مەن مۇنبىرىمىزنىڭ يېڭى ئەزاسى ، كەسپىم ئوقۇتقۇچى بولغاچمىكىن مۇشۇ توغرىسىدا يېزىلغان ماقالە ، ئىنكاسلارنى كۆپرەك كۆرۈمەن . قىقىسى مۇنبىرىمىزگە يېزىلغان << ئوقۇتقۇچى ئۇرغان ئوقۇغۇچى >> ۋە << ئوقۇتقۇچىنىڭ تايىقى شۇنچە قاتتىقمۇ ؟ >> دىگەن تىمىدىكى ئىككى پارچە ماقالە ھەم ئىنكاسلارنى كۆرۈپ چىقىپ ، بۇھەقتە كۆزقارىشىمنى ئوتتۇرغا قويغۇم كەلدى ، تۆۋەندىكى ۋەقەلەر مەن بىۋاستە بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئىشلار :
E #ys-t 42 1 - قېتىم ئوقۇغۇچىنى ئۇرۇشۇم : يېڭى خىزمەتكە ئورۇنلۇشۇپ ، تۇلۇقسىز 3 - يىللىققا دەرىسكە كىرگىنىمدە ئارقا رەتتە ئولتۇرىدىغان بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچى پارتىنىڭ ئاستىغا تىقىۋېلىپ تاماكا چەكتى ، مەن ئورنىدىن تۇرغۇزماقچى بولسام تۇرمىدى ، مىنىڭ ئۇنداق ھوقۇقۇم يوقمىش ، چۈنكى قانۇندا تاماكا چىكىشكە بولمايدۇ ، تاماكا چىكىش جىنايەت دەيدىغان بەلگىلىمە يوقمىش . مەن ئۇنىڭ ئوقۇغۇچى بولغاچقا ئوقۇغۇچىلار قائىدىسىگە رىئايە قىلىشنى تەكىتلەپ تەنقىت قىلسام سىنىپتىلا مۇش ئاتتى ، مەن ئۇنىڭ مۇشتىدىن ئۈزۈمنى قاچۇرۇشۇم بىلەنلا ئىككىنچى مۇش بىقىنىمغا تەگدى ، مەن ئاچچىقىمنى باسالماي تۇتۇۋالغىنىمچە قۇيۇۋەتمەي تازا ئۇردۇم ، ئاغزى بۇرنى قان ، ئىككى چىشى مىدىرلاپ قاپتۇ . مەكتەپ مۇدىرى ماڭا قائىدە سۆزلەپ تەكشۈرۈشنامە ياز دىگەنتى مەن خىزمەت قىلمىسام قىلمايمەنكى تەكشۈرۈشنامە يازمايمەن دەپ يازمىدىم ، بۇ ئىش ئۆتۈپ كەتتى .
CKBi-q FH 2- قېتىم ئوقۇغۇچىنى ئۇرۇشۇم : تۇلۇقسىز 2 -يىللىق ئوقۇغۇچىسى كېسەلمەن دادىسىدىن نارازى بولۇپ ، دادىسىدىن ۋاز كىچىپ مەكتەپكە كەلگەن ، كەيپىياتى ياخشى بولمىغاچ ، دەرىسكە كىرگەن ئايال ئوقۇتقۇچىنى تىلغا ئالغۇسىز گەپلەر بىلەن سىنىپتىلا ھاقارەتلىگەن ، ئۇنىڭ دىگەن گىپىنى مەن خوشنا سىنىپتا تۇرۇپ ئاڭلاپ ،چىداپ بولالماي چىقىپلا ئۇدۇل بېرىپ ئاغزىغا ئۇردۇم ، 15 مىنۇتتىن كىيىن ئانىسىنى باشلاپ كەلدى ، ئانىسىنىڭ قۇلىدىمۇ بىر تاياق ھەم ئەلپازى بەكلا يامان ، مىنى كۆرۈپلا <<مىنى ئۇرغان لاتا گۇي مۇشۇ >> دەپ مىنى كۆرىستىشىگىلا ئاپىسى تاياق بىلەن بالىسىنىڭ پاچىقىغا بىرنى سېلىپ ئارقىدىن يەنە << كىم ئۇردى ؟>> دەپ سورىدى ، << مۇشۇ لاتا گۇي >> ، يەنە بىر تاياق ، ئۈچىنچى نۆۋەتتە ئاپىسى << بالام ، سىنى لاتا ئۇردىمۇ ؟ مۇئەللىم ئۇردىمۇ ؟ سىنى مۇئەللىم تەربىيلىگەنمۇ لاتا تەربىيلىگەنمۇ ؟ سىنى مۇئەللىم ئۇرماي لاتا ئۇرغاندىكىن مەن قانداق قىلاي؟ .....>> دىگىنىچە بالىسنى دۆشكەلەپ ئېلىپ كەتتى .
