-
ساغلاملىققا ئەڭ پايدىلىق 25 خىل مېۋە )4-6( - [تېببىي ئۇچۇرلار]
2010-07-17
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/69494841.html
قوغۇن : ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن ، يۇقۇملىنىشنى ئازايتىدىكەن .
قوغۇننىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى چۈشەندۈرۈلۈشى:
خېمىيەلىك تەركىبى : قوغۇن ئېتى تەركىبىدە شار ئاقسىلى ، لىمون كىسلاتاسى قاتارلىق ئورگانىك كىسلاتا ، كاروتىن ۋېتامىن ب س قاتارلىقلار بار .
فارماكولوگىيەلىك تەسىرى : بۇ باكتىرىيىنى تۇرمۇزلىمايدۇ ، لېكىن بەزى زەمبۇرۇغلارغاقارىتا تۇرمۇزلاش تەسىرى بار .
تەبىئىتى : ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق .
خۇسۇسىيىتى : قان كۆپەيتىش ، سۈيدۈك ھەيدەش ، بەدەنگە ئۇزۇق بولۇش ، ئاغرىق پەسەيتىش ، توسالغۇلارنى ئېچىش ، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش ، تەرەتنى يۇمشىتىش ، مېڭە ۋە بەدەندە ھۆللۈك پەيدا قىلىش ، تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇش ، ھەيزنى راۋان قىلىش .
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر : سۈيدۈك تۇتۇلۇش ، سۈيدۈك ئېچىشىپ كېلىش ، بۆرەك ۋە دوۋسۇن يارىسى، ھەيز تۇتۇلۇش ، كۆپ ئۇسساش ، قەۋزىيەت ، جىگەر ۋە بۆرەك يوللىرى تۇسۇلۇش ، بۆرەك تاش كېسەللىكى، تېرىنىڭ يىرىكلىشىشى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
قوغۇن تەركىبلىك بىر نەچچە رېتسىپ:
قوغۇندىن كۈندە مۇۋاپىق يەپ بەرسە ، سۈيدۈك ھەيدەيدۇ ، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ . بەدەنگە ئوزۇق بولىدۇ، تەرەتنى يۇمشىتىدۇ.
قۇغۇننىڭ لېشىنى تېرىگە سۈركىسە ، تېرىنىڭ يىرىكلىكىنى يوقىتىدۇ .
قۇغۇننى مۇۋاپىق مىقداردىكى قېتىق بىلەن بىرگە يېسە ، قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
قۇغۇننى گۆش بىلەن پۇشۇرۇپ يېسە تېرىگە جۇلا بېرىدۇ.
ئىشلتىىش مىقدارى : مۇۋاپىق.
زىيانلىق تەسىرى : كۆپ يېسە ئىچىنى سۈرۈۋېتىدۇ، ئىچكى ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى سۇسلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى : سىركەنجىۋىل، ئانار سۈيى ، ياكى مۇۋاپىق مىقداردىكى ھەسەل بىلەن بىرگە يېيىش لازىم.
ئورۇنباسارى : تەرخەمەك
5. گىلاس: بۇغۇم ئاغرىقىنى پەسەيتىپ ، يۇقۇملىنىشنى ئازايتىدىكەن.
گىلاسنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىشى:
Tomenin خېمىيىلىك تەركىبى: ، (
Catehin گىلاس گىلۇكوزىدى
C ۋېتامىن Amygdalin Glcose Cenkwanin Sakuranetin
، مېۋە قەنتى ، بىر نەچچە خىل ئامىنو كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار
فارماكولوگىيەلىك تەسىرى: قىزىتما قايتۇرۇش ، قان بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
تەبىئىتى: بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق .
