لوقمان ھەكىم مىكروبېتى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئۇيغۇرلارنىڭ تاۋباۋدىكى ساغلام، تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىشەنچلىك تور دۇكىنى (لوقمان ھەكىم)

ئۇيغۇرلارنىڭ تاۋباۋدىكى ساغلام، تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىشەنچلىك تور دۇكىنى (لوقمان ھەكىم)

ۋاقتى: 2016-11-05 ئاۋاتلىقى: 2392 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيرلىك بولسۇن. ئالدى بىلەن شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدىكى بارلىق خادىملار نامىدىن كەڭ خەلقىمىزگە ئالىي ئېھتىراملار بولسۇن.
تاۋباۋ تىلغا ئېلىنسا كۆپ ساندىكىلىرىمىز تاۋباۋ بىز بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىزدەك پەرۋاسىز، ئېتىبارسىز قارايمىز. ئەمەلىيەتتە ئېلېكتىرونلۇق سودىدىن ئىبارەت بۇ يېڭىچە سودا ئۇقۇمىنىڭ تۇرمۇشىمىزغا پەيدىن-پەي سىڭىپ كىرىشى ۋە ئۆزىمىزمۇ سەزمىگەن ھالدا تاۋباۋغا باغلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىمىز كۆز يۇمغۇسىز ھەقىقەتتۇر. تاۋباۋنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى بىلەن نۇرغۇن سودا ئاددىيلاشتى، قولايلاشتى.
بىزنىڭ ئېتىبارسىز قارىشىمىز ۋە پىسەنت قىلماسلىقىمىز بىلەن تاۋباۋنىڭ تۇرمۇشىمىزغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئاجىزلاپ قالمايدۇ, ئەكسىچە يەنىلا ئۆز يولىدا تەرەققىي قىلىۋېرىدۇ، پەقەت ۋاقتىدا پىسەنت قىلمىغانلىقىمىز ياكى پەرۋا قىلمىغانلىقىمىز سەۋەبلىك مەلۇم دەرىجىدە ئۆزىمىز زىيان تارتىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. شۇڭا ھازىردىن باشلاپ ئازتولا بولسىمۇ بۇ جەھەتتىكى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىپ قويساق، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇش، خىزمەتلىرىمىزدە ئازدۇر-كۆپتۇر قولايلىقلارغا ئېرىشەلىشىمىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن سودىنى چوقۇم سىرتقا چىقىپ قىلىشىمىز ھاجەتسىز. بۈگۈنكىدەك نۇر تېزلىكىدە تەرەققىي قىلىۋاتقان بازار ئىگىلىكى ۋە تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىكى، خىزمەت بېسىمىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىشى بىلەن كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ نەرسە-كېرەكلەرنى سىرتقا چىقىپ ئېلىش پۇرسىتى ئازلاپ كەتتى ياكى بۇنداق پۇرسەت كەلمەسكە كەتتى. كىشىلەرنىڭ ئاڭ سەۋىيەسىنىڭ ئېشىپ بېرىشى، ئىشەنچ، مۇلازىمەت، سەمىمىيەت قاتارلىق ئۇقۇملارنىڭ كۈنسىېرى ئۇمۇملىشىشى ۋە خەلق ئېڭىغا سىڭىپ كىرىشى بىلەن، بىر قىسىم سودىنى قولايلىق، تېز، ئۈنۈملۈك قىلىش يەنىلا كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئاقىلانە تاللىشى بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ دورا مەھسۇلاتلىرىنى چوقۇم دورىخانىغا بېرىپ سېتىۋېلىش ھاجەتسىز. چۈنكى دورىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولسا، كېسىلىمىزگە ۋاقتىدا، تېز ئۈنۈم بەرسىلا بولىدۇ. دورىنى چوقۇم كۆرۈپ بېقىپ، سىلاپ بېقىپ ئېلىش ھاجەتسىز.

شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى مۇشۇنداق بىر تەرەققىيات ۋە بازار ئېھتىياجىنىڭ تۈرتكىسىدە «لوقمان ھەكىم» ماركىسىدىكى مەھسۇلاتلارنى تاۋباۋ تور دۇكىنىدا سېتىشنى يولغا قويۇپ، خەلقىمىزگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىۋاتقان پەيتتە، ئېلېكتىرونلۇق سودىدىن ئىبارەت بۇ يېڭىچە سودا ئۇقۇمى كۈنسېرى ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇش، خىزمەت ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۆز كۈچىنى نامايەن قىلماقتا. ئەمەلىيەتتە ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇقۇمى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە نىسبەتەن يېڭى ئۇقۇم بولمىسىمۇ، ئەمما دىيارىمىز ۋە خەلقىمىزگە نىسبەتەن يەنىلا يېڭى ئۇقۇم ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۇقۇم يالغۇز ئىستېمالچىلارغىلا يېڭىچە بولماستىن، بەلكى دىيارىمىزدىكى نۇرغۇن شىركەتلەرگىمۇ يېڭىچە ئۇقۇم ھېسابلىنىدۇ. دىيارىمىزدا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇقۇمى 2014-يىلى يىل بېشىدىن باشلاپ ئاندىن بىر قەدەر يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ،  ئەمما دىيارىمىزدىكى نۇرغۇن شىركەتلەر بۇ خىل سودىغا يەنىلا ناھايىتى ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە بولىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتە شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى دادىللىق بىلەن يېڭىلىققا يۈزلىنىپ، دورىلىرى ئۈنۈمىنىڭ ئالاھىدە ياخشىلىقى، تەبئىي، بەدەنگە ئەكىس تەسىرىنىڭ بولماسلىقى شۇنداقلا بەدەنگە زىيانلىق خىمىيەلىك تەركىبلەرنىڭ يوق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كەڭ قېرىنداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
بولۇپمۇ شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالغان «لوقمان ھەكىم» ماركىسىدىكى قوش ئۈنۈملۈك مەزى بېزى گۆھىرى، ئادەمگىياھ گۆھىرى، يۈرەك-مېڭە ساغلاملاشتۇرۇش گۆھىرى، زىلۋا بوي ئورۇقلىتىش گۆھىرى، رېماتىزىم دورىلىرى (ئەفئىي رېماتىزىم كاپسۇلى، سۆڭەك گۆھىرى، سۆڭەك ياشارتىش مەلھىمى، ئاقسىل تالقىنى)، دىئابېت گۆھىرى، قان تولۇقلاش گۆھىرى، ئۈچەي تازىلاش گۆھىرى، ئاشقازان-ئۈچەي گۆھىرى، ئۆپكە تازىلاش گۆھىرى، داغ يوقىتىش گۆھىرى، شىپايى زىققا ئۆپكە گۆھىرى، ئۇيقۇ گۆھىرى، ئاقسىل تالقىنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۈنۈمىنىڭ پەۋقۇلئاددە تېز، يۇقىرى بولۇشى بىلەن كەڭ خەلقىمىزنىڭ ئالاھىدە ئالقىشىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە خەنزۇلارنىڭمۇ ئالاھىدە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، ئېچىلغىنىغا قىسقىغىنا 3 ئاي بولغان تاۋباۋ تور دۇكىنىنىڭ كۈنلۈك سودا سوممىسى نەچچە مىڭ يۈەنگە يېتىپ، شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمى باشقۇرۇشىدىكى بۇ تاۋباۋ تور دۇكىنى كەڭ قېرىنداشلارغا ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان ناھايىتى ساغلام تەرەققىي قىلىپ، پەۋقۇلئاددە ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
(ئەگەر يۇقىرىقى دورىلارنىڭ قانداق رولى بارلىقى، يېيىش ئۇسۇلى، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قاتارلىقلارغا قىزىقسىڭىز، لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سۇپسىغا ئەگىشىپ، ئايرىم ئايرىم ھالدا 1، 2 ،3، 4.... 100 شەكلىدە قايتۇرۇپ، دورىنىڭ رولى، ئۈنۈمى ۋە باشقا ساغلاملىق ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشىڭ. ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ ئىزدەش نامى: hekimbiz)
ئەلۋەتتە، شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىندا «لوقمان ھەكىم» ماركىسىدىكى خانىم-قىزلار دورىلىرىدىن خانىم-قىزلار ساغلاملىق يىلىمى، زاراڭزا مىكروبقا قارىشى تازىلاش سۇيۇقلۇقى، ئاياللار سېرىق بۇيا ساغلاملىق يىلىمى قاتارلىق ئاياللار ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ۋە ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولغان تەنقۇۋۋەت ئىچىملىكى، ھاياتلىق ئىچىملىكى، يالپۇز ساغلاملىق كەمپۈتى قاتارلىقلارنى يېڭىدىن ئىشلەپ بازارغا سېلىپ، ئاياللار ساغلاملىقىنىڭ ئۈنۈملۈك دورىسى بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇردى.
شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى تاۋباۋ تور دۇكىنى مۇلازىمىتىنىڭ ئەلالىقى، ئىشەنچلىك بولۇشى بىلەن ئەسلىدىنلا تاۋباۋدا مال سېتىۋېلىشقا ئىشەنچ قىلالمايدىغان، تاۋباۋغا بولغان چۈشەنچىسى كەمچىل بولغان خەلقىمىزنى تاۋباۋ بىلەن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، خەلقىمىزنى تور ئارقىلىق خاتىرجەم، قولاي، بىمالال دورا سېتىۋالالايدىغان شارائىتقا ئىگە قىلدى.
شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى تاۋباۋ تور دۇكىنى مەيلى قايسى جەھەتتىن بولمىسۇن، خېرىدارلار ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىشنى ھەر ۋاقىت ئۆزىگە قىبلىنامە قىلىپ، سودا سوممىسى 200.00 يۈەنگە يەتكەن ھەر قانداق خېرىدارغا ھەقسىز مال يەتكۈزۈش، خېرىدار مال سېتىۋېلىپ 8 سائەت ئىچىدە چوقۇم مال سېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، (ئەلۋەتتە، ئۈرۈمچى رايونىغا شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە شىركەتتىن بىۋاسىتە ھەقسىز مال يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى تەمىنلەنگەن.) خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەتتىكى قىزغىنلىقى، ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقى بىلەن تاۋباۋدا مال سېتىۋالغۇچىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشسە، خېرىدارلار دورا سېتىۋالغاندىن كېيىن، دورىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ئالاھىدە ياخشىلىقى بىلەن دورا سېتىۋالغان خېرىدارلارنىڭ قايتا-قايتا رەھمەت ئېتىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۈنلۈك سودىسى 5000.00 يۈەندىن ئاشقان، ئۇيغۇرلار ئاچقان ئەڭ تېز، ساغلام تەرەققىي قىلىۋاتقان، ئىشەنچلىك تور دۇكىنىغا ئايلاندى. شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىدىكى خادىملار يەنە خىزمەتچىلەر ئىشتىن چۈشۈپ كەتكەن ۋاقىتتا مال سېتىۋېلىپ، سوممىسى 200.00 يۈەنگە يېتىپ، كىرا پۇلى بىكار قىلىنماي ھەق تۆلىۋەتكەن خېرىدارلارغا ئارتۇق تۆلەنگەن پۇلىنى شۇ خېرىدارنىڭ يانفونىغا سۆزلىشىش ھەققى شەكلىدە قاچىلاپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كەڭ خېرىدارلارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ، خېرىدارلاردا ھەر قانداق ۋاقىتتا مال سېتىۋالسىمۇ، لوقمان ھەكىم شىركىتىنىڭ ھەر ۋاقىت خېرىدارلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئارتۇق پۇل يىغماسلىق، خېرىدارلارغا ئەڭ زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىش ۋە مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى تۈپ مىزان قىلىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى كەڭ خەلق ئاممىسىغا ھېس قىلدۇردى.
ھازىر شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تاۋباۋ ۋە ياكى يانفوندىن سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ئالاھىدە قولايلاشتۇرۇلغان بولۇپ، دورىغا ئېھتىياجى بار قېرىنداشلار ھەر ۋاقىت تاۋباۋ تورىغا كىرىپ lokmanhakim ياكى خەنزۇچە 罗克曼爱科 دەپ ئىزدىسىلا، ناھايىتى تېز، قولاي ھالدا «لوقمان ھەكىم» ماركىسىدىكى دورىلارنى تاۋباۋ ئارقىلىقلا تاپالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ قالماي، يەنە بىر قىسىم تاۋباۋدا مال سېتىۋېلىش جەھەتتە قىيىنچىلىقى بار قېرىنداشلارغا تېلېفون ئارقىلىق مال زاكاس قىلىش مۇلازىمىتىنىمۇ ئىشقا ئاشۇرغان. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «لوقمان ھەكىم» ماركىسىدىكى دورىلارغا ئېھتىياجى بار قېرىنداشلار ئەگەر تاۋباۋ تور دۇكىنىدىن مال سېتىۋېلىش جەھەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، شىركەتنىڭ مەخسۇس مال زاكاس قىلىش تېلېفون نومۇرلىرىدىن 6757855-0991، 6045310-0991، 5741545-0991 قاتارلىقلارنىڭ خالىغان بىرىگە تېلېفون قىلىش ئارقىلىق تېز، قولاي دورا سېتىۋېلىش شارائىتىنى ھازىرلاپ، كەڭ خەلقىمىزنىڭ دورا سېتىۋېلىش جەھەتتىن قىيىنچىلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە يېنىكلەتتى.
شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى دىيارىمىزدىكى كۆپ قىسىم جايلارغا 24 سائەتتە مال يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، بىر قىسىم چەت، ياقا، تېز يەتكۈزۈش شارائىتى نىسبەتەن ناچار بولغان رايونلاردىن باشقا رايونلارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي جەھەتتىن بۈگۈنى دورا سېلىۋەتكەندىن كېيىن ئىككىنچى كۈنى دورىنى خېرىدارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈش تولۇق ئەمەلگە ئاشقان. شىركەتنىڭ ئالاھىدە سىستېمىلاشقان سېتىش قوشۇنىغا ئىگە تور تېخنىكا بۆلۈمى ئۆزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق، دىيارىمىزدىكى مۇلازىمىتى ئەلا، ئىشەنچلىك مەھسۇلات سېتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، كۆپلىگەن شىركەت ۋە خېرىدارلارنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.
ئەگەر لوقمان ھەكىم توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا، ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، شىركەتنىڭ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى (ئىزدەش نامى: hekimbiz) نى قوشۇپ ئەگىشىۋالسىڭىز، شىركەت كۈندە تەمىنلەيدىغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپلا قالماي، يەنە ئەڭ پايدىلىق بولغان ساغلاملىق ساۋاتلىرى ۋە مۇھىم ساقلىق ئۈگۈتلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ، تېخىمۇ ساغلام تۇرمۇشىڭىز ئۈچۈن ئاساس سالالايسىز!
Tags:
بايانات

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرى: 6757855-0991

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى