• بلوگ بىلدۈرگىلىرى
  • پىلان ۋە خۇلاسە
  • ئەدەبىي ئەسەرلەر
  • ئېلكىتاب ئامبىرى
  • مەنزىل كىتابچىسى

[پوۋىست] مەڭگۈلۈك ھەسرەت

1759
ئاپتورى: نالە   يوللانغان ۋاقتى:2014-08-19   سەھىپە:ئەدەبىي ئەسەرلەر, ھېكايە-پوۋىست

 

 

-كېسەل ئاخىرقى باسقۇچقا يېتىپتۇ ، بىزدە باشقا ئامال يوق ،پۈتۇن كۈچىمىز بىلەن تىرىشتۇق ، ياخشىسى ئەمدى ئاچىقىپ بىر نەچچە كۈن ئۆيدە ئوبدان كۈتىۋېلىڭلار.

قورققىنىمدىن ئاغزىمنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالدىم. نېمە دېگەن دەھشەتلىك خەۋەر بۇ! يۈرىكىم سىقىلىپ ، پۈتۈن بەدىنىم بوشىشىپلا كەتتى. ئاھ ، بىچارە ، بەخىتسىز دوستۇم، تەكشۈرۈشنىڭ بۇ نەتىجىسىنى ساڭا قايسى تىلىم بىلەن يەتكۈزەرمەن!

كۆزلىرىمدىكى ياش، ۋۇجۇدۇمدىكى تىترەكنى زورىغا بىسىپ، ئۇنىڭ كارۋىتى يېنىغا كەلدىم. ئۇ ئاپپاق يوتقان ئىچىدە ئەركىن سوزۇلۇپ شۇنداق چىرايلىق ئۇخلاپ يېتىپتۇ. سۇلغۇن ئەمما گۈزەللىكىنى يوقاتمىغان بىغۇبار چىرايى يەنىلا شۇنداق ئوماق، شۇنداق يېقىملىق ، يېرىم يۇمۇلغان لەۋلىرى ، سەل- پەل يىمىرىلگەن قوشۇمىسى ئۇنىڭغا ئاجايىپ بىر بىر جەزىبە ،لاتاپەت قوشۇپ تۇراتتى.

ياپ- ياشلا بىر غۇنچە، شۈنچىلىك گۈزەل، شۇنچىلىك خۇشپۇراق بىر غۇنچە – ھە! ئىچىم سېرىلىپ ئىختىيارسىز ئېسەدەپ ساپتىمەن.

- كېسىلىم خەتەرلىك ، شۇنداقمۇ نادىيە؟

- ھە….؟! سەن ئويغاقمىدىڭ ؟ ياق ، نەدىكى گەپلەرنى قىلىۋاتىسەن. دوختۇر سېنى كېسىلى ئېغىر ئەمەس ، بالنستتىن چىقسا بولىدۇ دەيدۇ.

- بولدى مېنى بەزلىمەيلا قوي، قېنى ئېيتە ، قاچان كېتىمىز ؟

- ئەتە ،–ئۈنۈم ئارانلا چىقتى.

ئۇ بايا مەن كىرگەن ۋاقىتتىكىدەك كۆزلىرىنى مەھكەم يۇمۇپ ياتاتتى. قارىغاندا ئۇ ھەممىنى بىلىپ بولغاندەك قىلاتتى. لېكىن چىرايىدا تەبىئىي گۈزەللىك، خاتىرجەملىكتىن باشقا ھېچقانداق ئىپادە كۆرۈنمەيتتى. كۆزۈم توساتتىن تومپۇچكا ئۈستىدە تۇرغان < چالقۇش>قا چۈشتى. ئۇ بۇ روماننى بەك ياخشى كۆرەتتى، نەچچە قېتىم قايتۇرۇپ ئوقىغانىدى. ئوقۇۋېتىپ بەزىدە ھاياجاندىن كۆزلىرى ياشلىناتتى. بەزىدە ھوزۇرلىنىپ سۆزلەپ كىتەتتى ؛< مۇنداق ئېسىل كىتاب دۇنيادا كەمدىن -كەم كىلىدۇ . نادىيە ئۇنىڭدىكى ھېسىيات ، ئۇنىڭدىكى چىنلىق ، ئۇنىڭدىكى تىل…….توۋا ، پۈتۈنلا يۈتۈۋەتكۈم ، قۇرمۇ- قۇر يادىلىۋالغۇم كېلىدۇ . ئوقۇغانسېرى يېڭىچە مەنە، يېڭىچە گۈزەللىكلەرنى بايقايسەن > دەيتتى ئۇ . دوختۇرخانىدا ياتقاندا ھۇشىنى بىلگۈدەك بولغاندىن بۇيان ماڭا ھەر كۈنى ئوقۇتۇپ ئاڭلاشنى ئادەت قىلىۋالغانىدى . مەنمۇ ئۇنى بىردەملىككە بولسىمۇ ئۈمىدسىز خىياللارنىڭ ئىسكەنجىسىدىن نېرى قىلىش ئۈچۈن كىتابنى ئوقۇپ بىرىشكە ئالدىرايتتىم . ھازىرمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىگە تەسەللىي بېرىدىغان بىردىن- بىر ئۇسۇل شۇ ئىدى. مەن ئاۋازىمنى ئىمكان بار ئەركىن چىقىرىپ :

- روماننىڭ داۋامىنى ئوقۇمدۇق ؟–دەپ سورىدىم. ئۇ بېشىنى بوشقىنا لىڭشىتتى.

مەن ئەنسىز دۈپۈلدەۋاتقان يۈرىكىمنى مەھكەم بېسىپ، ئالدىنقى كۈنى قاتلاپ قويغان جاينى ئاچتىم. ئۆزۈمنى شۇنچە تۇتۇۋالاي دېسەممۇ ئاۋازىم ئۆزۇمنىڭ ئەمەستەكلا چىقاتتى :

 

” ….. تاغلاردا مەن ئىسمىنى بىلمەيدىغان بىر خىل ئوت ئۆسىدۇ فەرىدە. ئادەم دائىم ئۇنى پۇرىسا بارا-بارا پۇرىقىنى سەزمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ داۋاسى مەلۇم مەزگىل ئۇنىڭدىن يىراقلىشىش. ھەتتا بەزىدە شۇ خۇشبۇي تونۇش پۇراقنى سېغىنىش ھەۋىسى بىلەن ھەر قانداق باشقا بىر پۇراقنى، يەنە مەنىسىز سېرىق گۈلنى پۇراپ سالىدۇ.

بۇ ئوت خۇش پۇراق تۈپەيلىدىن بەزىدە بەخىتسىزلىككىمۇ ئۇچرايدۇ ، ئادەملەر ئۈزىۋىلىپ سولاشتۇرىدۇ ، قوللىرىدا تىتىۋىتىدۇ. مەن سىنى قانچە ئەزگەنسىرى خۇش پۇراق چاچىدىغان گۈللەرگە ئوخشىتىمەن. گىپىمنى چۈشىنىۋاتامسەن؟

فەرىدە ئۇيقۇغا ھازىرلانغان كىچىك بالىدەك كىرپىكلىرىدە ياش تامچىسى پارقىرىغان كۆزلىرىنى يۇمۇۋالدى . بۇ ھاياجانلىق ھېرىشلاردىن مادارى قېچىپ تىزلىرى پۈكۇلدى. پۈتۈن ئېغىرلىقىنى كامراننىڭ قوللىرىغا تاشلىدى. خۇددى چۈشىدىكىدەك پەقەت لەۋلىرىنى قىمىرلىتىپ :

- ئۆتۈنەي ، دېمەيلا قوي ، شۇ چاغدا كېتىپ قالغىنىم ئۈچۈن مېنى پۇشايمان قىلمىدى دەپ ئويلامسەن ؟—دەپ پىچىرلىدى. تېخىچە كامىراننىڭ كۆكسىدە تۇرغان بىشىنى سەل كەينىگە تاشلاپ، يۈزىنى ئۇنىڭغا قاراتتى. قىسقا ، بوغۇق نەپەس ئېلىشتىن تىترىگەن بويۇن تومۇرلىرى كۆكىرىپ باراتتى. يۈزىدە، كۆزىدە ئۇچقۇنلار چاقنايتتى. ياش يىگىت بىشىنى تېخىمۇ يىقىنلاشتۇرۇپ، خۇددى شۇنداق پەس ئاۋازدا دېدى:

 

-گۈلبەشېكەر، پەقەت مېنىڭ گۈلبەشېكىرىم.

فەرىدە پۈتۈن ۋۇجۇدى تىترەپ ، پۇتىنىڭ ئۇچىدا تۇردى ۋە يىگىتنىڭ مۈرسىدىن مەھكەم قۇچاقلىدى. تومۇرلىرىدىكى بارلىق قېنى لەۋلىرىگە يىغىلغاندەك ئىدى . ئۇ بوينىنى سوزدى ……………….. ”

كىتابتىن بىشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم. لەۋلىرى پەرياد چىكىۋاتقاندەك تىتىرەپ، چىرايىدا ئادەم چىدىغۇسىز بىر مۇڭ ، پىغان ئۆرلەپ كېتىپتۇ .

بىچارە دوستۇم ، شۇ قايتا ئۇچرىشىش بەختى ساڭىمۇ بىر نىسىپ بولغان بولسا–ھە ؟! بەلكىم ئېچىلماي توزىغان غۇنچىدەك ۋاقىتسىز ئاخىرلىشىۋاتقان ھاياتىڭ دۇنيا بىلەن ئارمانسىز خوشلىشار ئىدى. ئۇنىڭ مۇنداق ھالەتتە يېتىشى مېنى تېخىمۇ قاتتىق ئازابلايتتى. بىر چاغدا ئۇ تولىمۇ ئېغىر ئۇھ تارتتى، ئاندىن پەس ئاۋازدا چاقىردى :

- نادىيە.

- ھە.

- بېرى كەل.

مەن ئۇنىڭغا تېخىمۇ يىقىنراق سىلجىدىم.

-ياستۇقۇمنىڭ ئاستىدا بىر خاتىرە دەپتەر بار ، ئۇنى ئال.

مەن ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلدىم. قولۇمغا قاتتىق مۇقاۋىلىق ئېسىل بىر خاتىرە چىقتى.

- بۇ نىمە ؟

- مېنىڭ ئۆتمۈشۈم .

- ئۇنى ساڭا ئوقۇپ بېرەمدىم ؟

- ياق، كۆيدۈرىۋەت .

- نېمىشقا ئەمدى ؟

- مەندىن ئايرىلسا ئۇنىڭ كېرىكى قالمايدۇ.

- ئۇنى ماڭا بەرگىن سۈبھى! مەن ئۇنى سېنى كۆرگەن كۆزدە كۆرىمەن ، سېنى سېغىنغاندا…- گېپىمنىڭ ئاخىرىنى يۈتىۋالدىم. چۈنكى ئۆزۈمنىڭ ناھايىتى ئەخمىقانە سۆزلەپ سالغىنىمنى تۇيۇپ قالغانىدىم.

- بولدى قىل نادىيە ، ئۇنىڭ تالاشقۇچىلىغى يوق . ئۇنى ئۆزۈمدىن بۆلەك ئادەم كۆرۈپ باقمىغان . ھېلىھەم مەن بىلەن كەتسۇن، ئۇنىڭدا قايغۇدىن بۆلەك ساڭا قالدۇرۇپ كەتكىدەك ھېچنەرسە يوق، ياخشىسى ، مېنىڭ دېگىنىمدەك قىل.

كۆنمەسلىككە نىمە ھەققىم. يەنە كېلىپ ، ھازىر ئۇنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزىمۇ مەن ئۈچۈن مۇقەددەس بۇيرۇق، ئۇنى خاپا قىلىپ . كۆڭلىنى چىگىپ قويۇشمۇ كەچۈرگۈسىز گۇناھ، قاچانلاردىن باشلاپ مۇنچە مۇلايىم بولۇپ قالغىنىمنى ئۆزۇممۇ بىلمەيمەن. مەن قولۇم تىترىگەن ھالدا ، قوشنا ياتاقتىن ئاچىققان سەرەڭگىنى تەسلىكتە يېقىپ، خاتىرە دەپتەرگە تۇتتۇم. ئوت دەپتەرگە ئەمەس، بارماقلىرىمغا تۇتاشقاندەك قوللىرىم كۆيۈشۈپ كەتتى. سەرەڭگىنىڭ يېقىلغان ئاۋازىنمۇ ياكى ئىسنىڭ ئاچچىق ھىدىدىنمۇ سۈبھى ئەندىككەندەك لەپپىدە كۆزىنى ئاچتى. ئۇ قولۇمدا تۇتۇشۇپ كۆيىۋاتقان ئاچچىق كەچمىشلىرىگە بىر سېكۇنت قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، بىشىنى شىپپىدە بۇراپ كۆزىنى يۇمۇۋالدى . ئۇ قىيالمايۋاتاتتى، مەن زادىلا چىدىيالمىدىم. ئەجىبا، پۈتۈن بىر ھاياتلىقنىڭ سىرى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ يوق بولسۇنمۇ!

