• 2010-05-18

    ئۆز ئىسمىنى بارماق دېسكا سىنبەلگىسىگە چىقىرىش - [كومپىيوتېر]

    بۇنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىدەك
    1. سىزدە ئاۋۋال سىنبەلگە(
    icon) ياسايدىغان دىتال بۇلىشى كېرەك، بولمىسا چۈشۈرۈش قانىلىمىزدىن سىنبەلگە ياكى icon دەپ يېزىپ ئىزدىسىڭىز بار. مۇشۇ دىتال ئارقىلىق ئىسمىڭىزنى ياكى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ماركا بەلگىسىنى ياسىۋالىسىز(سىنبەلگە ئۆلچىمى ئەڭ ياخشىسى 32*32 بولسۇن) ، ھۆججەت نامىنى autorun.ico دەپ قۇيۇڭ.
    سىنبەلگە ياساش دىتالىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
    2. خاتىرە دەپتەرنى ئېچىپ بىرىنچى قۇرغا بۇ خەتنى يېزىڭ
     [
    autorun]
    تىرناقنىمۇ يازىسىز، ئىككىنچى قۇرغا
    icon=autorun.ico
    بۇنى يېزىڭ . ھۆججەت نامىنى
    autorun.inf قىلىپ ساقلاڭ.
    3. سىز تەييارلىۋالغان بۇ ئىككى ھۆججەتنىڭ خاسلىقىنى ئېچىپ يۇشۇرۇن قىلىپ تەڭشەڭ ( بۇنى قىلىشتىن بۇرۇن يۇشۇرۇن ھۆججەتلەر كۆرۈنىدىغان قىلىۋېلىڭ، بولمىسا ھۆججىتىڭىز يوقاپ كەتسە مەن تېپىپ بېرەلمەيمەن جۇمۇ، ھې ھې ھې ھې ) بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت: بۇ ھۆججەتلەرنى دېسكىغا ئۇيۇپ نورمال زىيارەت قىلغاندا بۇلار كۆرۈنمەيدۇ، باشقىلارمۇ ئاسان بايقىمايدۇ
    4. ئەمدى سىز مەلۇم ھۆججەت ، دىتال ياكى باشقىلارنى نۇر دېسكىغا ئويغاندا مۇشۇ ئىككى ھۆججەتنىمۇ بىللە قۇشۇپ قۇيۇڭ ( ئاساسىي مۇندەرىجىگە قۇشىسىز، باشقا ھۆججەت قىسقۇچلارنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ قۇيۇشقا بولمايدۇ)
    5. دېسكىنى ئۇيۇپ بۇلۇپ دېسكىنى نۇر دېسكا قوزغاتقۇچقا قايتىدىن سالسىڭىز دېسكا ئاپتۇماتىك ئېچىلىدۇ ھەمدە ئۈستەل يۈزىدىكى كومپىيوتېرىم سىنبەلگىسىنى قوش چىكىپ ئاچسىڭىز  كۆرۈنۈش نامايەن بولىدۇ،بۇ ئارقىلىق سىز ئوپتىك دېسكىڭىزنى باشقىلارنىڭ ئېلىۋېلىشىدىن ياكى باشقىلارنىڭ ئوپتىك دېسكىسى بىلەن ئالمىشىپ كىتىشتىن ساقلىنالايسىز، باشقىلار دېسكىڭىزدىكى ھۆججەتلەرنى كومپيوتېرىغا كۆچۈرىۋېلىپ، بۇ ئىككى ھۆججەتنى تېپىپ چىقىرىۋېتىپ، ئاندىن دېسكىغا قايتا ئويمىسىلا ، نەچچە يۈز دانە كۆپەيتىۋالسىمۇ يەنىلا سىز بۇ دېسكىنىڭ ئاپتۇرى(ئەسلى ياسىغۇچىسى) بولالايسىز .
    بۇ ئىككى ھۆججەتنى بارماق دېسكىغا كۆچۈرۈپ قويسىڭىز بارماق دېسكىنىڭ سىنبەلگىسىمۇ شۇنداق كۆرۈنىدۇ.ھەتتا ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە سىنبەلگە ياساپ قاتتىق دېسكا رايۇنلىرىغا قۇيۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ .
    دىققەت:
    autorun.inf  ھۆججىتىنى ھازىر كۆپىنچە ۋىرۇسخۇرلار ۋىرۇس دەپ قاراپ يۇيۇپ سالىدۇ، شۇڭا ۋىرۇسخۇرلار بارماق دېسكا ياكى قاتتىق دېسكاڭنىڭ غول مۇندەرىجىسىدىكى autorun.infھۆججىتىنى يۇيىۋېتىمەن دېسە، ئۇ ۋىرۇس ئەمەس، ئارقاڭغا قايت دەپ بۇيرۇق بېرىپ قۇيۇڭ.

    分享到: