ھىجران 《1.2قىسىم》
ئاپتورى:تۇرسۇنجان مۇھەممەت
باھاسى:59.00
200
6-يىلى 12-ئاي 1-نەشرى
2008-يىلى 5-ئاي 3-بېسىلىشى
تىراژى: 6001-9000
ISBN:9787228106646
نەشرىياتتىن
يازغۇچى ، ژۇرنالىست تۇرسۇنجان مۇھەممەت 1965-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى چىرا ناھىيە گۇلاخما يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . 1981-يىلى 9-ئايدىن 1983-يىلى 7-ئايغىچە كېرىيە پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئومۇمىي پەن كەسپىدە ئوقۇغان . 1983-يىلى 7-ئايدىن 1986-يىلى 9-ئايغىچە چىرا ناھىيە گۇلاخما يېزا ياپىلاق باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن . 1986-يىلى 9- ئايدىن 1988-يىلى 9-ئايغىچە خوتەن مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان . 1991-يىلى 8-ئايدا 《خوتەن قاشتېشى 》 ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ كەلگەن . نەشرىيات
سىستېمىسى بويىچە كاندىدات ئالىي مۇھەررىرلىك ئۇنۋانىغا ئىگە . ھازىر بۇ ژۇرنالدا مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە .
تۇرسۇنجان مۇھەممەتنىڭ ئىجادىيىتى 《يىڭى قاشتېشى 》 ژۇرنىلىنىڭ 1987-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان 《ھۈنەر ئالماشتۇرۇش》 ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان . شۇنىڭدىن بۇيان 《تارىم》 ، 《تەڭرىتاغ》 ، 《شىنجاڭ مەدەنىيىتى،《شىنجاڭ گېزىتى》 ، 《ئىلى دەرياسى》، 《يىڭى قاشتېشى 》،《ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى》 ، قاتارلىق گېزىت – ژۇرناللاردا 《ئانا قەدىرى》، 《قاينام》 ، 《قۇدۇقتىكى ئاي شولىسى》، 《بۆرە جىلغىسى》، 《كۆڭۈل چۈشى》 قاتارلىق 13 پوۋېستىنى ، 《قارا مۈشۈك》 ، 《تۇل خوتۇننىڭ قىزى》 ، 《مەھشەر كۈنى》، 《ئاي يىتكەن كىچە》، 《يېڭى تاۋۇس ئەللەيىن》 قاتارلىق 150 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايىسى ، 《دېھقان يېنىدا ئېشەك بار》، 《ئوقۇشسىز قالغان بالىلار ۋە ھاراق》، 《ئەل غېمىنى ئەر يەيدۇ》 ، 《كۈمۈش لېنتىدا چاقنىغان نۇر》 قاتارلىق 15 پارچە ماقالە ۋە ئەدەبىي ئاخباراتى ئېلان قىلىنغان . 1996-يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 《ئەل ئايىغى بېسىققاندا》 مىكرو ھېكايىلەر توپلىمى ، 1999-يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 《قۇدۇقتىكى ئاي شولىسى》 ناملىق پوۋېستلار توپلىمى ۋە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 《كۇھىقاپتىكى تەبەسسۇم》ناملىق پوۋېستلار توپلىمى 2003-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 《تۈندىكى پەرىشتە 》 ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى ، 2006-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 《سېھىرلىك نەي》 ناملىق پوۋېستلار توپلىمى نەشر قىلىنغان 1999-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشر قىلغان ، تەتقىقاتچى كېرەمجان ئابدۇرېھىم تۈزگەن 《ئۇيغۇر پوۋېستلىرىدىن تاللانما》 ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابىنىڭ 3-قىسمى 《كروران گۈزىلى》 دېگەن توپلامغا كىرگۈزۈلگەن .
تۇرسۇنجان مۇھەممەتنىڭ 《جاھان ئېتىكى كەڭرى》 ،《قۇدۇقتىكى ئاي شولىسى》 ، 《قىيادىكى ئاي》 ، ناملىق پوۋېستلىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 5-، 7 – ۋە 15-قېتىملىق 《خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى》 غا ، 《ئانا قەدىرى》 ، 《قۇرۇلتاشتىكى كۈنلەر》 ، 《ئەلۋىدا كىرپىك》 ، 《شەيتان كەرىش》 قاتارلىق 10 پارچە پوۋېست – ھېكايىسى خوتەن ۋىلايىتى بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاشتا 1- دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . تۇرسۇنجان مۇھەممەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى 6-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ، خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى.