شەھىرىمىز بۇ يىللىق كەپە ئۆي مەھەللىلىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى پىلاندىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى

      شەھىرىمىز 2015 - يىللىق كەپە ئۆي مەھەللىلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى پىلاندىن ئاشۇرۇپ ئورۇنداپ بولدى. شەھىرىمىزنىڭ بۇ يىللىق كەپە ئۆي مەھەللىلىرىنى ئۆزگەرتىش پىلانىدا 6000 يۈرۈش ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش پىلانلانغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە 7180 يۈرۈش ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلانغان.    مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك كەپە ئۆي مەھەللىلىرىنى ئۆزگەرتىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، شەھىرىمىز بۇ يىل كەپە ئۆي مەھەللىلىرىنى ئۆزگەرتىش پىلانى بويىچە كۆلىمى 600 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان 6000 يۈرۈش ئۆي سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئىش باشلاش جەھەتتە ۋەزىپە %119.67 ئورۇندالغان. قۇرۇلۇش كۆلىمى 869 مىڭ 400 كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ، يىللىق ئىش باشلانغان قۇرۇلۇش كۆلىمى پىلانىنىڭ %144.9 ى ئورۇندالغان. بۇ يىللىق كەپە ئۆي مەھەللىلىرىنى ئۆزگەرتىش پىلانى «تەڭرىتاغ» رايونىدىكى «بوستان» مەھەللىسى، بۇلاقتاغ رايونىدىكى تىك قۇدۇق مەھەللىسى قاتارلىق 17 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، 35 ئېگىز قەۋەتلىك بىنا، 18 كۆپ قەۋەتلىك بىنا سېلىنىدىكەن.

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەھىرىمىزنىڭ كەپە ئۆي مەھەللىلىرىنى ئۆزگەرتىش دائىرىسىدە يېڭىدىن سېلىنغان بىنالارنىڭ كۆپىنچىسى ئېگىز قەۋەتلىك بىنالار بولۇپ، ئاۋۋالقى يىللاردا قۇرۇلۇش باشلانغان ئېگىز قەۋەتلىك بىنالار ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلۇپ بولۇنغان. بۇلار سايباغ رايونىدىكى «شىخۇڭ» يولى مەھەللىسى، بۇلاقتاغ رايونىدىكى «يېكەنكۆل» شەرقىي ئايلانما مەھەللىسى، داۋانچىڭ تۇزكۆل خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى مەھەللىسى قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ھەرقايسى كەپە ئۆي مەھەللىلىرىنى ئۆزگەرتىش تۈرلىرىدە ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئاھالىلەر كۆچۈپ كېلىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

    كەپە ئۆي مەھەللىلىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىش، كەپە ئۆي مەھەللىلىرىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا شەھەر يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ۋە ماكانلاشتۇرۇش ئۆيىنى ماس قەدەمدە پۈتتۈرۈش ئۈچۈن، كەپە ئۆي مەھەللىلىرىدە شەھەر تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان مەھەللە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى تەسىس قىلىنغان. ھازىرغىچە سېلىنغان يۈرۈشلەشكەن مەھەللە ئىشخانىسى، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، ساقچىخانا، يەسلى قاتارلىق ھەر خىل ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ كۆلىمى 1 مىليون 150 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتكەن.(تامام)



خەتكۈچلەر:
02-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-05-2016
    2008- يىلىدىكىگە ئوخشاش، ئامېرىكا بەك كۆپ خەجلىۋەتتى ھەمدە بەك كۆپ قەرز ئالدى؛ ئىشلەپچىقىرىلمىلار تولىمۇ ئاز، ئامانەت پۇلىمۇ ئاز. ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى 2009- يىلى ئەڭ پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئىلگىرى يار...
02-05-2016
    ئېكۋادوردا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگىنىگە ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپ، قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى بارغانسېرى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، بىراق 4- ئاينىڭ 29- كۈنى قۇتقۇزغۇچى خادىملار خارابىلىك ئاستىدىن 72 ياشقا كىر...
01-05-2016
    ئىشچىلار موسكۋادىكى مەشھۇر رۇسىيە مېھمانسارىيىنى ئۆزگەرتىۋاتقاندا، مېھمانساراينىڭ شەرقىي بىناسى بىلەن شىمالىي بىناسىنىڭ ئارا بۇلۇڭىدىكى ئۇلىدا قۇرۇلۇش قىلىۋېتىپ، تەخمىنەن 4000 نەچچە ئادەم سىغىدىغان بىر چوڭ يەر ئاستى سار...
30-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، كېنىيە قىزىل كىرىسىت جەمئىيىتىنىڭ 29-چېسلا ئاشكارىلىشىچە، پايتەخىت نايروبىدا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ، شەھەرنىڭ شەرقىي قى...
30-04-2016
شېنجىندا نىمكەش ئۆي باھاسى ئۇدا 18 ئاي ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە باشلىدى. 4-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، پۈتۈن شەھەردىكى يېڭى ئۆي پۈتۈشۈش مىقدارى پەقەت 2259 يۈرۈش بولۇپ، 3-ئايدىكىگە قارىغاندا %49 تۆۋەنلەپ كەتتى، پۈتۈشۈش ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىۋ...
29-04-2016
     جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى، باج تاپشۇرغۇچىلار ئەمدى «نىكاھ ئىسپاتى» تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ. 28-چېسلا مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئۆي-ج...
29-04-2016
4-ئاينىڭ 27-كۈنى ساياھەتچىلەر جىنلۇڭ كەنتىدىكى بىر پارچە 3D سترېئولۇق رەسىم ئالدىدا خاتىرە رەسىمگە چۈشمەكتە. 2015-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، يۈننەن ئۆلكىسى لىجياڭ شەھىرىدىكى جىنلۇڭ كەنتى بىر تۇتاش پىلانلاش ئارقىلىق، 442 كورپۇ...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 27-كۈنى، شېنجېن شەھىرى لۇڭگاڭ ئەيليەن لوڭتېڭ سانائەت رايونىدىكى جوڭتۇڭ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يېنىدىكى ئامبارغا ئوت كەتكەن. ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقى تېزلىكتە دايۈنچېڭ، لوڭدۇڭ، لوڭگاڭ، پىڭخۇ، خېڭگاڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئوت...
27-04-2016
2016-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى رۇڭشىڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بىر ئېگىز قەۋەتلىك بىنانىڭ سىرتقى تام گەۋدىسىدىكى تام چاپلاقلىرى  چۈشۈپ كېتىپ ئولتۇراق رايون ئاھالىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. ...
26-04-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ئاپرېل، ئۇكرائىنانىڭ سىلاۋۇتىچې شەھىرىدە خەلق ئاممىسى تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، چىرنوبىلدا يادرو ۋەقەسىدە قاز قىلغانلارنى خاتىرىلىگەن. 1986-يىلى 26-ئاپرېل، كىيېۋ شەھىرىنىڭ شىمالىغا 13...
Powered by Leglek