مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       10392 
  •    ئىنكاس 
       110 

يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھىغا زىيارەت

قەۋەت ئاتلاش
kuyax
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.833

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   125 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   24784 (سوم)
 ياخشى باھا:   325 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   476  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1430
 سائەت
دەرىجىسى:
1430 سائەت 90 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-26
ئاخــىرقىسى:2011-10-27
— تېما باشقۇرغۇچى Eltekin تەرپىدىن نادىرلاندى. (2011-08-18) —

-سوئال : يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىم ؟

- ئۇيغۇرغۇ دەيمەن .

- قەشقەرلىك دەپ ئاڭلىغان .

- بۇرۇنقى زاماندا ئۆتكەن بىر موللام .

-ئاڭلاپ باقمىغان ئىسىم  ئىكەن.

- تونۇمايمەن

-.........

2-سوئال :  ئەمسە بۇ رەسىمگە قاراپ جاۋاپ بىرىڭلار ، بۇ ئادەم كىم ؟

- قولىدا تۇتۇۋالغىنى  قۇرئان كىتاپتەك قىلىدۇ ، قارىغاندا  بىرەر مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئوخشىمامدۇ .

- مەھمۇت قەشفەرىي

-ھېچكىم ئەمەس، پەقەت بىر سىزما رەسىم خالاس ..

- تونۇمايدىكەنمىز .

-...............

-سوئال  ۋوللىۋۇت كىنو چولپانلىرىدىن كىملەرنىڭ ئىسىملىرىنى بىلسىلەر ؟ جىكسۇن كىمۇ ؟ نىمە سەۋەبتىنم ئۆلگەن؟ چىڭلۇڭ ، لىلىيەنچى،  يۇلتۇز ئوسمان،

زىيادە، جاھانگىر توغرۇلۇق سۆزلەپ باقىدىغانلار بارمۇ ؟

- مەن مەن ...سۆزلەي....

-مەن مەن ....

- مەن مەن .. .سۆزلەي..

- مەن مەن ...

- مانا مەن ..مەن سۆزلەپ باقاي  ( ۋاراڭ چورۇڭ ئەۋجىگە چىقتى )

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

مىللىتىمىز ئىچىدە بۇنداق قىرىنداشلىرىمىزنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ  .....ئۇيغۇر ئالىملىرىمىزنى ئۈنتۇپ قالمايلى ....ئۇ بىزگە سىز چوقۇنىدىغان، بىراق شۇ چوقۇنغۇچىڭىز بىرەلمەيدىغان ۋە بەرمەيدىغان نەرسىنى قالدۇرۇپ كەتكەن بىباھا گۆھەر « قۇتادغۇبىلىك »نىڭ مۇئەللىپى ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى، مۇتەپپەككۇر، شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ بولىدۇ ...

يۇقىرىقى سوئال جاۋابلادەك بىلمىگەنلەردە ئەيىپ يوق ، بىلگەنلەرنىڭ ئۇلارغا بىلدۇرۇش مەجبۇريىتىمىز بار ...

    مۇز تاغدىن قايتىپ كەلگىلىمۇ ئىككى كۈن بولدى، ھاردۇقىڭلارمۇ چىقىپ قالغاندۇ، شۇڭا بۇ قىتىم بارلىق مىسرانىم ئەھلى بىلەن زىيارىتىمىزنى ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق مۇتەپەككۇر، شائىرىمىزنى قايتا بىر قىتىم ياد ئىتىش. ئۇلۇغ ئايلاردا ئۇنىڭغا دۇئا قىلىش (بۇ قىتىممۇ ئوخشاش ھەقسىز ساياھەت يىتەكچىسى بولىمەن)

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11-ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك ئالىمى، مۇتەپەككۇر شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مىلادى1019-يىلى بالا ساغۇندا تۇغۇلغان ،ئىجادى پائاليىتىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن ، مىلادى 1069-1070-يىللىرى قەدىمى ئۇيغۇر تىلىدا 13290 مىسرالىق ئىپىك داستان « قۇتادغۇبىلىك » يېزىپ 18 ئايدا تاماملىغان ، داستان يېزىلىپ بولغاندا مۇئەللىپ ئۇنى خاراخانىيلار ھوكۇمدارى تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان ، تاۋغاچ بۇغراخان مۇئەللىپكە « خاس ھاجىپ » لىق ئۇنىۋانىنى بەرگەن .

« قۇتادغۇبىلىك » داستانى چوڭ ھەجىمدىكى بەدىئي ئەسەر ، شۇنداقلا شۇ دەۋىردىكى تارىخ ، سىياسىي ، ئىجتىمائي، مائارىپ ، پەلسەپە ، ماتېماتىكا ، ئاستىرونومىيە ، ھەربىي قانۇن ، تىبابەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شانلىق ئىلمي ئەسەر بولۇپ ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەردۇر .  يۈسۈپ خاس ھاجىپ مىلادى 1085-يىلى 67 يېشىدا قەشقەردە ۋاپات بولغان بولۇپ ، مۇشۇ ئورۇندىكى قاراخانىيلارنىڭ خاقانىيلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان ،كىيىن ئۇپىراش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەچكە 1130-يىلغا كەلگەندە مۇشۇنداق بىر ئالىمنىڭ ئىزى ئۆچۇپ كەتمىسۇن دەپ يەنى 50 يىلدىن كيىن ئۇستىخان سۆگەكلىرىنى يۆتكەپ ئەكىلىپ ئىككىنچى قىتىم مۇشۇ يەرگە قايتا دەپنە قىلغان .

1957-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۇمىتى يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھىنى ئاپتونۇم رايون بويىچە نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىندىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىپ ئېلان قىلغان ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى تارىختا 4 قىتىم چوڭ كۆلەمدە رېمونىت قىلىنىپ ياسالغان ، 5- قىتىم 1986-يىلغا كەلگەندە قايتا ياسىلىپ ھازىرقى ھالىتىگە كەلتۇرۇلگەن ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرىنىڭ ھازىرقى ئورنى قەشقەر شەھىرىنىڭ تەنتەربىيە يولىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ ، ئۇنىڭ يەر كۆلىمى 11988 كۇۋادىرات مىتىر ، قۇرلۇش كۆلىمى 1900 كۇۋادىرات مىتىر بولۇپ ، قەبرىگاھ ، مەسچىت ، خاتىرە مۇنارى ، كۆرگەزمىخانا ، كۇتىۋىلىش ئۆيى قاتارلىق 5 بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان ، بۇنىڭ ئىچىدە قەبرىگاھنىڭ ئىگەللىگەن كۆلىمى 825 كۇۋادىرات مىتىر بولۇپ ، ئۇ كاھىۋان ، قەبرە ئۆيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، كاھىۋان يايى شەكىلدىكى ئالدى ئوچۇق ، كىچىك گۇمبەزلىك 22 ئېغىز ئۆيدىن تەركىپ تاپقان ، ئۇ ئۆيلەر شىمال ، شەرىق ، جەنۇپ تەرەپتىن 9 مېتىر ئارلىقتا ئاساسي قەبرە ئۆيىگە تۇتىشىپ تۇرىدۇ ، كاھىۋاننىڭ تۆت تەرىپىدە يەنە ئېگىزلىكى 9.5 مېتىر كېلدىغان تۆت مۇنار بار ، قەبرە ئۆينىڭ شەرىقتىن غەرىپكىچە ئۇزۇنلۇقى 17.60 مېتىر ، شىمالدىن جەنۇپقا قەدەر كەڭلىكى 11.30 مېتىر بولۇپ ، ئۇنىڭ ھەممە تەرىپى 20 خىل گۈللۇك كاھىش بىلەن زىننەتلەنگەن ، قەبرە ئۆيى ئىچكىركى ئۆي ، دالان دەپ ئىككىگە ئايرىلغان ، ئىچكىركى ئۆي مەخسۇس قەبرە ئىچى بولۇپ ، يەر يۈزىدىن 19.60 مېتىر ئېگىزلىكتە ، دىئامېتىرى 9 مېتىر كېلىدىغان چوڭ يۇمىلاق گۈمبەز بىلەن يىپىلغان ، ئۆينىڭ تۆت ئەتىراپىدا چوڭ –كىچىك پەنجىلىك 10 نەچچە كۆزنەك دەرىزە بار ، دالان قەبرە ئۆينىڭ ئالدى تەرىپىدە بولۇپ ، دالان ئارقىلىق قەبرە ئۆيىگە ، ئىككى ياندىكى ئىشىك ئارقىلىق كاھىۋانغا ، ئىككى ياندىكى ئۆي ئارقىلىق يەر ئاستىغا ۋە ئۈستىگە چىققىلى بولىدۇ ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قايتىدىن ياساپ ئەسلىگە كەلتۇرۇلگەن بۇ قەبرىگاھى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللي بىناكارلىق ئۇسلۇبى بىلەن زامانىۋي قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ئۆز-ئارا بىرلەشتۇرۇلگەن ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكككە ئىگە بىر كۆركەم قۇرۇلۇش بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى ، ھەيۋەتلىكى ، پۇختا ، مەزمۇتلىقى بىلەن مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى سەيلى-ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ تۇرىدۇ .  

