www.4tadu.com
  • 2010-6-30 - [ئارىلاشما تېمىلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/68236758.html

    بېيجىڭ ‹ زوئەن › دۇختۇرخانىسى جىگەر راكى ئاغرىقلىرىنى بىر خىل يېڭى تېخنىكا بىلەن داۋالاپ ، ئۆمرىنى ئۈچ يىلچە ئۇزارتقان . ئۇلار ھەر خىل تىپتىكى جىگەر راكى ئاغرىقلىرىدىن 1000نى داۋالىغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ %87.8 ىنىڭ ئۆمرى ئۈچ يىل ئۇزارغان .

    + گىرمانىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ كىلىنكىلىق تەجرىبىلىرىگە قارىغاندا ، يىڭنە سانجىپ داغلاپ داۋالاش يۈرىكى زەئىپلەشكەنلەرنىڭ يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىراش ئىقتىدارىنى كۈچەيتەلمىگەن بىلەن ، ھەرىكەتتىكى چىدامچانلىقىنى ئاشۇرىدىكەن .

    + ئىگىلىنىشىچە ، بالىياتقۇ بوينى راكى ئاياللارنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھاياتىغا تەھدىت سېلىۋاتقان جانغا زامىن 2 – چوڭ راك كېسىلى بولۇپ ، ئاياللار
        HPV   تەشەببۇسكارلىق بىلەن     تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلىپ تۇرسا

    بۇ خىل راك كېسىلىنى بالدۇر
      بايقىغىلى بولىدىكەن . بۇ راك كېسىلىنى بالدۇر بايقاپ بالدۇر داۋالاتسا %95 تىن كۆپرەكى ساقىيىپ كېتىدىكەن .

    + ئامرىكىدىكى ئىككى تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىپ ، ئۆپكىنى قايتىدىن يېتىلدۈرۈش
      ساھەسىدە  زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېيتىشتى .

    + سۇلۇ يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ ئەتىگەنلىك غىزالىنىشىدىكى ئەڭ ياخشى تاللىشى ئىكەن ، ساپ سۇلۇ يۈرەككە پايدىلىق ئىكەن .

    + ئاچچىق كاۋىنىڭ بەدەندىكى خەيرىي خىلىتلارنى تازىلاش ، چارچاشنى تۈگىتىش ، يۈرەكنى ياشارتىپ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش ، بۆرەكنى كۈچەيتىپ ، ماغدۇر بېرىش خۇسۇسىيىتى بولۇپ ، ئۇنىڭ سۈيى قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىدىكەن

     

    .

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!