M3z7P.\G يەنە مىسال ئېلىپ يۈرمىسەكمۇ بۇلار . مۇنبەردىكىلەر ھەممىمىز قۇرامىغا يەتكەنلەر بولغاچ مەسىلىنى سوغوققانلىق بىلەن ئويلىنىپ باقساق ، ھە دىگەندە باشقىلاردىن ئاڭلىۋالغان ئەمما ھەقىقى ئىزچىللاشمىغان << مائارىپ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بىرىشى قانۇنغا خىلاپ >> دىگەندەك دەبدەبىلىك ئىبارىلەرنى تۇتقا قىلۋالمىساڭلار ، تەكشۈرمىگەننىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى يوق ، سىز شاتۇت بولمىغاندىكىن ھەدىسە قارا - قۇيۇقلا ئوقۇتقۇچىنىڭكىنى خاتاغا چىقىرۋەتمىسەك . ئوقۇتقۇچى نىمىشقا ئۇرغاندۇ ؟ دىگەننى ئويلايدىغانلار زادى قانچىلىكتۇ ؟ يەسىلىدە تۈكۈرگىنى بالىلارغا يىگۈزىدىغان ، قىز ئوقۇغۇچىلىرىغا پەسكەشلىك قىلىدىغانلار قانچىلىك سالماقنى ئىگەللەيدىغاندۇ ؟
},Z-w_H ئوقۇتقۇچىدىن ئاغرىندىغانلار ئويلاپ باقساڭلار : سىز مەلۇم ئورۇندا ئىشلىسىڭىز ، سىزنىڭ باشلىقىڭىز ئىدارىدىكىلەرنى قانداق باشقۇرىدۇ ؟ سىز قۇرامىڭىزغا يەتكەن چوڭ ئادەم بولسىڭىزمۇ بەزى سىزنى ماختايدۇ ، بەزى سىزنى تىللايدۇ ، سىزنى تىللىغاندا نىمىشقا قانۇنى ھوقۇق مەنپىئەتىڭىزنى قوغداش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئىنكاس قىلمايسىز ؟ باشقىلارنى ھاقارەتلەشمۇ ئوخشاشلا قانۇنغا خىلاپقۇ ؟ ئۇقۇتقۇچى بالىڭىزنى سەۋەپسىزلا ئۇرغانمىدۇ ؟ سىزنىڭمۇ ئوقۇتقۇچى ئۈستىدىنلا ئەرىز قىلغۇڭىز ، غەيۋەت قىلغىڭىز كىلىدىكەنۇ ، باشقا سېستىمىلاردا يىتەرسىز تەرەپلەر يوقمىكەن ؟ نىمىشقا ئەنە شۇنداق ناھەق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۈستىدىن شىكايەت قىلماي پەقەتلا ئوقۇتقۇچىغا ئېسىلۋالىسىز ؟ 80 - 90 - يىللاردا ئوتتۇرا باشلانغۇچتا ئوقۇغانلار ئەسلەپ بېقىڭلار ، شۇچاغلاردىكى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرالامتى ؟ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلاردىن تەپ تارتامتى ؟ ھۆرمەتلەمتى ؟ ھازىر چۇ ؟
^d=Z/d
[ ئوقۇتقۇچىدىن ئاغرىندىغانلارنىڭ كۆپ قىسمى بىر ياكى ئىككى پەرزەنتىلىك بولغان كىشىلەر ، ئوقۇتقۇچىلار كىشىنىڭ ھەققىنى يىمەي ، بارلىقىنى سىزنىڭ پەرزەتىڭىزنى ياخشى ئادەم بولۇشقا يىتەكلەۋاتقانلىغى ئۈچۈنلا شۇنداق دىيەلەيسىز ، چۈنكى ئۇلار ھالال كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ ھالال ياشايدىغانلار ، ئەگەر سىزنىڭ رەھبىرىڭىز بالىڭىزنى ئۇرسا يەنە شۇنداق ئەرىز قىلىمەن ، بۇ خىزمىتىدىن تازلاتقۇزىۋىتىمەن دىيەلەمسىز ؟ << بالام ، خاپا بولما ، باشلىقنىڭ ئاچچىقى يامان ، مەن گەپ قىلسام مىنىمۇ ئۇرىدۇ >> دەپ بالىڭىزغىمۇ قۇلچىلىق ، خۇشامەتچىلىك ئىدىيڭىزنى يۇقتۇرۇشقا باشلايسىز .
ptDA))7M/ سىز ئائىڭىزدە بىر ياكى ئىككى پەرزەنتىڭىزنى بېقىپ بۇلالماي ئۇ ، بۇ باشلىقلارغا خوشامەت قىلىش ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھاقارەتلەش بىلەن كۈن ئۆزكۇزىۋاتىسىز ، ئەمما ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەمچۇ ؟ سىزنىڭ ئائىلىڭىزدە 40 ---50 بالا بولسۇن قېنى ، سىز قانداق باشقۇرىدىكەنسىز ؟ سىز ھەممىنىڭ كۆزىگە قالاپ دىگىنىنى قىلىپ بىرىپ تەربىيلەيمەن دىيەلەمسىز ؟
e@,L~\ ئەلۋەتتە ئوقۇتقۇچى ئۈستىدىن پىكىر بەرسەك ، نازارەت قىلساق بولىدۇ ، ئەمما بۇ مۇۋاپىق ، بولغىنى ياخشى ، سوقوققانراق بولۇپ پىكىر قىلساق مىنىڭچە ياخشى بۇلارمىكىن ؟ ھەيۋە كۆرسىتىشنىڭ ، ئوقۇتقۇچىلارنى مەنىۋى جەھەتتىمۇ چۈشكۈنلەشتۈرۈشنىڭ بىزگە نىمە پايدىسى ؟ رۇھى چۈشكۈن ئوقۇتقۇچى ، جەمئىيەتتىن نارازى ئوقۇتقۇچى پەرزەنتىڭىزنى تەربىيلىسە ، پەرزەنتىڭىز كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولۇپ چىقار ؟
+?@qux! mMj
Vbeh[ مەنبە:ئۆزۈم
[ بۇ يازما .tuz. تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]