يۇقارقىسى« قۇتادغۇبىلىك » دىگەن كىتاپنىڭ بىر قانچە تەرجىمە نۇسخىسى ، بۇ كىتاپنىڭ ئەسلى قول يازمىسى ھازىرغىچە تىپىلغىنى يوق بولۇپ ، چەت دۆلەتلەردە ساقلىنىپ كىلىۋاتقان ئۈچ خىل كۆچۇرۇلمە نۇسخىسى بار .

1. ئاۋسىتىرىيىنىڭ ۋىنا كۈتۈپخانىسىدا ساقلانغان ؛

2. نامەنگەن نۈسخىسى ئۆزبىسكىتاننىڭ شەرقى تەتقىقات ئورنىدا ساقلاقلىق بولۇپ ئەرەب تىلىدا يېزىلغان ؛

3 . مىسىرنىڭ قاھىرەدىكى قىراۋ كۈتۇپخانىسىدا ساقلىنىپ كىلىۋاتقان قاھىرە نۇسخىسى بولۇپ ، ئۇمۇ ئەرەب تىلىدا يېزىلغان .

     ئالىم بۇ كىتاپنى ئۆزى  يازغان چىغىدا  رەسمي 13290 گىراپىلىق شەكىلگە كەلتۇرۇپ يازمىغان . ئالىم بۇ كىتاپنى يازغان چىغىدا خاراقانىيلار خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسىمدا خانلىق تالىشىش ئىچكى بۆلۇنىش كىلىپ چىققان شارائىتتا يازغان بولغاچقا ، شۇ ۋاقىتتا تىنىچ ئوردىغا ، تىنىچ ۋەزىيەتكە ئىنتىلىش بىلەن غايىۋى ئوبرازلارنى ئۆزى يارىتىپ تۇرۇپ « ئۇدىگۇلىمىش ، ئۇدۇقۇرمىش »، « ئاي تۇلدى ، كۈن تۇغدى » قاتارلىق تۆت خىل ئوبرازلىق ۋەكىلىنى يارىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىنتىلىشلىرىنى تۆتەيلەننىڭ دىئالوگىغا بىرلەشتۇرۇپ ، بۆلەك -بۆلەك قىلىپ يىزىپ چىققان ، ئۈچ خىل كۆچۇرلمە نۇسخىسىنى باشقىلار كۆچۇرۇپ يازغاندىن كىيىن ( كۆچۇلمە نۇسخىسىنى بەزىلەر گىرمانىيەدە، بەزىلەر تۇركىيەدە دىگەنلەرمۇ بولغان ، بىراق ھېچقانداق دۆلەت تىخىچە بىزدە دەپ ئىتراپ قىلمىغان ) . كۆچۇلمە نۇسخىسىغا قاراپ تۇرۇپ تۇركىيەلىك  ئشتىراقمى ئارات دىگەن ئالىم 1947-يىلى 13290 مىسرا قىلىپ  شەكىلگە كەلتۇرۇپ يېزىپ چىققان ، 1984-يىلغا كەلگەندە ئېنگىلىس تىلى ، خەنزۇتى ، ياپون تىلى ، ئۇيغۇر تىلى، روس تىلى قاتارلىقلارغا تەرجىمە قىلىپ ھازىرغا قەدەر 11 خىل تىلدا تەرجىمە قىلىنىپ بىسىلغان .

