باش بەت  Meripet  ئەركىن سىدىق يازمىلىرى چەتئەلدە ئوقۇش  سوئال -جاۋاپلار سۆز قالدۇرۇڭ 


بۈگۈنكى تەۋسىيەلىك تىما: چەتئەل مەكتەپلىرىنى ئىلتىماس قىلىش جەريانىدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەر
  • ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۈرۈمچىدە (1) - [ئۆز تۇرمۇشىمىز]

    سەلكىن تورى خەۋىرى :

     

    2009 - يىلى 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى كەچتە ، سەلكىن تور بېكىتى "قەلىب ساداسى " پروگراممىسىنىڭ 7 - سانى ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولىدىكى ئاقساراي سودا سارىيىغا جايلاشقان " نىجات يۇلتۇزى " بەدىئى سۈرەتخانىسىدا سۈرەتكە ئېلىندى ، بۇ قېتىمقى سۆھبىتىمىزگە ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئوپتىكا تەتقىقات ئىنژىنىرى ، ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئالىمى، دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى . سۆھبەتتە ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۆزىنىڭ كەسپى تەتقىقات ئىشلىرى ، بىر قىسىم دۇنياۋى ئىلغار پەن - تېخنىكا تەتقىقات يېڭىلىقلىرىنى تۇنۇشتۇردى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسى ، مۇۋەپپىقىيەت يولى ، ئائىلە، پەرزەنت تەربىيىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبىلىرىنى سۆزلىدى ، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى ، ئىنتىرنېتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئۆزىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشتىكى فورمۇلاسىنى شەرھىلەش بىلەن بىرگە ،زور ئۇتۇقلارنى تىلىدى .
       سۆھبەت گەرچە يېپىق ھالەتتە ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ھەرساھە ياشلىرىدىن 30 دىن ئارتۇق ياش سۆھبەت نەق مەيدانىغا كىلىپ سۆھبەتنى ئاڭلىدى ۋە ئەركىن سىدىق ئاكا بىلەن بىر قىسىم مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز - ئارا پىكىرلەشتى . _
      سۆھبەت ئاخىرىدا فۇرقان شىركىتىنىڭ دىرىكتورى مەمتىمىن ئەپەندى ئۇيغۇر ياشلىرىغا ۋەكالىتەن بۇ پەخىرلىك ئالىمىمىزغا تون كيىدۈردى ، سەلكىن شىركىتىنىڭ دىرىكتورى نۇرئەلى ئوبۇل ( سەلكىن ) ئەركىن سىدىق ئاكىغا دوپپا كىيدۈردى . 
       سۆھبەت يوقۇرى كەيپىيات ۋە قىزغىنلىق ئىچىدە 2 سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلدى ، سۆھبەتتىن كىيىن سەلكىن شىركىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئەركىن سىدىق ئاكا ئۈچۈن ھاردۇق چېيى بېرىلدى ، چايغا 20 دىن ئارتۇق ھەر ساھە ياشلار قاتناشتى ۋە ئەركىن سىدىق ئاكا بىلەن قىزغىن سۆھبەتتە بولدى .
    تۆۋەندىكىسى بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر :
     
    ئەركىن سىدىق ئەپەندى " قەلىب ساداسى " پروگراممىسىدا سۆھبەتتە

    ئەركىن سىدىق ئەپەندى قىزغىن سۆھبەتتە

    فۇرقان شىركىتىنىڭ دىرىكتورى مەمتىمىن ئەپەندى ئەركىن سىدىق ئاكىغا تون كىيدۈردى

    سەلكىن شىركىتىنىڭ دىرىكتورى ، سەلكىن تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى نۇرئەلى ئوبۇل ( سەلكىن ) ئەركىن سىدىق ئاكىغا دوپپا كىيدۈرمەكتە

    سۆھبەت يوقۇرى كەيپىياتتا ، قىزغىن داۋاملاشماقتا

    يوللىغۇچى ئىزباسار ،
    سەلكىندىن ئىلىندى


    收藏到:Del.icio.us

    评论

  • كەلگۈسىدىكى مەۋجۇتلىقىمىز ئۈچۈن ئىتپاقلىشايلى !!!!!!!!!
  • mmm
  • ئۆرۈمچى دېگەن قەيەر ؟ ھەجەپ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن
  • بۇ ناھايىتى كاتتا ئىش بوپتۇ، سۆھبەتنىڭ تولۇق مەزمۇنىدىن تېزرەك خەۋەردار قىلغايسىز...ئەركىن ئەپەندىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرى تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغاي...
    لېكىن بىر گەپنى دەپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ، يازمىدا ئازراق ئىملا خاتالىقى بار ئىكەن ، مەسىلەن، ئۈرۈمچى ئۆرۈمچى بولۇپ قاپتۇ، يەنە بىرى، ئادەتتە سۈرەتنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى سۈرەتنىڭ ئۈستىگە ئەمەس، ئاستىغا يېزىلسا توغرا بولىدۇ، ھازىر نۇرغۇن تور بېكەتلەر خاتا ھالدا سۈرەت چۈشەندۈرۈلۈشىنى سۈرەتنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ، بۇ ھادىسىنى تۈزىتىش كېرەك، سىزنىڭمۇ تۈزىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن....
  • ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇقلار تىلەيمەن، ھەي قاچاندىمۇ قىلىمەن دىگەن ئىشمىزنى خاتىرجەم قىلالارمىز؟.........................................
  • ئەركىن ئاكىمىزنىڭ ۋەتەندىكى زىيارىتى ئۇتۇقلۇق بولغاي
    تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخت تىلەيمەن .
  • بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئاۋازى يوق بولغۇيمىتى ئاۋازىنى بولسىمۇ ئاڭلىساق بولاتتى.
    ئاۋارە كۆرمەي ئاۋازىنى بىر چىقرىپ قۇيغان بولسىڭىز. ئاۋازى بولسا ئەمدى.
  • wow~~`````SIR u r in urunci ~`i wish u stay longer....i wish i can c u in person...it will be kinda dream come true...