-
2010-7-3 - [ئارىلاشما تېمىلار]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/68229571.html
بۈگۈنكى تىببىي ئۇچۇرلار
بەزى ئەرلەر ئۆزىنى چىڭداش ئۈچۈن بۆرەك كاۋىپى يېيىشكە ئامراق . ئەمما مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسەتمىسىگە قارىغاندا ، بۆرەك كېسىلى بار ياكى بۆرەك ئىقتىدارى تازا نورمال بولمىغانلار ھايۋان بۆرىكىنى يېسە بولمايدىكەن . چۈنكى بۇنداق كىشىلەر يىمەكلىك ماددىسىدىكى ئېغىر مىتال ماددىسىنى ياخشى چىقىرالمىغاچقا ھەم ھايۋانات بۆرىكىنى كۆپ يېگەچكە ، خولىستىرىن كۆپىيىپ بۆرەكنىڭ يۈكىنى زىيادە ئېغىرلاشتۇرىۋېتىپ زىيان يەتكۈزىدىكەن .زەنجىۋىل ئاشقازان ، تال قاتارلىقلارغا پايدىلىق بولۇپ ، بۇزۇلۇپ قالغىنىدا توكسىن پەيدا قىلىدىكەن . ئۇنى يېسە ئېغىر بولغاندا ، جىگەر ياكى ئاشقازان راكىنى پەيدا بولۇپ قالدىكەن .
ئەنگىلىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە يېمەكلىككە زىيادە سېزىمچان كىشىلەرنىڭ
% 90 نىڭ سالامەتلىكى ناھايىتى ياخشى بولۇپ ، ئۇلاردىكى بۇنداق زىيادە سېزىمچانلىق پسىخىكا مەسىلىسى ئىكەن .ئىسپانىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا ، زەيتۇن مېۋىسىنىڭ پوستىدا بوغماق ئۈچەي راكىغا پايدىلىق كاشتان كىسلاتاسى بولۇپ ، بۇ خىل ماددا بوغماق ئۈچەي راكى ھۈجەيرىسىنىڭ ئەجرىلىپ چىقىشىنى كۆرۈنەرلىك تىزگىنلەپ ، شۇ خىلدىكى راك ئاغرىقلىرىنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش نىسپىتىنى تۆۋەنلىتىدىكەن .
ئالاقىدار ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە ، چالا ئۇخلاپ قوپۇش ئۆمۈرنى قىسقارتىدىكەن .
收藏到:Del.icio.us