ياسىنجان سادىق چوغلانى

سەھپە: يازغۇچىلار باھا:0

يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان1966-يىلى 3-ئايدا يەكەن ناھىيە بازىرىدا ئىشچى ئائىلىسدەتۇغۇلغان.ئالىي مەكتەپ تۇلۇق كۇرۇس مەلۇماتىغا ئىگە.ئۇ ھازىر يەكەن دەريا باشقۇرۇش ئىدارىسنىڭ سىياسى بۆلۈمىدە خىزمەت قىلدۇ.جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونىنىڭ توختاملىق يازغۇچىسى،<قەشقەر> ژۇرنىلنىڭ تەھرىر ھەيئەت ئەزاسى.

ياسىنجان سادىق چۇغلان 1988-يىلى4-ئايداسابىق”يەكەن گىزىتى” دە ئېلان قىلىنغان”ئاددىي-سادداباشلىق”ناملىق ھىكايىسى بىلەن ئەدبىي ئىجادىيەت سىپىگە كىرىپ كەلگەندىن بۇيان،ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىردىن پايدىلنىپ تىرىشىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇنلىنىپ،رايونىمىز ئەدەبىيات ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپە قوشۇپ كەلدى،ئۇنىڭ بىر قىسىم ھىكايە پوۋېستلىرى ،شۇنداقلا «جاللات خېنىم»،«نازنىن قىزلار»،«شەرەندەز ئايال» قاتارلىق تارىخىي ۋە رىئال تېمىدىكى رومانلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا سازاۋەر بولدى.بىر قىسىم ئەسەرلىرىگە مەخسۇس تېمىدا ئەدىبىي ئوبزورلار يېزىلدى.رومانلىرىنىڭ ھەممىسى ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۆك كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى پەيدا قىلدى.«قۇرۇپ كەتكەن دەريا »،«قۇملۇق»،«كالا»،«تاۋۇس ئەللەيىن»،«يۇلتۇز كۆزۈڭنى قىسما»، «پاتىمەنىڭ كۆڭلەكى»،«باھار»….قاتارلىق پوۋېست-ھېكايىلىرى خەنزۇ تىلى ۋە باشقا تىللاغا تەرجىمە قىلىندى.

ئۇنىڭ “ ئېھ سەھرا “ ناملىق ھېكايىسى ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە 6 – نۆۋەتلىك “ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى “ غا، “ ئاي مۆككەن كېچە “ ، ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى مەملىكەت بويىچە 6 – نۆۋەتلىك   “تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى” غا، “ قۇملۇق “ ناملىق پوۋىستى “ تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى” غا “ قۇرۇپ كەتكەن دەريا “ ناملىق پوۋىستى “ ئالتۇن توي مۇكاپاتى “ غا ئېرىشتى. ئەدەبى ئىجادىيەتتكى مول – ھۇسۇل ئىجادىيەت نەتىجىلىرىگە ئاساسەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئۇنىڭغا 2006 – يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە تۇنجى نۆۋەتلىك “ شىنجاڭ ياش يازغۇچىلار ئەدەبىيات مۇكاپاتى ( تۆھپە مۇكاپاتى ) “ بەردى. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىىسى تەرپىدىن “ ئەخلاق – كەسىپتە تەڭ يىتىلگەن مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات خادىمى “ بولۇپ باھالاندى.
ئۇنىڭ ھازىرغىچە نەشىر قىلىنغان كىتابلىر تۆۋەندىكىچە :
1. “ يۈرىكىم يېغلايدۇ  ” ھېكايىلەر توپلىمى. 1997 – يىل قەشقەر ئويغۇر نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان.
2. “ ئاي مۆككەن كېچە “ ھېكايىلەر توپلىمى، 1997 – يىلى مىللەتلەر نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان.
3.  ” جانانغا يىزىلغان خەتلەر “ پوۋىستلار توپلىمى 1998 – يىلى شىنجاڭ – ياش ئۆسمۈرلەر تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان.
4. “ كاككۇك بالىسى “ پوۋىستلار توپلىمى، 1998 – يىلى مىللەتلەر نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان.
5. “ سۈكۈتتىكى زىمىن “ پوۋىسىت ھېكايىلەر توپلىمى، 1998 -يىلى مىللەتلەر نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان.
6. “ كۈيلەر خانىشى – ئاماننىساخان “ تارىخى پوۋىسىت، 2003 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىدا نەشىر قىلىنغان.
7. “ ئادالەت ھامىيىسى  - سەئىدخان “ تارىخى پوۋىستى، 2003 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىدا نەشىر قىلىنغان.
8. “ دىۋان مەشىرەپكە تۈكۈلگەن قان “ پوۋىسىت- ھېكايىلەر توپلىمى، 2005 – يىلى شىنجاڭ ياش – ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتىدا نەشىر قىلىنغان.
9. “داۋان “ رومان، 1998- يىلى قەشقەر ئويغۇر نەشىرىياتىدا نەشىر قىلىنغان.
10. “ جاللات خېنىم “ تارىخى رومان، 2006 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىدا نەشىر قىلىنغان.
11. “ نازنىن قىزلار “ رومان. 2006- يىلى خەلق نەشىرىياتىدا نەشىر قىلىنغان.
12. “ شەرەنداز ئايال “ رومان، 2008- يلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىدا نەشىر قىلىنغان.
13. “ئاتەش قەلىب، ساخاۋەتلىك زىمىن “ ماكرو ئەدەبى ئاخبارات 1997 – يىلى قەشقەر ئويغۇر نەشىرىياتىدا نەشىر قىلىنغان.
14. “ يوللار ئېسىڭدە بولسۇن “ ئەدەبى ئاخباراتلار توپلىمى، 2000 -يىلى قەشقەر ئويغۇر نەشىرىياتىدا نەشىر قىلىنغان.
ياسىنجان سادىق چوغلان كۆپ يىللىق جاپالىق ئىزدىنىشىنىڭ نەتىجىسى بولغان ئالتە قىسىملىق زور ھەجىمدىكى تارىخى رومانى “ باھادىرنامە “ نى يىزىپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن، يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە يازغان بىر قىسىم پوۋىسىت، ھېكايە، نەسىر، ئەسلىمە، ماقالە ۋە سۆھبەت خاتىرلىرىدىن تۈزۈلگەن ئەدەبى توپلىمى “ ئالتۇن جۇۋان “ نى نەشىرگە تاپشۇردى.

2011.01.9 ئاپتور: ئوغۇز
خەتكۈچ: ،

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se