالمايلى ....ئۇ بىزگە سىز چوقۇنىدىغان، بىراق شۇ چوقۇنغۇچىڭىز بىرەلمەيدىغان ۋە بەرمەيدىغان نەرسىنى قالدۇرۇپ كەتكەن بىباھا گۆھەر « قۇتادغۇبىلىك »نىڭ مۇئەللىپى ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى، مۇتەپپەككۇر، شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ بولىدۇ ...

يۇقىرىقى سوئال جاۋابلادەك بىلمىگەنلەردە ئەيىپ يوق ، بىلگەنلەرنىڭ ئۇلارغا بىلدۇرۇش مەجبۇريىتىمىز بار ...
مۇز تاغدىن قايتىپ كەلگىلىمۇ ئىككى كۈن بولدى، ھاردۇقىڭلارمۇ چىقىپ قالغاندۇ، شۇڭا بۇ قىتىم بارلىق مىسرانىم ئەھلى بىلەن زىيارىتىمىزنى ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق مۇتەپەككۇر، شائىرىمىزنى قايتا بىر قىتىم ياد ئىتىش. ئۇلۇغ ئايلاردا ئۇنىڭغا دۇئا قىلىش (بۇ قىتىممۇ ئوخشاش ھەقسىز ساياھەت يىتەكچىسى بولىمەن)
.gif)

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11-ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك ئالىمى، مۇتەپەككۇر شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مىلادى1019-يىلى بالا ساغۇندا تۇغۇلغان ،ئىجادى پائاليىتىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن ، مىلادى 1069-1070-يىللىرى قەدىمى ئۇيغۇر تىلىدا 13290 مىسرالىق ئىپىك داستان « قۇتادغۇبىلىك » يېزىپ 18 ئايدا تاماملىغان ، داستان يېزىلىپ بولغاندا مۇئەللىپ ئۇنى خاراخانىيلار ھوكۇمدارى تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان ، تاۋغاچ بۇغراخان مۇئەللىپكە « خاس ھاجىپ » لىق ئۇنىۋانىنى بەرگەن .

« قۇتادغۇبىلىك » داستانى چوڭ ھەجىمدىكى بەدىئي ئەسەر ، شۇنداقلا شۇ دەۋىردىكى تارىخ ، سىياسىي ، ئىجتىمائي، مائارىپ ، پەلسەپە ، ماتېماتىكا ، ئاستىرونومىيە ، ھەربىي قانۇن ، تىبابەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شانلىق ئىلمي ئەسەر بولۇپ ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەردۇر . يۈسۈپ خاس ھاجىپ مىلادى 1085-يىلى 67 يېشىدا قەشقەردە ۋاپات بولغان بولۇپ ، مۇشۇ ئورۇندىكى قاراخانىيلارنىڭ خاقانىيلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان ،كىيىن ئۇپىراش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەچكە 1130-يىلغا كەلگەندە مۇشۇنداق بىر ئالىمنىڭ ئىزى ئۆچۇپ كەتمىسۇن دەپ يەنى 50 يىلدىن كيىن ئۇستىخان سۆگەكلىرىنى يۆتكەپ ئەكىلىپ ئىككىنچى قىتىم مۇشۇ يەرگە قايتا دەپنە قىلغان .