- خىيالىمغا نەدىن كەلدىكىن ، يىنىمدىلا تۇرغان< چالقۇشى > نى تۇيدۇرماستىن ئىلىپ، خاتىرە ئۇچقۇنداۋاتقان ئوتقا تۇتاشتۇرىۋالدىم.- دەپتەرنىڭ كۆيىۋاتقان بۇرجىكىنى ، كارۋات ئاستىدا تۇرغان سۇغا چىلاپ ئۆچۈرىۋالدىم. بۇ ئىشلارنى شۈنچىلىك تېز ، ئەپچىل تۈ گەتتىمكى ، كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىۋاتقان ئۆمۈر بەتلىرىنىڭ ئازابىدا بىچارە دوستۇم ھېچنىمىنى سەزمىدى. مەن ئىشنى پۈتتۈرۈپ، ئورنۇمدىن تۇردۇم -دە. ئاستا ئۇنىڭغا ئېڭىشتىم :

- مەن ئۆيگە بىرىپ ساڭا تاماق ئەكىلەي سۈبىھى ، ھازىرلا كېلىمەن.

- ياق بىر نەرسە يېگۈم يوق.

- ئەتىگەنمۇ تۈزۈك ناشتا قىلمىدىڭ . مۇنداق يېتىۋەرسەڭ بولمايدۇ. مېنى توسما ، ھايال قالمايمەن.

- بولىدۇ ئەمسە ، ئاۋۋال پوچتىخانىغا كىرىپ، ئۇنىڭغا تېلېگرامما سېلىۋەتكىن.

- كىمگە ؟

ئۇ كۆزىنى مەندىن قاچۇرۇپ ، يەردىكى ئاللىقاچان كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان خاتىرىگە تىكتى .

- كىمنى دەۋاتقىنىمنى بىلىسەن ، نادىيە، مېنى چۈشەنگىن. مېنىڭ نەچچە كۈنلۈكلا ۋاقتىم قالدى . يۈرىكىم بۇنى تۇيۇپ تۇرىۋاتىدۇ. لەۋزىمنى ياندۇرما ، جىنىم دوستۇم.- ئۇ گىپىنى داۋاملاشتۇرالمىدى. ئىچ-ئىچىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ئېغىر ئۆكۈش كۈچەپ چىشلىۋالغان لەۋلىرىنىمۇ تىترىتەتتى ، يۈرىكىم ئېزىلىپ كەتتى . ئۆزۈمنى تەسلىكتە تۇتۇۋېلىپ:

- بولىدۇ ، مەن ھازىر باراي . – دېدىم .

2- كۈنى جاۋاب تېلېگرامما كەلدى.

- ئۇ بۈگۈن يولغا چىقىپتۇ ، سۈبھى . ئايروپىلان سائەت بىر يېرىمدا كېلىدىكەن . ماشىنا بىلەن ناھىيىگە ئۈچ سائەتتە كېلىدۇ . مەن شۇ چاققا ئۈلگۈرۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا باراي.

مەن ئۇنىڭ مۇشۇ جاۋابنى كۈتۈپ قانچىلىق بىتاقەت بولىۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم. ئۇ كۆزۈمگە باشقىچە روھلىنىپ قالغاندەك كۆرۈندى.

- ئېسىڭدە بولسۇن، نادىيە، بۇ ئىشلارنى پۈتۈنلەي ئۆزۈڭ ئورۇنلاشتۇرغان بول .

- ھە، بىلىمەن.