خۇسۇسىيىتى: ئاساسلىقى ماددىسىز ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشەش ،
قان تازىلاش،تېرىنى قۇۋۋەتلەش ، ئۇنىڭدىن باشقا قان ۋە سەپرانىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىش ، كۆكرەكنى بوشىتىش، ئىچىنى يۇمشىتىش، بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشنى چۈشۈرۈش،ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش ، تۇتۇش ۋە پارقىرىتىش.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: يېڭى ۋە تاتلىق گىلاس گال ۋە كۆكرەكنىڭ يىرىكلىكى ، يۆتۈل ۋە قەۋزىيەت ئۈچۈن ، چۈچۈمەل گىلاس قان ۋە سەپرانىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىش ، كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قۇسۇشنى توختىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
گىلاس تەركىبلىك بىر نەچچە رېتسىپ:
قۇرۇغان تاتلىق گىلاسنى بەدىيان بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ ، بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشنى چۈشۈرىدۇ.
گىلاس سۈيىنى يۈزگە سۈركەپ بەرسە پارقىراق قىلىدۇ.
گىلاس شەربىتى تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ ، بكرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشلارنى چۈشۈرىدۇ . (شەربەت تەييارلاش بۇ تېمىنىڭ بېشىدا يەنى ئالمىنىڭ چۈشەندۈرۈلىشىدە كۆرسىتىلىپ ئۆتۈلدى ، شۇ بويىچە تەييارلانسا بولىدۇ).
تاتلىق گىلاسنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلسا گال قۇرۇش ، ئۇسسۇزلۇق ، كۆكرەك ۋە گال يىرىكلىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى : 2-4 تال
زىيانلىق تەسىرى: ئاشقازاننىڭ ھۆللۈكىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى : قارىمۇچ ۋە تۇزلۇق تاماقلار.
ئورۇنباسارى: ئەينۇلا
6. مايمۇن شاپتۇلى: قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن . قاندىكى ياغ تەركىبىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. قەۋزىيەتكە شىپا بولىدىكەن .
شاپتۇلنىڭ ئۇيۈۇر تېبابىتىدە ئىشلىتىلىشى:
خېمىيەلىك تەركىبى :ھەر 100گرام مېۋىسىنىڭ تەركىبىدە بىر گرام ئاقسىل ، ئازراق ماي، يەتتە گرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، تۆت گرام تالالىق ماددىلار ، يېرىم گرام كۈل ماددىسى ، سەككىز مىللىگرام كالتسىي ، 20مىللىگرام فوسفور، بىر مىللىگرام تۆمۈر، كاروتىن ، ۋېتامىن ب1، ب2، ب6،
س قاتارلىقلار بار يەنە ئۇچۇچان ماي ، ئورگانىك كىسلاتا ، گلۇكوزا ۋە مېۋە قەنتى بار.
فارماكولوەىيەلىك تەسىرى: سۈيدۈك ھەيدەش ، بەلغەم بوشىتىش ، يۇمشىتىش،تېرىلەرنى پارقىرىتىش تەسىرى بار.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سۇغۇق.
خۇسۇسىيتى : ئاساسلىقى خىلىتسىز قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشەش، ھارغىنلىقنى يوقىتىش، تەرەتنى يۇمشىتىش ۋە راۋانلاشتۇرۇش، توسالغۇنى ئېچىش، تەبىئەتنى يۇمشىتىش، ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش،غەيرى تەبىئىي قان ۋە سەپرانىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتىش، ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش.
ئىشلىتىلىدىغان كىسەللىكلەر: غەيرىي تەبىئىي قان ۋە سەپرا خىلىتىدىن بولغان تەپ ، جىگەر ، ئاشقازان ئاجىزلىقى ، مېڭىگە قۇرۇقلۇق يېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
شاپتۇل تەركىبلىك بىر رېتسىپ: ئوبدان ىشقان شاپتۇلنى سىقىپ ، سۈيىنى بىر كىچە قۇيۇپ قويسا ، دۇغى ئاستىغا چۆكىدۇ. ئەتىسى سۈزۈپ ، سۈيىگە 200گرام شىكەر ، ياكى تەرەنجىبىن ۋە ياكى شىرخشت قوشۇپ ئەتىگىنى ئىچسە غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنى ھەيدەيدۇ.
زىيانلىق تەسىرى : ھۆل مىزاج ۋە بەلغەم مىزاج ئادەملەرگە زىيان قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى : ھەسەل ۋە زەنجىۋىل مۇرابباسى.
收藏到:Del.icio.us