1957-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۇمىتى يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھىنى ئاپتونۇم رايون بويىچە نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىندىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىپ ئېلان قىلغان ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى تارىختا 4 قىتىم چوڭ كۆلەمدە رېمونىت قىلىنىپ ياسالغان ، 5- قىتىم 1986-يىلغا كەلگەندە قايتا ياسىلىپ ھازىرقى ھالىتىگە كەلتۇرۇلگەن ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرىنىڭ ھازىرقى ئورنى قەشقەر شەھىرىنىڭ تەنتەربىيە يولىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ ، ئۇنىڭ يەر كۆلىمى 11988 كۇۋادىرات مىتىر ، قۇرلۇش كۆلىمى 1900 كۇۋادىرات مىتىر بولۇپ ، قەبرىگاھ ، مەسچىت ، خاتىرە مۇنارى ، كۆرگەزمىخانا ، كۇتىۋىلىش ئۆيى قاتارلىق 5 بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان ، بۇنىڭ ئىچىدە قەبرىگاھنىڭ ئىگەللىگەن كۆلىمى 825 كۇۋادىرات مىتىر بولۇپ ، ئۇ كاھىۋان ، قەبرە ئۆيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، كاھىۋان يايى شەكىلدىكى ئالدى ئوچۇق ، كىچىك گۇمبەزلىك 22 ئېغىز ئۆيدىن تەركىپ تاپقان ، ئۇ ئۆيلەر شىمال ، شەرىق ، جەنۇپ تەرەپتىن 9 مېتىر ئارلىقتا ئاساسي قەبرە ئۆيىگە تۇتىشىپ تۇرىدۇ ، كاھىۋاننىڭ تۆت تەرىپىدە يەنە ئېگىزلىكى 9.5 مېتىر كېلدىغان تۆت مۇنار بار ، قەبرە ئۆينىڭ شەرىقتىن غەرىپكىچە ئۇزۇنلۇقى 17.60 مېتىر ، شىمالدىن جەنۇپقا قەدەر كەڭلىكى 11.30 مېتىر بولۇپ ، ئۇنىڭ ھەممە تەرىپى 20 خىل گۈللۇك كاھىش بىلەن زىننەتلەنگەن ، قەبرە ئۆيى ئىچكىركى ئۆي ، دالان دەپ ئىككىگە ئايرىلغان ، ئىچكىركى ئۆي مەخسۇس قەبرە ئىچى بولۇپ ، يەر يۈزىدىن 19.60 مېتىر ئېگىزلىكتە ، دىئامېتىرى 9 مېتىر كېلىدىغان چوڭ يۇمىلاق گۈمبەز بىلەن يىپىلغان ، ئۆينىڭ تۆت ئەتىراپىدا چوڭ –كىچىك پەنجىلىك 10 نەچچە كۆزنەك دەرىزە بار ، دالان قەبرە ئۆينىڭ ئالدى تەرىپىدە بولۇپ ، دالان ئارقىلىق قەبرە ئۆيىگە ، ئىككى ياندىكى ئىشىك ئارقىلىق كاھىۋانغا ، ئىككى ياندىكى ئۆي ئارقىلىق يەر ئاستىغا ۋە ئۈستىگە چىققىلى بولىدۇ ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قايتىدىن ياساپ ئەسلىگە كەلتۇرۇلگەن بۇ قەبرىگاھى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللي بىناكارلىق ئۇسلۇبى بىلەن زامانىۋي قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ئۆز-ئارا بىرلەشتۇرۇلگەن ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكككە ئىگە بىر كۆركەم قۇرۇلۇش بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى ، ھەيۋەتلىكى ، پۇختا ، مەزمۇتلىقى بىلەن مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى سەيلى-ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ تۇرىدۇ .









يۇقارقىسى« قۇتادغۇبىلىك » دىگەن كىتاپنىڭ بىر قانچە تەرجىمە نۇسخىسى ، بۇ كىتاپنىڭ ئەسلى قول يازمىسى ھازىرغىچە تىپىلغىنى يوق بولۇپ ، چەت دۆلەتلەردە ساقلىنىپ كىلىۋاتقان ئۈچ خىل كۆچۇرۇلمە نۇسخىسى بار .
1. ئاۋسىتىرىيىنىڭ ۋىنا كۈتۈپخانىسىدا ساقلانغان ؛
2. نامەنگەن نۈسخىسى ئۆزبىسكىتاننىڭ شەرقى تەتقىقات ئورنىدا ساقلاقلىق بولۇپ ئەرەب تىلىدا يېزىلغان ؛
3 . مىسىرنىڭ قاھىرەدىكى قىراۋ كۈتۇپخانىسىدا ساقلىنىپ كىلىۋاتقان قاھىرە نۇسخىسى بولۇپ ، ئۇمۇ ئەرەب تىلىدا يېزىلغان .

ئالىم بۇ كىتاپنى ئۆزى يازغان چىغىدا رەسمي 13290 گىراپىلىق شەكىلگە كەلتۇرۇپ يازمىغان . ئالىم بۇ كىتاپنى يازغان چىغىدا خاراقانىيلار خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسىمدا خانلىق تالىشىش ئىچكى بۆلۇنىش كىلىپ چىققان شارائىتتا يازغان بولغاچقا ، شۇ ۋاقىتتا تىنىچ ئوردىغا ، تىنىچ ۋەزىيەتكە ئىنتىلىش بىلەن غايىۋى ئوبرازلارنى ئۆزى يارىتىپ تۇرۇپ « ئۇدىگۇلىمىش ، ئۇدۇقۇرمىش »، « ئاي تۇلدى ، كۈن تۇغدى » قاتارلىق تۆت خىل ئوبرازلىق ۋەكىلىنى يارىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىنتىلىشلىرىنى تۆتەيلەننىڭ دىئالوگىغا بىرلەشتۇرۇپ ، بۆلەك -بۆلەك قىلىپ يىزىپ چىققان ، ئۈچ خىل كۆچۇرلمە نۇسخىسىنى باشقىلار كۆچۇرۇپ يازغاندىن كىيىن ( كۆچۇلمە نۇسخىسىنى بەزىلەر گىرمانىيەدە، بەزىلەر تۇركىيەدە دىگەنلەرمۇ بولغان ، بىراق ھېچقانداق دۆلەت تىخىچە بىزدە دەپ ئىتراپ قىلمىغان ) . كۆچۇلمە نۇسخىسىغا قاراپ تۇرۇپ تۇركىيەلىك ئشتىراقمى ئارات دىگەن ئالىم 1947-يىلى 13290 مىسرا قىلىپ شەكىلگە كەلتۇرۇپ يېزىپ چىققان ، 1984-يىلغا كەلگەندە ئېنگىلىس تىلى ، خەنزۇتى ، ياپون تىلى ، ئۇيغۇر تىلى، روس تىلى قاتارلىقلارغا تەرجىمە قىلىپ ھازىرغا قەدەر 11 خىل تىلدا تەرجىمە قىلىنىپ بىسىلغان .











































چۈشەندۈرۈشىم مۇكەممەل بولمىدى، چۈنكى ئالىم توغرىلىق بىلدىغانلىرىم كۆپ ئەمەس، شۇڭا چۈشەندۈرۈشىمدە خاتالىق سادىر بولسا دەرھال تۈزىتىپ قويغان بولساڭلار شۇنداقلا سىلەرمۇ ئالىم توغرىلىق بىلدىغان چۈشەنچىڭلارنى بىر- بىرلەپ ئوتتۇرغا قويۇپ بۇ تىمىنىڭ مۇكەممەل تىما بولۇپ چىقىشىغا ئاز -ئازدىن بىر كىشىلىك تۆھپەڭلارنى قوشقان بولساڭلار تولىمۇ مىننەتدار بولار ئىدىم ( رەھمەت )
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
مۇنبەر ئەھلىنىڭ كېلەر قېتىم قەيەرنى زىيارەت ( ساياھەت ) قىلغۇسى بار ئىكەن ، كۆپ ئاۋازغا قاراپ شۇ تەرەپكە ئاتلانساق ....
2011-يىل 8-ئاينىڭ 17- كۈنى (غۇلجا كۈنەس ناھىيە)
[ بۇ يازما Eltekin تەرپىدىن 2011-08-18 06:17 PM دە ق ]