چۈشەندۈرۈشىم مۇكەممەل بولمىدى، چۈنكى ئالىم توغرىلىق بىلدىغانلىرىم كۆپ ئەمەس، شۇڭا چۈشەندۈرۈشىمدە خاتالىق سادىر بولسا دەرھال تۈزىتىپ قويغان بولساڭلار شۇنداقلا سىلەرمۇ ئالىم توغرىلىق بىلدىغان چۈشەنچىڭلارنى بىر- بىرلەپ ئوتتۇرغا قويۇپ بۇ تىمىنىڭ مۇكەممەل تىما بولۇپ چىقىشىغا ئاز -ئازدىن بىر كىشىلىك تۆھپەڭلارنى قوشقان بولساڭلار تولىمۇ مىننەتدار بولار ئىدىم ( رەھمەت )

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

مۇنبەر ئەھلىنىڭ كېلەر قېتىم قەيەرنى زىيارەت ( ساياھەت ) قىلغۇسى بار ئىكەن ، كۆپ ئاۋازغا قاراپ شۇ تەرەپكە ئاتلانساق ....

                                           2011-يىل 8-ئاينىڭ 17- كۈنى (غۇلجا كۈنەس ناھىيە)

[ بۇ يازما Eltekin تەرپىدىن 2011-08-18 06:17 PM دە ق ]

تېما تەستىقلىغۇچى : Eltekin
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-18, 18:21
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 22 پارچە مۇنبەر پۇلى +5734
شەرەپ مۇنبەر پۇلى +200 09-27 رەھمەت.
qakmak0998 مۇنبەر پۇلى +10 09-05 ھەققەتەن ياخشى بوپتۇ تەشەككۇر
eslam-waresi مۇنبەر پۇلى +500 09-01 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!    مەنمۇ غۇلجۇلۇق
taxnayi001 مۇنبەر پۇلى +1 08-28 رەسىملەر بەك ياخشى يوللىنىپتۇ  !
toxkanjan مۇنبەر پۇلى +100 08-25 نۇر چاچقان ئۆتمۈش.
ozuyghur مۇنبەر پۇلى +100 08-25 رەھمەت
YuqunAdam مۇنبەر پۇلى +555 08-24 ياخشى ئەسەر
sahar01 مۇنبەر پۇلى +28 08-24 سىزگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر......
mukaddam مۇنبەر پۇلى +1 08-23 ھەقىقەتەنمۇ  بەك  ياخشى تېما  بوپتۇ
narkos مۇنبەر پۇلى +100 08-20 ئېسىل، كېلەر قېتىم قەيەرگە سەپەر ؟
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
http://65933.com/10800
ئىنسانلارغا قايتا بىر يارىلىش ئىمكانيىتى بولسا ئىدى ، مەن اللادىن  يەنە ئۇيغۇر بولۇپ تۇغۇلۇشنى تىلىگەن بولار ئىدىم !
پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10336

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4406 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   37630 (سوم)
 ياخشى باھا:   2283 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2465  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4838
 سائەت
دەرىجىسى:
4838 سائەت 112 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-14
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 110- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-02

