-
مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى ئەڭ زامانىۋى كەشپىياتلار (2) - [ئارىلاشما تېمىلار]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/67608548.html
چىش پاستىسىنىڭ بارلىققا كەلگىنىگە 7000 يىل بولۇپ قالدى .
بۇنىڭدىن 7000 يىل بۇرۇنلا قەدىمقى مىسىردىكى كىشىلەر مەلۇم بىر نەرسە ئارقىلىق ، چىشنىڭ ساغلاملىقى ۋە پاكىزلىقىنى قوغداشقا باشلىغان . بېراق مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5000- يىللارغا كەلگەندە ، مىسىرلەقلار يەنە دورىلىق ماتىرىياللار ۋە باشقا دەرەخ مېيى تۇخۇم شاكىلى پاراشوكى ،سۆڭەك پاراشوكى ۋە باشقا سۈركىلىشكە چىداملىق ماددىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تاۋلىغاندىن كېيىن ، دۇنيادىكى تۇنجى چىش پاستىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن . چىش چوتكىسى بولمىغاچكا ئۇلار بۇ خىل نەرسىلەرنى بارمىقىغا ئېلىپ چىشىغا كۈچىنىڭ بارىچە سۈركەش ئارقىلىق چىشىنى تازىلىغان .
ماروژنىنىڭ تارىخى 4000 يىلدىن ئاشىدۇ .
ماروژنىنىڭ تولىمۇ يېيىشلىك تەمىدىن جوڭگۇلۇقلار ئەڭ بۇرۇن بەھرىلەنگەن . چۈنكى ئۇلار مىلادىدىن 2000 يىل بۇرۇنلا بۇ تەملىك يېمەكلىكنى كەشپ قىلغان رىملىقلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى 350 - يىلىغا كەلگەندىلا بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى كىرگۈزگەن ، يەنە مۇزلۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشنىمۇ ئۆگەنگەن .
4500 ياشقا كىرگەن ئەينەك .
ئەڭ قەدىمقى ئەينەكنى تاپماقچى بولساق يەنىلا قەدىمقى مىسىرغا بارمىساق بولمايدۇ . چۈنكى ئەينى چاغدا بۇ يەردە پارقىراق مېتالار بارلىققا كەلگەن بولۇپ ، كىشىلەر شۇنىڭدىن ئەينەك ياساپ پەرداز قىلىشقا ئىشلىتىشنى باشلىغان . كېيىن رىملىقار كۈمۈشتە ياسالغان ئارىلاشما ماتىرىياللاردىن ئەينەك كۆرگۈلەرنى ياساپ ئىشلەتكەن ، ئەمما ئەينەك ماتىرىيالىدىن پۈتكەن ھەقىقىي ئەينەك كۆرگۈ ۋىنىتسىيەلىكلەرنىڭ قولىدا ياسالغان . ئۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1300-يىللار ئىدى .ساندىۋېچ 300 يىللار ئىلەىرىلا بارلىققا كىلىپ بولغان .
گەرھە ھازىر نۇرغۇن ئادەم ساندىۋىچنى ساندىۋىچ گراف جونسۇن مىنتاگو ئىجاد قىلغان دەپ ئىشەنسىمۇ ، ئەمما بۇ يىمەكلىك ئەلۋەتتە خېردىلار ( كىچىك ئاسىيادا ياشىغان قەدىمىي مىللەت ) ىڭ يېمەكلىك رىسالىسىگە تەۋە . مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1000- يىلىدا خېردىلارنىڭ لەشكەرلىرىگە بېرىلگەن يېمەكلىكلەر ئارىسىدا ئىككى پارچە بولكا ئارىسىغا گۆش تۈرىدىكى نەرسىلەر قىستۇرۇلغان يېمەكلىكمۇ بار ئىدى ، مانا بۇ ساندىۋىچنىڭ ئاتا - بوۋىسى .
مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3000 يىللاردا ياسالغان كانكى ئايىغى .
ئەڭ بۇرۇنقى كانكى ئايىغى مىلادىدىن بۇرۇنقى 3000 - يىللاردا كۆل ۋە ساسلىقلارغا تولغان قىش كىرىشى بىلەنلا مۇزدا قالىدىغان فىنلاندىيەدە بارلىققا كەلگەن . بۇ ئىپتىدائىي كانكى ئاياغ ئۇزۇن ۋە ئىنچىكە ھايۋان ئۇستىخىنىدن ياسالغان . ئۇنىڭ ئىقتىدارى بۈگۈنكى تۈمۈردىن ياسالغان كانكى ئايىغىنىڭ تىغىغا ئوخشايدۇ ، ئۇنى ئىشلەتمەكچى بولغانلار يىپ بىلەن پۇتىغا تېڭىۋالسىلا ، مۇز ئۈستىدە بىمالال غۇيۇلداپ ماڭالايدۇ .
4000 يىل بۇرۇنقى سۇ تازىلاش ماشىنىسى .
بۇ چاغدا ھىندى دەرياسى ساھىلىدىكى كىشىلەر قۇم ۋە شېغىلدىن پايدىلىنىپ سۇ تازىلاش ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ بولغان ، ئەلۋەتتە بۇ قۇم بىلەن شېغىل سۇ سۈزگۈچنىڭ رولىنى ئوينىغان . ئۇلاردىن 500 يىل كېيىن مىسىرلىقلار زەمچە ئارقىلىق سۇ سۈزۈپ تازىلاشنى ئۆگەنگەن . مىلادىدىن ئىلگىرىكى 500- يىللاردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 400- يىللارغا كەلگەندە قەدىمقى يۇنانلىق دوختۇر ھىپوكرات نېپىز رەختتە ياسالغان كۇنۇسسىمان سۈزگۈچ خالتىنى ئىجاد قىلىپ سۈزگۈچ قىلغان ھەمدە تۇرمۇشتا تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان سۇنى تازىلاشقا ئىشلەتكەن .
( مېنىڭچە بۇ ھىپوكرات دېگەن ئىسىم تېبابىتىمىزدىكى ھەكىم بوقراتنىڭ نامى بولۇپ، ھەكىم بۇ سۈزگۈچنى بەلكىم شەربەت دورىلارنى سۈزۈش ئېھتىياجى بىلەن ياسىغان بولۇشى مۇمكىن ، بۇ پەقەتلا شەخسىي قارىشىم )
بۇنىڭدىن تۆت مىڭ نەچچە يۈز يىل بۇرۇنلا ئادەمەلر ئوپراتسىيەدە ناركوز دورىلىرىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان .
تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا ئاسۇرىيەلىكلەر ئوپىرتسىيەدە ناركوز دورىلىرىنى ئىشلەتكەن تۇنجى ئادەملەر ئىكەن . ئۇلار بۇ ماھارەتنى مىلادىدىن ئىلەىرىكى 2000- يىلللاردىلا ئىگىلەشكە باشلىغان ، ئۇالر ئالدى بىلەن ئاغرىقنىڭ ئىككى تال بويۇن ئارتىرىيەسىنى قىسىپ ، قاننىڭ چوڭ مىڭىگە بارىدىغان يولىنى ئۈزۈۋەتكەن ، بۇنىڭ بىلەن ئاغرىق سېزىمى يوقىلىپ ھوشسىزلانغان . بۇنىڭدىن باشقا ئاسۇرىيەلىكلەر يەنە بىللادوننا ( تېبابەتتە لۇفاھ ياكى مىھرىگىياھ دەپ ئاتىلىدۇ ، بىللادۇننامۇ دېيىلىدۇ) ، ماندىرا قاتارلىق چۆپ دورىلارنى كەندىردىن ئېلىنغان نەشىگە ئارىلاشتۇرۇپ چەككىلەش ئارقىلىق دۇنيادىكى تۇنجى << خېمىيەلىك ناركوز دورىسى >> نى ياساپ چىققان .
مىلادىدىن 35 مىڭ بۇرۇن ياسالغان بېلىق تۇتۇش قارمىقى .
بېلىق تۇتۇش قارمىقى ئىنسانىيەت تارىىىدىكى غايەت زور دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە كەشپىياتلارنىڭ بىرى ، چۈنكى ئۇ بارلىققا كەلگەندىن كېيىن ، ئىنسانىيەت ئىنتايىن مول يېمەكلىك مەنبەسىگە ئىگە بولدى . ئەڭ قەدىمقى بېلىق تۇتۇش قارمىقى مىلادىدىن بۇرۇنقى 37000- يىللاردا ياغاچ ، سۆڭەك ۋە قۇلۇلە قېپىدىن ياسالغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە مىڭ يىلدا تەرەققىي قىلىپ تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشكەن .
تامام .
مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى .
收藏到:Del.icio.us
评论