ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 34قەۋەت HAYATNISA كە 2011-05-18 11:46 PMئەۋەتىلدى :
1z&Ly3 ماۋۇ ساپالىقلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن ئايلىناي
.gif)
. سىلەرنىڭ دەۋرىڭلاردىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش مۇئارىپى بىلەن ھازىرقى مۇئارىپتا پەرق ئىنتايىن چوڭ! ئىلگىرلەش بەك تىز. بېسىم كوپ .قوش تىل مۇئارىپى يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار بەس-مۇنازىرىلەر مەيدانغا چىققاندا <<ئالتۇن تاۋاق>>تا ئاش يەيدىغانلار تاۋىقىنىڭ چېقىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ بېشىنى ياقىسى ئىچىگە تېقىۋېلىشقان ئىدى . بۇ <<قوش تىل مۇئارىپ>>پى ئاساسى بارلارغا ئېغىر كەلمىگىنى بىلەن ئاساسى يوقلارغا شۇنچىلىك ئېغىر كەلدى...مىسالغا ئالساق قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى 70%كىشىلەر تىجارەت بىلەن تۇرمۇش قامدىۇچىلاردۇر..يەنە بىر قىسىملىرى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىلەنگۇچىلەردۇر..مۇشۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ باللىرى <<قوش تىل>>دىن ئالاھىدە قىينالغۇچىلاردۇر! ئۆتكەن مەۋسۇمدا تەييارلىق سىنىپلىرى ھەمدە 1-يىللىقلار ئۇچۇن ئەڭ جاپالىق بىر مەۋسۇم بولدى..شەھەرلىك 5- باشلانغۇچ(ھازىر پىچەتلىنىپ 18-باشلانغۇچقا ئۆزگەرتىلدى...يىپ-يىڭى دەڭلار بۇ مەكتەپ) تا ئوقۇغان كوپ قىسىم سەبىلەر ئەنە شۇ تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىنىڭ فەرزەنتلىرى ئىدى. ئۇلار چوڭلارنىڭ خەنزۇچە سەۋىيەنىڭ كەمچىل بولىشى سەۋەپلىك باللىرىغا تەكرار قىلدۇرۇشتا قاتتىق قىينالدى. سەۋەبى ئاددى! قوش تىل دەرسلىگىدە ئۆز يېزىقىمىزدىكى چۇشەندۇرۇشنىڭ بولماسلىغى....شۇنىڭ بىلەن تاپشۇرۇقلار ئاق قالدى
.gif)
بۇنى بىلسىمۇ بىر كۆزىنى قىسىۋالغان
.gif)
ئوقۇتقوچىلىرىمىز دەردىنى باللاردىن ئالدى...
.gif)
بىچچارە باللارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن كۆرۇشەلمىگەچ (ما شەدە خانىملار بىلەن كۆرۇشمەك بەك تەس . بوئەن دەيدىغان قالتىس كىشىلىرىمىز دەرۋازىنى ھەم ما خانىملارنى قاتتىق قوغدايدۇ..
.gif)
قايسى ياۋايى مۇش ئاتقان بولغىيتىكى بۇ خانىملىرىمىزغا
.gif)
) .خوش، شۇنىڭ بىلەن باللىرى تاياق يىەەنلەر باللىرى بىلەن تەڭ يىغلاپ يېشىنى سۇرتۇپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى...1-نومۇرلۇق ۋە 2-نومۇرلۇق ئائىلىكلەر رايونىدىن ھەم چاسا كوچىدىن كېلىپ ئوقۇيدىغان سەبىلىرىمىز دەشنام دىگەننى گۆشنان يىگەندەكلا يىدى...سۇ سايغا ،پۇل بايغا ئاقار دىگەندەك كىملەرنىڭ ھالىغا كىملەر يەتتى؟؟؟؟؟؟؟؟؟
.gif)
قوش تىل دەرسلىگىنى ئوبدان ۋاراقلاپ ئاندىن باللىرىمىزنى ساۋايلى جۇما ھۆرمەتلىك ئوقۇتقوچى خانىملار؟؟؟؟؟؟؟؟
}8@M@