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇيغۇر ئىسلام پەلسەپىسىنىڭ ئاساسچىسى... X aW@CW  
شۇنداق يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئالەمچە مەشھۇر ئەسىرى قۇتادغۇبىلىكنىڭ ئۈچ قول يازما نۇسخىسىنىڭ بىرىمۇ ئۈچۈمچى ۋە ياكى قەشقەردە ئەمەس، قىزقارلىق يىرى شۇ كى بۇ ئۈچ نۇسخا دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئۈچ قىتئەسىدە بىرى ئۆزبەكىستاندا يەنى ئاسىيادا، بىرى ۋىيانادا يەنى ياۋرۇپادا يەنى بىرى مىسىردا يەنى ئافرىقىدا.... f50qA; 7k  
قىزىقارلىق يىرى شۇكى بىز قەدرىنى بىلەلمىگەن ئۇ ئۈچ نۇسخا قول يازما دۇنيانىڭ قەدىمى ئۈچ قىتئەسىدە ئۆز قىممىتىنى تاپتى... "aHY]E{  
ئاخىردا تېمىڭىزنىڭ نادىرلەنگىنىدىن سۆيۈندۈم....
 
ئەجەپ بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن،
ھەر تەندە ئۇ ھەرخىل ھېس قىلار ئىكەن،
ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابىن،
ئىلغۇدا ئىسىغلىق سېسىق گۆش ئىكەن.
ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر
allabir520
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.58483

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   154 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   775 (سوم)
 ياخشى باھا:   155 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 27
 سائەت
دەرىجىسى:
27 سائەت 23 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-29
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 109- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-08

ئاللا قۇلىڭىزغا دەت بەرمىسۇن
 
yikan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.58379

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   14 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   70 (سوم)
 ياخشى باھا:   14 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 31
 سائەت
دەرىجىسى:
31 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-28
ئاخــىرقىسى:2011-10-25
ئاپتورنىڭلا 108- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-06

بىزنى ئويلىغىنىڭىزغا رەخمەت جاپا تارتىپسىز
 
kulkiz07
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.53206

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   61 (سوم)
 ياخشى باھا:   9 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 78
 سائەت
دەرىجىسى:
78 سائەت 12 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-25
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 107- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-02

   ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم !   گەرچە بېرىپ باقمىغان بولساممۇ  بېرىپ باققاندەك تەسىراتقا ئىگە بولدۇم. كىينكى قىتىمقىسىغا كەلسەك، مىنىڭچە، ھەممىمىزنىڭ تارىخىمىزدىكى مەشھۇرلاربىلەن بىر بىرلەپ تۇنۇشۇپ چىققۇمىز بار، ‹‹تارىخ ئادەمنىڭ زىھنىنى ئاچىدۇ››. شۇڭا سىز نەگە باشلسىڭىز شۇ يەرگە بارايلى! چۈنكى، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىمكانىيتى ئوخشىمايدۇ. t* eZe`|  
تېخىمۇ تىرىشىڭ!!!   AA$+ayzx9{  
  مۇنبەرداشلارغا دەيدىغىنىم، بولسا تارىىخى كىتاپلارنى كۆپرەك ئۇقۇساق ،قەبرىگاھنى زىيارەت قىلىش بىلەنلە قانائەتلىنىپ قالمىساق ،
 
nur1510
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.39721

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   11 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   53 (سوم)
 ياخشى باھا:   9 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 31
 سائەت
دەرىجىسى:
31 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 106- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-01

ناھايىتى    ياخشى   يىزىپسىز   قولىڭىزغا  دەرىت بەرمىسۇن خۇدايىم
 
huja
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7107

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5147 (سوم)
 ياخشى باھا:   184 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   255  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 176
 سائەت
دەرىجىسى:
176 سائەت 24 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-21
ئاخــىرقىسى:2011-09-29
ئاپتورنىڭلا 105- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-29

بۇتىما راستىنلا بىر ياخشى تىمىكەن
 
kipinak07
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.53405

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   117 (سوم)
 ياخشى باھا:   33 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 58
 سائەت
دەرىجىسى:
58 سائەت 32 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-26
ئاخــىرقىسى:2011-09-30
ئاپتورنىڭلا 104- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-29

رھمەت...قوياش .....يەنىمو كوپ يەرلەر نى  سىايەھەت كىلىش
 
شەرەپ
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10414

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   824 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   11245 (سوم)
 ياخشى باھا:   541 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   632  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8041
 سائەت
دەرىجىسى:
8041 سائەت 149 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-15
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 103- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-27

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 23قەۋەت  dilse كە 2011-08-17 06:41 PMئەۋەتىلدى  : KbcmK( `_  
كىمۇ  يۈسۈپ خاس ھاجىپ دىگەن .. نىمىش قىلىدىغان ئادەم ئۇ،،،،،،، ئاتوم بومبىسىنى ياسىغان ئادەممۇ ۇ ........   bh~"LQS1  
Wt, t5  
ئەجداتىنى ئۇنتىغان، ئەخلاقتىن ياتلاشقان، بىكارتەلەپ، نادان، دۆتلەرنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن كىتاپ يازغان بۈيۈك ئالىم! بىلدىڭىزما؟
 
قولدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىنىڭ باھاسى قىممەت بۇلىدۇ!
شەرەپ
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10414

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   824 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   11245 (سوم)
 ياخشى باھا:   541 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   632  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8041
 سائەت
دەرىجىسى:
8041 سائەت 149 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-15
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 102- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-27

دۆلەت بايرىمىدىكى دەم ئېلىشتا بىر-قانچە كونا ساۋاقداش ئائىلىمىزنى ئېلىپ قەشقەر، ئاتۇش، يەركەننى زىيارەت قىلىپ كىلىشنى ئويلىشىپ قويدۇق.
 
قولدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىنىڭ باھاسى قىممەت بۇلىدۇ!
aytulun
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15062

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   66 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4305 (سوم)
 ياخشى باھا:   186 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   250  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 56
 سائەت
دەرىجىسى:
56 سائەت 34 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-03
ئاپتورنىڭلا 101- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-27

        مەن قەشقەردە تۇرۋاتقىلى 3يىل بوپتۇ،مەھمۇت قەشقىرى ۋە باشقا شەخىسلەرنىڭ مازىرىغا نەچچە قېتىم بېرىپ بوپتىمەن،يۇسۇپ خاس ھاجىپ نىڭ مازىرى يېنىمىزدىلا تۇرسىمۇ بىرە قېتىم كىرمەپتىمەن ،بەك ئەپسۇسلىنىۋاتىمەن... !N:: 1c@C  
         بۇ ئالىمنى ئېغىزىمىزغا چوڭ ئېلىپ ماختىنىمىز،لېكىن ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى قەدرىنى قىلغانلىرىمىز قانچىلىك؟؟؟شۇ ئالىملارنىڭ ئىزىنى بېسىش ھەققىدە ئويلاپ باققانلىرىمىز قانچىلىك؟...؟
 
ئىسىلنىڭ ئەسلىمۇ ۋەسلىمۇ ئىسىل،
قىشى ياز باھارى پەسلمۇ ئىسىل.
ئېسىلساڭ ئاشۇنداق ئىسىلغا ئېسىل،
پاك ۋىجدان غورورى نەسلىمۇ ئىسىل.
ihsanjan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.35040

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   102 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   434 (سوم)
 ياخشى باھا:   26 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 67
 سائەت
دەرىجىسى:
67 سائەت 23 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-24
ئاخــىرقىسى:2011-10-02
ئاپتورنىڭلا 100- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-22

قولىڭىزغا دەرت كەلمىگەي  .ئاتاقلىق  ئالىمىمىزنى تۇنۇشتۇرۇپ قويغىنىڭىزغا رەخمەت . لېكىن  (سىز چوقىنىدىغان لېكىن چوقىنغىچىڭىز  بىرەلمەيدىغان نەرسىنى  قالدۇرۇپ كەتكەن ) دەپ بەك  ئاشۇرۋېتىپسىز  .....   بىز بىر ئاللاھقا ئىشىنىمىز
 
خەلىيلۇللاھ
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى