-
2010-05-18
WORDتا تىك ۋە توغرا يۆلىنىشلىك بەتلەرنى ئارىلاش لايىھىلەش - [office بىلىمى]
بەلكىم سىز WORDئارقىلىق بەت لايىھىلىگەندە تىك ۋە توغرا يۆلىنىشلىك بەتلەرنى ئارىلاش لايىھىلەشكە ئېھتىياجلىق بولغان بولىشىڭىز، ئەمما قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالغان بولسىڭىز بۇ يازمىغا دىققىتىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ.
ئالدى بىلەن مائوس ئىستىرىلكىسىنى توغرا يۆلىنىشلىك بەت قىلماقچى بولغان بەتنىڭ ئالدىدىكى بەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قۇرىغا ئەكىلىپ، تىزىملىكتىن<<قىستۇرۇش-ئايرىش بەلگىسى(插入-分符)>>بۇيرۇقىنى چېكىپ، ئېچىلغان<<ئايرىش بەلگىسى>>كۆزنىكىدىن <<كېيىنكى بەت>>دىگەن تۈرنى تاللاپ، جەزىملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.
ئىككىنچى قەدەمدە نۇر بەلگىنى توغرا يۆلىنىشلىك بەت قىلماقچى بولغان بەت ئۈستىگە ئېلىپ كېلىپ،تىزىملىكتىن <<ھۆججەت-بەت لايىھىلەش>>بۇيرۇقىنى چېكىپ، ئېچىلغان <<بەت لايىھىلەش>>كۆزنىكىدىن <<توغرا يۆلىنىش>> دىگەن تۈرنى بەلگۈلەپ قويساقلا بۇ بەت توغرا يۈنۈلۈشلۈك بەت بولىدۇ.
ئەگەر بىز بۇ بەت كەينىدىكى بەتلەرنى يەنىلا تىك يۆلىنىشلىك بەت قىلماقچى بولساق، ئوخشاشلا يۇقارقى باسقۇچلار بويىچە بىر ئايرىش بەلگىسى قىستۇرۇپ، ئاندىن يەنە <<بەت لايىھىلەش>> كۆزنىكىدىن <<تىك يۆلىنىش>> دىگەن تۈرنى جەزملەشتۈرسەكلا بولىدۇ.历史上的今天:
ماتىريال بېسىشتا بەت يۈزىنى ئۆزگەرتىپ بېسىش 2010-05-18EXCELدا كۈننىڭ ھەپتىسىنى چىقىرىش فورمىلاسى 2010-05-18