بۇ يىل 49 ياشقا كىرگەن ئىلگىرىكى دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس شاھى مىك تايسوننىڭ ھازىر سەككىز بالىسى بار. بۈگۈن ئۇ لاسۋىگاستىكى زىيارەتتە ئۆزىنىڭ قىزىنى قوغلىشىۋاتقان يىگىتلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئاڭلاپ تۇرۇش، ھەرقايسىڭ مېنىڭ ئامراق قىزىمغا قانداق نىيەتتە بولۇشتىن قەتئىينەزەر، مەن دەرھال قول سالىمەن. ھاياتىڭلارنى ساقلاپ قېلىشنى ئويلامسىلەر ياكى قاتتىق تاياق يىيىشنى خالامسىلەر، بۇنى ئۆزەڭلار تاللاڭلار» تايسون گەرچە بىر كەسپىي بوكسچى بولسىمۇ، بىراق ئۇ قىزىنىڭ بوكس ماھىرى بىلەن ئارىلىشىشنى قەتئىي خالىمايدۇ، ئۇ قىزىنى خۇددى مۇھاپىزەتچىدەك قوغدايدۇ. بۇنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ، 1986-يىلى 11-ئايدا، شۇ چاغدا 20 ياشقا كىرگەن تايسون ئىككى ئايلانمىدىلا كۈچلۈك رەقىبى بوبىكنى مەغلۇب قىلىپ تارىختىكى ئەڭ ياش دۇنيا بوكس شاھى بولۇپ قالغان. ئارقىدىن ئۇ بىر نەچچە كۈچلۈك بوكس شاھلىرىنى يېڭىپ شۇ دەۋىردىكى ئەڭ ئەسەبىي ۋە قورقۇنچلۇق بوكس شاھى دېگەن نامىنى ئالدى. كېيىن تايسون ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان ئالتۇن دەۋىرنى كۈتۈۋالدى. 2005-يىلى 6-ئايدا ئۆزىدىن توققۇز ياش كىچىك ئىرلاندىيەلىك داڭلىق ماھىر مىك بىرايدې بىلەن كەسكىن جەڭ قىلىپ ئاخىر مەغلۇب بولدى. ئارقىدىن ئۇ چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامالىم قالمىدى، ئەمدى ئۆزەمنى ئالداپ يۈرسەم بولمايدۇ، كەسپىي ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇدىغان پەيت كەلدى».
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved