www.4tadu.com
  • خوتەنلىكلەر ۋە تېبابەت - [تېببىي ھېكايەتلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/71516381.html

       ئۇيغۇر تېبابىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، دۇنيا تېبابەت خەزىنىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.   خوتەن قەدىمىي يىپەك يۇرتى تۈگۈنى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ بۆشۈكى. تارىخىي كىتابلاردا قەيت قىلىنىشىچە، 2000 يىللار ئىلگىرى خوتەنلىكلەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا، ئۆسۈملۈك، مىنېرال ماددىلار، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ شىپالىق تەرەپلىرىنى بايقاپ، كېسەل داۋالىغان ھەمدە تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، سودا كارۋانلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە ھىندىستان، پاكىستان، ئىران، قەدىمىي يۇنان ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ تېبابەت جەۋھەرلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۇلارنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بىر قىسىم دورا ئۆسۈملۈكلەرنى كىرگۈزۈپ ۋە ئۆزلىرىنىڭكىنى چىقىرىپ، ئۇيغۇر تېبابىتىنى راۋاجلاندۇرغان ۋە ئالاھىدە داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە رېتسېپلارنى ئىجاد قىلىپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد مىراس قالدۇرۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىيات قەدىمى ئۈچۈن داغدام يول ئېچىپ بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن داڭلىق تېۋىپلار يېتىشىپ چىقىپ، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ شۆھرىتىنى ئاشۇرۇپ بۇ قەدىمىي يۇرتنى يىراق- يېقىنغا تونۇتقان. نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ تومۇر تۇتۇش ئورۇمى، بىر قىسىم يۇقىرى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە مەخپىي رېتسېپلىرى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى، شاگىرتلىرى تەرىپىدىن بىزگە يېتىپ كەلگەن. ھازىر خوتەندە بۇرۇنقى كوچا- كويلاردا، ئۆيلەردە تومۇر تۇتۇپ، دورا بېرىشتىن تەرەققىي قىلىپ، قەۋەت- قەۋەت بىنالاردا كېسەل كارىۋىتى تەسىس قىلىنغان. نەچچە ئون شەخسلەر ئىگىلىكىدىكى ھەتتا 100 گە يېقىن خىزمەتچىسى بار مۇنتىزىم مەخسۇس ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىلىرى قەد كۆتۈردى.   خوتەنلىكلەرنىڭ تۇرمۇشى تېبابەت بىلەن زىچ باغلانغان. خوتەنلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى تېبابەتنى چۈشىنىدۇ ھەم بىلىدۇ. ئۇلار تومۇر تۇتۇپ كېسەل داۋالىيالمىسىمۇ، يېمەك- ئىچمەك ئارقىلىق مىجەزىنى تەڭشىيەلەيدۇ، تۈرلۈك مۇراببا، گۈلقەنتلەرنى ياسىيالايدۇ. بەزى كېسەللىرىگە ئۆزلىرى دورا سېتىۋېلىپ يەيدۇ ياكى خۇرۇچىنى سېتىۋېلىپ ئۆزلىرى ياساپ، كېسەللىرىنى داۋالىيالايدۇ. مەسىلەن: چوڭلار بېشى چىڭقىلىپ ئاغرىپ كەتسە، قان بېسىمى ئۆرلەپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ دەرھال قېتىق ئېچىش، قارا ئۆرۈك، ئەينۇلا قاتارلىق تەبىئىيىتى سوغۇق مېۋىلەردىن ياسالغان مۇراببا، شەربەتلەرنى ئىچىپ، قان بېسىمىنى نورماللاشتۇرۇشنى؛ ئەرلەر ئۆزلىرىدە تۈرلۈك ئەرلەر كېسەللىكلىرىنى ھېس قىلسا يەرلىك غاز، توخۇ تۇخۇملىرىنى، پاخلان، ئوغلاق كاۋاپلىرىنى يەپ، سوغۇق ئىچىملىك، ئاچچىق- چۈچۈك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇپ، ----ئەزالارنى قۇۋۋەتلەيدىغان تېبابەت دورىلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئۆزىنى داۋالاشنى؛ ئاياللار ئۆز كېسەللىرىنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاشتىن سىرت، ئانار گۈلقەنتى يەپ قان تولۇقلاشنى، ئائىلىدە ئۆزلىرى ئىسسىقلىق دورىلارنى قاينىتىپ ھوردىنىپ، بىر مەزگىل سوغۇق سۇدىن ئۆزىنى چەكلەپ بەدىنىدە كۆرۈلۈۋاتقان زەئىپلىكنى داۋالىيالايدۇ. ئانىلار كاتەكلىك تاشتا بوزۇغا، موزا، جوزا قاتارلىق ئىسسىقلىق دورا بىلەن ئوغۇل تۇغقان ئانا بىلەن قىز تۇغقان ئانا سۈتىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ، بالىلارنىڭ بەدىنىنى سوغۇق ئېلىپ كېتىش، قۇلىقى ئاغرىش، يىغلاڭغۇلۇق، ئۇيقۇسى ئاز بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى ئاپتاپقا قاقلاش، بالىلارنى يۇمشاق توپىغا قويۇپ بېرىش ئارقىلىق كالىتسىي كەملىكىنى داۋالاشنى بىلىدۇ. ئانىلار قىزلىرىغا بۇ ئۇسۇللارنى ئۆگىتىپ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. يەنە ھەممە ئائىلىلەردە ھەر خىل گۈللەردىن گۈلقەنت تەييارلاش، دورىلىق چاينى ئۈزۈپ قويماسلىق، ھەسەلنى ئەڭ مۇھىم ئوزۇقلۇق ھەم پارچە كېسەلگە شىپا دەپ ئىستېمال قىلىش ئادەتكە ئايلانغان.   ئادەتتە خوتەنلىكلەر ئىچىدە دوختۇرخانىلارغا كۆرۈنىدىغانلاردىن تېۋىپكە كۆرۈنىدىغانلار كۆپ. خوتەنلىكلەر تېبابەت دورىلىرىنى ناھايىتى ئەتىۋارلىغاچقا، باشقا يۇرتلاردىكى ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىگە تېبابەت دورىلىرىنى سوغاتلىققا ئېلىپ بارىدۇ.  

    مەينىسا تۇرسۇن 
    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ": خوتەن
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!