تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، « ئىسلام دۆلىتى » گە زەربە بېرىش خەلقئارا ئىتتىپاقى مۇشۇ ئاينىڭ 24-كۈنى ھاۋا ھۇجۇمىدا « ئىسلام دۆلىتى » تېررورلۇق ھۇجۇمى پىلانلاشقا مەسئۇل رەھبىرى چاراف مۇئادەننى يوقاتقان بولۇپ، بۇ ئادەمنىڭ پارىژ تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەسىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى بىلەن بىۋاستە ئالاقىسى بار ئىكەن.
ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ « ئىسلام دۆلىتى » گە زەربە بېرىش ھەركىتى باياناتچىسى ۋاررېن 29-دېكابىر ئىراقتا كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق بۇ خەۋەرنىڭ ئېلان قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاق مۇشۇ ئاينىڭ 24-كۈنى سۈرىيە چېگرىسى ئىچىدىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا «ئىسلام دۆلىتى » تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى پىلانلاشقا مەسئۇل رەھبىرى چاراف مۇئادەننى يوقاتتى.
ۋاررېن مۇنداق دېدى : مۇئادەن ئىلگىرى پارىژ تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەسىنى پىلانلىغان ئابدۇللا خەمىد بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەت ئېلىپ بارغان . ۋاررېن تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئېلان قىلمىغان، لېكىن ئۇ يەنە مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى : مۇئادەن ھاۋا ھۇجۇمىدىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم غەرب دۆلەتلىرىگە تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىشنى پىلانلىغان.
ۋاررېن شۇ كۈنى يەنە ، خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ مۇشۇ ئايدىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا جەمئىي 10 نەپەر «ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرىنى يوقاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن . ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ ئەسكەرلىرىنى ھاۋا ھۇجۇمىغا قاتناشتۇرمىدى، بۇ 10 تېررورچى ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 24-ماي، تۈركىيە ئەنقەرەدە، تۈركىيەنىڭ يېڭى زۇڭلىسى يىلدىرىم تۈركىيە بۈيۈك مىللىي پارلامېنتى يىغىنىغا قاتناشتى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ 65-قېتىملىق ھۆكۈمەت پىلانىنى ئېلان قىلدى.
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 24-ماي، تۈركىيە ئەنقەرەدە، تۈركىيەنىڭ يېڭى زۇڭلىسى يىلدىرىم تۈركىيە بۈيۈك مىللىي پارلامېنتى يىغىنىغا قاتناشتى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ 65-قېتىملىق ھۆكۈمەت پىلانىنى ئېلان قىلدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved