www.4tadu.com
  • ئەل ئىچى رېتسىپلىرى 3 - [رېتسىپ خالتىسى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/71329582.html

    ئەل ئىچى رېتسىپلىرى
    كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش:ئىككى مىسقال ئاق جۇخار گۈلى ،ئىككى مىسقال ئالىقاتنى ھەر كۈنى قايناقسۇغا سېلىپ ئۇدا بىر ئاي  چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە بولىدۇ(ئاچچىق نەرسە ۋە لامىنارىيىدىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك).

    قۇلاق غۇڭۇلداش،ئاڭلىماسلىق:ئېغىزغا بىر پارچە تۈمۈر پارچىسى سېلىپ ،قۇلاق سىرتىغا بىر دانە ماگنىتنى تۇتۇپ ،كۈنىگە ئىككى قېتىم ،ھەر قېتىمدا 10 مىنۇتتىن ئۇدا 20 كۈن داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ (بۇ تۇغما گاس كىسىلىگە شىپا بولمايدۇ).

    ئانگىنا:50 گىرام قارا قېرىنقۇلاق (مۇئېر)نى قورۇپ قۇرۇغاندىن كىيىن سوقۇپ ،يېرىم قوشۇق ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ،كۈنىگە ئىككى قېتىم ئۇدا بەش كۈن ئىچىپ نەرسە بولىدۇ (بۇ رېتسىپ كېسەل قوزغالغاندا ئىشلىتىلىدۇ).

    ئاۋازى پۈتۈپ قېلىش:بىر تال توخۇ توخۇمىنى چىنىگە چېقىپ بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ پىشۇرۇپ ،ئۇدا ئىككى ئۈچ كۈن ئەتىگەن ۋە كەچتە يەپ بەرسە بولىدۇ (ئاچچىق نەرسدىن پەرھىز تۇتۇش لازىم).

    يۈز تېرىسى قارىداپ يېرىكلىشىش:ئاق ئاچچىقسۇ ۋە گېلىتسىرىن (甘油) نى 1:2 نىسبەت بويىچە ئارىلاشتۇرۇپ ،كۈنىگە 2-3 ۋاخ سۈرۈپ بەرسە سىلىقلىشىپ ئاقىرىدۇ.

    سەپكۈن:ئۆرۈك مېغىزىدىن بەش مىسقالنى سوقۇپ تۇخۇم ئېقىغا ئارىلاشتۇرۇپ ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن سەپكۈن بار يەرگە سۈركەپ ئەتىسى ئەتىگەندە ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇۋەتسە ھەم بۇنى 10-15 كۈنگىچە داۋاملاشتۇرسا ئۈنۈمى كۆرىلىدۇ.

    سېرىق داغ:خەنزۇ كاۋىسى شىرنىسى ۋە ئاق ئاچچىقسۇنى تەڭ مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ ،كۈنىگە 2-3 قىتىم يۈزگە سۈرتۈپ 10 مىنۇتتىن كىيىن يۇيۇۋەتسە ھەم 15 كۈن داۋاملاشتۇرسا ئۈنۈمى كۈرىلىدۇ.

    يۈزدىكى داغنى يوقىتىش:يېڭى پەمىدۇر شىرنىسى بىلەن ھەسەلنى 5:1 نىسبەت بويىچە ئارىلاشتۇرۇپ داغ بار يەرگە سۈركەپ 10 مېنۇتتىن كىيىن يۇيۇۋەتسە ھەم بۇنى 10-15 كۈن داۋاملاشتۇرسا قارا داغ پارچىلىنىپ ،يۈز تېرىسى ئاقىرىدۇ.

    دانىخورەك:ئالدى بىلەن يۈزنى ئىلمان سۇدا يۇيۇپ ،ئاندىن يېڭى تەرخەمەك شىرنىسى بىلەن ئاق ئاچچىقسۇنى تەڭ مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ ،دانىخورەك بار ئورۇنغا سۈرتۈپ 10 مىنۇتتىن كىيىن ئىلمان سۇدا يۇيۇۋەتسە بولىدۇ،بۇنى 15 كۈنگىچە كۈندە ئۈچ قېتىم داۋاملاشتۇرسا ئۈنۈمى كۆرىلىدۇ.

    چاچ چۈشۈش(چاچ كىپەكلىشىش،باش قىچىشىش):ئۈجمە يۇپۇرمىقىدىن 300 گىرام ،زەنجىۋىلدىن 50 گىرام تەييارلاپ ،ئاز مىقداردا ئاچچىقسۇ قوشۇپ ،2.5 كىلۇگىرام سۇدا قاينىتىپ كۈنىگە بىر قىتىمدىن ئۇدا بىر ھەپتە باشنى يۇيۇپ بەرسە بولىدۇ(يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن باشنى پاكىز سۇدا چايقاشقا بولمايدۇ).
    پاينەكباشلار (تاقىر باشلار):يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك باشنى يۇيغاندىن كىيىن ،زەنجىۋىل پارچىسىنى ئۇدا 20 كۈن ،كۈنىگە 3-5 قېتىم باشقا سۈرتۈپ بەرسە بىر ئايغا بارماي چاچ ئۆسۈپ چىقىدۇ~~يەنە بىر ئۇسۇلى(گۈلسىمادىن تەۋسىيە):زەنجىۋىلنى نىپىز يالپاقلاپ توغراپ پەتنۇسقا تىزىپ سۈيى قۇرىغىچە قويۇپ ئاندىن ئۇنى ھەسەلگە مىلەپ ئاغزى ھىم قاچىغا سىلىپ 1-2كۈن تۇرغۇزۇپ ،قىيام ھالىتىگە كەلگەندە ،ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قوشۇقتىن يەپ بەرسە ،ھەم بۇنى 1-2 ئاي داۋاملاشتۇرسا چاچ ئۆسۈپ چىقىدۇ،بۇنىڭ ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى ،سىناقتىن ئۈتكەن.

    ئورۇقلاش: نېلۇپەر يوپۇرمىغى ،قۇرۇتۇلغان خەنزۇ كاۋىسى پوستىنى 1:2 نىسبەت بويىچە ئارىلاشتۇرۇپ ،كۈنىگە 50 گىرامدىن چاي دەملەپ ئىچسە ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ(سېمىز گۈشتىن پەرھىز تۇتۇلىدۇ).(2) 50 گىرام خەيدەي ،50گىرام پونۇس(草决明) نى سۇدا قاينىتىپ كۈندە بىر قېتىمدىن ئۇدا 15 كۈن ئىچىپ بەرسە بولىدۇ. `

    ۋاقىتسىز چاچ ئاقىرىش:كۆپ گۈللۈك قامچىئوت ،قارا كۈنجۈتتىن 50 گىرام تەييارلاپ ،قۇرۇتۇپ سوقۇپ قارا شىكەر سۈيىگە ئۈچ مىسقال سېلىپ كۈنىگە ئىككى قىتىم ئىچسە بولىدۇ (دادۇر يىيىشتىن پەرھىز تۇتۇلىدۇ).

    «پەن ۋە تۇرمۇش»  ۋە  « ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى»
    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ": قۇلاق
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!