-
مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى ئەڭ زامانىۋى كەشپىياتلار(1) - [ئارىلاشما تېمىلار]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/71329507.html
بۇنىڭدىن ئون نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن ئاسۇرىيە( ئاسىيانىڭ غەربىدىكى بىر دۆلەت)لىكلەر ئوپراتسىيە قىلغاندا ناركوز دورىسىنى ئىشلەتكەن ، قەدىمقى مىسىرلىقلار بولسا قاپىقىغا سۈرمە تارتىشنى بىلگەن . ئەمدى بىز ئۇقۇرمەنلەرگە قەدىمجى ئەجدادلارنىڭ ئەڭ < زامانىۋى> كەشپىياتلىرىدىن بىر نەچچىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۇق :
يىڭنە سانچىپ ۋە داغلاپ داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ كەشپ قىلىنغىنىغىمۇ 4700يىل بولدى .
جوڭگۇلۇق تېۋىپلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 2700-يىللاردىلا يىڭنە سانچىپ ۋە داغلاپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا باشلىغان ، ئۇلار شۇ چاغدىلا بەدەننىڭ مەلۇم بۆلىكىگە يىڭنە سانچىپ داۋالىغاندا ئاغرىقنى توختاتقىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان . شۇنىڭدىن كېيىن ئىپتىدائىي تاش يىڭنىنى مېتال يىڭنىگە تەرەققىي قىلدۇرغان ، بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى تا بۈگۈنگە قەدەر تاشلىنىپ قالغىنى يوق ، بەلكى تەرەققى قىلىپ تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى .( گېزىت خەۋىرىدە ئۇ تېۋىپلارنىڭ بۇ ئۇسۇلنى ئۆزلىرى ئىختىرا قىلغانلىقى ياكى قوبۇل قىلغانلىقى ئېيتىلمىغان ، مىنىڭچە بۇ ئىزدىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك مەسىلە).لەگلەكنىڭ تارىخىمۇ 3000يىلغا يېتىپ قالدى .
جوڭگۇلۇقلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1000-يىللار ئەتراپىدىلا لەگلەكنى كەشپ قىلغان ، ئۇلار لەگلەكنىڭ جازىسىنى بامبۇكتىن ، لەگلەكنىڭ يۈزىنى نېپىز يىپەكتىن ياسىغان .
5000 يىل بۇرۇن ئىشلەنگەن پەرداز بويۇملىرى
گۈزەللىككە تەلپۈنۈش ئىنساننىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك خارەكتىرى، تولىمۇ يېراق دەۋرلەردىن باشلاپلا ، ئەجدادلىرىمىز بەدىنىگە لاي ۋە قاندىن تۈرلۈك بەلگىلەرنى سىزىپ ، جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ كەلگەن . بىراق بۈگۈنكى دەۋردىمۇ ئىشلىتىلىۋاتقان بەزى پەرداز بويۇملىرى بۇنىڭدىن 5000 يىل بۇرۇن قەدىمىي مىسىردا بارلىققا كەلگەن ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يۈز ماي ، لاك ۋە سۈرمىلەر ئەڭ مەسھۇر . قەدىمقى مىسىرلىقلار رۇدا تاشلار ۋە دورىلىق ماتىرىياللارنى ئارىلاشتۇرۇپ ، ئۆزىنى گۈزەللەشتۈرۈشكە باب پەرداز بويۇملىرىنى ياساشنى بىلگەن .
يالغان پۇتنىڭ ئىجاد قىلىنغىنىغا 2560 يىل بولدى .
يالغان پۇت ھەققىدىكى بايانلاردىن يازما ئەسەرلەردە تىلغا ئېلىنغان ئەڭ بۇرۇنقى ۋاقىتنى يۇنان تارىخشۇناسى ھېرىدودنىڭ ئەسەرلىرىدىن بىلگىلى بولىدۇ . ئۇ يازغان گېرىكلار بىلەن پارسلار نىڭ ۇرۇشى ھەققىدىكى ئەسەر< تارىخ > مىلادىدىن ئىلگىرىكى 550 -يىلى يېزىلغان . كىتابتىكى باياندىن پۇتلىرى ئۈزۈۋېتىلگەن پارس ئەسكىرىنىڭ ياغاچتىن ياسالغان پۇتنى ئۆز پۇتىغا قانداق بېكىتكەنلىكى ، يالغان پۇتنى بېكىتكەندىن كېيىن يول مېڭىشىغا قانچىلىك باب كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان . ئەمما بۇ ھېكايىدىكى بايانلاردىن خېلى بۇرۇنلا يالغان پۇت ياسالغانلىقى مەلۇم . بۇ يالغان پۇت مىلادىدىن ئىلگىرىكى 330 - يىلى ياسالغان بولۇپ ، ئۇنىڭ ماتىرىيالى مىس ۋە ياغاچ ئۇنى ئارخولوگلار 1885- يىلى ئىتالىيەدىكى قەدىمىي بىر خارابىلىكتىن قېزىۋالغان .يىلىم مىلادىدىن 4000 يىل بۇرۇنلا ئىجاد قىلىنغان .
ياۋروپانىڭ شىمالىدىن ياۋروپا ئاق قېيىن دەرىخىنىڭ مېيىدىن ياسالغان يىلىمنىڭ ئۇۋۇندىلىرى تېپىلدى ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن بۇ ئۇۋۇندىلارنىڭ 4000 يىل بۇرۇنلا ياسىلىپ بولغانلىقى دەلىللەندى . دەمىمقى بابىلونلۇقلارمۇ تۈرلۈك دەرەخ مېيىدىن يىلىم ياساپ ھەيكەللەرنىڭ سۇنغان ياكى كەم - كۇتا يەرلىرىنى رىمونت قىلىشقا ئىشلەتكەن ؛ قەدىمقى رىملىقلار يىلىم ياساش جەھەتتە ھەممىنى بېسىپ چۈشكەن ، ئۇلار يەنە ياغ بىلەن شامنى بىرلەشتۈرۈپ كېمىلەرنىڭ يېرىقلىرىنى ئىتىشنى بىلگەن تۇنجى ئادەملەردىن سانىلىۋاتقىنىغا ئۇزاق بولدى .
چاڭغىمۇ ئاللىقاچان 5010 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ قالدى .
دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمقى چاڭغا 1920 - يىلى شىۋىتسىيەدىن بايقالدى . ئۇنىڭ يىل تارىخىنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 3000- يىللاردىن ئىگىلەشكە توغرا كېلىدۇ . ئاددىيلا ئېيتقاندا ئۇ پەقەت ھازىرقى زاماندىكى چاڭغىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان ياغاچ تاختا بولۇپ ، كۆڭۈل ئېچىش بۇيۇمى بولماسلىقى مۇمكىن . چۈنكى ئۇنىڭ ياسىلىش مۇددىئاسى قىشتا سەپەرگە چىققان ئادەمنىڭ يۇتى يەرگە تەكگەندە ئىگىلەيدىغان كۆلەمنى چوڭايتىشقا ۋە بۇ ئارقىلىق قار قېلىن جايلاردا قارغا پېتىپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا ياردەم بېرىشتەك قىلىدۇ .
يالغۇز كىشىلىك قولۋاقنىڭ تارىخىمۇ 9510 يىلدىن كەم ئەمەس .
يالغۇز كىشىلىك قولۋاق ھازىرقى كىشىلەر بىلگەن ئەڭ قەدىمقى سۇدىن ئۆتۈش قورالى . ئەڭ بۇرۇنقى يالغۇز كىشىلىك قولۋاق مىلادىدىن بۇرۇنقى 7510- يىللاردا پەيدا بولغان . ئۇنى كىشىلەر ئىچى كاۋاك دەرەخنىڭ غولىدىن . ئۇنىڭ دەريادىن ئۆتۈشتىكى قورال بولۇشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئەڭ تەلىپى شۇكى ، ياغاچنىڭ چىرىپ كەتمەسلىكى ۋە ئۇنىڭغا چۈشىدىغان ئادەمنىڭ بولۇشى . ئەگەر قولۋاقنىڭ ئىچىدىكى بوشلۇق يېتەرلىك دەرىجىدە چوڭ بولمىسا كىشىلەر سۈركەپ ئۇچلىغان تاش قوراللىرى بىلەن ئۇنىڭ دىۋارلىرىنى ئانچە - مۇنچە ئويۇپ ئاندىن سۇغا چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەن .
收藏到:Del.icio.us