-
2010-05-18
ماتىريال بېسىشتا بەت يۈزىنى ئۆزگەرتىپ بېسىش - [office بىلىمى]
ماتىريال مەيلى قايسى خىلدىكى قەغەزگە لاھىيلەنگەن بولسۇن بەت يۈزىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ خالىغان قەغەزگە پىرىنتىرلەپ چىقىرىشقا بۇلىدۇ.
ئۇسۇلى:
1-ئاۋال بېسىش 打印 بۇيرۇقىنى بىرىمىز، چىققان بېسىش كۆزنىكىدىن پىرىنتىر خاسلىقىنى چىكىمىز، رەسىمدىكىدەك
2-ئۇندىن كىين ئاۋۇ قىزىل رامكا ئىچىگە ئېلىنغان رايۇنغا دىققەت قىلىڭ، ئۈستىدىكى بولسا قەغەزنىڭ ئەسلى لاھىيسى، ئاستىدىكى رامكا ئىچىگە ئېلىنغان رايۇن بولسا سىز باسماقچى بولغان قەغەز تىپى، سىز مۇشۇ كۆزنەكتىن قايسى خىل قەغەز تىپىنى تاللىسىڭىز سىز لاھىيلىگەن قەغەز قانداق بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر سىز بۇ ماتىريالنى ئۈزىڭىز بىكىتكەن قەغەز ئۆلچىمىدە پىرىنتىرلىيەلەيسىز.مەسىلەن رەسىمدە ئەسلى لاھىيلەنگەن بەت يۈزى A3 ھازىر باسماقچى بولغان قەغەز يۈزى بولسا A4 دىمەك بۇ ماتىريال ھازىر A4 قەغەزگە بېسىپ چىقىرلىدۇ دىگەن گەپ، ماتىريالغا ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ. قېنى سىناپ بېقىڭ.