-
2010-05-18
بىر ئادەمنى بەك ياخشى كۆرۇپ كەتمەڭ - [ئەدىبى ئەسەرلەر]
بىر ئادەمنى بەك ياخشى كۆرۇپ كەتمەڭ.
بىر ئادەمنى بەك ياخشى كۆرۇپ كەتسىڭىز،ئۇ سىزنىڭ بۇرنىڭىزدىن يىتىلەپ ماڭىدۇ،ئۇ ۋاقىتتا ئەسلىدىكى سىز بولالمايسىز.
ئۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ كۆز-قارىشى،ئۆزىڭىزنىڭ خۇشاللىقى ھەم قايغۇسىمۇ بولمايدۇ.سىز ئۇنىڭ ئۈچۇن مەركەز بولىسىز،
ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاندا،سىز پۇتۇن دۇنيا،ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولمىسىڭىز ئۇ سىزنىڭ دۇنيارىڭىز بولىدۇ.ئۇنى بەك ياخشى كۆرسىڭىز
ئۇنىڭ قىلغان ئىشىغا چىدىشىڭىز كىرەك،ئاستا-ئاستا ،ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئۇ بۇ خىل ئادەتكە كۆنۇپ قالىدۇ،سىزنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۇن بەدەل تۆلەۋاتقىنىڭىزنى بىلمەيدۇ،ھەتتا سىزدىن زىرىكىدۇ،سىزنىڭ مىجەزىڭىز ئۇنىڭغا ياقمايدۇ،ئۇ سىزنى بەكمۇ كۆزگە ئىلىپ كەتمەيدۇ،
سىزنى ھۆرمەتلىمەيدۇ...........
بىر ئادەمنى بەك ياخشى كۆرسىڭىز :سىز پەقەتلا بىر كۆيۇپ تۇرغان شامغا ئوخشايسىز،سىز پەقەت نۇرغا ۋە ئىسسىقلىققا مۇھتاج بولىسىز.
ئەڭ ئاخىردا ئىرىپ تۇگەيسىز،ھىچنىمە قالمايدۇ.
قارشى تەرەپ بولسا:بىر يىنىپ تۇرغان قولچىراققا ئوخشايدۇ،داۋاملىق ئىنىرگىيە قاچىلاپ تۇرىدۇ،مەڭگۇ يىنىپ تۇرىدۇ.
بىر ئادەمنى بەك ياخشى كۆرسىڭىز،ئۇ سىزنىڭ ئۆزىگە كۆڭۇل بۆلۇشىنى ئادەت قىلىۋالىدۇ،لىكىن ئۆزىنىڭ سىزگە بەدەل تۆلىشىنى بىلمەيدۇ.سىزگە كۆڭۇل بۆلۇشنى ئۇنتۇيدۇ،بۇنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ئۇنى بەك ئارزۇلاپ كەتكىنىڭىزدىن بولىدۇ.
ئۆزىڭىزچە ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن دەپ ئويلىماڭ،ئۇمۇ سىزنى ياخشى كۆرسە بولىدۇ.مۇھەببەت قائىدە سۆزلىمەيدۇ.
كۆپ ۋاقىتلاردا مۇھەببەت باراۋەر ئەمەس.بىر ئادەمنى بەك ياخشى كۆرۇپ،ئۆزىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ،ئۆزىڭىزگىمۇ ئورۇن قالدۇرۇڭ،
ئۇنىڭغىمۇ پۇرسەت بىرىڭ.ئەگەردە ئۇ سىزدىن ئايرىلسا:كۆپ بەدەل تۆلىگەن سىز ،يەنىلا كۆپرەك ئازابنى چىكىسىز خالاس.
شۇڭلاشقا ئۇنىمۇ بەك ياخشى كۆرۇپلا قالماستىن ئۆزىڭىزنىمۇ ياخشى كۆرۇشىڭىز كىرەك.历史上的今天:
ماتىريال بېسىشتا بەت يۈزىنى ئۆزگەرتىپ بېسىش 2010-05-18EXCELدا كۈننىڭ ھەپتىسىنى چىقىرىش فورمىلاسى 2010-05-18