بېكەتكە كېلىپلا ئۆزۈمنىڭ چوڭ بىر ئىشنى چالا قىلغانلىقىمنى بىلدىم. ئۇياقنىڭ بىرەر پارچە سۈرىتىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان تۇرسام. قانداق قىلارمەن ؟ بۈگۈن يەكشەنبە بولغاچقا، شەھەرگە كىرىپ چىقىۋاتقان يولۇچىلارنىڭ كۆپلىگىدىن بېكەت ئادەتتىكىدىنمۇ بەك مالىماتاڭ ئىدى. بىر سائەتكە يېقىن ساقلىدىم ، كەچ كىرىپ قېلىۋاتقان بولسىمۇ، تەپتى كەتمىگەن تومۇز ئىسسىق جېنىمغا تەگكىلى تۇردى، ئەستا ! سۈبھىمۇزە …… شۇ ئەسنادا سىرتتىن چاڭ كۆتۈرۈپ بىر ئاپتوبۇس كىرىپ كەلدى. ئورنۇمدىن قوزغالماستىن ئاپتوبۇستىن چۈشۈۋاتقانلارغا سىنچى كۆزلىرىم بىلەن بىر- بىرلەپ قاراپ چىقتىم…… ھىچقايسىسى ئەمەس . ھەي ، ياق ، ئەنە . چوقۇم شۇ ! پارقىراق ئاياق، قارا كۆك شىم ، ئاپپاق كۆڭلەڭ ئۈستىگە گالاستۈك تاقاپ، ئەپچىلگىنە سومكا كۆتۈرىۋالغان قامەتلىك گەۋدە . تۇرقىدىن ھېچ بىر يول يۈرگەندەك، توپا – چاڭغا يولۇققاندەك ئەمەس ، ئۇنىڭدىن ئەركەكلەرگە خاس جۇشقۇنلۇقمۇ، مۇلايىم نازۇكلۇقمۇ يېغىپ تۇرۇپتۇ . نېمىشقىدۇر ئۆزەمنى ئىنتايىن چارىسىز قالغاندەك ھېس قىلدىم. ئۇنىڭدىكى ئاجايىپ جەلىپ قىلىش كۈچىنى راستىنلا ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايىتتىم. دەماللىققا گاڭگىرىپ ، ئۇنىڭ ئالدىمغىلا توختاپ قالغىنىنى سەزمەپتىمەن.

- كەچۈرسىز ، دوختۇرخانىغا قايسى يول بىلەن بارىدۇ ؟

ئۇنىڭ ئاۋازىدىمۇ ئاجايىپ بىر سېھرىي كۈچ بار ئىدى . ھەققىڭ باركەن ، سۈبھى، ئۇنى ياخشى كۆرمەي مۇمكىنمۇ ؟ دېگۈم كەلدى .

- سىز خالۋەرمۇ ؟- دېدىم مەن .

- ھەئە ، سىز…….

- مەن بىلەن يۈرۈڭ- مەن شۇنداق دەپلا ئالدىغا چۈشۈپ قالدىم . قەلبىمدىكى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئورناپ كەتكەن ئاچچىق ، بۇ قېتىمقى تاساددىپىي گاڭگىراشتىن غالىپ كېلىۋاتاتتى . سەكراتتا ياتقان سۈبھى زادىلا كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى.

1 2 3»

ئېلكىتاب چۈشۈرۈش : «مەڭگۈلۈك ھەسرەت (پوۋىست)» - 462KB :

مەنزىل تورىدىن چۈشۈرۈش كومپيۇتېر نۇسخىسى يانفۇن نۇسخىسى

مەزكۇر بىلوگ «مەنزىل گۇرۇپپىسى» غا تەۋە بولۇپ، مەنزىل گۇرۇپپىسىنىڭ ئېلكىتاب، پائالىيەت، يېڭىلىق، ئۇقتۇرۇش ۋە خەۋەرلىرى ئېلان قىلىنىدۇ. ھەمدە، مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى ياساپ چىققان ئېلكىتابلارنىڭ تېكىست نۇسخىسى يوللىنىدۇ.

كۆڭۈل سۆزلىرىڭىزنى قالدۇرۇپ كېتىڭ...

جاۋابنى بىكار قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ.

*

*

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
يەنە210ھەرپ كىرگۈزەلەيسىز

باش بەت | مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى | مەنزىل كىتابچىسى | مەنزىل تور تېخنىكىسى | ئېلخەت يوللاڭ
مەزكۇر بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى «مەنزىل گۇرۇپپىسى» غا تەۋە!